ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! بۈگۈن: مىلادىيە

يېڭى قىزىق نۇقتا : نېمە ئۈچۈن ئامېرىكىد نوبېل مۇكاپاتى نامزا پاسپورت دېگەن نىمە ؟ نوبېل مۇكاپاتى ھەققى

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > قوزام > سەرخىل ئوقۇشلۇق > جەمئىيەت > تولۇق مەزمۇنى

نوبېل مۇكاپاتى ھەققىدىكى قىزىقارلىق پاكىتلار

ۋاقىت : 2015-04-04 20:49 | مەنبەسى : ئىزدىنىش | ئاپتۇر : تۇرسۇنجان نۇ | تەھرىر : ئىزدەن | كۆرۇلىشى : قېتىم

 
نوبېل مۇكاپاتى ھەققىدىكى قىزىقارلىق پاكىتلار
 
تۇرسۇنجان نۇرمەمەمەت بىلگە
 
index.jpg


1.ئەلفىرەد نوبېل ۋە نوبېل مۇكاپاتىنىڭ تەسىس قىلىنىشى

ئەلفىرەد بېرنخارد نوبېل 1833-يىلى 10-ئاينىڭ 21-كۈنى شىۋىتسىيەنىڭ سىتھوكلىم شەھرىدە تۇغۇلغان. ئۇ ياش ۋاقتىدا دادىسىنىڭ قورال-ياراق زاۋۇتىدا ئىشلىگەن. ئۇ ئىلىم-پەنگە بولغان قىزىقىشى تۈپەيلى، خېمىيىلىك پارتلاتقۇچ دورىلارنى سىناق قىلغان. 1864-يىلى بىر قىتىمىلىق ئەجەللىك پارتلاشتا ئۇنىڭ ئېنىسى ئۆلۈپ كەتكەن. بۇ ئىش ئۇنىڭغا قاتتىق تەسىر قىلغاچقا، ئۇ بىخەتەرلىكى بىر قەدەر يۇقىرى بولغان پارتلاتقۇچ دورا - دىنامىتنى كەشىپ قىلغان. نوبېل ئۆزىنىڭ غايەت زور بايلىقىنى نوبېل مۇكاپاتى تەسىس قىلىشقا ئىشلەتكەن.
1888-يىلى نوبېلنىڭ ئىنىسى لۇدۋېگ فىرنسىيەدە ئۆلۈپ كەتكەن. فىرانسىيەدىكى بىر گېىزىت خاتالىشىپ لۇدۋېگ نوبېلنىڭ ئورنىغا ئەلفىرەد نوبېلنىڭ ئۆلۈم خەۋىرىنى گېزىتكە باسقان ۋە ئۇنىڭ دىنامىتنى كەشىپ قىلغانلىقىنى قاتتىق ئەيىپلىگەن. ئەلفىرەد نوبېل بۇنىڭدىن قاتتىق ئۈمىدسىزلەنگەن ۋە ئۆزىنىڭ ئۆلۈپ كەتكەندىن كىيىن باشقىلار تەرىپىدىن قانداق ياد ئېتىلىدىغانلىقىنى كۆرۈپ ئۆزىنىڭ مال-مۈلكىنى فىزىكا، خېمىيە، مىدىتسىنا ياكى فىزىئولوگىيە، ئەدەبىيات قاتارلىق پەنلەر ۋە تىنچلىق ئىشلىرىدا كۆزگە كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشقانلارنى مۇكاپاتلاشقا سەرپ قىلىشنى قارار قىلغان. ئۇنىڭ بۇ ساھەلەردىكى نەتىجە قازانغانلارنى مۇكاپاتلىشى ئۇنىڭ دۇنيا قارىشىنى ۋە نېمىنى ئەڭ مۇھىم دەپ قارىغانلىقىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بەرگەن.

