پراۋىنىڭ ۋاقتى ئۆتۈپ كەتسە قانداق قىلىش كېرەك؟ كېنىشكا ئالماشتۇرماي ماشىنا ھەيدىگەندەك قانداق ئاقىۋەت يۈز بېرىدۇ؟
بېيجىڭ شىچېڭ رايونىدىكى خۇ ئەپەندى يېقىندا چوڭ ئىش سادىر قىلدى، نەرسىلىرىنى رەتلەۋاتقاندا، ئۆزىنىڭ پراۋىسىنىڭ ئىككى يىل ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى بايقاپ قالدى! بۇ خۇ ئەپەندىنى جىددىيلەشتۈردى. ئەسلىدە ئىككى يىل ئىچىدە، ئۆزى دەرۋەقە كېنىشكىسىز ماشىنا ھەيدىگەن. بىراق بەخىتكە يارىشا خۇ ئەپەندى بۇ ئىككى يىلدا ھېچقانداق قاتناش ۋەقەسىگە ئۇچرىمىغان، بۇ ھەم ئۇنىڭ ئاۋارىچىلىقىنىڭ چوڭ بولۇشىنىڭ تۈپ سەۋەبى. ئەمما پراۋىنىڭ ۋاقتى ئۆتۈپ كەتسە قانداق قىلىش كېرەك؟ ئۆزى قايتىدىن شوپۇرلۇق ئىمتىھانىسى بېرىشى كېرەكمۇ؟ خۇ ئەپەندىگە ئوخشاش مۇشۇنداق دىققەت قىلماي پراۋىسىنىڭ ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەنلەر قانداق قىلىشى كېرەك؟ دىققىتىڭىز تۆۋەندىكىلەردە بولسۇن.
پراۋىنىڭ ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن ئۈچ خىل ئەھۋال پەيدا بولۇشى مۇمكىن:
1. پراۋىنىڭ ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن بىر يىل ئىچىدە، پراۋا تىزىملىكتىن چىقىرىۋېتىلمەيدۇ، شوپۇر پەقەت ئىناۋەتلىك مۇددىتى ئۆتۈپ كەتكەن بىر يىل ئىچىدە يېڭى كېنىشكىگە ئالماشتۇرىۋالسا بولىدۇ.
2. پراۋىنىڭ ئىناۋەتلىك مۇددىتى ئۆتۈپ كەتكىلى تولۇق بىر يىل بولغان بولسا پراۋا تىزىملىكتىن چىقىرۋېتىلىدۇ. تىزىملىكتىن چىقىرۋېتىلگەن پراۋىنىڭ ۋاقتى ئىككى يىلدىن ئېشىپ كەتمىگەن بولسا شوپۇر مۇناسىۋەتلىك ئىمتىھان ئارقىلىق پراۋىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەندىن كېيىن نورمال ئىشلىتەلەيدۇ.
3. پراۋا تىزىملىكتىن چىقىرۋېتىلىپ ئىككى يىل ئۆتكەن بولسا پراۋىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ ئىشلەتكىلى بولمايدۇ، شوپۇر چوقۇم نورمال جەريان بويىچە قايتىدىن ئىمتىھانىغا قاتنىشىپ پراۋا ئېلىشى كېرەك.
يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغىنى پراۋىنىڭ ئۈچ خىل ئەھۋالدىكى ۋاقىت ھالقىسى، پراۋىسى بار شەھەر ئاھالىلىرى كۆپرەك ئېسىدە ساقلىشى كېرەك. سىزنىڭ پراۋىڭىز ئىككىنچى ئەھۋالدا تۇرغان بولسا، پراۋىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ئېھتىياجلىق بولىسىز. بۇندىن سىرت، يەنە بىر نۇقتىغا چوقۇم دىققەت قىلىش كېرەك: پراۋىنىڭ ئىناۋەتلىك مۇددىتى ئۆتۈپ كەتسە ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسىنى ھەيدەپ يولغا چىقىشقا بولمايدۇ.
