ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! بۈگۈن: مىلادىيە

يېڭى قىزىق نۇقتا : نوبىل مۇكاپاتىنى كىم نېمە ئۈچۈن ئامېرىكىد نوبېل مۇكاپاتى نامزا پاسپورت دېگەن نىمە ؟

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > قوزام > سەرخىل ئوقۇشلۇق > جەمئىيەت > تولۇق مەزمۇنى

نوبىل مۇكاپاتىنى كىملەر ئېلۋاتىدۇ؟

ۋاقىت : 2015-09-10 00:55 | مەنبەسى : 未知 | ئاپتۇر : admin | تەھرىر : admin | كۆرۇلىشى : قېتىم
 
نوبىل مۇكاپاتىنى كىملەر ئېلۋاتىدۇ؟
نوبىل مۇكاپاتىنى كىملەر ئېلۋاتىدۇ؟

 

يېقىندىن بىرى ئۇيغۇر ئالىملارنىڭ نەتىجىلىرى تور ئارقىلىق كۆپچىلىك بىلەن يۈز كۈرۈشۈپ كىشلەرنىڭ كۆڭلىنى سۆيۈندۈردىى. بۇنىڭ  بىلەن نوبىل مۇكاپاتىغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلار كىشلەرنىڭ بەلگىلىك قىزىقىشىنى قوزغىدى، شۇ مۇناسىۋەت بىلەن مەن كۈچۈمنىڭ يىتىشىچە بۇ توغرىلىق ئىزدىنىپ بىلگەنلىرىمنى كۆپچىلىككە تور ئارقىلىق سۇنۇشنى لايىق تاپتىم. بۇ ساھەگە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلار بىر قەدەر كۆپ بولغانلىقتىن بۆلۈپ -بۆلۈپ تىلىمىزغا ئاغدۇرۇشقا توغرا كەلدى. شۇڭا كۆپچىلىكنىڭ توغرا چۈشۈنىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.

1-دىنى ئېتىقات جەھەتتىن قارىغاندا:
نوبىل مۇكاپاتىغا مۇشەررەپ بولغان كىىشلەرنىڭ 98پىرسەنتى دىنغا ئىشىنىدىغان بولۇپ بۇلارنىڭ ئىچىدە بۇلارنىڭ ئىچىدە كۆپ قسىمى خىرىستىيان دىنى(كاتۇلىك، خىرىستىيان دىنى ، پىراۋىسلاۋىيە دىنىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)غا ئىشىنىدىغانلار بولۇپ ئۇنىڭدىن قالسا  يەھۇدى دىنى، بۇددا دىنى ، ھىندى دىنى، ئىسلام دىنى ....... قاتارلىقلار. ئاز بىر قىسىم كىشلەرنىڭ دىنى ئېتىقادى يوق.
نوبىل تىنىچلىق مۇكاپاتىغا ئىرىشكەن 88 ئادەمنىڭ ھەممىسىنىڭ دىگۈدەك دىنى ئارقا كۆرىنىشى بار. مەسىلەن، ئامېرىكىلىق پوپ مارتىن لوتىر، جەنۇبى ئافرىقىلىق ماندىلا، ھىندىستانلىق مۇناخ تىرىسا... قاتارلىقلار. بۇلارنىڭ ئىچىدە بىرلا كىشى يەنى جەنۇبى ۋېتناملىق  Phan Đình Khải ئۆزىنى دىنسىز دەپ جاكالىغان.
2-پەن تەۋەلىكى جەھەتتىن قارىغاندا:
نوبىل مۇكاپاتى 2008-يىلغىچە 765 ئادەمگە بىرىلگە بولۇپ فىزىكا مۇكاپاتىغا ئىرىشكەنلەر 182 نەپەر، خىمىيە 148، مىدىتسىنا پەنلىرى 186، ئەدەبىيات 102، ئىقتىزاد 59، تىنىچلىق نوبىل مۇكاپاتى 88 نەپەر.
3-دۆلەت تەۋەلىكىدىن قارىغاندا:
نوبىل مۇكاپاتىغا ئىرىشكەن كىشىلەر ئوخشىمىغان قىرىق دۆلەتتىن كەلگەن بولۇپ، ئامېرىكا 301، ئەنگىلىيە 92، گىرمانىيە 79، فىرانسىيە 55، شىۋىتسىيە 28، شىۋىتسارىيە 19، رۇسىيە 17+6، ھونلاند 17، ئىتالىيە 15، ئاۋىستىرىيە 13، دانىيە 12، ياپۇنىيە 14، ئىسرائىلىيە 8، ھىندىستان 3، جەنۇبى ئافرىقا 7، مىسىر 3، ئاۋىستىرالىيە 5، ئارگىنتىنا 4، جوڭگۇ 1، ئىران 1، ۋىتنام 1، بىرما 1.
ئامېرىكا نوپۇسى جاھان نۇپۇسىنىڭ ئاران بەش پىرسەنتىنى تەشكىل قىلسىمۇ بىراق ئۇلار نوبىل مۇكاپاتىنىڭ 70 پىرسەنتىگە مۇشەررەپ بولغان. شۇنداقلا بۇلارنىڭ 80 پىرسەنتى ئامېرىكىدىكى خۇسۇسى ئالى مەكتەپلەردىن چىققان.

