مەكتەپ تەربىيەسى ئەۋلادلار تەربىيەسىدىكى ئەڭ ئاساسلىق تەربىيەدۇر. بالىلار مەكتەپتە ھەم بىلىم ئالىدۇ ھەم ئىدىيە، پىسخىكا جەھەتتىن تەربىيەلىنىدۇ. مەكتەپ مۇھىتى بالىلارغا كۈچلۈك تەسىر كۆرسىتىدۇ. ياخشى بولغان مەكتەپ مۇھىتى مەكتەپ مەدەنىيلىكىدە ئىپادىلىنىدۇ. ئىلغار مەدەنىيەتنى يېتەكچى قىلغاندىلا مەكتەپلەر ھەقىقىي تەربىيە بازىسىغا ئايلىنالايدۇ.
مەكتەپلەردىكى مەدەنىيەت مۇھىتى ئوقۇغۇچىلارنىڭ روھىنى ئۇرغۇتۇپ، ئۇنىۋېرسال ساپاسىنى ئۆستۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينايدۇ. ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەربىيەلىنىشىدە دەرسخانا ئوقۇتۇشىدىن باشقا، مەكتەپ مەدەنىيەت مۇھىتىنىڭ كۆرسىتىدىغان تەسىرىمۇ زور بولىدۇ. مەكتەپ مەدەنىيىتىدە مەكتەپ ئىچىدىكى تەبىئىي ۋە ئىجتىمائىي مۇھىت تەسىرىدىن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئانا مەكتىپىدىن ئىپتىخارلىنىش ھېسسىياتى، ئوقۇش قىزغىنلىقى ئۆستۈرۈلۈپ، قەلبى ئۇلۇغۋار غايىلەرگە تولىدۇ. روھىي دۇنياسىدا مەدەنىيەتنىڭ مەنىۋى بىخلىرى يىلتىز تارتىدۇ. مەكتەپ مەدەنىيىتى ئوبرازچانلىقى كۈچلۈك بولغان تەربىيە جەريانى بولۇپ، ئۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ دۇنيا قارىشىغا ئاكتىپ تەسىر كۆرسىتىپ، مەدەنىيەتنىڭ ئىلغارلىقىنى قەلبىدە نامايان قىلالايدۇ.
مەكتەپلەرنىڭ مەدەنىيەت مۇھىتى مەكتەپ قورۇسىنى تەربىيە بوشلۇقى، ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچى ۋە مەكتەپ رەھبەرلىرىنى ئاساسىي گەۋدە قىلىدۇ. مەكتەپ مەدەنىيىتى تەربىيەلەشنى نىشان، مۇھىت مەدەنىيىتى، ھەرىكەت مەدەنىيىتى، تۈزۈم مەدەنىيىتى، باشقۇرۇش مەدەنىيىتى، مەنىۋى مەدەنىيەت، ئۈلگە بولۇش مەدەنىيىتىنى مۇھىم مەزمۇن قىلىدۇ. ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنى مەنبە قىلغان زامانىۋى ئىلغار مەدەنىيەتنى ئەۋج ئالدۇرۇش ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپتىكى مەدەنىيەت بۆشۈكىدىن مەنىۋى ئوزۇق ئېلىپ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشكە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.
مەكتەپ مەدەنىيىتىدە ماددىي مەدەنىيەت، مەنىۋى مەدەنىيەت ۋە تۈزۈم مەدەنىيىتى مۇھىم نۇقتا قىلىنىدۇ. ماددىي مەدەنىيەت ئۆرپ – ئادەت، ئەنئەنە، مىللىي خاراكتېر بىلەن بىرلىشىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھېسسىياتى، دۇنيا قارىشى، ئىدىيەسى، پوزىتسىيەسى ۋە قىممەت قارىشىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. مەنىۋى مەدەنىيەت ئەخلاق، تەلىم – تەربىيە، ئوقۇتۇش ئەمەلىيىتىدە يېتەكچىلىك رول ئويناپ، مەكتەپ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
ھازىر بىر قىسىم مەكتەپلەردە ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىلىم ئېلىش ۋە ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ئاكتىپ تەسىر كۆرسەتكىدەك مەكتەپ مۇھىتى شەكىللەنمىگەنلىكى، مەكتەپ مەدەنىيىتى قۇرۇلۇشى مۇكەممەل بولمىغانلىقى ئۈچۈن، كىتاب ھىدىغا تولغان مەكتەپ مۇھىتى، ئوقۇتۇشنى گەۋدە قىلغان ‹‹ئۆگىنىش تىپى››دىكى مەكتەپ مۇھىتى، ئىدىيە – ئەخلاقنى يېتەكچى قىلغان مەكتەپ مۇھىتى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىزىقىشىنى قوزغايدىغان مەكتەپ مۇھىتى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەقىل بۇلىقىنى ئاچىدىغان، يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى قېزىپ چىقىدىغان مەكتەپ مۇھىتى بەرپا قىلىنمىدى. خىزمەت ئەمەلىيىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئەمەس، ئارخىپ تەكشۈرۈشنى ئاساس قىلىپ كەلگەن تەكشۈرۈشلەرگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈنلا ساقتا كۆرۈنۈش ياساپ چىقىلغان شەكىلۋازلىق ۋە كۆز بويامچىلىقلار مەكتەپ ئىستىلىغا ئايلىنىپ قالدى.
شۇڭا مەكتەپ مەدەنىيىتى ۋە مەكتەپ مۇھىتىنىڭ تەربىيەلەشتىكى رولىغا ئەھمىيەت بېرىپ، تۈرلۈك بايرام ۋە خاتىرە كۈنلەردە نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسى، زېھىن سىناش مۇسابىقىسى، كىتاب ئوقۇش مۇسابىقىسى، تەسىرات سۆزلەش، ئەدەبىيات – سەنئەت، تەنتەربىيە قاتارلىق شەكلى خىلمۇ خىل، مەزمۇنى مول بولغان پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنى بېيىتىپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك، كوللېكتىۋىزملىق، ئەنئەنىۋىلىك ۋە ئىزچىل ئۆگىنىشچانلىق روھنى يېتىلدۈرۈپ، قويۇق ۋە يۇقىرى ئۆرلەيدىغان ئاكتىپ مەدەنىيەت كەيپىياتىنى شەكىللەندۈرۈش لازىم. ئۇنىڭدىن باشقا قەرەللىك ھالدا مەخسۇس تېمىلىق ماقالە، ھۆسنخەت يېزىش، قول ھۈنەر – سەنئەت بۇيۇملىرى، مودېل ۋە كىچىك كەشپىيات يارىتىش، مەدەنىي مىراسلارنى توپلاش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىپ، ئىجادچانلىق روھىغا ئىلھام بېرىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەقىل بۇلىقىنى ئېچىپ، يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرۇشتەك مەكتەپ مۇھىتى بەرپا قىلىش كېرەك.
جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]