ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! بۈگۈن: مىلادىيە

يېڭى قىزىق نۇقتا : نېمە ئۈچۈن ئامېرىكىد نوبېل مۇكاپاتى نامزا پاسپورت دېگەن نىمە ؟ نوبېل مۇكاپاتى ھەققى

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > قوزام > سەرخىل ئوقۇشلۇق > جەمئىيەت > تولۇق مەزمۇنى

يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈكلەرنى قوغداش بۇرچىمىز

ۋاقىت : 2013-04-03 12:45 | مەنبەسى : رادىئو تورى | ئاپتۇر : ئىزدەن | تەھرىر : ئىزدەن | كۆرۇلىشى : قېتىم
يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈكلەرنى قوغداش بۇرچىمىز

ياۋا ئاتلارنى بېقىپ كۆپەيتىش- ھايۋانلارنى قوغداشنىڭ بىر خىل مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۇسۇلى. ئاپتونوم رايونىمىز ياۋا ئاتلارنى بېقىپ كۆپەيتىش ئارقىلىق، نەسىل مەنبىيىنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپلا قالماي، بەلكى يەنە موڭغۇلىيەنىمۇ نەسىل مەنبىيى بىلەن تەمىنلىدى. نۆۋەتتە ياۋا ئاتنىڭ قوتاندىكى سانى 299 غا يەتتى. 
شىنجاڭنىڭ زېمىنى كەڭ. تەۋەسىدە ئېگىز تاغ، ئويمان جىلغىلار، ئويمان تۈزلەڭلىكلەر كۆپرەك. ئېكولوگىيىلىك مۇھىتى مۇرەككەپ ۋە كۆپ خىل بولۇپ، قۇرغاقچىلىق، قۇملۇقنى ئاساس قىلسىمۇ، لېكىن جانلىقلارنىڭ كۆپ خىل بولۇشىدەك ئۆزگىچىلىككە ئىگە. ئاپتونوم رايونىمىزدا ياۋا جانلىقلىقلار 742 خىلغا يېتىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە، دۆلەتنىڭ 1- دەرىجىلىك نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان ياۋا جانلىقلىقلار قاتارىغا كىرگۈزۈلگەنلىرى 26 خىلغا، دۆلەتنىڭ 2- دەرىجىلىك نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان ياۋا جانلىقلىقلار قاتارىغا كىرگۈزۈلگەنلىرى 77 خىلغا يېتىدۇ. ياۋا ئۆسۈملۈكلەر 4 مىڭ خىلدىن كۆپرەككە يېتىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە، دۆلەتنىڭ 1- دەرىجىلىك نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان ياۋا ئۆسۈملۈكلەر قاتارىغا كىرگۈزۈلگەنلىرى 1 خىلغا، دۆلەتنىڭ 2-دەرىجىلىك نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان ياۋا ئۆسۈملۈكلەر قاتارىغا كىرگۈزۈلگەنلىرى 7 خىلغا يېتىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز قۇتقۇزۈش خاراكتېرلىك قوغداشنى مۇھىم نۇقتا قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان ياۋا ئۆسۈملۈكلەرنى قۇتقۇزۈش ۋە قوغداش دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ، ياۋا ئات، بۇغا، تاغ توخۇسى ۋە قار لەيلىسى قاتارلىق قىممەتلىك ئاز ساندىكى يۇقىلىپ كېتىش گىردابىغا بېرىپ قالغان ياۋا جانلىقلارنىڭ نەسىل مەنبىيىنى بېقىپ كۆپەيتىش بازىسى قۇردى. ياۋا ئات، بۇغا، ئۇلار، توشقان زەدىكى، چۈچۈك بۇيا قاتارلىق ياۋا جانلىقلىقلارنىڭ نەسىل مەنبىيىنى بېقىپ كۆپەيتىش، يېتىشتۈرۈش تېخنىكىسىدا دەسلەپكى قەدەمدە مۇۋەپپەقىيەت قازاندى. ياۋا ئاتتىن باشقا، بۇلتۇر، تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيىسىدىكى