ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! بۈگۈن: مىلادىيە

يېڭى قىزىق نۇقتا : نېمە ئۈچۈن ئامېرىكىد نوبېل مۇكاپاتى نامزا پاسپورت دېگەن نىمە ؟ نوبېل مۇكاپاتى ھەققى

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > قوزام > سەرخىل ئوقۇشلۇق > جەمئىيەت > تولۇق مەزمۇنى

نوبېل مۇكاپاتى نامزاتى قانداق باھالىنىدۇ؟

ۋاقىت : 2015-04-06 20:13 | مەنبەسى : 未知 | ئاپتۇر : ئىزدەن | تەھرىر : ئىزدەن | كۆرۇلىشى : قېتىم

نوبېل مۇكاپاتى نامزاتى قانداق باھالىنىدۇ؟
 
تۇرسۇنجان نۇرمەمەت بىلگە
 
Nobel-prize-ceremony.jpg

نوبېل مۇكاپاتى ئىلىم-پەن ساھەسىدىكى ئەڭ نوپۇزلۇق مۇكاپات بولۇش سۈپىتى بىلەن ئىلىم-پەن ساھەسى ۋە جەمئىيەتتىكى قىززىق نۇقتىلارنىڭ بىرى. بىز بىراۋلارنىڭ نوبېل مۇكاپاتىغا نامزاتلىقىغا كۆرسىتىلىگەنلىكىگە دائىر ئۇچۇرلارنى ئاڭلاپ تۇرىمىز، ئۇنداقتا نوبېل مۇكاپاتى نامزاتلىرى قانداق كۆرسىتىلىدۇ ۋە قانداق باھالىنىدۇ؟ نوبېل تېنچلىق مۇكاپاتىدىن باشقا مۇكاپات تۈرلىرىنىڭ نامزاتلىرى ئاشكارىلانمايدىغان بولۇپ، ھەر قايسى پەن تۈرلىرىدە كىمنىڭ نامزاتلىققا كۆرسىتىلىدىغانلىقى ئادەتتە سىر تۇتۇلىدۇ. مەن تۆۋەندە ئۆزۈمگە بەكرەك تونۇشلۇق بولغان نوبېل فىزىئولوگىيە ياكى مېدىتسىنا مۇكاپاتىنى مىسال قىلىپ نامزاتلىققا كۆرسىتىش ۋە ئاخىرقى تاللاشقىچە بولغان جەريانلارنىڭ قانداق ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىمەن. باشقا مۇكاپاتلارنىڭ تەرتىپىمۇ ئوخشىشىپ كېتىدۇ.

نوبېل فىزىئولوگىيە ياكى مىدىتسىنا مۇكاپاتى سىتھوكلىم كارولىنىسكا ئىنىستىتۇتى نوبېل كىڭىشى تەرىپىدىن تارقىتىلىدۇ. بۇ كېڭەشنىڭ 50 ئەزاسى بار بولۇپ، ئۇلار 5 ئەزا ۋە بىر سېكىرىتاردىن تەشكىل تاپقان فىزىئولوگىيە ياكى مىدىتسىنا نوبېل كومىتېتى تەرىپىدىن كۆرسىتىلگەن كاندىداتلار ئىچىدىن ئەڭ كۆپ بېلەتكە ئېرىشكەن بىر كىشىنى تاللاپ چىقىدۇ. بۇ بېلەتنىڭ نەتىجىسى قانداق بولمىسۇن قەتئىي سۈلھى قىلىنمايدۇ. نوبېل كومتىتىدىكىلەرمۇ كاندىداتلارنى ئۆزى ياكى سالاھىيىتى توشىدىغان كىشىلەر تەرىپىدىن نامزاتلىققا كۆرسىتىلگەنلەرگە قاراپ چىقىپ ئاندىن ئۇلارنى ئەڭ ئاخىرقى قارار چىقىرىدىغان ئورۇن كارولىنىسكا ئىنىستىتۇتى نوبېل كىڭىشىغا نامزاتلىققا كۆرسىتىدۇ.

نوبېل مۇكاپاتىغا نامزاتلىققا كۆرسىتىش ھوقۇقىغا ئىگە كىشىلەر تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت:

1. سىتھوكلىم كارولىنىسكا ئىنىستىتۇتى نوبېل كىڭىشى ئەزالىرى؛
2. شىۋىتسىيە خانلىق پەنلەر ئاكادىمىيىسىنىڭ مىدىتسىناغا مۇناسىۋەتلىك ئەزالىرى ياكى چەتئەللىك ئەزالىرى؛
3. نوبېل فىزىئولوگىيە ياكى مىدىتسىنا مۇكاپاتىغا ئېرشكەن كىشىلەر؛
4. بىرىنچى تارماقتا دىيلگەن توپقا تەۋە بولمىغان فىزىئولوگىيە ياكى مىدىتسىنا نوبېل كومىتېتى ئەزالىرى؛
5. شىۋىتسيە ئۇنىۋىرستىتلىرى مىدىتسىنا فاكۇلتىتىنىڭ غوللۇق پىرافېسورلىرى ياكى ئوخشاش دەرىجىدىكى دانىيە، فېنلاندىيە، ئىسلاندىيە ۋە نورۋېگىيەلىك پىرافېسورلار؛
6. يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغاندىن باشقا دۆلەتلەردىكى ئوخشاش سالاھيەتتكى، مۇكاپاتنىڭ دۆلەت ۋە ئۆز تەتقىقات ساھەلىرىدە مۇۋاپىق تەڭپۇڭلاشتۇرۇلۇپ تارقىتىلىشىنى كۆزلىگەن، نوبېل كومتىتىدىكىلەرنىڭ تاللىشىغا مۇيەسسەر بولغان 6 دىن ئارتۇق پىرافىسورلارنىڭ بىرلەشمىسى؛ ۋە
7. باشقا تەبئىي پەن كەسىپلىرىدىكى نوبېل مۇكاپاتى كومىتېتىدىكىلەر مۇۋاپىق دەپ قارىغان تەتقىقاتچىلار.
يۇقىرىدىكى 6 ۋە 7-تارماقلاردىكى كىشىلەرنى نوبېل مۇكاپاتى كومىتېتىدىكىلەر ھەر يىلى 5-ئاينىڭ ئاخرىدىن بۇرۇن ئېنىق بىكىتىپ بولىدۇ.

