ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! بۈگۈن: مىلادىيە

يېڭى قىزىق نۇقتا : دورىگەرلىك كەسپىنىڭ ئۇيغۇر پۇتبولچىلىق ن ئۇستاز ماتېماتىك - ئ ئىدىقۇت ئوغلانى تاتا

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > قوزام > سەرخىل ئوقۇشلۇق > شەخىس > تولۇق مەزمۇنى

دورىگەرلىك كەسپىنىڭ دوكتورى نۇرانىيە راخمان (تۈركىيە)

ۋاقىت : 2015-09-10 00:43 | مەنبەسى : 未知 | ئاپتۇر : admin | تەھرىر : admin | كۆرۇلىشى : قېتىم



دورىگەرلىك كەسپىنىڭ دوكتورى نۇرانىيە راخمان (تۈركىيە)

بىلىمخۇمار

2015-يىلى 9-ئاينىڭ 4-كۈنى


دورىگەرلىك كەسپىنىڭ دوكتورى نۇرانىيە راخمان (تۈركىيە)
1-رەسىم: سىڭلىمىز نۇرانىيە ئۆزىنىڭ يېتەكچى ئوقۇتقۇچىسى بىلەن بىر ئىلمىي دوكلات يىغىنىدا.

سىڭلىمىز نۇرانىيە راخمان 1982-يىلى ئەزىزانە قەشقەردە مەرىپەتپەرۋەر زىيالىي راخمان ئاكا ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. راخمان ئاكا ئىلىم سۆيەر ئادەم بولغاچقا 6 بالىسىنىڭ ھەممىسىنى ئوقۇتقان. نۇرانىيە باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى قەشقەر شەھىرىدە ئىزچىل ياخشى نەتىجىلەر بىلەن تاماملىغان. ئۇ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ مەزگىلىدە بىئولوگىيە ۋە خىمىيە دەرسلىرىنى ئالاھىدە ئىشتىياق بىلەن ئوقۇغان. 2000-يىلى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا يۇقىرى نومۇر بىلەن شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دورىگەرلىك كەسپىگە قوبۇل قىلىنىپ، تولۇق كۇرسقا ئوقۇشقا كىرگەن. تولۇق كۇرستا 5 يىل ئوقۇش داۋامىدا ئۇدا 4 يىل ئايرىم-ئايرىم ھالدا بىرىنچى ۋە ئىككىنچى دەرىجىلىك مەكتەپ ئىچى ۋە مەملىكەت دەرىجىلىك ئوقۇش مۇكاپاتلىرىغا ئېرىشىپ ئوقۇغان. ئوقۇش پۈتتۈرگەندە ئوقۇش پۈتتۈرۈش نەتىجىسى پۈتۈن سىنىپ بويىچە 1-بولغان. ئۇ بۇ مەزگىلدە ئالىي مەكتەپ ئىنگلىز تىلى سەۋىيە سىناش ئىمتىھانىدا 4-دەرىجە (CET-4) دىن ئۆتكەن.

