خەرىتە | پىكىر دەپتىرى | RSS | خەتكۇچ | USY | ULY | 中文 |
ئالىم بالام سەرخىل ئوقۇشلۇق MP3 ناخشىلار كارتون فىلىم ئۆگىنىش قانىلى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

كومپيۇتېر ئوقۇتۇشى ۋە تور خۇمار ئوقۇغۇچىلار

بەشتاش(www.baxtax.cn)ئاپتۇر : ئويچان2015-08-28 01:06


 
 كومپيۇتېر ئوقۇتۇشى ۋە تور خۇمار ئوقۇغۇچىلار

زۇلپىيەگۈل سەمى
 كومپيۇتېر ئوقۇتۇشى ۋە تور خۇمار ئوقۇغۇچىلار

   كومپيۇتېر ئوقۇتۇشى بىر خىل تېخنىكا ئوقۇتۇشى بولغاچقا، ئوقۇتقۇچىلاردىن ئۆزگىچە ماھارەت تەلەپ قىلىدۇ، چۈنكى، ئوقۇتقۇچىلار بەلگىلىك ساپا ۋە ماھارەتنى ھازىرلىيالىغاندىلا ئاندىن كومپيۇتېرنى جانلىق بىلىمگە ئايلاندۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارنى نەپكە ئېرىشتۈرەلەيدۇ. كومپيۇتېر پەقەت تورلاشقان شارائىتتىلا ئۇنىڭدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنالايمىز ھەم ئوقۇغۇچىلارغا يەتكۈزمەكچى بولغان بىلىملەرنى مۇكەممەل، جانلىق يەتكۈزەلەيمىز.لاياقەتلىك كومپيۇتېر ئوقۇتقۇچىسى ئوقۇغۇچىلارغا جانغا ئەسقاتىدىغان كومپيۇتېر بىلىملىرىنى ئۆگىتىپ، ئۇلارنىڭ ئىلغار ئۇچۇر تېخنىكىلىرىدىن دەل ۋاقتىدا پايدىلىنىپ ئۆگىنىش ۋە ئىزدىنىش يولىدا زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە ئوقۇغۇچىلار توردىن بىمالال پايدىلىنالايدۇ، توردىن پايدىلىنىش قورالى سەرخىللىشىپ، تۈرلۈك چەكلىمىلەر بۇزۇپ تاشلانغانىكەن، ئوقۇغۇچىلارنى كومپيۇتېر ئويۇنلىرى ۋە باشقا كۆڭۈل ئېچىشنى مەقسەت قىلىنغان تورغا چىقىشتىن توسۇش ئاسان ئەمەس.

   گەرچە كومپيۇتېر ئوقۇتۇشى ئوقۇغۇچىلارغا پەقەت كومپيۇتېر ۋە توردىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشنى ئۆگىتىشنىلا مەقسەت قىلسىمۇ، يۇقىرىدا دەپ ئۆتكىنىمىزدەك ئوقۇغۇچىلارنىڭ تورغا خۇمار بولۇپ قېلىشىدىن ساقلانغىلى بولمايدۇ. بۇلارنى تۈزەش دەۋرىمىزدىكى كومپيۇتېر ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىدۇر. بۇ ئۇلاردىن ئوقۇتۇش جەريانىدا ئوقۇغۇچىلارغا ھەم كومپيۇتېر بىلىملىرىنى ئەستايىدىل يەتكۈزۈش ھەم ئۇلارنىڭ تورغا خۇمار بولۇپ قېلىشىنى توسۇش تەربىيەسى ئىشلىشىنى كۈتىدۇ. كومپيۇتېر ئوقۇتقۇچىلىرى ئوقۇغۇچىلارغا ئاق بىلەن قارىنى پەرق ئېتىش ماھارىتىنى ئۆگىتىشى، ئاتا – ئانىلىرى بىلەن دائىم پىكىرلىشىپ، ئۇلارنىڭ تورغا خۇمار بولۇپ قېلىشىنى توسۇشى لازىم. لېكىن، يەنە بىر نۇقتىدىن، بالىلارنى كومپيۇتېر ئويۇنلىرىدىن توسۇشمۇ ئۇلارنىڭ تەپەككۇرىنى بوغۇپ، كومپيۇتېر بىلىملىرىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشىگە توسالغۇ بولىدۇ، چۈنكى نەپىس لايىھەلەنگەن كومپيۇتېر ئويۇنلىرى قىزىقارلىقى، مول مەزمۇنلىقى بىلەن بالىلارنىڭ ئىجادچانلىقىنى قوزغايدۇ، كومپيۇتېر ئويۇنلىرىمۇ كومپيۇتېر بىلىملىرىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى ھەم ئۆگەنگەن بىلىملەرنى ئۆزلەشتۈرۈشتىكى ئەمەلىي مەشغۇلات ھېسابلىنىدۇ. دېمەك، بۇنىڭغا توغرا مۇئامىلە قىلىش ئاتا – ئانىلار، ئوقۇتقۇچىلار ۋە جەمئىيەتنىڭ ماس قەدەمدە بىرلىشىشنى، كونكرېت تەدبىرلەرنى يولغا قويۇشىنى كۈتىدۇ.

   بۈگۈنكى كۈندە تورنىڭ ئاكتىپ رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، يېڭى – يېڭى بىلىملەرنى يەتكۈزۈشتە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇچۇر تېخنىكىسى ۋە ئۇچۇر ساپاسىنى ئۆستۈرۈش ئىنتايىن مۇھىم. بۇنىڭ ئۈچۈن ئوقۇتقۇچىلار دەرسخانىدا تەربىيەلەشكە ئەھمىيەت بەرسەك، ئائىلىدە ئاتا – ئانىلار ئورتاق ھەمكارلاشسا، ئۇلارنىڭ تور دۇنياسىدا قايمۇقۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ساغلام ئۆسۈشىگە كاپالەتلىك قىلالايمىز.

   كۆپ يىللىق ئوقۇتۇش ئەمەلىيىتىمدىن شۇنى ھېس قىلدىمكى، ئوقۇغۇچىلار تورنىڭ قوراللىق رولىنى تونۇپ، ئۇنى ھەقىقىي ئىگىلەشكە ئەھمىيەت بېرىپ، ھېسسىيات جەھەتتىكى يۆلەنچۈك قىلىۋېلىشنى تۈگىتەلىسە ئاندىن ئۈنۈملۈك ئۆگىنىش مەقسىتىگە يېتەلەيدۇ. كەيپىياتنى تەڭشەش، ھۇزۇرلىنىش ۋە دوست ئىزدەشنى نىشان قىلغان ئەمەس بەلكى توردىن بىلىمىنى موللاشتۇرىدىغان ئۇچۇرلارنى ئىزدەشنى مەقسەت قىلغان ئوقۇغۇچىلار كۆپلەپ يېتىشىپ چىقسا، كومپيۇتېر ئوقۇتۇشىنىڭ مەقسىتىمۇ ھەقىقىي ئەمەلگە ئاشقان بولىدۇ.

 
بۇ تېما سىزگە يارىغان، ياردەم بەرگەن بولسا،ھەمبەھىرلەڭ،ساقلىۋىلىڭ:

بالىلار ناخشىلىرى

سۇئال پىلان خۇلاسە تۈزۈم مائارىپ تەتقىقات
 ئوقۇتقۇچى توغرىسىدا - ئ

ئاز سانلىق مىللەتلەر ‹‹قوش تىل›› مائا

جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]

پاكىز ئويۇنلار