2. نوبېل مۇكاپاتى پۇلى نەدىن كىلىدۇ؟

ئۇ 1896-يىلى 12-ئاينىڭ 10-كۈنى ئىتالىيەنىڭ سان رېمو شەھرىدە ۋاپات بولغان. ئۇ ئۆلۈپ كىتىش ئالدىدا باج ۋە مىراسنى چىقىرىۋەتكەندە جەمئىي 31 مىليۇن 225 مىڭ شىۋىت كروناسىنى (بۇ پۇل 2008-يىلىدىكى 250 مىليۇن ئامرىكا دوللىرىغا تەڭ بولغان) نوبېل مۇكاپاتىغا ئىشلىتىشكە قالدۇرغان.
نوبېل 1895-يىلى 11-ئاينىڭ 27-كۈنى پارىستىكى بىر شىۋىتلار-نورۋېگىيلىكلەر قاۋاقخانىسدا ئۇنىڭ ئۈچىنچى شۇنداقلا ئەڭ ئاخرىقى ۋەسىيتىگە ئىمزا قويغان. ئۇ ۋاپات بولغاندىن كىيىن، ئۇنىڭ ۋەسىيتى ئوقۇلغاندا شىۋىتسىيە ۋە خەلقىئارادا زور بەس-مۇنازىرىلەرنى قوزغىغان چۈنكى ئۇ مال مۈلكىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنى بىر مۇكاپات تەسىس قىلىشقا ئىشلەتكەن. ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ئۇنىڭ بۇ ۋەسىيتىگە قارشى چىققان ۋە ئۇ مۇكاپاتنى تارقىتىشقا تاللىغانلار بۇ مۇكاپاتنى تارقىتىشنى رەت قىلغان. ئۇ ۋەسىيىتىدە «ئىنسانلار جەمئىيتى ئۈچۈن ئەڭ زور تۆھپە قوشقان كىشىلەرنى مۇكاپاتلايمەن» دىگەن. ئاخىرى 1901-يىلى نوبېلنىڭ ۋاپاتىدىن 5 يىل ئۆتكەندە ئاندىن تۇنجى قېتىملىق نوبېل فىزىكا، خېمىيە، فىزىئولوگىيە ياكى مىدىتسىنا، ئەدەبىيات ۋە تىنچلىق مۇكاپاتلىرى تارقىتىلغان. نوبېل فىزىكا مۇكاپاتى ۋە نوبېل خېمىيە مۇكاپاتى شىۋىتسيە پەنلەر ئاكادىميىسى تەرىپىدىن، نوبېل فىزىئولوگىيە ياكى مىدىتسىنا مۇكاپاتى سىتھوكلىم كارولىنىسكا ئىنىستىتۇتى تەرىپىدىن، نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى سىتھوكلىم ئاكادىمىيىسى تەرىپىدىن، نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى نورۋېگىيە پارلامىنتى تەرىپىدىن تارقىتىلىدۇ. 1968-يىلىدىن باشلاپ شىۋىتسىيە مەركىزى بانكىسى Sveriges Riksbank نوبېلنى خاتىرلەش يۈزسىدىن نوبېل ئىقتىساد مۇكاپاتىنى تارقىتىشنى قارار قىلغان. شۇنداق قىلىپ ھازىرغىچە نوبېل فىزىكا مۇكاپاتى، نوبېل خېمىيە مۇكاپاتى، نوبېل فىزىئولوگىيە ياكى مىدىتسىنا مۇكاپاتى، نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى، نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى ۋە نوبېل ئىقتىساد مۇكاپاتىدىن ئىبارەت ئالتە تۈرلۈك مۇكاپات تارقىتىلىدىغان بولۇپ، ھەر بىر نوبېل مۇكاپاتىنىڭ سوممىسى 8 مىليون شىۋىتسىيە كروناسى (تەخمىنەن 1.2 مىليون ئامرىكا دوللىرى ياكى 7 مىليون 350 مىڭ يۈەن خەلق پۇلىغا تەڭ) بولۇپ، ئەگەر بىردىن كۆپ كىشى بىر قېتىملىق نوبېل مۇكاپاتىغا تەڭ ئېرىشسە ئۇلارغا بۇ پۇل بۆلۈپ بىرىلىدۇ.
نوبېل فوندى نوبېلنىڭ قالدۇرغان پۇلىنى مەبلەغ سېلىشقا ئىشلەتكەن بولۇپ، ئالدىنقى يۈز يىلدىن بۇيان ئۇنىڭ ئەينى ۋاقىتتا قالدۇرۇپ كەتكەن پۇلىنىڭ قىممىتى ناھايىتى تېز ئاشقان.

3. نوبېل مۇكاپاتى توغرىسىدىكى قىزىقارلىق پاكىتلار

نوبېل مۇكاپاتى 1901-يىلدىن 2012-يىلغىچە جەمئىي 555 قېتىم 862 كىشىگە تارقىتىپ بىرىلگەن. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئاران 44 كىشى ئاياللاردۇر. بىرىنچى دۇنيا ۋە ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىللىرىدە نوبېل مۇكاپاتى بىر نەچچە يىل تارقىتىلمىغان. نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلەرنىڭ ئوتتۇرىچە يېشى 59 ياش بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ ياش كىشى 25 يىشىدا (William Lawrence Bragg ،1915) نوبېل فىزىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. يېشى ئەڭ چوڭى بولسا 90 ياش بولۇپ، بۇ كىشى 2007-يىللىق نوبېل ئىقتىساد مۇكاپاتىغا نائىل بولغان ئامرىكا مىنېسسودا ئۇنۋىرستىتى ئىقتىساد پەنلىرى پىرافىسورى Leonid Hurwicz. بۇلارنىڭ ئىچىدە 2-ئاينىڭ 28-كۈنى ۋە 3-ئاينىڭ 21-كۈنى تۇغۇلغانلار ئەڭ كۆپ. تۇغۇلغان دۆلىتى بويىچە تىزغاندا ھىندىستاندا تۇغۇلغانلاردىن 8 كىشى، ياپونيەدە تۇغۇلغانلاردىن 17 كىشى، ئىتالىيەدە تۇغۇلغانلاردىن 17 كىشى، شىۋىتسىيەدە تۇغۇلغانلاردىن 28 كىشى، روسىيەدە تۇغۇلغانلاردىن 37 كىشى، فىرانسىيەدە تۇغۇلغانلاردىن 49 كىشى، گىرمانىيەدە تۇغۇلغانلاردىن 74 كىشى، ئەنگىلىيەدە تۇغۇلغانلاردىن 79 كىشى، ئامرىكىدا تۇغۇلغانلاردىن 247 كىشى نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلەرنىڭ مەكتەپ تەۋەلىكى (رەسمىي) بويىچە تىزغاندائەڭ كۆپ نوبېل مۇكاپاتى ساھىبخانى چىققان 5 ئۇنىۋىرستىت: ئەنگىلىيە كامبىرىج ئۇنىۋىرستىتى (89 كىشى)، ئامرىكا چىكاگو ئۇنىۋىرستىتى (87 كىشى)، ئامرىكا كولۇمبىيە ئۇنىۋىرستىتى (82 كىشى)، ئامرىكا ماسساچۇستىس تېخنىكا ئۇنىۋىرستىتى (78)، ئامرىكا كالىفورنىيە ئۇنۋىرستىتى - برىكلىي (71). بۇ كىشىلەر ئىچىدە دۇنيادا ئەڭ قارشى ئىلىشقا ئېرىشكەن، ئەڭ مەشھۇر 10 كىشى:
1.Martin Luther King Jr مارتىن لۇسىر كېڭ: تىنچىلىق مۇكاپاتى (1964)