نۇرانىيە تولۇق كۇرسنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرگەندىن كېيىن، 2005-يىلى ئاسپىرانتلىققا ئىمتىھان بېرىپ، يۇقىرى نەتىجە بىلەن شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى دورىگەرلىك فاكۇلتېتىنىڭ دورا ئۆسۈملۈك خىمىيەسى (天然生物化学) كەسپىگە ماگىستىر ئاسپىرانتلىققا قوبۇل قىلىنغان. ماگىستىر ئاسپىرانتلىق ئوقۇشىدا دىيارىمىزدىكى دورىگەرلىك ساھەسىدە كۆزگە كۆرۈنگەن شەخسلەرنىڭ بىرى بولغان رەنا قاسىم خانىمنى يېتەكچى ئوقۇتقۇچى قىلىپ تاللىغان. ماگىستىرلىقتا ئوقۇش داۋامىدا ئالىي مەكتەپ ئىنگلىز تىلى سەۋىيە سىناش ئىمتىھانىدا 6-دەرىجە (CET-6) دىن ئۆتكەن. شۇنداقلا 2008-يىلى خەنزۇ ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىرگە قاتناشقان دىسسېرتاتسىيە ياقلاشتا نۇرانىيەنىڭ «ئۇيغۇر تېبابىتىدە قوللىنىلىۋاتقان كىچىك ئەفى كۇمىلىچىنىڭ راك كېسىلىگە قارشى تۇرۇش رولى» ناملىق ئىلمىي ماقالىسى 1-بولۇپ باھالانغان. نۇرانىيەنىڭ تىرىشچانلىق روھى، ئوقۇش نەتىجىسىنىڭ ئالاھىدە يۇقىرى بولغانلىقى، شۇنداقلا ماقالىسىنىڭ ئىلمىي قىممىتى يېتەكچى ئوقۇتقۇچىسى ۋە فاكۇلتېتتىكى باشقا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بىردەك ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەنلىكتىن، شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دورىگەرلىك فاكۇلتېتىغا ئوقۇتقۇچى بولۇپ قېلىشقا تەكلىپ قىلىنغان. ئەمما داۋاملىق ئوقۇش ئىستىكى، شۇنداقلا چەتئەلدە تېخىمۇ ئىلغار مائارىپ تەربىيەسىدە تەرەققىي قىلىش ئارزۇسى سەۋەبىدىن شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىدا قېلىشتىن ۋاز كېچىپ، تۈركىيەدە ئوقۇش يولىنى تاللىغان.

2008-يىلى 9-ئايدا نۇرانىيە تۈركىيەگە كېلىپ تىل ئوقۇشقا باشلىغان، ھەمدە تىل ئۆتكىلىدىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكەن. ئۇ تۈركىيەنىڭ ئاكادېمىك ۋە ئاسپىرانتلىق مائارىپى كىرىش ئىمتىھانى بولغان «ALES» (مەزكۇر ئىمتىھان تۈركىيەدە ماگىستىر ئاسپىرانتلىق ۋە دوكتور ئاسپىرانتلىق ئوقۇماقچى بولغان پۈتۈن ئوقۇغۇچىلاردىن ئېلىنىدىغان بىر تۇتاش ئىمتىھان بولۇپ، ماتېماتىكا ۋە تۈركچە تەڭ نىسبەتتە تەشكىل قىلىنغان، قىيىنلىق دەرىجىسى بىر قەدەر يۇقىرى) ئىمتىھانىدىنمۇ يۇقىرى نومۇر بىلەن ئۆتۈپ، 2009-يىلى تۈركىيەنىڭ گازى ئۇنىۋېرسىتېتى ساغلاملىق بىلىملىرى ئىنستىتۇتى دورىگەرلىك فاكۇلتېتىنىڭ دورا ئۆسۈملۈك خىمىيەسى كەسپىگە دوكتورلۇققا قوبۇل قىلىنىدۇ. نۇرانىيە دوكتورلۇق ئوقۇشقا يېڭىلا تىزىمغا ئالدۇرۇپ، فاكۇلتېتتىكى ئوقۇتقۇچىلار بىلەن تونۇشۇش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئىشخانىسىنى زىيارەت قىلىدۇ. ئوقۇتقۇچىلار بىلەن بىر قۇر ئەھۋاللىشىپ بولغاندىن كېيىن، ئىچىدىن بىر ئوقۇتقۇچى ئۇنىڭغا مۇنداق دەيدۇ: «قىزىم، سېنىڭ ئائىلەڭ بار ئىكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە بالاڭ ئەمدىلا ئىككى ئايلىق بوپتۇ، ئۆزگە يۇرتتا ئوقۇش تولىمۇ تەس، مۇشۇنداق ئەھۋالدا سېنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرەلىشىڭ ناتايىن.» ئەمدىلا كۆرۈشكەن بۇ ئوقۇتقۇچىنىڭ ئەمەلىي ۋە رېئال گەپلىرى نۇرانىيەنىڭ كۆڭلىنى يېرىم قىلىپ قويىدۇ. نۇرانىيە شۇنداقتىمۇ ئۆزىنى تۇتۇۋالغان ھالدا: «ئۇستاز، گېپىڭىز تولىمۇ ئورۇنلۇق، بىراق مەن ئۆزۈمنىڭ ياخشى ئوقۇپ كېتەلەيدىغانلىقىمغا تولۇق ئىشىنىمەن» دېگەن گەپنى ئارانلا قىلالايدۇ.

