خەرىتە | پىكىر دەپتىرى | RSS | خەتكۇچ | USY | ULY | 中文 |
ئالىم بالام سەرخىل ئوقۇشلۇق MP3 ناخشىلار كارتون فىلىم ئۆگىنىش قانىلى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

مۇئەللىم، بالام چېكىدىن ئاشۇرۇۋەتسە ، لايىقىدا ئۇچۇقداپ قويۇڭ

بەشتاش(www.baxtax.cn)ئاپتۇر : ئويچان2015-10-10 01:45

 
مۇئەللىم، بالام چېكىدىن ئاشۇرۇۋەتسە ، لايىقىدا ئۇچۇقداپ قويۇڭ
kanun سالونىدىن ئېلىندى
 
  
  نەچچە كۈن بولدى، بىر مۇئەللىمنىڭ تاپشۇرۇق ئىشلىمىگەن ئوقۇغۇچىلارنى ئەدەپلەپ قويغىنى تورلاردا ئۇچۇپ يۈرۈپ مۇلاھىزە قوزغاپ يۈرگىلى، مېنىڭغۇ ئۇ مۇئەللىم بىلەن ئىككى موچەنلىك مۇناسىۋىتىممۇ يوقتى، بەك بار دېيىلسە زۇۋانىمىز ئوخشاشكەن شۇ، لېكىن تورلاردا مۇشۇ توغرىسىدىكى قايناپ كەتكەن مۇلاھىزىلەرنى كۆرۈپ مېنىڭمۇ قولۇم قىچىشىپ، بىر نەرسە يازغۇم كېلىپ قالدى، ئەمەلىيەتتىمۇ شۇغۇ، بىرسى كۆز ئالدىڭىزدا قىرتاق غورا يەپ چىرايىنى پۈرۈشتۈرسە، سىزنىڭ ئېغىزىڭىزغا سۇ يېغىلىپ كېتىدىغۇ؟ سىز تازا ئىشتىھا بىلەن بىر نەرسە يەۋاتقاندا بىرسى بەش مېتىر نىرىدا بۇرنىنى كۈچەپ بىر تارتىۋىتىپ ، ئاندىن ئېغىزىن بەلغەمگە ئايلاندۇرۇپ چىقارسا،كۆڭلىڭىز ئېلىشىپ قالىدىغۇ ، بۈگۈن يازغىنىمنى پەقەت مۇشۇنداقلا بىر ئەھۋال ئىكەن  دەپ ئويلىسىڭىز بولدى.
      يەسلىدىكى مۇئەللىملەرنىڭ بالىلارنى خورلاشلىرىغا ئالاقىدار  سىنلارنى تولا كۆرۈپ غەزىپىم تېشىپ جوزا مۇشتلاپ كەتكەن، تېخى نەچچە يىل ئالدىدا ئۆز قىزىنىڭ ئانىسىنى ھايۋاننى ئۇرغاندەك ئۇرغان كۆرۈنۇشىنى كۆرۈپ ئۇرغۇچىنى ماشىنا بېسىۋەتسۇن دەپ قاغىغان ۋاقىتلىرىم بولغان، ئۆزۈمغۇ بەكلا ھېسسىياتچان ئادەم بولمىسا،بەك ئاسان تەسىرلىنىمەن، دۆلەت بايرىقى چىقارغاندىمۇ ، لەرزان قويۇلغان دۆلەت شېئىرى مۇزىكىسىنى ئاڭلىسام ھېسسىياتلىنىپ يىغلاپ تاشلىغىلى ئازلا قالىمەن ، لېكىن بۇ سىننى كۆرگەندىن كېيىن مەندە نېمىشقىدۇر ئۇنداق ھېسسىيات بولمىدى، ئەكسىچە بالا ئۇرغان مۇئەللىمگە ھېسداشلىقىم قوزغىلىپ قالدى،نېمىشقا دەمسىز، بۇ بىر سىن بەلكىم يېنىك بولغاندا شۇ مۇئەللىمنىڭ مەكتەپ تەرىپىدىن مەمۇرىي جەھەتتىن جازاغا ئۇچراپ مائاشىنىڭ تۇتۇلۇشىغا، ئېغىر بولغاندا گېزىت-ژۇرناللارغا بېسىلىپ، مەڭگۈلۈك ياغلىق قاپاق بولۇپ قىلىشىغا سەۋەبچى بولۇشى مۇمكىن. مۇشۇ سىن توغرىسىدا نۇرغۇنلىغان توپلاردا باشقىلار بىلەن تالىشىپ خاپىچىلىقمۇ تارتىپ قالدىم، ئەمەلىيەتتىغۇ مەن بۇ مۇئەللىمنىڭ شۇ ئوقۇغۇچىنى ئۇرغىنىنى توغرا دەپ قارىمايمەن، لېكىن بەك خاتا دەپمۇ كەتمىدىم، نېمىشقا دەمسىز؟ چۈنكى قول تەگكۈزۈشنىڭ سەۋەبى ناھايىتىمۇ ئېنىق، ئوقۇغۇچى تاپشۇرۇق ئىشلىمىگەن. تاپشۇرۇق ئىشلىمىسە ئۇرسا بولامدۇ؟ بولمايدۇ. لېكىن قانچىمىز سوغۇققانلىق بىلەن شۇنى ئويلاپ باقتۇق؟ تاپشۇرۇقنى مۇئەللىمگە ئىشلەپ بېرەرمۇ؟ شۇ ئوقۇتقۇچى تاپشۇرۇقنى بېرىپ قويۇپ، ئىشلىسەڭ ئىشلىمىسەڭ نېمە كارىم، ماڭا بىر تېيىنلىق پايدىسى بارمىتى دەپ پېشىنى قېقىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاڭلاش ئاڭلىماسلىقى بىلەن كارى بولماي دەرسىنى ئۆتۈپ ۋەزىپىسىنى ئورۇنداپ سىنىپتىن چىقىپ كەتسىچۇ؟ پۈتۈنلەي بولىدۇ، بىر ئوقۇتقۇچى تونۇشۇم ماڭا بەزى مەكتەپلەردىكى خىزمەتداشلىرىنىڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىمتىھان نەتىجىسىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىدىغانلىقى توغرىسىدىكى ئاشكارا مەخپىيەتلىكنى ئېيتىپ بەرگەن، ھازىر مەكتەپتە ئوقۇۋاتقىنى ئوقۇغۇچى ئەمەس بەلكى پادىشاھنىڭ شاھزادە مەلىكىلىرى بولغاچقا بەڭباش كەپسىزلىرىنىڭ تاناۋىسىنى تارتىش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئالىيىپ قاراپ قالسىمۇ ئاتا-ئانىسىنى باشلاپ كېلىپ ئۇنى بۇنى ئىزدەپ مۇئەللىملەرگە ئىش تېپىپ بېرىدىغانلار خىلى بار ئىكەن، ئۇ بىر سىنىپنى ئۆزى باشتىن ئاخىرى بىر قوللۇق تۇتقان ئىكەن ، يەنە بىر سىنىپ بولسا مەكتەپ بويىچە داڭلىق «ئۇچار قاناتلار »توپلانغان سىنىپ بولۇپ، تېخى باشلانغۇچتا تۇرۇپلا چىرايلىق خانىملارغا سالام خەت يېزىپ قويىدىغانلارمۇ بار ئىكەنتۇق،(گۇناھنى بالىلارغا قويۇشمۇ خاتادە ئەلۋەتتە). ئۇنىڭ ئۆزى بىر قوللۇق تۇتقان سىنىپنىڭ ماتېماتىكا نەتىجىسى ھەر يىلى شەھەر بويىچە دېگۈدەك ياخشى چىقىدىكەن، شەھەرلىك مۇسابىقىلەرگە قاتنىشىپ نەتىجە ئېلىۋاتقان ئوقۇغۇچىلىرى بار بولغاچ، ئۇ داۋاملىق