نوبىل شىۋىتىسيەلىك داڭلىق كەشپىياتچى بولۇپ ئۇ قۇرغان كارخانىلار ۋە پاتىنىت ھەققى بولۇپ ئۇ ئالەمدىن ئۆتكەندە غايەت زور مەغلەغ قالدۇرۇپ كەتكەن. نوبىلنىڭ قانچلىك مەبلىغى بارلىقىنى بەلكىم ئۆزىمۇ بىلمەسلىكى مۈمكىن. چۈنكى ئۇنىڭ مەبلىغى بىر قانچە دۆلەت ۋە نۇرغۇن كارخانىلارغا تارقالغان. ئۇ ھايات ۋاقتىدا قالدۇرغان ۋەسىيەت بويىچە ئۇنىڭ مەبلىغى نەخ پۇلغا ئايلاندۇرۇلىشى كىرەك ئىدى. سۇرمان قاتارلىق كىشلەرنىڭ نەچچە يىل دۆلەتلەر ئارىسىدا چىېپىپ ي ۈرىشى نەتىسىدە ئاخىرى نوبىلنىڭ ۋەسىيىتى ئەمەلگە ئاشقان. ئەينى چاغدىكى نەخلەشكەن پۇل تىزىملىكى تۆۋەندىكىچە: (شىۋىتسىيە كىروناسى بويىچە ھىساپلاندى)
 شىۋىتسىيە 瑞典5,796,140.00
 نورۋىگىيە 挪威94,472.28
 گىرمانىيە 德国6,152,250.95
 ئاۋىستىرىيە 奥地利228,754.20
 فىرانسىيە 法国7,280,817.23
 شوتلاندىيە 苏格兰3,913,938.67
 ئەنگىلىيە 英格兰3,904,235.32
 ئىتالىيە 意大利630,410.10
 روسىيە       俄国5,232,773
 جەمى   总计:33,233,792.20
نوبىل مۇكاپاتى دەل مۇشۇ پۇلنىڭ ئۆسۈمى بىلەن تارقىتىلىدۇ. نوبىل فوندىنىڭ نىزامى بويىچە بۇ پۇل بىر ئادەمگە بىرىلسىمۇ ، بىردىن كۆپ ئادەمگە بىرىلسىمۇ بولىدۇ. تىنىچلىق مۇكاپاتىنى شەخىسكىمۇ ،بىرەر تەشكىلاتقىمۇ بىرىشكە بولىدۇ.  
نوبىل فوندى ئۆزگىرىپ تۇرغانلىقتىن ھەر بىر تۈرگە ھەر يىلى بىرىلىدىغان مۇكاپات سوممىسىمۇ مۇقىم ئەمەس. بۇ مۇكاپات تۇنجى تارقىتىلغان 1901-يىلى ھەر بىر تۈرگە 42مىڭ دوللاردىن مۇكاپات بىرىلگەن ئىدى. 1996-يىلغا كەلگەندە بۇ پۇل 1مىليۇن 120مىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا چىققان.