نوبېل فىزىئولوگىيە ياكى مىدىتسىنا مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچىلەر تۆۋەندىكى جەريانلار بويىچە بېكىتىلىدۇ:

ئۆتكەن يىل 9-ئاي: نامزاتلىققا كۆرسىتىش جەدىۋىلى تارقىتىلىدۇ. نوبېل كېڭىشىدىكىلەر 3000 غا يىقىن جەدۋەلنى ئۆزلىرى تاللىغان دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى كۆزگە كۆرۈنگەن ئۇنىۋىرستىت پىرافېسورلىرى ۋە ئىلگىرىكى نوبېل مۇكاپات ئىگىلىرىگە ئەۋەتىدۇ.

بۇ يىل 2-ئاي: جەدۋەلنى تاپشۇرۇش ئاخىرقى چېكى. بۇ يىل 1-ئاينىڭ 31-كۈنىدىن بۇرۇن بارلىق توشقۇزۇلغان جەدۋەللەر نوبېل كومىتېتىغا تاپشۇرۇلىشى لازىم. نوبېك كومىتېتى نامزاتلىققا كۆرسىتىلگەن كىشىلەر ئىچىدىن دەسلەپكى نامزاتلارنى تاللاپ چىقىدۇ.

3-ئايدىن 5-ئايغىچە: مۇتەخەسېسلەرنىڭ مەسلىھەتىگە سېلىش. نوبېل كومىتېتى دەسلەپكى نامزاتلار تىزىملىكىنى ماس ھالدا ئالدىن تاللانغان ھەر قايسى تەتقىقات يۆنىلىشلىرىدىكى مۇتەخەسىسلەرگە ئەۋەتىپ ئۇلارنىڭ باھالىشىغا تاپشۇرىدۇ.

6-ئايدىن 8-ئايغىچە: دوكلاتلار يىزىلىدۇ.

9-ئاي: نوبېل كومىتېتى تەۋسىيە قىلىدىغان نامزاتلارنى نوبېل كېڭىشىگە تاپشۇرىدۇ. نوبېل كومىتېتى ئەڭ ئاخىرىدا تاللانغان نامزاتلار تىزىملىكىنى نوبېل كېڭىشىگە تاپشۇرىدۇ. نوبېل كېڭىشىدىكىلەر ئىككى قېتىملىق مەجلىستا بۇ نامزاتلار ئۈستىدە مۇزاكىرە ئىلىپ بارىدۇ.

10-ئاي: نوبېلغا ئېرىشكۈچى تاللىنىدۇ. ئوغۇز (ئۆكتەبىر) ئېيىنىڭ بېشىدا كارولىنىسكا ئىنىستىتۇتى نوبېل كېڭىشى بېلەت تاشلاش ئارقىلىق ئەڭ كۆپ بېلەتكە ئېرشكۈچى(لەر) نى تاللاپ، ھىچقانداق مۇرەسسەسىز دەرھال جامائەتكە تاللانغۇچى (لار) نىڭ ئىسمىنى ئېلان قىلىدۇ.
(ئادەتتە ئېلان قىلىشتىن بۇرۇن ئۇلار نوبېلغا ئېرىشكۈچىگە كېچىسى تېلىفۇن قىلىدۇ، شۇڭا نۇرغۇن نوبېلغا ئېرىشكۈچىلەر ناھايتى ھەيرانلىقتا بۇ خەۋەرنى ئاڭلايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا بۇنىڭ ئوغۇزدا قارار قېلىنىشىدىكى سەۋەب نوبېل ئوغۇزدا تۇغۇلغان)

12-ئاي: نوبېل ئىگىلىرى مۇكاپاتنى تاپشۇرۋالىدۇ. نوبېل مۇكاپاتى تارقىتىش مۇراسىمى ھەر يىلى كۆنەك (دىكابىر) نىڭ 10-كۈنى (نوبېل ۋاپات بولغان كۈن) شىۋىتسىيەنىڭ سىتھوكلىم شەھرىدە ئۆتكۈزۈلۈپ، نوبېلغا ئېرىشكۈچىلەر نوبېل مۇكاپاتى (نوبېل مېدالى، نوبېل دىپلومى ۋە مۇكاپات سوممىسى يىزىلغان رەسمىي ھۆججەتتىن تەركىب تاپىدۇ) نى تاپشۇرۇپ ئالىدۇ.

نوبېل مۇكاپاتىنىڭ ئاخىرقى تىزىملىكىدە نامزاتلىققا كۆرسىتىلگەنلەرنىڭ ئىسمى 50 يىلغىچە ئاشكارىلانمايدۇ.
ئوت چىقىۋاتقان ئويۇنلار