ئۇلارنىڭ نەسىل مەنبىيىنى بېقىپ كۆپەيتىش بازىسى 411 ئۇلارنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا بېقىپ كۆپەيتتى. شايار ناھىيىسى سۈنئىي ئۇسۇلدا بېقىپ كۆپەيتكەن 20 تارىم بۇغىسى تەبىئەتكە قويۇپ بېرىلدى. ئۈلگە كۆرسىتىش، كېڭەيتىش ئارقىلىق، بايلىقنى كۆلەملەشتۈرۈپ بېقىپ كۆپەيتىش ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ياۋا جانلىقلىقلارنىڭ نەسىل مەنبىيى قوغداپ قېلىندى. 
ئاپتونوم رايونىمىز ئىلمىي ئۇسۇلدا پەرۋىش قىلىشنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، غەربىي قاراقۇرۇم تېغىدىكى ياۋا جانلىقلىقلارنىڭ بايلىقىنى تەكشۈرۈپ، ياۋا ئاتلارنى دالىغا قويۇپ بېرىپ نازارەت قىلىپ كۈزىتىش، يىلپىز بايلىقىنى تەكشۈرۈش ۋە تىبەت بۆكىنىنى بېقىپ كۆپەيتىدىغان يەرلەرنى تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇردى. «11-بەشيىللىق پىلان» مەزگىلىدە ئاپتونوم رايونىمىز يولغا قويغان پىرژىۋالىشكى ئېتى، قۇندۇز، توشقان زەدىكى قاتارلىق ئىنتايىن ئاز ساندىكى يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان ياۋا جانلىقلىقلارنى قوغداش تۈرى 11 گە، قۇرۇلغان تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى 52 گە يەتتى. 
تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى ۋە نەم يەر- ياۋا ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئۆسىدىغان يېرى بولۇپ، ئۇنىڭ قۇرۇلۇشى ياۋا ئۆسۈملۈكلەرنى قوغداش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىپ بەردى. نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايونىمىز قۇرغان تۈرلۈك تىپتىكى تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى 52 گە، نەم يەر باغچىسى 17 گە يېتىپ، تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان جانلىقلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداش تورىنى شەكىللەندۈرۈپ، نۇقتىلىق ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئۆسىدىغان يېرىنى ئاساسەن قاپلىدى. نۆۋەتتە ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە 13 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرنىڭ ھەممىسىدە ياۋا ئۆسۈملۈكلەرنى قوغداش ئىشخانىسى تەسىس قىلىندى. بىر قىسىم ناھىيە، شەھەر ۋە دۆلەت ئىلكىدىكى تاغلىق رايونلاردىكى ئورمانلىق مەيدانلىرى مۇناسىپ ئاپپارات تەسىس قىلدى. دۆلەت دەرىجىلىك ياۋيى ھايۋانلاردا كۆرۈلىدىغان يۇقۇم مەنبىيى، يۇقۇمنى نازارەت قىلىپ كۈزىتىش ۋە قۇتقۇزۇش پونكىتى قۇرۇلدى. ئاپتونوم رايونىمىز تۈرلۈك مەخسۇس تۈر ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق، ياۋايى ھايۋانلارنى قالايمىقان تۇتۇش، ئوۋلاش، ياۋا ئۆسۈملۈكلەرنى قالايمىقان كېسىش، كولاش ۋە قانۇنسىز بېقىش، سېتىۋېلىش، سېتىش ۋە توشۇش قاتارلىق قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش قىلمىشلىرىغا قاتتىق زەربە بېرىپ، ياۋا ئۆسۈملۈكلەر بايلىقىنى ئۈنۈملۈك قوغداپ قالدى. 
