يېڭى قىزىق نۇقتا :
نوبىل مۇكاپاتىنى كىم
نېمە ئۈچۈن ئامېرىكىد
نوبېل مۇكاپاتى نامزا
پاسپورت دېگەن نىمە ؟
ئامېرىكا گەرچە دۇنيادىكى ئىنتايىن كۈچلۈك ھەربىي قوشۇنغا ئىگە دۆلەت بولسىمۇ، ھەر يىلى 4-ئىيۇلدىكى مۇستەقىللىق خاتىرە كۈنىدە ھەربىي پارات ئۆتكۈزمەيدۇ.
ئامېرىكىنىڭ ھەربىي پارات ئۆتكۈزمەسلىكىنى ئاساسلىقى تارىخىي ۋە ئەنئەنىۋى سەۋەبلەردىن بولغان دەپ قاراشقا بولىدۇ.
ئامېرىكىنىڭ تارىخى قىسقا بولۇپ، دۆلەت قۇرۇلۇشتىن بۇرۇن كەڭ كۆلەملىك ئۇرۇش ۋە تاجاۋۇزچىلىقلارغا ئۇچراپ باقمىدى. 1776-يىلى ‹‹مۇستەقىللىق خىتابنامىسى›› ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ئامېرىكىدا ھوقۇقنى مەركەزلەشتۈرۈش ئېلىپ بېرىلمىدى، ھەر بىر ئىشتات مۇستەقىل ئاپتونومىيەگە ئىگە بولۇپ كەلدى.
20-ئەسىردە تەسىرى زور بولغان ئىككى قېتىملىق دۇنيا ئۇرۇشى نۇرغۇن دۆلەتلەرگە غايەت زور ئاپەتلەرنى ئېلىپ كەلگەن بولسىمۇ، ئامېرىكا زېمىنى ئاساسىي جەھەتتىن ئۇرۇش پاراكەندىچىلىكىگە ئۇچرىمىدى. ئۇرۇشتىن كېيىن تاجاۋۇزچىلىققا ئۇچرىغان دۆلەتلەر بەس-بەستە ھەربىي پاراتلارنى ئۆتكۈزۈپ، ھەربىي ئىشلاردىكى ئەمەلىي كۈچ-قۇدرىتىنى نامايان قىلىش بىلەن بىللە، ئۆز دۆلىتى خەلقىنىڭ جەڭگىۋارلىق روھىغا مەدەت بەردى، ئەمما 2-دۇنيا ئۇرۇشىدا قەد كۆتۈرگەن دۇنيادىكى ئەڭ كۈچلۈك دۆلەت ئامېرىكىنىڭ بۇنداق ھەربىي پاراتقا ئېھتىياجى چۈشمىدى.
ئامېرىكىنىڭ دۆلەت بايرىمى كۈنى ھەربىي پارات ئۆتكۈزمەيدىغان ئەنئەنىسىگە قارىتا ئامېرىكا تارىخشۇناسى داۋىت. ۋالدېس مۇنداق جاۋاب بېرىدۇ: بۇنىڭدىكى مۇھىم سەۋەب شۇكى، ئامېرىكىنىڭ مۇستەقىللىق ئىنقىلابى ئەسلىدە خەلقنىڭ ئەنگلىيە ئارمىيەسىگە قارشى بىر مەيدان ھەرىكىتىدىنلا ئىبارەت بولغاچقا، ئىگىلىك ھوقۇق خەلقنىڭ تۈرلۈك شەكىللەردە ئېلىپ بېرىلغان يەرلىك تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى ئارقىلىق نامايان قىلىنىپ كەلدى، شۇڭا ئامېرىكا پايتەختىدىكى دۆلەت بايرىمى نامايىشىدا ئىشتاتلارنىڭ يەرلىك خاسلىقى گەۋدىلىنىپ تۇرىدۇ.
بىراق ئامېرىكا ‹‹تارىخىي خەۋەرلەر تورى››نىڭ ئاشكارىلىشىچە، 1798-يىلى ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئادامس دۆلەت قۇرۇلغان كۈنى فلادېلفىيە شەھىرىدە كىچىك كۆلەمدە ھەربىي پارات ئۆتكۈزگەن ئىكەن. 1803-ۋە 1804-يىللىرى پرېزىدېنت جېفېرسون ۋاشىنگتون شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ھەربىي پارات مۇراسىمىغا قاتناشقان ئىكەن. ئامېرىكا تارىخىدىكى ئەڭ مۇھىم ھەربىي پارات 1861-يىلى دۆلەت قۇرۇلغان كۈنى ئامېرىكا پايتەختىدە ئۆتكۈزۈلگەن، بۇ ھەربىي پارات جەنۇب فېدېراتسىيەسىنىڭ قوزغاش ئېھتىماللىقى بولغان ھۇجۇمىغا قارشى ھەيۋە كۆرسىتىشنى مەقسەت قىلغان بولۇپ، ئەينى چاغدا پرېزىدېنت لىنكولىن تەخمىنەن 30 مىڭ فېدېراتسىيە ئەسكىرىنى كۆزدىن كەچۈرگەن ئىدى.