بىز ئوقۇتقۇچى بولۇشقا لايىقمۇ؟
mihribanmm

بىز ئوقۇتقۇچى. ئەخلاق،مەسئۇلىيەت، ئادەم تەربىيەلەش، ئوقۇغۇچىلارغا ئۈلگە بولۇش بىزنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتىمىز ۋە مەجنۇرىيىتىمىز. ئۇنداقتا بىز ئوقۇتقۇچى بولۇشقا لايىقمۇ ؟ بۇ يولغا قەدەم تاشلاشتىن بۇرۇن بۇلارنى ئويلاپ باقتۇقمۇ؟بىز ئوقۇتقۇچى بولۇشقا لايىقمۇ؟
ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈش ئالدىدا ئوقۇتقۇچىلىق ئىمتىھانىغا تىزىملاتتىم. تەييارلىقىم پۇختا بولغاچقا ئىمتىھاندىنمۇ ئۆتتۈم. ئىمتىھاندىن ئۆتكەنلىكىمنى كۆرۈپ شۇنچىلىك خۇشال بولدۇم. بىر كىشىلىك خىزمەت تاپقىنىمدىن ئەمەس بەلكى دەرس مۇنبىرىدە ئوقۇغۇچىلارغا تەربىيە بېرىش پۇرسىتىگە ئېرىشكىنىمدىن مەمنۇن ئىدىم. بىراق يۈرىكىم يەنىلا بىرخىل ئەنسىز سوقماقتا ئىدى. ئۆزۈمنىڭ لاياقەتلىك ئوقۇتقۇچى بولالماي قېلىشىمدىن قورقاتتىم. بىراق ئوقۇتقۇچىلىق كەسپىگە بولغان ئىشتىياق ۋە ئۆزۈمنىڭ چوقۇم ياخشى قىلالاىيدىغىنىغا بولغان ئىشەنچىم بۇ دەككە-دۈككىلىرىمنى «مەغلۇپ قىلدى». مەردانە قەدەملىرىم بىلەن مەكتەپكە قاراپ يول ئالدىم.
پىشقەدەم ئوقۇتقۇچىلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇش، دەرسلىك كىتاپ ۋە دەرستىن سىرتقىماتىرىياللارنى كۆرۈش، لاياقەتلىك بىر ئوقۇتقۇچى بولۇش ئۈچۈن قانداق شەرتلەرنى ھازىرلاش ئۈستىدە ئىزدىنىش ۋە تېرىشىش، ئوقۇغۇچىلار بىلەن سۆھبەتلىشىش مېنىڭ خۇشاللىقىم بولسا، ئەتراپىمدىكى ئاتالمىش بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرى ۋە گەپ-سۆزلىرى كۆڭلۈمنى تولىمۇ يېرىم قىلىدىغان بولدى.
يېرىم كۈن كىتاپ كۆرۈپ چارچاپ كەتكەن مەن ئەتراپىمدىكى قۇرداشلىرىم بىلەن بىرئاز پاراڭلىشىشنى لايىق تاپتىم. ئېنىقىنى دېگەندە دېگەندە ئۇلارنىڭ پاراڭلىرى دىققىتىمنى بۆلىۋاتاتتى. ئاخىرى ئورۇندۇقۇمنى ئۇلارغا يېقىن ئورۇنغا تارتتىم. ئارىدىن بىرى گەپ باشلىدى:«ئەجەپمۇ زېرىكتىم بۇ ئوقۇتقۇچىلىقتىن، ئەينى ۋاقىتتا تىزراق خىزمەت تېپىشنى ئويلاپ ئىمتىھان بېرىپ ئۆتۈپ قاپتىكەنمەن...»دەپ تۇرىشىغا يەنە بىرى گەپ قىستۇرۇپ:«ۋاي شۇنى دېگىنە ئاداش، سەل تۇرۇپ دەرسىم بار تېخى، ئەمدى بۇ سائەت يەنە نېمىلەرنى دەپ ئۇلارنى ئالداپ چىقارمەن ئەمدى سىنىپتىن...» پاراڭلار شۇ تەرەقىدە داۋام ئەتمەكتە.ئورنۇمدىن دەس تۇرۇپ ئۇلارغا تەنبىك بەرگىم كەلدىيۇ يەنە ئۆزۈمنى تۇتىۋالدىم. چۈنكى ئۇلارغا تەربىيە بەرگىلى مېنىڭ قانچىلىك سالايىھىتىم بار دەيسىز؟ پەقەت باشقىلارنىڭ ئالدىدا خىزمىتىم بار دەپ كۆز-كۆز قىلغىلىلا ئەسقاتىدىغان، ئەمەلىيەتتە ئۆز خىزمىتىدىن زارلىنىپلا يۈرىدىغان بىزلەر ئۈچۈن بۇ كۈنلەر نېمە دېگەن مەنىسىز-ھە؟ئەينى ۋاقىتتا ئەجىبا بىزنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرىمىزمۇ بىلىمگە تەشنا شۇ سەبىي كۆزلىرىمىزگە تىكىلپ قاراپ تۇرۇپ بىزنى سائەت-سائەتلەپ ھەتتا يىللار بويى«ئالداپ» يۈرگەن بولغىيمىتتى؟ئەجىبا ئۇلارمۇ جان بېقىش ئۈچۈنلا مۇنبەردە تۇرۇپ كۆزلىرىمىزگە شۇنچىلىك ئۇلۇغ ۋە جاپاكەش كۆرۈنگەن بولغىيمىتتى؟ ئەجىبا ئۇلارنىڭ دەرس سۆزلەۋېتىپ پىشانىلىرىدىن تۆكۈلگەن مۇنچاق –مۇنچاق تەرلىرى يالغانمىدۇ؟ ئەجىبا ئۇلارنىڭ مەن بىر خەلق ئۇقۇتقۇچىسى، ئوقۇغۇچىلارغا ئۈلگە بولۇش، خىزمەتتە مەسئۇلىيەتچان بولۇش، كىتاپ ئوقۇپ ئادەم تەربىيەلەش، ئۆز ئەخلاقىمىز ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنى يىتەكلەش مېنىڭ مەسئۇلىيىتىم ۋە مەجبۇرىيىتىم دەپ بەرگەن قەسەملىرىنىڭ ھەممىسى ئېغىزىدىلا ئېيتىلغان قۇرۇق سۆزلەرمۇ؟..ئەنە شۇلارنى ئويلاپ كەچلىك تاماقنىمۇ تۈزۈك يىيەلمىدىم.