ئاپتونوم رايونىمىز يەنە مول مەزمۇنلۇق ياۋا ئۆسۈملۈكلەرنى قوغداشنى تەشۋىق قىلىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى. ھەر يىلدىكى«دۇنيا نەم يەر كۈنى»، «قۇش ئاسراش  ھەپتىلىكى»، «ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداشنى تەشۋىق قىلىش ئېيى»،«كۆچەت تىكىش بايرىمى» قاتارلىق مەزگىللەردە مەخسۇس تېمىدا لېكسىيە سۆزلەشنى قانات يايدۇرۇپ، ياۋايى ھايۋانلارنى تۇتۇپ يىشىشكە قارشى تۇرۇشنى تەششەببۇس قىلدى. كەڭ ئاممىغا ياۋا ئۆسۈملۈكلەرنىڭ تەبىئىي ئېكولوگىيە سىستېمىسىدىكى رولىنى تەشۋىق قىلىپ، كەڭ ئاممىنىڭ ياۋا ئۆسۈملۈكلەرنى قوغداش ئېڭىنى ئۆسۈردى.
ئاپتونوم رايونلۇق ئورمانچىلىق نازارىتى ياۋا ئۆسۈملۈكلەرنى قوغداش ۋە باشقۇرۇش باشقارمىسىنىڭ مەسئۇلىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، نۆۋەتتە ئاپتونوم رايونىمىزدا ياۋا ئۆسۈملۈكلەر بايلىقىنىڭ ئاساسىي ماتېرىيالى ئاز، تۈر سانى ئېنىق ئەمەس، توغرا بولغان سانلىق مەلۇمات كەمچىل ئىكەن. بۇ قوغداش ئۈنۈمىگە تەسىر يەتكۈزۈۋېتىپتۇ. ئاپتونوم رايونىمىزدا ياۋا ئۆسۈملۈكلەر ۋە تەبىئىي ئېكولوگىيە سىستېمىسىنىڭ تارقىلىش دائىرىسى كەڭ بولۇپ، كۆپىنچىسى چەت، ئېگىز تاغلىق، قۇملۇق، چۆللۈك، قاقاسلىق قاتارلىق رايونلارغا تارقىلىپ، قوغداشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى چوڭ، تەننەرخى يۇقىرى ئىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە بىر قىسىم تۆمۈر يول، تېز سۈرئەتلىك تاشيول، سۇ باشلاش قۇرۇلۇشى، چېگرا ۋە ئوتلاق قاشالاش قاتارلىق ئەسلىھە قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىلغاندا، ياۋايى ھايۋانلارنى كۆچۈرىدىغان يانداشما يول ياسالمىغان. بۇ ياۋايى ھايۋانلارنىڭ كۆچۈش، يېمەكلىك، ئىچىدىغان سۇ ئىزدەش، كۆپىيىشى قاتارلىقلارغا يۇقىتىش خاراكتېرلىك تەسىرلەرنى كۆرسىتىۋېتىپتۇ. يەنە بىر قىسىم كان ئېچىش تۈرلىرى يولغا قويۇلغاندا مۇھىت ئاسراش تەدبىرلىرى قوللىنىلمىغانلىقتىن، ياۋا ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئۆسىدىغان يېرى ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراۋېتىپتۇ.  ياۋا ئۆسۈملۈكلەرنى بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ ياخشى قوغداش ئۈچۈن، ئورمانچىلىق تارماقلىرى خىزمەت سالمىقىنى داۋاملىق زورايتىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ قوغداش كۈچىنى كۈچەيتىشى كېرەك. ياۋا  ئۆسۈملۈكلەر بايلىقىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، جەمئىيەت، كوللېكتىپ، شەخسلەر ۋە كارخانىلارنى ياۋا ئۆسۈملۈكلەر بايلىقىنى قوغداشقا قاتنىشىشقا ئىلھاماندۇرۇش كېرەك. نەسىل مەنبىيىنىڭ بازا قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئىنتايىن ئاز ساندىكى يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان ياۋايى ھايۋانلارنى قۇتقۇزۇش، قوغداش سالمىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك.
ئوت چىقىۋاتقان ئويۇنلار