خەرىتە | پىكىر دەپتىرى | RSS | خەتكۇچ | USY | ULY | 中文 |
ئالىم بالام سەرخىل ئوقۇشلۇق MP3 ناخشىلار كارتون فىلىم ئۆگىنىش قانىلى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

ئوقۇغۇچىمۇ ھۆرمەتلىنىشكە مۇھتاج

بەشتاش(www.baxtax.cn)ئاپتۇر : ئويچان2015-08-31 23:27




ئوقۇغۇچىمۇ ھۆرمەتلىنىشكە مۇھتاج

ئەخمەتجان خۇما

ئوقۇغۇچىمۇ ھۆرمەتلىنىشكە مۇھتاج

كونىلاردا ‹‹ئىلىم بەرگەن ئۇستازىڭغا ئون قەدەم يىراقتىن سالام قىل›› دېگەن ھېكمەت بار. ئاتا – ئانا بالىنى بېقىپ چوڭ قىلىپ قاتارغا قوشۇش ئۈچۈن بارلىقىنى بېغىشلىسا، ئوقۇتقۇچى بالىلارغا بىلىم بېرىش، شۇنداقلا ئۇلارنى ئادەم بولۇش يولىغا باشلاشتا مىننەتسىز ئەجىر سىڭدۈرىدۇ.

   بالىلار كىچىك بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ ئۆزىگە خاس ئۆزلۈكى، شەخسىيىتى ۋە ئۆزىنى قەدىرلەش ئېڭى بولغاچقا، ئوخشاشلا ھۆرمەتكە، قەدىرلەشكە ئېرىشىشنى ئارزۇ قىلىدۇ. ئوقۇغۇچى يەنىلا بىر بالا ھەم ساۋاق ئالغۇچى بولغاچقا، كۆپ ھاللاردا شەخسىيىتىنىڭ دەخلىگە ئۇچرىشىنى خالىمىسىمۇ، مۇئەللىم ئالدىدا ئىلاجسىز قالىدۇ. بۇ ھەرگىزمۇ ئۇنىڭ ئاجىزلىقىدىن بولماستىن، ئۆزىگە بىلىم بېرىۋاتقان مۇئەللىمگە بولغان ھۆرمىتى ۋە ئۇنىڭدىن ھېيىقىشىنىڭ ئىپادىسى. مۇئەللىم ھاياتنىڭ ئىسسىق – سوغۇقلىرىنى بېشىدىن كەچۈرگەن، ھاياتلىقتىكى ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتنى بىر تەرەپ قىلىش قارىشىغا ئىگە بولغاچقا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆڭلىنى چۈشىنىشى، ئۇلارغا باراۋەرلىك ئاساسىدا مۇئامىلە قىلىشى كېرەك. مۇبادا مۇئەللىم ئوقۇغۇچىنىڭ شەخسىيىتىگە ھاقارەت قىلسا، ئوقۇغۇچى دەرھال ئىنكاس قايتۇرۇپ، نارازىلىق بىلدۈرمەسلىكى مۇمكىن. ئەمما ئېغىرراق بولغاندا، شۇ ھامان ئىنكاس قايتۇرۇپ مۇئەللىمگە يانىدۇ. ئوقۇغۇچى مۇئەللىمگە يېنىشقا مەجبۇر بولغان ھامان ئۇنىڭ كۆڭلىدىكى ھېيىقىش ۋە ھۆرمەتنىڭ ئورنىنى مۇئەللىمنى كۆزگە ئىلماسلىق ئىگىلەيدۇ. ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچى مۇناسىۋىتىگە بىر قېتىم دەز كەتتىمۇ، ئۇنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قىيىن. بۇ ئوقۇغۇچىنىڭ مۇئەللىمگە بولغان ھۆرمىتىنى يەرگە ئۇرۇش بىلەنلا تۈگىمەي، ئوقۇغۇچى مۇئەللىمنى كۆرسىلا كۆڭۈل ئازارلىقى يادىغا كېلىپ، ئۆگىنىشتىن ئاستا – ئاستا سوۋۇپ كېتىدۇ.

   ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىنىڭ مىجەز – خاراكتېرى، پىسخىكىسىغا ھۆرمەت قىلىشى كېرەك. چىراي بىر ئادەمنىڭ تاشقى كۆرۈنۈشى بولۇپ، سىرتقى جەھەتتىكى خاسلىقىنى كۆرسەتسە، مىجەز ئىچكى كۆرۈنۈش بولۇپ، ئىچكى جەھەتتىكى خاسلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بىر ئادەمنىڭ مىجەزى ئۇنىڭ بارلىق ھەرىكىتى، ئىجتىمائىي مۇناسىۋىتى، ئۆگىنىش، خىزمىتى قاتارلىقلارنىڭ قانداق بولۇشىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. بالىلارنىڭ خاراكتېرى تولۇق يېتىلمىگەن ئەھۋالدا، مىجەزىدىمۇ قىسمەن تۇراقسىزلىق يۈز بېرىشى مۇمكىن. ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارغا گەرچە باراۋەر مۇئامىلە قىلىشى كېرەك بولسىمۇ، لېكىن بالىلارنىڭ مىجەزى ئوخشىمىغاچقا، ئۇلارغا بولغان مۇئامىلىدە ئوخشىمىغان ئۇسۇل قوللىنىشى كېرەك. ئوقۇتقۇچى بىر پېداگوكلا ئەمەس، يەنە بىر پىسخولوگ سۈپىتىدە بالىلارنى كۆزىتىشكە، مىجەز – خاراكتېرىنى بايقاشقا ماھىر بولۇپ، ھەر بىر بالىنىڭ مىجەز – خاراكتېرىنى ئىگىلىشى كېرەك. ئۇنداق بولمىغاندا، تەربىيەلەش جەريانىدا مەسىلە كۆرۈلۈشى تۇرغانلا گەپ. بولۇپمۇ پىسخىكىسى ئاجىز ئوقۇغۇچىغا قاتتىق تېگىش ئۇنى تۈگەشتۈرۈۋېتىش بىلەن باراۋەر بولسا، خاراكتېرى كۈچلۈك بالىلارغا قاتتىق تېگىش ئۇنى ئۆزى بىلەن تاكاللىشىشقا مەجبۇرلاش بىلەن باراۋەر. ئوقۇتقۇچى بالىلارغا تەربىيە بېرىش جەريانىدا كىمگە قانداق ئۇسۇلدا تەربىيە قىلسا قوبۇل قىلالايدىغانلىقىنى بىلىشى ھەم شۇ بويىچە تەربىيە بېرىشى كېرەك. مۇبادا ئۆزىنىڭ قارىشى ۋە بىر خىللا بولغان تەربىيە ئۇسۇلىنى ھەممە ئوقۇغۇچىغا تەتبىقلاۋەرسە، ئۇلارنىڭ مىجەز – خاراكتېرىگە، پىسخىكىسىغا ئۇيغۇن كەلمەيدۇ – دە، بالىلار تەربىيەنى قوبۇل قىلىش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئەكسىچە تەسىر پەيدا قىلىشىمۇ مۇمكىن. ئوقۇتقۇچى ئەڭ ياخشى تەربىيە ئۇسۇلىنى تېپىپ چىقالمىسا، ئۇنىڭ تەربىيەلەش جەريانى مەغلۇبىيەت بىلەن نەتىجىلىنىدۇ.

   تەربىيەنىڭ ئۈنۈمسىزلىكى ئاساسلىقى، ئوقۇتقۇچىنىڭ ھەر بىر بالىنىڭ خاسلىقىغا ھۆرمەت قىلىشنى بىلمەسلىكى ياكى خالىماسلىقىدىن كېلىپ چىقىدۇ. بەزىلەر نەدىمۇ ئوقۇتقۇچى بالىلارنىڭ ئاغزىغا قاراپ ئىش قىلىدىغان ئىش بولسۇن دېيىشى مۇمكىن. شۇنداق، ھەر بىر ئوقۇتقۇچىدا ئۆزىگە خاس تەلىم – تەربىيە ئۇسۇلى بولىدۇ. ئەمما ئوقۇتقۇچىنىڭ مۇئامىلە قىلىۋاتقىنى مىجەز – خاراكتېرى، ئۆسۈپ – يېتىلىش مۇھىتى، پىسخىكىسى تامامەن ئوخشىمايدىغان نەچچە ئون بالا بولۇپ، ھەرگىزمۇ بىر ئائىلىنىڭ بالىسى ئەمەس. ئۇلارنىڭمۇ ئۆزىگە ماس كەلمىگەن تەربىيە ئۇسۇلىنى رەت قىلىش ئەركىنلىكى بار. ئۇلارنىڭ مىجەز – خاراكتېرى بىلەن شۇنچىلىك ئەركىنلىكىنىمۇ ھۆرمەت قىلماسلىق، ئۇلاردىكى ئىنسانىي خاراكتېر ۋە ئىنسانىي ئەركىنلىككە سەل قاراپ، مەجبۇرلاش خاراكتېرىدىكى ماس كەلمەيدىغان تەربىيە ئۇسۇلىنى بېسىم بىلەن قوبۇل قىلدۇرماقچى بولۇش ئوقۇتقۇچىنىڭ يارامسىزلىقىدۇر. شۇڭا ئوقۇتقۇچىلار چوقۇم ئوقۇغۇچىلارنى ھۆرمەتلىشى، ئۇلارنىڭ ئادىمىيلىكى، غۇرۇرىنى قوغدىشىغا يول قويۇشى كېرەك. شۇنداق بولغاندا ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچى مۇناسىۋىتى ياخشى بولىدۇ. ياخشى مۇناسىۋەت ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇتقۇچىغا بولغان ھۆرمىتىنى ئاشۇرۇپلا قالماستىن، ئۆگىنىش قىزغىنلىقىنىمۇ يۇقىرى كۆتۈرىدۇ.

 
ئالدىنقىسى:بالىلارنىڭ ئۆگىنىش قىزغىنلىقى قەدىرىسىز قالمىسۇن
كېيىنكىسى: تۈگەپ قاپتۇ
بۇ تېما سىزگە يارىغان، ياردەم بەرگەن بولسا،ھەمبەھىرلەڭ،ساقلىۋىلىڭ:

بالىلار ناخشىلىرى

سۇئال پىلان خۇلاسە تۈزۈم مائارىپ تەتقىقات
<font color='#0000FF'>ئوقۇتقۇچىلار نىمە ئۈچۈ</font>

ئاز سانلىق مىللەتلەر ‹‹قوش تىل›› مائا

جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]

پاكىز ئويۇنلار