نۇرانىيە ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن بىر يېرىم يىل ئىچىدە دوكتورلۇقتا ئوقۇشقا تېگىشلىك دەرسلىرىنى تۈگىتىپ بولىدۇ. نەق مۇشۇ ۋاقىتتا تۈركىيە ئالىي مائارىپ باشقارمىسى ئۇنىڭغا تولۇق كۇرستا (يەنى شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىدا) ئالغان دورىگەرلىك دەرسىنىڭ ئىككى دۆلەتنىڭ ئوقۇ-ئوقۇتۇش تۈزۈمىنىڭ ئوخشىماسلىقى سەۋەبىدىن يېتەرلىك ئەمەسلىكىنى، تۆت يىل ئوقۇغان دەرسلىرىنىڭ تۈركىيە دورىگەرلىك كەسپى تەلىپىگە توشمايدىغانلىقى ئۈچۈن، تولۇق كۇرس ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن بىرگە بىر يىل دەرس ئېلىشنى بۇيرۇيدۇ. دوكتورلۇقتا ئوقۇۋاتقان نۇرانىيە ئۈچۈن ئۆزىدىن نەچچە ياش كىچىك تولۇق كۇرس ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن بىرگە دەرس ئوقۇش ناھايىتى ئەلەم قىلسىمۇ، ھەقىقىي بىلىم ئىگىلەش ئۈچۈن شەكىلدىن بەكرەك مەزمۇنغا ئەھمىيەت بېرىش لازىملىقىنى تونۇپ يېتىپ، چىشىنى چىشلەپ داۋام قىلىدۇ.
دورىگەرلىك كەسپىنىڭ دوكتورى نۇرانىيە راخمان (تۈركىيە)
2-رەسىم: نۇرانىيە ئۆزىنىڭ دوكتورلۇق دىسسېرتاتسىيىسىنى باھالاشقا قاتناشقان پروفېسسور ۋە ئۇستازلىرى بىلەن بىللە.