يەھۇدىلار  ئىبرانىلار ياكى ئىسرائىللار دەپمۇ ئاتىلىدىغان بولۇپ (希伯来语:יְהוּדִים‎,Yehudim)4000 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە قەدىمى مىلللەت . ئۇلار 2000 يىل ۋەتەنسىز، سەرگەردانلىقتا، يەكلەش، قىرغىنچىلىققا ئۇچراش بىلەن  ئۆتكەن. تەۋرات ئىنجىلدا ئۇلارنىڭ نەسەبى تاكى ياقۇپ ، ئىبراھىملارغىچە ئۇلىنىدۇ. ھازىر دۇنيادا 15مىليۇندىن ئارتۇق يەھۇدى ۋە يەھۇدى قان سىستىمىىىىدىكى كىشىلەر بولۇپ يەھۇدىلارنىڭ فىقھى كىتاپلىرى بولغان تالمۇد ۋە خالاكا قاتارلىق كىتاپلىرىدا يەھۇدى دىگەن بۇ سۆزگە يەھۇدى دىنىغا ئىشىنىدىغانلار ۋە ئانسىسى يەھۇدى بولغانلارنىڭ ھەممىسى يەھۇدى سانىلىدۇ دەپ پەتىۋا بىرىلگەن.
گەرچە يەھۇدىلارنىڭ سانى ئەشۇنداق ئاز بولسىمۇ بىراق ئۇلارنىڭ ئىنسانىيەتكە قوشقان تۆھپىلىرى ئاز ئەمەس. مەسىلەن، ئالدىنقى بىر ئەسىردە 680 ئادەم نوبىل مۇكاپاتى ئالغان بولۇپ بۇلارنىڭ ئىچىدە 138 نەپىرى يەھۇدى  ياكى يەھۇدى قان سىستىمىسىدىن.  بۇ سان نوبىل مۇكاپاتى سانىنىڭ 5تىن بىرىنى ئىگەللەيدۇ. جۇڭگۇنىڭ نوپۇسى دۇنيا نوپۇسىنىڭ بەشتىن بىرىنى ئىگەللەيدۇ، يەھۇدىلارنىڭ نوبىل مۇكاپاتىغا ئىرىشىش نىسبىتىمۇ بەشتىن بىر. ھەر مىليۇن كىشىنىڭ نوبىل مۇكاپاتىغا ئىرىشىش نىسبىتى يەھۇدىلاردا 0.64 ئەتراپىدا ، بۇ دۇنيا بويىچە ھىساپلانغان ئوتتۇرىچە سانندىن خېلى بەك يۇقۇرى.
15 مىليۇن نوپۇسلۇق بىر ئاز سانلىق مىللەتنىڭ مۇشۇنداق دەرىجىگە كىلەلىشى بەلكىم ئۇلارنىڭ مائارىپنى چىڭ تۇتىدىغان خاراكتىرى بىلەن زىچ باغلىنىشلىق بولىشى مۈمكىن. چۈنكى يەھۇدىلاردا « ئوقۇتقۇچى سۇلتاندىن ئۇلۇق » دەيدىغان گەپ بار. ئۇلاردا يەنە مەكتەپ يوقالمىسا يەھۇدىلار يوقالمايدۇ، مائارىپقا سېلىنغان مەبلەغ يىراقنى كۆرەرلىك بىلەن سېلىنغان سەرمايىدۇر، مائارىپ بولمىسا كەلگۈسى بولمايدۇ دىگەن قاراشلار ئومۇملاشقان.
ئۇندىن باشقا يەھۇدىلار كىتاپ ماتىرىيال مەستانىسى . بەش مىلييۇن نوپۇسلۇق ئىسرائىلدا ھەر بەش ئادەم بىر نۇسخا ئىرۇسالىم كۈندىلىك پوچتا گېزىگە مۇشتىرى بولغان. كەنت مەھەللىلىرەردىمۇ كۈتۈنخانا بار. بۇلار دەل يەھۇدىلارنىڭ 30 دانە فىزىكا نوبىل مۇكاپاتى، 15 دانە خىمىيە نوبىل مۇكاپاتى، 33 دانە مىدىتسىنا نوبىل مۇكاپاتى، 7دانە ئىقتىزاد، 8دانە ئەدەبىيات، 5دانە تىنىچلىق نوبىل مۇكاپاتىنى ئېلىشىنىڭ مۇھىم بىر سەۋەبى بولىشى مۈمكىن. ( 1987-يىلدىكى سىتاتىستىكا)