پراۋىنىڭ ۋاقتى ئۆتۈپ كېتىپ ماشىنا ھەيدەپ يولغا چىقسا قانداق بولىدۇ؟
يول قاتناش بىخەتەرلىك قانۇن-قائىدىسىدە بەلگىلەنگىنى بويىچە، شوپۇرلۇق پراۋىسىنىڭ ئىناۋەتلىك مۇددىتى ئادەتتە ئالتە يىل بولىدۇ، شوپۇر پراۋىسىنىڭ ئىناۋەتلىك مۇددىتى توشۇشتىن ئىلگىرىكى 90 كۈن ئىچىدە كېنىشكا ئالماشتۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىشى كېرەك. پراۋىنىڭ ئىناۋەتلىك مۇددىتى ئېشىپ كەتكەندىن كېيىن ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدەشكە بولمايدۇ. ئوخشاشلا يەنە ئىناۋەتلىك مۇددىتىدىن بىر يىلدىن يۇقىرى ئۆتۈپ كېتىپ كېنىشكا ئالماشتۇرمىغان بولسا، قاتناشنى باشقۇرۇش ئورۇنلىرى شۇ پراۋىنى تىزىملىكتىن چىقىرۋېتىشى كېرەك دەپ بەلگىلىگەن. شۇ سەۋەبتىن، شوپۇر چوقۇم پراۋىنىڭ ئىلاۋىسىدىكى ئىناۋەتلىك مۇددىتىگە دىققەت قىلىپ دەل ۋاقتىدا كېنىشكىنى ئالماشتۇرىۋېلىشى كېرەك.
مەسلەن، خۇ ئەپەندىنىڭ پراۋىسىنىڭ ئىناۋەتلىك مۇددىتى 2010-يىلى 1-ئاينىڭ 28-كۈنىدىن 2016-يىلى 1-ئاينىڭ 28-كۈنىگىچە، خۇ ئەپەندى چوقۇم 2016-يىلى 1-ئاينىڭ 28-كۈنىدىن ئىلگىرىكى 90 كۈندە كېنىشكا ئالماشتۇرۇش كەسپى بېجىرىشى كېرەك، ئەڭ كېچىككەن كېنىشكە ئالماشتۇرۇش مۆھلىتى 2017-يىلى 1-ئاينىڭ 28-كۈنى بولىدۇ، ئەمما بۇ مەزگىلدە خۇ ئەپەندى داۋاملىق ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدىسە بولمايدۇ. ئوخشاشلا، 2017-يىلى 1-ئاينىڭ 28-كۈنىدىن كېيىن، خۇ ئەپەندىنىڭ پراۋىسى تىزىملىكتىن چىقىرۋېتىلىدۇ. ناۋادا خۇ ئەپەندى پراۋىسىنىڭ ئىناۋەتلىك مۇددىتى توشقاندىن كېيىن كېنىشكا ئالماشتۇرمىغان ياكى تىزىملىكتىن چىقىرۋېتىلگەندىن كېيىن داۋاملىق ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدەپ يولغا چىققان بولۇپ، قاتناشنى باشقۇرۇش ئورۇنلىرى تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغاندىن كېيىن، قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش ئەھۋالىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن، 200 يۈەندىن يۇقىرى 2000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە تۆلەشكە دۇچ كېلىدۇ، ھەتتا 15 كۈندىن تۆۋەن قانۇن بويىچە مەمۇرىي جەھەتتىن تۇتۇپ تۇرۇش جازاسىغا دۇچ كېلىدۇ.