بۇنىڭدىن باشقا، تۈركىيەنىڭ مائارىپ سىستېمىسىنىڭ چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارغا بولغان تەلىپى تۈپەيلىدىن، تېبابەت كەسىپلىرىدە تولۇق كۇرس ۋە ماگىستىر ئاسپىرانتلىقنى تۈركىيەدە ئوقۇمىغان ئوقۇغۇچىلار تۈركىيەدە تېبابەت كەسىپلىرىدە دوكتور ئاسپىرانتلىق ئوقۇش ۋە تۈركىيەدە تېبابەت ئورۇنلىرىدا خىزمەت قىلىش ئۈچۈن، كەسپى دەرسلەر ئوخشاش بولمىغان نىسبەتتە تەشكىل تاپقان «Denklik» ئىمتىھانغا قاتنىشىش تەلەپ قىلىنىدۇ (مەزكۇر ئىمتىھان دىيارىمىزدىكى «同等学力» گە ئوخشىشىپ كېتىدۇ، بۇ ئىمتىھانغا قاتنىشىپ باققان تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار بىردەك مەزكۇر ئىمتىھاننى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۈركىيەدە دوختۇر بولۇشىنىڭ ۋە تېببىي كەسىپلىرىدە خىزمەت قىلىش سالاھىيىتىگە ئېرىشىشنىڭ ئەڭ قىيىن تەرىپى دەپ قارايدۇ. چۈنكى بۇ ئىمتىھان پۈتۈن كەسپىي دەرسلەردىن بېرىلىدىغان بولۇپ، كەسپى دەرسلەرنىڭ ئەڭ قىيىن نۇقتىلىرىدىن تەشكىل تاپىدۇ. نۆۋەتتە تۈركىيەدە بۇ ئىمتىھاندىن ئۆتكەن ئۇيغۇرلارنىڭ سانى 10 غا بارمايدۇ). «Denklik» ئىمتىھانغا چەتئەللەردە تولۇق كۇرسنى تېبابەت كەسىپلىرىدە ئوقۇغان، دوكتورلۇقنى تۈركىيەدە ئوقۇماقچى بولغان تۈرك ئوقۇغۇچىلارمۇ قاتنىشىدىغان بولۇپ، 2-3 يىل ئارقىمۇ-ئارقا بۇ ئىمتىھانغا قاتنىشىپ ئۆتەلمىگەن تۈرك ئوقۇغۇچىلارمۇ خېلى كۆپ بولغاچقا، بۇ خىل ئەھۋال نۇرانىيەنى خېلىلا تەمتىرىتىپ قويىدۇ. شۇنداقتىمۇ كەسپىي ئاساسىنىڭ پۇختىلىقى ۋە ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقىغا تولۇق ئىشەنچ قىلغان نۇرانىيە توپ-توغرا بىر يىل تەييارلىق قىلىدۇ. ئاخىرى 2012-يىلى دۆلەت بويىچە بىر تۇتاش ئېلىنغان بۇ ئىمتىھاندا يۇقىرى نەتىجىگە ئېرىشىپ، ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلارنى ھەيران قالدۇرىدۇ.
دورىگەرلىك كەسپىنىڭ دوكتورى نۇرانىيە راخمان (تۈركىيە)
3-رەسىم: نۇرانىيە دوكتورلۇقتا بىللە ئوقۇغان ساۋاقداشلىرى بىلەن بىللە.

