يېڭى قىزىق نۇقتا :
دورىگەرلىك كەسپىنىڭ
ئۇيغۇر پۇتبولچىلىق ن
ئۇستاز ماتېماتىك - ئ
ئىدىقۇت ئوغلانى تاتا
مۇيەسسەر ئاباھامىت
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدا پۇتبول قىزغىنلىقى قايتىدىن كۆتۈرۈلۈپ، شىنجاڭنىڭ ھەر خىل ياش باسقۇچىدىكى پۇتبول كوماندىلىرى مەملىكەتلىك تۈرلۈك مۇسابىقىلەردە شىنجاڭ خەلقى ئۈچۈن زور شان – شەرەپلەرنى كەلتۈردى. بۇ نەتىجىلەرنى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ پۇتبولچىلىق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىۋاتقان پېشقەدەم ئۇستازلارنىڭ، تەتقىقاتچىلارنىڭ ئەجىر – تۆھپىسىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ، ئەلۋەتتە. ئۇيغۇر پۇتبولچىلىق نەزەرىيەسىگە ئاساس سالغۇچى مېردىيان ئەھمەد ئەنە شۇنداق تەتقىقاتچى ئۇستازلارنىڭ بىرىدۇر.
مەن 25 – ئىيۇن مېردىيان ئەھمەد ئاكىنى ئىزدەپ بارغىنىمدا ئۇ ماڭا ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر پۇتبولچىلىقىدا ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى ھەل قىلىش ئۇسۇلى توغرىسىدا يازغان ماقالىسىنى كۆرسەتتى. ئاندىن ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ پۇتبولچىلىق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: پۇتبول ھەرىكىتى شىنجاڭدا خېلى بۇرۇنلا باشلانغان. بۈيۈك ئەسەر ‹‹تۈركىي تىللار دىۋانى››دا ‹‹ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي قەۋملەردە قوزىنى تۇلۇمچىلاپ سويۇپ، تېرىنىڭ ئىچىگە يەل تولدۇرۇپ ياكى قوي يۇڭى تىقىپ، ئۇنى تېپىپ ئوينايدىغان بىر خىل ئويۇن بار ئىدى›› دەپ خاتىرىلىگەن. شىنجاڭنىڭ ھازىرقى زامان پۇتبول ھەرىكىتى 20 – ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئاتۇش ئىكىساقتا دارىلمۇئەللىمىن مەكتىپى قۇرۇلغاندىن كېيىن باشلانغان. شۇنىڭدىن كېيىن شىنجاڭدا پۇتبولچىلىق بىر قەدەر تېز تەرەققىي قىلغان، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىللەرگە كەلگەندە شىنجاڭدا پۇتبول ھەرىكىتى ئومۇملىشىشقا باشلىغان.
1940 – يىلى ئۈرۈمچىدە تۇغۇلغان مېردىيان ئەھمەد 1954 – يىلى مەھەللىسىدىكى تەڭتۇشلىرى بىلەن غالىبىيەت پۇتبول كوماندىسىنى قۇرۇپ، شۇ ئارقىلىق كېيىنكى مەزگىلدىكى پۇتبولچىلىق ھاياتىغا ئاساس سالغان، شۇ مەزگىللەردە ئۇنىڭ مەيداندىكى ئىپادىسى ئالاھىدە ياخشى بولغاچقا، كېيىن ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىشتىن سىرتقى پۇتبول كوماندىسىغا قوبۇل قىلىنغان، 1956 – يىلى ئۇ كوماندا تەركىبىدە چېڭداۋدا ئۆتكۈزۈلگەن مەملىكەتلىك 1 – نۆۋەتلىك ياشلار، ئۆسمۈرلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ پۇتبول مۇسابىقىسىگە قاتناشقان، 1957 – يىلى چاڭچۈندە ئۆتكۈزۈلگەن ياشلار، ئۆسمۈرلەر پۇتبول مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ ياخشى نەتىجىگە ئېرىشكەن. 1958 – يىلى ئاپتونوم رايونىمىزدا ئىشتاتلىق پۇتبول كوماندىسى قۇرۇلغاندا، مېردىيان ئەھمەد بۇ كوماندىغا تاللانغان. 1959 – يىلى ئۇ شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى تەركىبىدە مەملىكەتلىك 1 – نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ، كوماندىنىڭ ياخشى نەتىجىگە ئېرىشىشىگە ئالاھىدە كۈچ چىقارغان. كوماندىدىن چېكىنگەندىن كېيىن، 1963 – يىلىدىن باشلاپ ئۈرۈمچى شەھەرلىك 19 – باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىسى بولغان، 1973 – يىلىدىن باشلاپ ئۈرۈمچى شەھەرلىك تەنتەربىيە كومىتېتىنىڭ ئىشتىن سىرتقى تەنتەربىيە مەكتىپىدە پۇتبول مەشقاۋۇلى بولغان. 1980 – يىلىدىن 2000 – يىلى دەم ئېلىشقا چىققۇچە ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ تەنتەربىيە، گىگېنا، سەنئەت باشقارمىسىدا ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ تەنتەربىيە دەرسلىكلىرىنى تۈزۈش ۋە تەرجىمە قىلىشقا مەسئۇل بولغان.
مېردىيان ئەھمەد پۇتبول مەيدانىدىن چېكىنگەندىن كېيىن، تەنتەربىيە ساھەسىدە تۈزۈك ئۇيغۇرچە ماتېرىيال بولماسلىقتەك بوشلۇقنى تولدۇرۇش ئۈچۈن داۋاملىق ئىزدىنىپ ‹‹تەنتەربىيە دەرسلىكى››، ‹‹ساغلاملىق ۋە تەنتەربىيە دەرسلىكى››، ‹‹تەنتەربىيە، ساغلاملىق دەرسلىكى پىروگراممىلىرى›› قاتارلىق كىتابلارنى تەرجىمە قىلىشقا قاتناشتى. ئۆزىنىڭ ئىزدىنىشلىرى ئاساسىدا ‹‹تەنتەربىيە ساۋاتلىرى››، ‹‹پۇتبول ھەققىدە ساۋاتلار››، ‹‹پۇتبول دۇنياسىدىكى ئىشلار››قاتارلىق كىتابلارنى تۈزدى ۋە يازدى. بۇنىڭدىن باشقا كۈنسېرى يېڭىلىنىۋاتقان پۇتبول بىلىملىرىگە بولغان ئېھتىياجنى كۆزدە تۇتۇپ، ‹‹ياشلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ پۇتبول مەشىقلىرى››، ‹‹پۇتبول تېخنىكىسى›› قاتارلىق كىتابلارنى تەرجىمە قىلدى.