تەقدىرلىنىدىكەندۇق، لېكىن ھەممە ئىش يەنە بىر سىنىپقا دەرس بەرگەندىن باشلىنىپتۇ، دەرس ۋاقتىدا دەرس ئاڭلىماي ئويناپ ئولتۇرغانلارنى تەنقىدلەپ قويۇپتۇ، تېخى نەچچە بەگزادە بىلەن ئۇرۇشۇپ، ئازلا قاپتۇ بوغۇشۇپ كەتكىلى، شۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاتا-ئانىسى مەكتەپكە ئەرز قىلىپ كېلىپ بۇنداق« لاياقەتسىز» ئوقۇتقۇچىنى جازالاشنى تەلەپ قىلىپتۇ، لېكىن مەكتەپ ئۇ ئوقۇتقۇچىنىڭ ئەمەلىي نەتىجىسىنى كۆرۈۋاتقاچ ھەم شۇ سىنىپنىڭ داڭقىنى بىلگەچ ئارتۇقچە ئوقۇتقۇچىغا گەپ قىلماستىن، ئازراق ئۇسۇلىغا دىققەت قىلىپ قويۇش توغرىسىدا پىكىر بېرىپ بولدى قىلىپتۇ،ئۇ دوستۇممۇ ئۆتۈپ كەتكەن گىجىڭ، زادى قىلغىنىم قىلغان دەپ ئۆزىنىڭ ئۇسۇلى بويىچە دەرس ئۆتۈشنى داۋاملاشتۇرۇۋىرىپتۇ . مەۋسۇملۇق ئىمتىھان ئېلىنىپتۇ، بىر سىنىپتىكى 48 ئوقۇغۇچىدىن ئاران يەتتىسىلا بۇ قاتىل ماتېماتىكا ئىمتىھانىدىن ئۆتۈپتۇ،ئىمتىھان نومۇرلىرىنى ئىستاتىستىكا قىلىدىغان  چاغدا خىزمەتداشلىرى بۇ دوستۇمغا نەسىھەت قىلىپ، نومۇرلارنى « مۇۋاپىق ئوڭشاپ» ئورنىتىشنى دەپتۇ، لېكىن دوستۇم ئۇنىماستىن ئەسلىدىكى نومۇرنى راستى بىلەن ئورنىتىپ خۇلاسە چىقىرىپتۇ. ھەممە چاتاق ئاتا-ئانىلار يېغىنى ئېچىلغاندا بوپتۇ، پەرزەنتلىرىنىڭ ماتېماتىكا ئىمتىھان  نومۇرىنىڭ شۇنچىۋالا  تۆۋەنلىكىنى كۆرگەن ئاتا-ئانىلار يېغىندىلا بۇ دوستۇمنى « ئىقتىدارسىز، لاياقەتسىز، ئوقۇتقۇچى بولۇشقا سالاھىيىتى يوق» دېگەندەك گەپلەر بىلەن يۈزدىن يۈزىگە ھاقارەتلەپ يىغلىتىۋىتىپتۇ ھەمدە ئۇنى دەرس ئۆتكەندە باشقا پەن ئوقۇتقۇچىلىرىدىن ئۆگىنىشكە ئۈندەپ، مەكتەپ رەھبەرلىكىدىن ئۇنى ئالماشتۇرىۋىتىشنى تەلەپ قىلىپتۇ، گەرچە مەكتەپ يەنە بىر سىنىپنىڭ نەتىجىسىنىڭ شەھەر بويىچە ئالدىدا چىققانلىقىنى، بۇ ئوقۇتقۇچىنىڭ يىللاردىن بىرى شەھەر بويىچە ئىلغار بولغانلىقىنى ئېيتقان بولسىمۇ ، لېكىن ئۇ يەنىلا ئاتا-ئانىلارنىڭ «ئەپۇ قىلىشى» غا ئېرىشەلمەپتۇ، شۇنىڭدىن كېيىن ئۇمۇ ئامالسىز شۇ سىنىپقا دەرس ئۆتكەندە ئەلگە كىرسەڭ ئېلىڭچە قىلىپ ، ئۇ بالىلار باشلانغۇچنى پۈتتۈرگەندە يىنىڭ تىن ئاپتۇ، لېكىن قەلبىدە بىر داغ قىلىپ قاپتۇ.....