ئوقۇش، ئائىلىدىن خەۋەر ئېلىش، بالا بېقىش، ۋە ئاش-تاماق ئېتىش قاتارلىق ئىشلار ئەلۋەتتە ئۇنىڭ قىممەتلىك ۋاقتىنى تېخىمۇ قىس قىلىۋېتىدۇ. ئۇ بۇ جەرياندا بىر قانچە قېتىم ئارىسالدى بولىدۇ. ئائىلىنىڭ خىزمىتىنى قىلىپلا ئۆيدىلا ئولتۇرۇش خىيالىغىمۇ كېلىدۇ. بۇ ۋاقىتلاردا ئۇنىڭ ئېرى ئۇنى قەتئىي قوللاپ قۇۋۋەتلەپ، ئائىلە ئىشلىرىغا قولىدىن كېلىشىچە قارىشىدۇ، ۋە ئايالىنىڭ دوكتورلۇق ئوقۇشىنى تاماملىشىغا رىغبەتلەندۈرۈپ تۇرىدۇ. بۇ خىل مەنىۋى مەدەتلەرنىڭ تۈرتكىسىدە نۇرانىيە ئەلۋەتتە دوكتورلۇق ئوقۇشنىمۇ ناھايىتى ياخشى نەتىجىلەر بىلەن داۋام قىلىدۇ. بۇ جەرياندا TÜBİTAK (دىيارىمىزدىكى پەنلەر ئاكادېمىيىسىگە ئوخشاش ئورگان) نىڭ تەشكىللىشىدىكى تەتقىقات تۈرلىرىگە ۋە يېتەكچى ئوقۇتقۇچىسىنىڭ تەتقىقات تۈرلىرىگە قاتنىشىدۇ. شۇنداق قىلىپ قايتا-قايتا تەجرىبە ئىشلەش نەتىجىسىدە، چوڭقۇر ئىلمىي قىممەتكە ئىگە دىسسېرتاتسىيىسىنى يېزىپ چىقىپ، دىسسېرتاتسىيە باھالاش ھەيئەتلىرىنىڭ بىردەك ياخشى باھاسىغا ئېرىشىپ، تۈركىيەدىكى دورىگەرلىك تەتقىقاتى ساھەسىدىكى مۇناسىۋەتلىك شەخسلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغايدۇ. نۇرانىيەنىڭ ئوقۇش نەتىجىسى ۋە تىرىشچانلىقىدىن خەۋەر تاپقان تۈركىيەنىڭ سىۋاس ۋىلايىتىدىكى جۇمھۇرىيەت ئۇنىۋېرسىتېتى دورىگەرلىك فاكۇلتېتى مۇدىرى تېخى مەكتەپنى رەسمىي شەكىلدە پۈتتۈرۈپ بولماستىنلا نۇرانىيە بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇنى «جۇمھۇرىيەت ئۇنىۋېرسىتېتى» دورىگەرلىك فاكۇلتېتىغا خىزمەتكە تەكلىپ قىلىدۇ. بۇ يەردە شۇنى تىلغا ئېلىپ ئۆتىشىمىزگە ئەرزىيدۇكى، ئەينى ۋاقىتتا دورىگەرلىك كەسپىگە تۆت ئوقۇغۇچى بىللە كىرگەن بولۇپ، نۇرانىيە شۇلارنىڭ ئىچىدىكى چەتئەللىك ئوقۇغۇچى ئىدى. گەرچە قالغان ئۈچەيلەن يەرلىك بولسىمۇ، بىز بۇ قۇرلارنى يېزىۋاتقىنىمىزدا ئۇلار تېخىچە ئوقۇشىنى داۋام قىلىۋاتقان بولۇپ (يەنە ئەڭ ئاز بىر يىل داۋام قىلىشى مۇمكىن)، تەڭ ئوقۇشقا كىرگەن نۇرانىيەنىڭ ئارقىسىدا قالىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە نۇرانىيە تولۇق نومۇر بىلەن ئوقۇش پۈتتۈرىدۇ. نۇرانىيەنىڭ بۇ ساۋاقداشلىرى ئۇنىڭغا «نۇرانىيە بىز ئۆزىمىزنىڭ تىلىدا، ئۆزىمىزنىڭ ۋەتىنىدە سېنىڭچىلىك ئوقۇيالمىدۇق، قېرىندىشىم سەن ھەقىقەتەن كاشىغەرلىك مەھمۇدنىڭ ئەۋلادلىرىدىن ئىكەنسەن، بىز سېنىڭدەك قېرىنداشلىرىمىزدىن پەخىرلىنىمىز»، دەيدۇ.

«دىيارىمىزدىكى قېرىنداشلىرىڭىزغا دەيدىغان قانداق سۆزلىرىڭىز بار؟» دېگىنىمىزدە، ئۇ «ھەر قانداق ئىشنىڭ ئۆزىگە يارىشا قىيىنچىلىقلىرى بولىدۇ. ئەلۋەتتە ئوقۇش، ئۆگىنىشنىڭمۇ شۇنداق. مۇھىم بولغىنى بۇ قىيىنچىلىقلارغا بەرداشلىق بېرىپ، سەۋرچانلىق بىلەن ئوقۇشنى داۋام قىلىشتۇر. مەن بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ تۈركلەردىكى ‹يا تامام، يا داۋام› دېگەن ھېكمەتلىك سۆزنى قېرىنداشلىرىمغا سوۋغا قىلىمەن. يەنى بۇ سۆزنىڭ يا تامام بولۇپ تۈگىشىش، يا چىداپ داۋام قىلىش، دېگەن مەناسى بار. مېنىڭچە بۇ ھېكمەتلىك سۆز بىزنىڭ ھازىرقى ھالىتىمىزگە بەكمۇ ماس كېلىدۇ. قەدىمىمىز ئاستا بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، توختاپ قالمىساقلا، مۇۋەپپەقىيەت ھامان بىر كۈنى بىزگە مەنسۇپ بولىدۇ»، دەيدۇ.

