مەن مۇئەللىم
مۇھەممەت ئابدۇللا زاكىر «قۇملۇق»
مەن مۇئەللىم، مەرىپەتنىڭ باغۋىنى،
ۋۇجۇدۇمدىن ئىلىم نۇرى تارالغان.
مەندىن بىلىم ئالغان ئالىم قولىدا،
ئالەمشۇمۇل كەشپىياتلار يارالغان.
مەن مۇئەللىم، پەرۋىشكارى بېغىمنىڭ،
مايسىلارغا باغرىم كەڭرى ئېچىلغان.
ئەجرىم بىلەن يۇپۇرماقلا غۇنچىلاپ،
ئەل ۋەتەنگە خۇشپۇراقلار چېچىلغان..
مەن مۇئەللىم، ئەڭ پەخېرلىك ئۇلۇغ زات،
مۇنبەر ئارا بۇلبۇل كەبى سايرىغان.
كۆرگېنىمدە شاگېرتلىرىم شەرپىنى،
چارچاش يوقاپ يۈرەكلىرىم يايرىغان.
مەن مۇئەللىم، كىتاب، قەلەم قولۇمدا،
يۈركىمگە شانلىق ئىزنەك قادالغان.
نامىم ئۇلۇغ «بارچە ئەلنىڭ ئۇستازى»،
«ئىنسان رۇھى ئېنژىنر» دەپ ئاتالغان.