       ھەممەيلەن مائارىپنىڭ سۈپىتى ئانداق تۆۋەنلەپ كەتتى، مانداق تۆۋەنلەپ كەتتى، بالىلار ئانداق بەڭباش بولۇپ كەتتى ، مانداق بەڭباش بولۇپ كەتتى دەپ قاقشايمىز، ئەمەلىيەتتە بالا نېمە سەۋەبتىن بەڭباش بولۇپ كېتىپ بارىدۇ؟ ئۆيدە ئەتىۋارلاپ كۆزىگە قاراپ چوڭ قىلىۋاتسىڭىز، مەكتەپتە كەپسىزلىك قىلسا مۇئەللىملەر بىر ئېغىز گەپ قىلىشقا تېخى جۈرئەت قىلالمايۋاتسا، چەكلىمىسىز چوڭ بولۇۋاتقان شۇ ئەتىۋارلىق بالىڭىز بەڭباش بولماي نېمە بولماقچى؟
قىزىم تۆت ياشقا كىردى، يامان ئوماق چوڭ بولدى ، لېكىن بەكلا كەپسىز، تاماق يېگۈزگەندە، ئانام ناخشا ئوقۇيدۇ، دادام ئۇسۇل ئوينايدۇ، ئايالىم ياكى مەن ئېغىزىغا تاماق تەڭلەيمىز، مۇشۇ ئۈچ ئادەمدىن بىرى كەم بولۇپ قالدى، قورسىقى ئاچ بولسىمۇ تاماق يېيىشكە ئۇنىمايدۇ، بىر كۈنى ئاپىسى خىزمەتكە كەتكەندە ئۇنىڭغا تاماق يېگۈزۈش كېرەك بولۇپ قالدى، ئانام ئەكەلگەن  سۈتنى ئىككى قېتىم تۆكۈپ، تاماق بار قاچىنى داستىخانغىلا ئېتىۋەتتى،يېگۈسى يوقمىش، شۇنىڭ بىلەن ئىتىلىپلا باردىمدە سا چۆجىنى ئالغاندەك، قاماللاپلا ئېلىپ گىلەمنىڭ ئۈستىگە ئولتۇرغۇزۇدۇم، ئۆمرىدە كۆرۈپ باقمىغان بۇ قوپاللىقنى ئۇ ئەلۋەتتە كۆتۈرەلمەيدۇ دە ، بار ئاۋازىنى قويۇۋېتىپ ئانامغا ، دادامغا قولىنى تەڭلەپ يىغلاشقا باشلىدى، كۆز ئىشارەم بىلەن چوڭلارنى ئۆيگە كىرگۈزۈپ قويۇپ، ئاندىن گىلەمنىڭ ئۈستىگىلا ياتقۇزۇپ تۇرۇپ سۈتنى ئېغىزىغا قۇيدۇم، تاماقنى ئېغىزىغا تىقتىم، يېغلاۋاتىدۇ، يۈرىكىممۇ شۇنداق ئىچىشتى، لېكىن داۋاملىق ئېغىزىغا تىقىۋەردىم، ئېغىزىدىكى نەرسىنى چىقىرۋەتسە، قولۇمدىلا نىقتىدىم، ئىككى مىنۇتچە ئۆتكەندىن كېيىن،ئۇ چوڭلارنىڭ ئۆزىنى «قۇتقۇزالمايدىغانلىقى»نى تونۇپ يەتتى دە :« جىنىم دادا، بولدى ئۆزۈم يەي» دەپ يۈزۈمنى سىلىدى، شۇنىڭدىن كېيىن مەيلى نەدىلا بولسۇن، ئالدىغا تاماق ئەكەلسە، مەن بولمىسام كەپسىزلىك قىلغان بىلەن، مەن بولسام ، كۆزۈمنىڭ ئىچىگە بىرنى قارىۋېتىپ تاماقنى ئۆزى يەيدۇ.
       باشلانغۇچنىڭ تۆتىنچى يىللىقىدە ئوقۇۋاتقاندا بەش بەڭباش ئاغىنە بىرلىكتە مەكتەپنىڭ بېغىغا كىرىپ بىرەيلەننىڭ ئۆيىدىن ئوغرىلاپ ئەكەلگەن تاماكىسنى چېكىپ باقتۇق، ئاندىن سىنىپتا پوچىلىق قىلىپ تاماكا چەككەنلىمىزنى پەخىرلىنىش ئىلىكىدە باشقا بالىلارغا سۆزلەپ كۆز-كۆز قىلدۇق، نەچچىسى چېكەلەيدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئەتىسى بىز بىلەن بىللە چىقىپ چېكىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى،بىراق  قايسى چېقىمچى