بىز ئائىلىسىنىڭ ۋە ئىككى بالىسىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىپلا قالماي، مۇشۇنداق ياخشى نەتىجىلەر بىلەن ئوقۇش پۈتتۈرگەن قەيسەر سىڭلىمىز نۇرانىيەگە ئاپىرىن ئېيتىمىز. شۇنداقلا ئۇنىڭغا تېخىمۇ زور مۇۋەپپەقىيەتلەر تىلەيمىز.

سىڭلىمىز دوكتور نۇرانىيە راخمان ھازىر ئائىلىسى ۋە ئوماق ئىككى پەرزەنتى بىلەن تۈركىيەنىڭ سىۋاس شەھىرىدە ياشاۋاتىدۇ.


نۇرانىيەنىڭ ھازىرغىچە ھەر خىل ئىلمىي تەتقىقات ژۇرناللىرىدا ئېلان قىلغان ماقالىلىرى:

[1]Nuraniye Eruygur, Gülderen Yılmaz, Osman Üstün  (2014). Analgesic and antioxidant activity of some Echium species wild growing in Turkey. FABAD Journal of Pharmaceutical Sciences.

[2]  Fatma Funda Kaya Demirsoy, Nuraniye Eruygur,  Erhan Süleymanoğlu (2015). Supramolecular Langmuir monolayers and multilayered vesicles of self-assembling DNA-lipid surface structures and their further implications in polyelectrolyte-based cell transfections. J Nanopart Res (2015) 17: 50.

[3]  U Koca, H Çölgeçen, Reheman Nueraniye; Progress in Biotechnological Applications of Diverse Species in Boraginaceae Juss. Biotechnological Production of Plant Secondary Metabolites. I E Orhan (eds), 2012, 200-215.

[4] Reheman Nueraniye, Research on anticancer effect of compound recipe-Xiaoaifei Migao. Master Thesis, Xinjiang Medical University, 2008, Pharmacognosy department.

[5]  Reheman Nueraniye, Rena Kasimu.Analysis of essential oil from Alpinia officinarium Hance by GC-MS. Journal of Xinjiang Medical University, 2008, 31(4):441-442”



نۇرانىيەنىڭ دوكتورلۇق ئوقۇشى جەريانىدا مەملىكەتلىك ۋە خەلقئارالىق ئىلمىي دوكلات يىغىنلىرىدا لېكسىيە قىلىپ سۆزلىگەن ئىلمىي ماقالىلىرى:

[1]Nuraniye., Demirsoy, F.F.K. and Süleymanoğlu, E., “Surface Enhanced Raman Spectroscopy of DNA -Lipid Biomolecular Dynamics in Lipid Monolayers and in Nanoscale Virus-Like Lipoplexes Designed for Therapeutic Gene Delivery”. 10th nanoscience and Nanotechnology Conference, 17-21 June 2014, Yeditepe University-İstanbul, Turkey, pp-368. (poster).

[2] Demirsoy, F.F.K., Atalay A., Nuraniye., and Süleymanoğlu, E., “Supramolecular Langmuir-Blodgett Monolayers of Self-Assembling Nucleic Acid-Lipid Surface Structures: From Origin of Life To Nonviral Gene Delivery Nanomedicines”. 10th nanoscience and Nanotechnology Conference, 17-21 June 2014, Yeditepe University-İstanbul, Turkey, pp-257. (poster).

[3] Nuraniye., Demirsoy, F.F.K. and Süleymanoğlu, E., “Surface Enhanced Raman Spectroscopy of DNA -Lipid Biomolecular Dynamics in Lipid Monolayers and in Nanoscale Virus-Like Lipoplexes Designed for Therapeutic Gene Delivery” 2nd International BAU-Drug Design Symposium, 17-19 April 2014, BAU University-İstanbul, Turkey, pp-86. (poster).

