ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! بۈگۈن: مىلادىيە

يېڭى قىزىق نۇقتا : دورىگەرلىك كەسپىنىڭ ئۇيغۇر پۇتبولچىلىق ن ئۇستاز ماتېماتىك - ئ ئىدىقۇت ئوغلانى تاتا

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > قوزام > سەرخىل ئوقۇشلۇق > شەخىس > تولۇق مەزمۇنى

ئۇستاز ماتېماتىك - ئابلىكىم ھاجى

ۋاقىت : 2015-09-10 00:07 | مەنبەسى : 未知 | ئاپتۇر : admin | تەھرىر : admin | كۆرۇلىشى : قېتىم



ئۇستاز ماتېماتىك - ئابلىكىم ھاجى

 سادىق ئىمىر

ئۇستاز ماتېماتىك - ئابلىكىم ھاجى

   ئازادلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە ئاپتونوم رايونىمىزدىن يېتىشىپ چىققان بىر تۈركۈم ئىختىساس ئىگىلىرى ئەينى چاغدىكى قىيىن شارائىتتا خالىس تەقدىم قىلىش روھى بىلەن تۈرلۈك مۇشەققەتلەرنى يېڭىپ، ھەرقايسى ساھە، كەسىپلەردە يېڭى سەھىپە ئېچىشقا ئۆچمەس تۆھپە قوشقانلاردۇر. قەلب تۆرىمىزدىن ئورۇن ئالغان ئاشۇ مۆھتەرەم تۆھپىكارلىرىمىز قاتارىدىكى ئۇستاز ماتېماتىك ئابلىكىم ھاجىنى پەخىرلىنىش ھېسسىياتىمىز بىلەن تىلغا ئالىمىز.

   قارىغاندا، ئوقۇغۇچى – شاگىرتلىرىڭىز سىزنى ھېلىھەم يوقلاپ تۇرىدىغان ئوخشىمامدۇ؟ دەپ سورىدىم ئابلىكم ھاجىدىن ئۇنىڭ ھۇجرىسىنىڭ غول تېمىغا ئېسىلغان ‹‹مەرىپەت مەشئىلى ئۆچمەيدۇ، ئۇستاز ئەجرى ئۆلمەيدۇ›› دېگەن لەۋھەگە قاراپ.

   سىز دەل مېنىڭ مەنىۋى تۈۋرۈكۈم، روھىي بايلىقىم، ھايات مەشئىلىمنىڭ تۈگۈنىنى تاپتىڭىز، ئەينى چاغدىكى جاپالىق شارائىتتا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا مىننەتسىز ئەجىر سىڭدۈرگەن بىر ئەۋلاد كىشىلەر ئەۋلادلارنىڭ بىزگە بىلدۈرگەن ھۆرمەت – ئىكرامىدىن ئۆزىمىزنى تولىمۇ بەختلىك ھېس قىلىمىز، ھايات مۇساپىمىزدىن ئىز قالغانلىقىدىن پەخىرلىنىمىز، كەلگۈسىمىزدىن ھەسسىلەپ ئۈمىدلىنىمىز.

   ئابلىكىم ھاجىنىڭ كەسپىي ھاياتىغا نەزەر سالساق، ئۇنىڭ 1956 – يىلى غۇلجىدا تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، ھۆكۈمەت خىراجىتى بىلەن سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇنىۋېرسىتېتى(كېيىن تاشكەنت ئۇنىۋېرسىتېتى، دەپ ئۆزگەرتىلگەن)دا 1961 – يىلىغىچە ئېھتىماللىق نەزەرىيەسى ۋە ماتېماتىكىلىق ئىستاتىستىكا كەسپىدە ئوقۇغانلىقى، ئوقۇشنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن شىنجاڭ پېداگوگىكا ئىنستىتۇتىدا ئوقۇتقۇچى بولغانلىقى؛ 1962 – يىلى شىنجاڭ پېداگوگىكا ئىنستىتۇتى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىغا قوشۇۋېتىلگەندىن كېيىن، ئوقۇتقۇچى، ماتېماتىكا فاكۇلتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، فاكۇلتېت پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولۇپ ئىشلىگەنلىكى؛ 1986 – يىلىنىڭ ئاخىرىدا شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىغا يۆتكىلىپ، بۇ ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ مۇدىرىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەنلىكىدىن خەۋەر تاپىمىز.