يېڭى سەھەر ، يېڭى بىر قۇياش. يېڭى بىر كۈن. ئەينەككە قارىدىم.«چوقۇم ئۆزۈڭگە يۈز كېلەلەيدىغان ئادەم بول، جەمىيئەتكە، ئەتراوىڭدىكى ئاشۇ سەبىي كۆزلەرگە، ئاتا-ئانىلارنىڭ ئارزۇ-ئۈمىدى ۋە ئىشەنچلىرىگە يۈز كېلەلەيدىغان ئادەم بول.» دەپ ئۆز-ئۆزۈمگە پىچىرلىدىم ۋە مەكتەپكە يول ئالدىم.
دەرسخانا كەيپىياتىنىڭ شۇنچىلىك يۇقىرىلىقىدىن بۇ بىر سائەت ۋاقىتنىڭ قانداق ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى بىلەلمەيلا قالدىم. ئوقۇغۇچىلارغا كۆزۈم قىيمىغان ھالدا سىنىپتىن چىچتىم. ئۆز-ئۆزۈمدىن مەمنۇ بولۇپ كۈلۈمسىرىگەن ھالدا ئىشخانىغا كىرىپ كېلىۋاتاتتىم. ئىشىكنى ئېچىش بىلەن«تۇمانلىق دۇنيا»نى كۆرۈپ چۆچۈپ كەتتىم. دەرھال كاللامغا كەلگىنى توك يولىدىن چاتاق چىققانمىدۇ دېگەن خىيال بولدى. چۈنكى بىزنىڭ ئىشانىدا تاماكا چېكىدىغانلار يوق ئىدى. بىراق كۆز ئالدىمدا باشقا ئىشخانىدىكى بىر ئوقۇتقۇچى تۇراتتى. ئۇ تاماكىنى قىڭغىر چىشلەپ بىر ئوقۇغۇچىغا ھەدەپ بىر نەرسىكلەرنى چۈشەندۈرىۋدتاتتى. ئۇنىڭ دەرستىن سىرتقى ۋاقىتلاردا ئوقۇغۇچىلارغا دەرس چۈشەندۈرىۋاتقىنىدىن خۇشال بولايمۇ ياكى ئۆزىنىڭ ئۇقۇغۇچى ئالدىدا ئوقۇتقۇچى ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ پۈۋلەۋاتقان تاماكا ئىسلىرىغا قاراپ يىغلايمۇ؟...دەرسنىمۇ چۈشەندۈرۈپ بولدى. ئارىدىن ئىشخانىدىكى ياشقا چوڭراق ئابلىز مۇئەللىم گەپ باشلىدى:«ئۇكام، .ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالدىدا تاماكا چەكسىڭىز سەل ياخشى بولمامدۇ نېمە؟» بۇ گەپلەرنى ئاڭلىغان ئالىمجاننىڭ چەكچەيگەن كۆزلىرىدىن ئابلىز مۇئەللىم گەپلىرىنى توختىتىشقا مەجبۇرىي بولدى. «قاراڭ ئابلىز مۇئەللىم، ھازىرقى بالىلار نېمىنى بىلمەيدۇ؟ ئۇلارنىڭ ئالدىدا ھەرقانچە دىققەت قىلساقمۇ ئۇلار يەنىلا ئۆزىنىڭ بىلگىنىنى قىلىۋېرىدۇ. ۋاي-ۋۇي يەنىلا شۇ بىر زامانلارنىڭ ئادىمى جۇمۇ سىز.» ئۇ مۇشۇ گەپلەرنى قىلىپ بولغۇچە يەنە بىر تاماكىغا ئوت تۇتاشتۇرۇپ بىزنى «ئىسرىقلاپ» قويۇپ چىقىپ كەتتى.
