يېڭى قىزىق نۇقتا :
بېكخامنىڭ ئوغلى رۇنى
مېسسى قايتىپ كەلدى! ئ
ئارگېنتىنا كوماندىس
شىنجاڭ پۇتبولچىلىرى
تېڭشۈن تەنتەربىيەسى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: ئارگېنتىنا تاراتقۇلىرى داڭلىق چولپان مېسسىنى دۆلەت پۇتبول كوماندىسىدىن چېكىنىدۇ دەپ قاراۋاتقاندا، ئۇ قايتىپ كەلدى. توغرا، مېسسى ئۇنداق ئالدىراپ دۆلەت كوماندىسىدىن چېكىنمەيدۇ، ئىككى مەيدان مۇسابىقە 115 مىنۇتتا، ئۇ ئۈچ توپ كىرگۈزدى. بۈگۈن سەھەردە مېكسىكا پۇتبول كوماندىسى بىلەن ئوينالغان مۇسابىقىنىڭ ئاخىرقى ۋاقىتلىرىدا، ئۇ دۇنياۋى سەۋىيەلىك توپ كىرگۈزۈپ كوماندىنى قۇتقۇزۇپ قالدى. شۇنداقلا ئۆزىنىڭ كوماندىدىكى بولمىسا بولمايدىغان يادىرولۇق ئەزا ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى. ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسنىڭ تەسىرى كېڭىيىۋاتقان، شۇنداقلا دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ تەسىرى تەدىرجىي ئاجىزلاۋاتقان چاغدا، بارسېلونا كوماندىسىدىكى قالتىس ئىپادىسى بىلەن مېسسىنىڭ دۇنيا پۇتبول مۇنبىرىدىكى ئورنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلدى. ياۋروپا تاراتقۇلىرى بەس-بەس بىلەن: «ئۇ دۇنيا پۇتبول تارىخىدىكى ئەڭ مۇنەۋۋۋەر توپچى» دېدى. ئەمما ئارگېنتىنا تاراتقۇلىرى مېسسىنى دۆلەت كوماندىسغا يادەم قىلالمايدۇ دەپ قارىدى، ھەتتا مېسسىنى ئارگېنتىنا پۇتبول كوماندىسىنىڭ چېمپىيونلۇقتىن مەھرۇم بولۇشىدىكى باش سەۋەبكارىغا چىقىرىۋەتتى.
ئۇدا دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى ۋە ئامېرىكا قىتئەسى لوڭقىسدا ھەل قىلغۇچقا كىرگەن ئارگېنتىنا پۇتبول كوماندىسىنىڭ ئەمەلىي كۈچىگە قەتئى سەل قارىغىلى بولمايدۇ، ئارگېنتىنا پۇتبول كوماندىسى گەرچە چېمپىيون بولالمىغان بولسىمۇ، بىراق كۈچىنى چوڭ سەھنىدە نامايەن قىلدى. چېمپىيون بولالمىغاندىن كېيىن، ئارگېنتىنادىكى ھەرقايسى تاراتقۇلار بۇنى مېسسىگە ئارتىپ قويدى. مېسسىنى دۆلەت كوماندىسىدىن «قوغلاپ چىقىرىش» نى نىشان قىلغان ئارگېنتىنادىكى Ole گېزىتى ھەتتا يېقىندا، مېسسى دۆلەت پۇتبول كوماندىسىدىن چېكىنىپ چىقىدۇ دەپ خەۋەر بەردى. ئارقىدىن ئاگۇيرو، تېۋېز ۋە ماسچېرانو قاتارلىق توپچىلار بۇ ئۆسەك سۆزلەرگە رەدىيە بەردى، يېقىندا بولۋىيە پۇتبول كوماندىسى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان مۇسابىقىدە مېسسى مەيدانغا چىقتى، بۈگۈن سەھەردە يەنە مەيدانغا چىقتى، ئىككى مەيدان 115 مىنۇت ئوينىغان جەريانىدا ئۈچ توپ كىرگۈزدى. 2016-يىلى ئېلىپ بېرىلىدىغان «يۈز يىللىق» ئامېرىكا قىتئەسى لوڭقىسىنى تالىشىش ۋە 2018-يىلىدىكى رۇسىيە دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسدە مېسسىگە يەنە پۇرسەت بار، ئەمما مېسسىنى ھەقىقى چۈشىنىدىغان ۋە قوزغۇتالايدىغان ياراملىق بىر مەشقاۋۇل لازىم.