چىقىپ قويدىكىن، سىنىپ مەسئۇلىمىز بۇنى بىلىپ قاپتۇ، شۇنىڭ بىلەن شۇ كۈنى كەچتىلا سىنىپتا تاماكا چەككەن ئېغىزىڭ شۇمۇ دەپ ئېغىزىمىزغا شاپىلاق بىلەن نەچچىنى قويۇۋەتتى، « ئىككىنچى كۈنىدىكى تاماكا ئولتۇرۇشى» مۇ سۇغا چىلاشتى، تاماكا چەكسەم مۇئەللىم ئۇردى دەپ ئۆيگە بېرىپلا قالسام، ئاتا-ئانامنىڭ  تورۇسقا ئېسىۋىتىشتىن يانمايدىغانلىقىنى بىلگەچكە، ئۇلارغا دېمىدىم . شۇ تەستەكنىڭ پايدىسى بىلەن مانا ھازىرغىچە تاماكا دېگەن نەرسىنى ئېغىزىمغا قايتا ئالماپتىمەن، لېكىن ئەينى چاغدا ئىككى بالىنىڭ دادىسى مەكتەپكە كېلىپ مۇئەللىم بالامنى ئۇرۇپتۇ دەپ مۇئەللىم بىلەن ئوبدانلا ھېساب-كىتاب قىلدى،شۇلارنىڭ مەيداندىلا مۇئەللىمنىڭ كۆزىگە قولىنى تەڭلەپ تۇرۇپ:« بالا ھەر قانچە كەپسىزلىك قىلسىمۇ ئۇرۇشقا نېمە ھەققىڭتى؟ سەن ئادەم تەربىيەلەشكە ئەمەس ئېشەك تەربىيەلەشكە لايىقكەنسەن» دېگەن ھاقارىتى ھازىرمۇ قۇلاق تۈۋىمدە، شۇنىڭدىن كېيىن مۇئەللىم ئۇ ئىككىسىگە گەپلا قىلماس بولدى، سىنىپ مەسئۇلىنىڭ كارى بولمىغان ئوقۇغۇچى نېمە بولماقچى ئىدى؟ شۇنىڭدىن كېيىن ئۇلار ئاۋۋال سىنىپنىڭ ، ئاندىن مەكتەپنىڭ كاتتىبېشى بولۇپ كەتتى، نەدىلا جېدەل بولسا پۇراپ دېگۈدەك چاپاتتى، نەچچە يىل بۇرۇن بىرى مەستلىكتە خەق بىلەن جېدەللىشىپ، پىچاق يەپ رەھمتى بولۇپ كەتتى( بەلكىم شۇنداقلا توغرا كېلىپ قالغاندۇ) ، يەنە بىرى ئاق چەككەنلىكتىن زەھەر تاشلاش ئورنىغا مەجبۇرىي زەھەرسىزلەندۈرۈشكە ئىككى يىللىق ئاپىرىپ بېرىلدى، شۇڭلاشقا مۇئەللىمنىڭ ئاشۇ بىر تەستىكىگە چەكسىز رەھمەتلەر ئىيتىمەنغۇ.
        ئەمدى ئەسلى گېپىمىزگە كېلەيلى، سىندىكى مۇئەللىم نېمە سەۋەبتىن ئوقۇغۇچى ئۇردى؟ شەخسىي ئادەۋەتمۇ؟ بىرەر ئوقۇغۇچىنى ئۇرۇپ مېيىپ قىلىپ قويۇپتىمۇ؟ ئوقۇغۇچىغا قول تەگكۈزۈشنى توغرا دەپ قارىمايمەن ( زورلۇق كۈچنى ئامال بار سەبىي بالىلارغا ئىشلەتمىگەن ياخشى)، لېكىن زادى باشقا ئامال بولمىغاندا قاتتىقراق بىرەر قېتىم تەگكۈزۈپ قويمايمۇ بولمايدۇ،بىر سىنىپتىكى ئونغا يېقىن بالا تاپشۇرۇق ئىشلىمىگەن بولسا، ئەلۋەتتە سەل مەسئۇلىيەتچان ئوقۇتقۇچى بولسىلا چېچىلىپ قالىدۇ، سىنىپتا بولۇۋاتقان ئىشلارنى سىنغا ئېلىۋالالىغۇدەك كەپسىز ئوقۇغۇچىلارنىڭ بارلىقىغا قاراپلا بۇ سىنىپتىكى بالىلارنى باشقۇرۇشنىڭ ئادەتتىكى ئىش ئەمەسلىكىنى كۆرۈپ يېتەلەيسىز، شۇڭلاشقا شەخسىي پىكىرىم، شۇ بىچارە ئوقۇتقۇچىلارنى بەك ئەيىبلەپ كەتمەڭ، ئۆيىڭىزدىكى بىر بالا كەپسىزلىك قىلىپ سىزنى شۇنچىۋالا ساراڭ قىلىۋېتىدۇ، بىر سىنىپتىكى بالا