2.Albert Einstein ئالبېرت ئېينىشتېيىن: فىزىكا مۇكاپاتى (1921)

3.Mother Teresa تېرىسا ئانا: تىنچلىق مۇكاپاتى (1979)

4.Rabindranath Tagore رابىندراناس تاگور: ئەدەبىيات مۇكاپاتى (1913)

5.Nelson Mandela نېلسون ماندېلا: تىنچلىق مۇكاپاتى (1993)

6.Ernest Hemingway ئېرنېست ھېمىڭۋاي: ئەدەبىيات مۇكاپاتى (1954)

7.Marie Curie مارىي كىيۇرى: فىزىكا مۇكاپاتى (1903)

8.John Steinbeck جون ستېينبېك: ئەدەبىيات مۇكاپاتى (1962)

9.Winston Churchill ۋېنىستون چىرچېل: ئەدەبىيات مۇكاپاتى (1953)

10.William Faulkner ۋىللىيام فاۋلكىنېر: ئەدەبىيات مۇكاپاتى (1949)

1974-يىلىدىن بۇيان نوبېل مۇكاپاتى پەقەت ھايات كىشىلەرگە ياكى ئۆلۈمى تېخى ئاشكارىلانمىغان كىشىلەرگە بىرىلىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن. 2011-يىلى نوبېل فىزىئولوگىيە ياكى مىدىتسىنا مۇكاپاتى ئېلان قىلىنغاندىن كىيىن، بۇ قېتىملىق مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىلەرنىڭ بىرى بولغان ئامرىكا روكىفېللفېر ئۇنىۋىرىستىتىنىڭ ئىممۇنولوگىيە ئالىمى Ralph Steinman راف سىتەيىنمەننىڭ 3 كۈن بۇرۇن ۋاپات بولغانلىقى ئاشكارىلانغان، لىكىن نوبېل كومىتېتدىكىلەر بۇ ئىشتىن خەۋەرسىز بولغاچقا، بۇ مۇكاپات ئۇنىڭ ئائىلە-تاۋاباتلىرىغا بىرىلگەن.
نوبېل مۇكاپاتىنىڭ ئاخىرقى تىزىملىكىدە نامزاتلىققا كۆرسىتىلگەنلەرنىڭ ئىسمى 50 يىلغىچە ئاشكارىلانمايدۇ.

ئەڭ ياش نوبېل فىزىئولوگىيە ياكى مىدىتسىنا مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچى بولسا Frederick G. Banting فىرەدرىك بانتىڭ بولۇپ ئۇ مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ۋاقىتتا ئەمدىلا 32 ياشتا (1923) ئىدى. بۇ 201 نوبېل فىزىئولوگىيە ياكى مىدىتسىنا مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچىلەر ئىچىدە پەقەت ئون كىشىلا ئايال بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە 3 كىشى 2004-يىلدىن 2009-يىلغىچە 6 يىل ئىچىدە بۇ مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

بۇ تىمىدىكى نوبېل مۇكاپاتىغا مۇناسىۋەتلىك بارلىق مەزمۇنلار شىۋىتسىيە خان جەمەتى نوبېل مۇكاپاتى كومىتېتى تەرىپىدىن قۇرۇلغان نوبىل مۇكاپاتى تورى (http://www.nobelprize.org) دىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلدى، شۇڭا بۇ مەزمۇنلار مۇتلەق توغرىلىققا ۋە مۇشۇ ساھەدىكى ئۇچۇرلار ئىچىدە ئەڭ ئالىي نوپۇزغا ئىگە.
ئوت چىقىۋاتقان ئويۇنلار