يېڭى قىزىق نۇقتا :
نېمە ئۈچۈن ئامېرىكىد
نوبېل مۇكاپاتى نامزا
پاسپورت دېگەن نىمە ؟
نوبېل مۇكاپاتى ھەققى
بىر تاماقخانىنىڭ سودىسى ئىنتايىن ياخشى ئىدى ، تاماقخانا خوجايىنى قىرىپ قالغاچقا سودىدىن قول ئۈزمەكچى بولۇپ ئۈچ دىرىكتورنى چاقىردى .
ئۇ ئاۋال بىر دىرىكتوردىن سورىدى :
- ئاۋال توخا بولغانمۇ ياكى تۇخۇم بولغانمۇ ؟
- ئاۋال توخا بولغان ، - دىدى دىرىكتور ئويلىنىۋالغاندىن كىيىن . خوجايىن ئىككىنچى دىرىكتوردىن سورىدى :
- ئاۋال توخا بولغانمۇ ياكى تۇخۇم بولغانمۇ ؟
- ئاۋال تۇخۇم بولغان ، - دىدى ئىككىنچى دىرىكتور كەسكىن قىلىپ . خوجايىن ئۈچىنچى دىرىكتوردىن سورىدى :
- ئاۋال توخا بولغانمۇ ياكى تۇخۇم بولغانمۇ ؟
- مىھمانلار ئاۋال توخا بۇيرۇتسا ، ئاۋال توخا بولغان بولىدۇ ؛ ئاۋال توخۇم بۇيرۇتسا ، ئاۋال توخۇم بولغان بولىدۇ .
خوجايىن كۈلۈپ قويدى ، ئۇزۇن ئۆتمەي ئۈچىنچى دىرىكتور باش دىرىكتورلۇققا تەيىنلەندى .- ئاۋال توخا پەيدا بولغانمۇ ياكى تۇخۇم پەيدا بولغانمۇ ؟ ئەگەر سىز بۇ سۇئالغا جاۋاب تەپىشنىلا ئويلىسىڭىز ، بىر نەچچە يىلدىمۇ توغرا جاۋابقا ئېرىشەلمەسلىكىڭىز مۈمكىن ، بىراق سىز سۇئالدىن چىكىنىپ چىقسىڭىزلا تەپەككۈر يوللىرى تېخىمۇ كىڭىيىدۇ . بىز تاشقى قىياپەتنىلا چىڭ تۇتىۋىلىپ ، يىڭى تەپەككۈر يولىنى ئاچالمىغان چىغىمىزدا ، نىمە ئۈچۈن باشقا نۇقتىدىن قاراپ ، كونا پىكىر يولىمىزنى ئىجادىيەت يولىغا ئۆزگەرتمەيمىز ؟