[4] Demirsoy, F.F.K., Nuraniye., and Süleymanoğlu, E., “Biophysical Studies on Supramolecular Structures of Self-Assembling Nucleic Acid-Liposome nanopharmaceuticals: Relevance to Gene Delivery and DNA Chromatography” 2nd International BAU-Drug Design Symposium, 17-19 April 2014, BAU University-İstanbul, Turkey, pp-89. (poster).

[5] Nuraniye., Demirsoy, F.F.K. and Süleymanoğlu, E., “Lipopleks Termodinamiği: DNA-Mg2+-Nötral Lipit Etkileşme Enerjisinin Diferansiyel Taramalı Kalorimetre ve İzotermal Titrasyon Kalorimetresi ile Belirlenmesi”. 2. İlaç Kimyası, Üretimi, Teknolojisi ve Standardizasyonu Kongresi, 21-23 March 2014, Antalya-Beldibi, Turkey. (poster).

[6] Nuraniye., and Süleymanoğlu, E.,“Circular Dichroism Spectroscopy and Isothermal Titration Calorimetry of Conformation Specific Genomic DNA-Anticancer Drug Recognitions”. International Multidisciplinary Symposium on Drug research and Development. Nov.28-30, 2013, Antalya-Turkey, pp-46. (poster).

[7] Nuraniye., and Süleymanoğlu, E., “Probing the Structure of Virus-Resembling Nanoscale Lipoplexes with Transmission Electron Microscopy”. International Multidisciplinary Symposium on Drug research and Development. Nov.28-30, 2013, Antalya-Turkey, pp-47. (poster).

[8] Demirsoy, F.F.K., Atalay A., Nuraniye and Süleymanoğlu, E., “Pharmaceutical Perspectives of Supramolecular DNA-Neutral Phospholipid Self-Assemblies Towards Developing Novel Non-viral Gene Delivery Vehicles: Physicochemical Studies, Transfection Efficiencies and Cytotoxicity Profiles”. International Multidisciplinary Symposium on Drug research and Development. Nov.28-30, 2013, Antalya-Turkey, pp-44. (poster).

[9] Nuraniye and Süleymanoğlu, E., “The Use of Vibrational Spectroscopy in Biophysical Characterizations of Novel Non-Viral Lipoplex Gene Delivery Systems”, International Turkish Congress on Molecular Spectroscopy, Sept.15-20,   2013, Istanbul-Turkey, pp-2 (poster).

[10] Nuraniye and Süleymanoğlu, E., “On the Cellular Fate of Non-Viral Nanomedicines for Therapeutic Nucleic Acid Delivery: Fluorescence Approaches”. 13th Conference on Methods and Applications of Fluorescence, Sept. 8-11, 2013, Genova-Italy, pp. 35. (poster).

[11] Nuraniye ;Üstün,O., “Evaluation of wound healing activity of Echium italicum L. growing in Turkey.” 20th Symposium on Natural products from Medicinal Plants, Oct. 10-13, 2012, Antalya-Turkey, pp. 66 (poster).

[12] Üstün,O, Nuraniye., “Assesment on Wound Healing effects of Lentinula edodes from Turkey”. 20th Symposium on Natural products from Medicinal Plants, Oct. 10-13, 2012, Antalya-Turkey, pp. 67 (poster).

[13] Nuraniye., Üstün,O., and Şener, B., “Appraisal on the Wound Healing Activity of the Leaves of Ficus carica L.”. 10th International Symposium on Pharmaceutical Sciences, June. 26-29, 2012, Ankara-Turkey, pp. 361. (poster).

[14] Nuraniye., and Süleymanoğlu, E., Applying Langmuir-Blodgett Films and Planar Lipid Bilayers (Black Lipid Membranes) for Designing Nucleic Acid Nanobiosensors. Mini-Workshop on Surface Science for Inauguration of the Turkish Surface Science Society (TuSSS), Mays.23, 2011, Bilkent University, pp. 40 (poster
ئوت چىقىۋاتقان ئويۇنلار