بەلگىلەنگەن ۋاقىت ئىچىدە كېنىشكا ئالماشتۇرۇشقا ئىلاجىسىز بولسا قانداق قىلىش كېرەك؟
بەلگىلىمىگە ئاساسەن، شوپۇر چوقۇم ئىناۋەتلىك مۇددىتىدىن ئىلگىرىكى 90 كۈندە يېڭى پراۋىغا ئالماشتۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىشى كېرەك. ئەمما بىر قىسىم شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ خۇسۇسى مەسىلىسى ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتەش، چەتئەلگە چىقىش قاتارلىق سەۋەبلەر بولۇپ بەلگىلەنگەن ۋاقىت ئىچىدە كېنىشكا ئالماشتۇرۇشقا ئامالسىز بولسا، ئۇنداقتا قانداق قىلىش كېرەك؟
ناۋادا شوپۇر ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتەش، چەتئەلگە چىقىش قاتارلىق سەۋەپ تۈپەيلىدىن بەلگىلەنگەن ۋاقىت ئىچىدە كېنىشكا ئالماشتۇرۇشقا ئامالسىز بولسا، شوپۇر پراۋىنى تەكشۈرۈش ئىناۋەتلىك مۇددىتى ئىچىدە پراۋىنى تارقاتقان جايدىكى ماشىنا باشقۇرۇش ئورنىغا مۇددىتىنى ئۇزارتىپ كېنىشكا ئالماشتۇرۇش رەسمىيىتى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. بۇندىن سىرت، ئىلتىماس قىلغان ئۇزارتىش مۇددىتى ئەڭ ئۇزۇن بولغاندا ئۈچ يىلدىن ئېشىپ كەتسە بولمايدۇ، دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك بولغىنى، مۇددىتى ئۇزارتىلغان مەزگىلدە، شوپۇر ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدىسە بولمايدۇ.
شوپۇر مۇددىتىنى ئۇزارتىپ كېنىشكا ئالماشتۇرۇشنى ئىلتىماس قىلغاندا، تاپشۇرىدىغان ماتىرىياللا كىملىكنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىسىدىن ئىككى پارچە (ئالدى-ئارقا يۈز) ۋە پراۋىنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىسى (ئەسلى نۇسخا ۋە كۆپەيتمە نۇسخا) دىن سىرت، يەنە مۇددىتىنى ئۇزارتىش ئىش سەۋەبى ئىسپاتىنى تاپشۇرۇش كېرەك، ئۇ قىسىمغا كىرىش ئۇقتۇرۇشنامىسى، ھەربىيلىك كېنىشكىسى، چېگرادىن-كىرىپ چىقىش ئىناۋەتلىك ۋىزىسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
مۇددىتى ئۆتۈپ كېتىپ كېنىشكا ئالماشتۇرۇشتا قايسى ماتىرىياللارنى تەييارلاش كېرەك؟
1. شوپۇرنىڭ كىملىك ئىسپاتى؛
2. شوپۇرلۇق پراۋىسى؛
3. ناھىيە دەرىجىلىك ياكى ھەربىي قىسىم تۈەن دەرىجىلىكتىن يۇقىرى داۋالاش ئورگىنى چىقارغان مۇناسىۋەتلىك بەدەن شارائىتى ئىسپاتى. مېيىپلار مەخسۇس ئىشلىتىدىغان كىچىك تىپتىكى ئاپتوماتىك خوتلۇق يولۇچى ئولتۇرىدىغان ماشىنا پراۋىسىنى ئىلتىماس قىلغانلار چوقۇم ئۆلكە دەرىجىلىك سەھىيە باشقۇرۇش ئورۇنلىرى بېكىتكەن مەخسۇس داۋالاش ئورەىنى چىقارغان مۇناسىۋەتلىك بەدەن شارائىتى ئىسپاتىنى تاپشۇرۇشى كېرەك.
لازىملىق ماتىرىياللار ئاددى قىلىپ ئېيىتقاندا يەننى كىملىك ۋە كۆپەيتىلگەن نۇسخىسى، بەدەن تەكشۈرۈش ئىسپاتى، ئۈچ پارچە بىر سۇڭلۇڭ يېقىنقى مەزگىلدىكى تىگى ئاق رەڭلىك سۈرەت ۋە ئەسلى پراۋا.
جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]