   كەسپىي ھاياتىڭىزنىڭ كۆپ قىسمىدا ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىپسىز ھەم رەھبەرلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەپسىز، بۇ ھال بۇ ئىككى تۈرلۈك ۋەزىپىنى ئۈنۈملۈك ئادا قىلىشىڭىزغا تەسىر يەتكۈزمىدىمۇ؟

   ياش چېغىمدا ئاساسىي زېھنىمنى دەرس ئۆتۈش ۋە دەرسلىك تۈزۈشكە قاراتتىم، كېيىنچە تەشكىلنىڭ تاپشۇرۇقى بويىچە مەمۇرىي خىزمەتمۇ ئىشلىدىم. مېنىڭچە، كەسپىي خىزمەت ھاياتىم يەنىلا ئاساسىي سالماقنى ئىگىلەيدۇ. ئەينى چاغدا ئالىي بىلىم يۇرتلىرىمىزدا ئوقۇتقۇچى يېتىشمەيتتى، ئۆزىمىزدە نەشر قىلىنغان دەرسلىكلەر ناھايىتى كەمچىل ئىدى، شۇڭا بىز ئاشۇ مەزگىللەردە ھەم دەرس ئۆتەتتۇق، ھەم دەرسلىك تۈزەتتۇق.

   ئابلىكىم ھاجىنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، ئۇ يېڭى ئوقۇتقۇچى بولغان مەزگىللەردە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئالىي مەكتەپلەردە ئۇيغۇرچە دەرسلىك ناھايىتى كەمچىل بولۇپ، ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىغا ئۆتۈلىدىغان دەرسلەر ئېلىمىزدە ۋە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدا نەشر قىلىنغان خەنزۇچە ۋە رۇسچە دەرسلىكتىن پايدىلىنىپ ئۆتۈلەتتىكەن.

   ئەنە شۇنداق شارائىتتا ئابلىكىم ھاجى كۈندۈزى ئوقۇغۇچىلارغا ‹‹ماتېماتىكىلىق ئانالىز››، ‹‹كومپلېكس ئۆزگەگۈچىلەر فۇنكسىيەلىرىنىڭ نەزەرىيەسى››، ‹‹توپلام نەزەرىيەسىدىن دەسلەپكى ساۋات››، ‹‹گېئومېتىرىيە››، ‹‹ئالىي ماتېماتىكا›› قاتارلىق دەرسلەرنى ئۆتسە، كېچىلىرى تۈن نىسپىگىچە چىراغ تۈۋىدە مۈكچىيىپ ئولتۇرۇپ، كونسپىك، دەرسلىك تۈزگەن ھەم تەرجىمە قىلغان. ئۇ ئۆزى ۋە باشقىلار بىلەن بىرلىكتە تەرجىمە قىلغان، تۈزگەن ۋە تەكشۈرۈپ بېكىتكەن دەرسلىك، كىتابلاردىن ‹‹ماتېماتىكىلىق ئانالىز››(ئالتە توم)، ‹‹كومپلېكس ئۆزگەگۈچىلەر فۇنكسىيەلىرىنىڭ نەزەرىيەسى››، ‹‹ئادەتتىكى دىففېرېنسىيال تەڭلىمىلەر››، ‹‹ھەقىقىي ئۆزگەرگۈچىلەر فۇنكسىيەلىرىنىڭ نەزەرىيەسى ۋە فۇنكسىيوناللىق ئانالىز››، ‹‹ئېھتىماللىق نەزەرىيەسى ۋە ماتېماتىكىلىق ئىستاتىستىكا››، ‹‹ئالىي ماتېماتىكا››(ئىككى توم)، ‹‹ماتېماتىكا مۇسابىقىسى سوئاللىرى ئۈستىدە مۇلاھىزە››، ‹‹ئارخىمېدكا يېتەكچىسى›› قاتارلىقلار ئەينى چاغدىكى دەرسلىك بوشلۇقىنى ئەڭ زور دەرىجىدە تولدۇرۇپ، ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينىغان.

   ئۇستاز ماتېماتىك ئابلىكىم ھاجى ئابدۇراخمان ۋەكىلى، ئوبۇلقاسىم ھاشىم بىلەن بىرلىكتە تۈزگەن، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتىدا نەشر قىلىنغان ‹‹خەنزۇچە – ئۇيغۇرچە ماتېماتىكا لۇغىتى›› ئۇنىڭ ئىلمىي ئەمگەكلىرىنىڭ نەمۇنىلىك نەتىجىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، بۇ لۇغەتنىڭ ماتېماتىكا ئاتالغۇلىرىنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇشتىكى رولى ۋە قىممىتى تولىمۇ چوڭدۇر.

   مىللىي مائارىپىمىزنىڭ تەرەققىياتىغا مىننەتسىز ئەجىر سىڭدۈرگەن ئۇستاز ماتېماتىك ئابلىكىم ھاجى دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى، ئەمگەك – كادىرلار مىنىستىرلىقى، جۇڭگو پەن – تېخنىكا جەمئىيىتى تەرىپىدىن ‹‹ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونى پەن – تېخنىكا ئىشلىرىنىڭ تۆھپىكار›› دېگەن نامغا مۇيەسسەر بولغان.

 
ئوت چىقىۋاتقان ئويۇنلار