قانچىلىك بولماقچى؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە سىنغا قارىسىڭىزمۇ بالىلار تاياق كۆتۈرەلمىگىدەك دەرىجىدە ئۇنچىۋالا كىچىك ياكى ئىززەت ھۆرمىتىم ئېغىر دەرىجىدە دەپسەندە بولدى دەپ ئىچىگە ئېلىپ كېتىدىغان تولۇقسىز ياكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى ئەمەس، مۇئەللىممۇ بالىلارنى ئۇرۇپ مېيىپ قىلىپ قويالىغىدەك دەرىجىدىكى ئۇنچىۋالا قاۋۇل ئەر ئوقۇتقۇچىمۇ ئەمەسكەن، بەلكىم شۇ تەگكەن شاپىلاقتىن ئازراق چۆچۈتۈپ قويسا ، بۇنىڭدىن كېيىن مۇئەللىم ئەسكى دەپ قورقۇپمۇ بولسا، بېرىلگەن تاپشۇرۇقنى تولۇق ئىشلەيدىغان بولا،  بۇنىڭ ئەڭ ئاخىرقى پايدىسىنى كۆرىدىغىنى مۇئەللىم بولماستىن بەلكى شۇ ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆزى بولىدۇ،  ئۇستاز زالىم بولسا شاگىرت ئالىم بولىدۇ دەيمىزغۇ، شۇڭا ئوقۇتقۇچىلارغىمۇ ئازراق قاتتىقراق تېگىدىغان ھوقۇقنى بەرگىنىمىز ياخشى. ئەمدى مۇئەللىمنىڭ قىلمىشىنى ماختاپمۇ بولدۇق، ئازراق پىكىرمۇ بېرىپ قويايلى،ئەپۇ سوراش خېتىڭىزنى كۆردۇق، بويىڭىزدا باركەن، بۇنداق چاغدا ئىمكان بار سىلىق سىپايە بولۇشقا تېرىشىڭ،ئامال بار ناچار كەيپىياتىڭىزنى دەرسخانىغا سۆرەپ كىرمەڭ، قورسىقىڭىزدا ھامىلە بار تۇرۇپ بۇنداق قاتتىق ۋاسىتە ئىشلەتسىڭىز، قورساقتىكى بالىڭىزدا زوراۋانلىق خاھىشى شەكىللىنىپ قالىدۇ، سىزمۇ ئانا بولغاندىن كېيىن بىلىسىز، ئەتىۋارلىق بالىڭىزغا پاشا قونسىمۇ يۈرىكىڭىز ئاغرىيدۇ، ئالدىڭىزدا تۇرغىنى باشقىلارنىڭ يۈرەك پارىسى، زوراۋانلىق، قارا كۈچ ئىشلىتىش مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ بىردىن بىر يولى ئەمەس،كەيپىياتىڭىز جايىدا بولمىغان چاغدا قول تەگكۈزۈپ نازۇك يېرىگە ئۇرۇپ قويسىڭىز ياكى سەل ئېشىپ كېتىپ قالسا، شۇ نارەسىدە بالىلارنى مېيىپ قىلىپ قويۇپ، بىر ئۆمۈر ۋىجدان ئازابىدا قىلىشىڭىز مۇمكىن، ھەممە ئىشنىڭ لايىقىدا بولغىنى ياخشى. ئەمما سىزگە يەنىلا دەيدىغىنىم، ھازىر بالامغا قارايدىغان ۋاقتىم ئۇنچىۋالا كۆپ بولمىغاچ، بالامغا تولۇق كۆز-قۇلاق بولۇشقا ئامالسىز، ناۋادا ئۇ بەڭباشلىق قىلىپ چېكىدىن ئاشۇرۇۋەتسە، لايىقىدا تەگكۈزۈپ قويۇڭ، ھەرگىز سىزدىن ئاغرىنمايمەن.
بۇ تېما سىزگە يارىغان، ياردەم بەرگەن بولسا،ھەمبەھىرلەڭ،ساقلىۋىلىڭ:

بالىلار ناخشىلىرى

سۇئال پىلان خۇلاسە تۈزۈم مائارىپ تەتقىقات
ئوقۇتقۇچىنىڭ ماھارىتى،

ئاز سانلىق مىللەتلەر ‹‹قوش تىل›› مائا

جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]

پاكىز ئويۇنلار