ئەمەت ئىمىن
ئۇچۇر تېخنىكسىنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، ئالاقە تورىدا تېزلىكنىلا قوغلىشىپ، مەزمۇنغا سەل قارايدىغان خاھىش قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ تۇرمۇشىغا بېسىپ كىردى. يان تېلېفون، ئالاقە تورى، تېلېۋىزىيە پىروگراممىلىرىغا ھەددىدىن زىيادە بېرىلىش تۈپەيلىدىن بەزى بالىلاردا ئالىيجاناب، ئۇلۇغۋار مەنزىلنى كۆزلىمەيدىغان، كۆز ئالدىدىكى مەنپەئەتكىلا بېرىلىدىغان، ئەنئەنىگە سەل قارايدىغان، مەسىلىلەرنى ئىنچىكە تەھلىل قىلىشتىن ئۆزىنى قاچۇرىدىغان پاسسىپ روھىي ھالەت شەكىللەنمەكتە. رىقابەتنىڭ كۈچىيىشى، تۇرمۇش رىتىمىنىڭ تېزلىشىشى ئارقىسىدا ئوقۇغۇچىلاردىن بېرىلىپ كىتاب ئوقۇشنى كۈتۈش بارغانسېرى قىيىن بولماقتا. ئۆگىنىش بېسىمىنىڭ زورىيىشى سەۋەبىدىن ئوقۇغۇچىلارنىڭ سومكىسىغا دەرسلىك كىتابلار ۋە قوشۇمچە ماتېرىياللاردىن باشقا كىتابلار سىغمايدىغان بولۇپ قالدى. ئائىلىلەردە كىيىم ئىشكاپى، ئاياغ ئىشكاپى ۋە چىنە – قاچا تىزىدىغان ئىشكاپلار كۆپەيسە كۆپەيدىكى، كىتاب ئىشكاپلىرى ئازىيىپ كەتتى. نەتىجىدە كەلگۈسىنىڭ ئۈمىدى بولغان ‹‹قارا كۆز››لەرگە كىتابنىڭ قىممىتىنى ھېس قىلدۇرۇش، ئۇلارنى كىتاب گۈلىستانىغا باشلاپ كىرىش تەخىرسىز مەسىلىگە ئايلاندى.
مائارىپنىڭ مەقسىتى ئوقۇغۇچىلارغا تەبىئەتنىڭ قانۇنىيىتىنى، جەمئىيەتنىڭ گۈزەللىكىنى ھېس قىلدۇرۇش، ھاياتلىقنىڭ قىممىتىنى تونۇتۇش، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەقلىي تەپەككۇرىنى قېزىپ، ئىنسانىي پەزىلىتىنى نۇرلاندۇرۇشتىن ئىبارەت. مائارىپنىڭ بۇ مەقسىتى ئوقۇغۇچىلارنى ئەستايىدىل، بېرىلىپ كىتاب كۆرىدىغان ئەۋلادلاردىن قىلىپ يېتىشتۈرۈش ئارقىلىقلا روياپقا چىقىدۇ.
ئوقۇغۇچىلارنى كىتاب ئوقۇشقا يېتەكلەش ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مۇقەررەر بۇرچى. بۇنىڭ ئۈچۈن، ئوقۇغۇچىلارنى كىتابقا نىسبەتەن توغرا تونۇشتا بولۇشقا، كىتاب ئوقۇشقا نىسبەتەن ساغلام روھىي ھالەتنى ساقلاشقا يېتەكلەش زۆرۈر. ئوقۇغۇچىلارنىڭ كىتاب ۋە بىلىمگە بولغان ھۆرمىتىنى قوزغاش ئۇلارنى گۈزەل ئېرەمباغقا باشلاپ كىرگەنلىك بىلەن باراۋەر. ھازىر مەكتەپلەرنىڭ قىرائەتخانىلىرى ۋاقتىدا ئېچىلمىغانلىقى سەۋەبلىك، كىتاب – ژۇرناللار توپا بېسىپ قېلىۋاتىدۇ. مەكتەپلەردە كىتاب ئوقۇش پائالىيەتلىرىنى ۋاقتى – ۋاقتىدا قانات يايدۇرۇش، خىلمۇخىل مۇكاپاتلىق ماقالە يېزىش پائالىيەتلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇش ئارقىلىقمۇ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ كىتاب ئوقۇش قىزغىنلىقىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ. كىتاب ئوقۇشنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاڭلىق ھەرىكىتىگە ئايلاندۇرغاندا، ئوقۇتقۇچىلار كىتاب ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش مەقسىتىگە دەسلەپكى قەدەمدە يەتكەن بولىدۇ. ئوقۇغۇچىلار كىتاب ئوقۇش ئارقىلىقلا قەلبىنى پاكلاپ، روھىي دۇنياسىنى بېيىتالايدۇ. ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يېتەكلەش ۋە تەربىيەلەش رولى بىلەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ كىتاب ئوقۇشتىكى ئاڭلىقلىقى ۋە ئىزچىللىقىنى بىرلەشتۈرگەندىلا، كىتاب ئوقۇش ئادىتى ئوقۇغۇچىلارنى ئۆمۈرلۈك مەنپەئەتكە ئېرىشتۈرەلەيدۇ.
ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلاردا پۇختا، ئەستايىدىل كىتاب ئوقۇش قىزغىنلىقىنى قوزغاتقاندىلا، ئوقۇغۇچىلار ئۆزىدىكى ناچار ئىللەتلەرنى ئۆزگەرتەلەيدۇ؛ تۇرمۇشنىڭ تەسىراتلىرىغا چۆمۈلۈپ، تۇرمۇش ھەقىقىتىنى تونۇپ يېتىپ، ساغلام پىسخىكا يېتىلدۈرەلەيدۇ. مەلۇم مەكتەپتە كىتاب ئوقۇش كەيپىياتى قانچە يۇقىرى بولغانسېرى، كىشىگە شۇنچە تىنچ، سۆلەتلىك تەسىر بېرىدۇ؛ كىتاب ئوقۇشنى ئادەت قىلغان ئوقۇتقۇچى شۇنچە ئۇز ۋە بىلىملىك تەسىر بېرىدۇ؛ كىتاب ئوقۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرگەن ئوقۇغۇچى ئادەم بولۇشتىكى ئاساسىي ساپا ۋە ساغلام خاراكتېرنى يېتىلدۈرىدۇ. ئەۋلاد تەربىيەسىنىڭ ئاساسى، ئەخلاق تەربىيەسىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتىكى ئىزدىنىشلەر دەل مۇشۇنداق مەنزىل ۋە كەيپىياتنى شەكىللەندۈرۈشنى مەقسەت قىلىدۇ. شۇڭا ئەۋلادلاردا كىتاب ئوقۇشنى سۆيىدىغان، ياخشى كىتابلارنى ئوقۇشقا ئىنتىلىدىغان ئادەتنى يېتىلدۈرۈشكە يېتەكلەش ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئەقەللىي بۇرچىغا ئايلانسۇن!
جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]