كۈنلەر مۇشۇ تەرەقىدە ئۆتمەكتە ئىدى. بەزى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئەستايىدىللىق بىلەن دەرس تەييارلاۋاتقانلىقىنى، بەزى مەسىلىلەر ئۈستىدە بەس-مۇنازىرە قىلىۋاتقانلىقىنى، ئوقۇغۇچىلىرى سەل قىيىنچىلىق تارتىپ قالسا ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالىنى ئويلاشماي ياردەم قولىنى سۇنىۋاتقانلىقىنى «بالىڭىزنىڭ ئۆگىنىشى بەك ياخشى، ئۇنداق قىلماي ئۆرلىتىپ ئوقۇتقان بولسىڭىز»دەپ ئاتا-ئانىلارغا يالۋۇرىۋاتقانلىقىنى، ئەلى بالام ماتېماتىكىدا 90 نومۇر ئاپتۇ دەپ خۇشال بولسا، گۈلشەن قىزىم ىېمىيەدە يىتىشەلمەيۋاتىمەن دەيدۇ قانداق قىلسام بولار؟ دەپ ئاشۇ ئۆز پەرزەنتلىرىدىنمۇ چارە كۆرىدىغان يۈرەك پارىللىرىئۈچۈن باش قاتتۇرىۋارقانلىقىنى كۆرۈپ ئۆز-ئۆزۈمنىڭ بىر ئوقۇتقۇچى بولغىنىدىن پەخىرلەنسەم. يەنە بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بۇ كەسپنى قورساق تويغۇزۇشنىىڭ كوزۇرى قىلىۋالغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ سالاھىيىتىنى ئۇنتىغان ھالدا قىمار،ھاراق سورۇنلىرىدا يۈرىۋاتقانلىقىنى، ئاشۇ بىر سائەتلىك دەرس ۋاقتىنىڭ ئۆزىگە بېرىلگەن پۇرسەت ۋە شەرەپ ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ، زارلىنىۋاتقانلىقىنى، ئەپلەپ-سەپلەپ كۈن ئۆتكۈزۈپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ۋاقتىنى خىيانەت قىلىۋاتقانلىقىنى، يۈرۈش-تۇرىشىدىن «بۇ زادى كىم؟» دەپ ئادەمنى ئويلاندۇرۇپ قويىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ «مەن زادى كىم؟ بۇ كەسپكە لايىقمۇ؟ »دەپ ئويلاپ قالدىم.
گەرچە سالاھىيىتىم توشمىسىمۇ بىرقىسىم خىزمەتداش، كەسپداشلىرىمغا شۇنداق بىر سوئال قويغۇم كېلىۋاتىدۇ:« بىز ئوقۇتقۇچى بولۇشقا لايىقمۇ؟ ھەربىر كەسپنىڭ ئۆزىگە خاس كەسپىي ئەخلاقى بولىدۇ. بىز ئوقۇتقۇچىلىق ئەخلاقىغا رىئايە قىلدۇقمۇ؟ ئۆزىمىزگە بىر قېتىم بولسىمۇ مەن كىم؟ دەپ سوئال قويالىدىقمۇ؟ مۇنبەرگەچىقىشتىن بۇرۇن بۇ بىر سائەتتە ئوقۇغۇچىلارغا نېمىلەرنى سۆزلەيمەن؟قانداق قىلسام زاماننىڭ تەلىپىگە لايىق ئەۋلادلارنى تەربىيەلەيمەن؟ دەپ ئىزدىنىپ باقتۇقمۇ؟ ئادەم تەربىيەلەشنىڭ مۇقەددەس بۇرچ ۋە مەسئۇلىيەت ئىكەنلىكىنى ھېس قىلالىدۇقمۇ؟ جەمىيئەتنىڭ بىزدىن كۈتكەن ئۈمۈدىنى ئاقلىيالىدۇقمۇ؟ قىسقىسى ئۆزكەسپىمىزگە مەسئۇل بولالىدۇقمۇ؟
ھەي خىزمەتدېشىم، ئەمدى بولسىمۇ بۇ سوئاللارغا جاۋاپ تاپايلى. ئۆزىمىز ئۈستىدە ئويلىنىپ كۆرەيلى. ئەخلاقىمىز ۋە بىلىمىمىز ئوقۇغۇچىلارنى قايىل قىلسۇن. يۈرۈش-تۇرىشىمىز ۋە ئىدىيەرىمىز ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدە ئاكتىپ رول ئوينىسۇن. ئۇلار بىزدىن ھەربىر ئىشتا مەسئۇلىيەتچان بولۇش كېرەكلىكىنى تونۇپ يەتسۇن. مەن بىر ئوقۇتقۇچى دېگەن ۋاقتىمىزدا ئەتراپىمىزدىكىلەر بىزدىن پەخىرلەنسۇن، بىز ئۆزىمىزدىن مەمنۇن بولايلى، جەمىيئەت بىزدىن رازى بولسۇن.