تېما ئاخىرىدىكى ئەسكەرتىش:
1. ئىلگىرى بەزى كىشىلەر نوبىل مۇكاپاتى ئالغانغانلارنىڭ يېرىمى ياكى كۆپ قسىمى يەھۇدى دەپ قارىغان بولىشى ياكى شۇنداق گەپلەرنى ئاڭلىغان بولىشى مۈمكىن. بىراق ئەمەلىيەتتە ئەھۋال ئۇنداق ئەمەس، بەلكى 20 پىرسەنت ئەتراپىدا.
2. يەھۇدىلارنىڭ ھەممىسى يەھۇدى دىنىدا بولىشى ناتايىن، چۈنكى نوبىل مۇكاپاتىغا ئىرىشكەن  639 ئادەمگە قارىتىلغان بىر قتېىم  سىتاتىستىكىدا بۇلارنىڭ 619 نەپىرى دىنغا ئىشىنىدىغان بولۇپ بۇ 619 ئادەمنىڭ 596 نەپىرى خىرىستىيان (ئەيسا مەسىھ مۇرىتى) ، 8 نەپىرى يەھۇدى دىنى مۇرتى، 10 نەپىرى بۇددا ۋە ھىندى دىنى مۇرىتى، 4 نەپىرى ئىسلام دىنى مۇرىتى بولۇپ چىققان.
3. بەزى مەشھۇرلارنى يەھۇدى زورلاپ يەھۇدىغا چىقىرىۋېلىش مەسىلىسى، بەزىلەر كىم داڭلىق بولسا شۇنى  يەھۇدى دەپ كىشىلەرگە تۇنۇشتۇرۇشقا ئامراق ، بىراق ئۇلاردىن دەلىل تەلەپ قىلسڭىز تۇتامغا چىققىدەك دەلىل چىقمايدۇ. بۇ بەلكىم توردىكى ئۇلارغا مۇناسىۋەتلىك ئەپقاچتى، بىر بىرىگە زىت ئۇچۇرلار بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك بولىشى مۈمكىن. براق كۆپ قىستىم كىشىلەر يەھۇدى دەپ قارايدىغان پاي چېكى شاھى بافىتنىڭ كىتاۋىدا ئۇ ئۆزىنىڭ يەھۇدىلارنىلا ئىشلىتىدىغان بانكىغا خىزمەتكە كىرەلمىگەنلىكىدىن سۆز ئاچىدۇ. بىل گەيتىسنى يەھۇدى دىگەن تور يازمىلىرىدا بولسا ئۇنى 7 يېشىدا «ئىنجىلى مەتتا» نى يادلاپ بولغان دىيىلىدۇ، ئەپسۇسكى يەھۇدىلار ھەرگىزمۇ ئىنجىلنى ئىتىراپ قىلمايدۇ . چۈنكى ئىنجىلى مەتتا كونا ئەھدە دەپ ئاتالغان تەۋراتقا ئەمەس، بەلكى يېڭى ئەھدە ئىنجىلنىڭ بىر پارىسىدۇر.  يەھۇدىلار پەقەت زەبۇر، تەۋرات ۋە ئۆزلىرىنىڭ فىقھى كىتاپلىرى بولغان تلمۇد قاتارلىقلارغىلا ئىشنىدۇ. ئىنجىلنىڭ ھەرقانداق پارىسىنى ئىتىراپ قىلمايدۇ.

تېما ئاپتۇرى: ناغداش مۇنبىرىدىن ئەرتۇڭا، تېما مەنزىلى: باغداش مۇنبىرى
ئالدىنقىسى:نېمە ئۈچۈن ئامېرىكىدا ھەربىي پارات كۆپ ئۆتكۈزۈلمەيدۇ؟ | كېيىنكىسى: تۈگەپ قاپتۇ
ئوت چىقىۋاتقان ئويۇنلار