خەرىتە | پىكىر دەپتىرى | RSS | خەتكۇچ | USY | ULY | 中文 |
ئالىم بالام سەرخىل ئوقۇشلۇق MP3 ناخشىلار كارتون فىلىم ئۆگىنىش قانىلى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

بالىلار ۋە تېپىشماق ئويۇنى

بەشتاش(www.baxtax.cn)ئاپتۇر : ئويچان2015-10-10 01:53



بالىلار ۋە تېپىشماق ئويۇنى
 
بالىلار ۋە تېپىشماق ئويۇنى

    ‹‹تېپىشماق›› سۆزىدىنلا، ئۇنىڭ بىر خىل زېھىن سىناش ئىكەنلىكى مەلۇم. تېپىشماقلىرىمىز قۇرۇلما جەھەتتىن قىسقا، ئوبرازلىق، مەزمۇنى چوڭقۇر. ئۇنىڭ بۇ ئالاھىدىلىكى، بالىلارنىڭ زېھنىنى ئېچىپ، پىكىر قىلىش قابىلىيىتىنى يېتىلدۈرۈپ، ئۇلارنىڭ تەبىئەت ۋە جەمئىيەت ھادىسىلىرى ھەققىدىكى چۈشەنچىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا مۇئەييەن پايدىلىنىشچانلىققا ئىگە.

    ئەجدادلىرىمىز بالىلارنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈشتە ئەزەلدىن تېپىشماقلارنىڭ رولىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەن. چۈنكى، بالىلارنىڭ خاراكتېرى ۋە پىسخىك ئالاھىدىلىكىگە ئاساسلانغاندا، ئۇلار تېپىشماق خاراكتېرلىك نەرسىلەرگە ئالاھىدە قىزىقىدۇ. بۇنداق بولۇشى تېپىشماقلارنىڭ تىلى راۋان، ئاددىي ھەم ئوبرازلىق، جەلپكار بولغانلىقىدا. مەسىلەن: ‹‹ئۆزى ماڭار، ئىزى يوق، ماڭلىيىدا كۆزى يوق(كېمە)››. بۇ تېپىشماق بالىلارنى بەكمۇ ئويغا سالىدۇ. مۇھىتىدا شۇنداق نەرسە بار زېرەكلەر بۇنى تاپالىغىنى بىلەن، سۇ قاتنىشىدىن يىراق جايلاردىكى بالىلار ئۈچۈن بۇ راستلا قىيىن مۇئەمما. شۇنداقتىمۇ تېپىشماقنى ئېيتقۇچى ئۇنىڭ مەنىسىنى يېشىپ بەرگىنىدە، بالىلارنىڭ تەسەۋۇرىدا ئۇ غايىۋانە گەۋدىلىنىدۇ. مۇھىمى، بالىلار بۇنىڭدىن شەيئىلەرنى ئوبرازلىق ئىپادىلەشنى ئاڭقىرىۋالالايدۇ.

    بەزى تېپىشماقلاردا شەيئىلەرنىڭ تاشقى تەسۋىرى ئاساس قىلىنماستىن، ئۇنىڭ ھالىتى ياكى ھەرىكىتى ئاساس قىلىنىدۇ. مەسىلەن: ‹‹كۆمسەم كۆمۈلمەس، تەپسەم تېپىلمەس. ماڭسام ماڭىدۇ، تۇرسام تۇرىدۇ(سايە). ‹‹ئۇ كاچىتىمغا ئۇرىدۇ، بۇ كاچىتىمغا ئۇرىدۇ. مەن ھېچ گۇنا قىلمىسام، مېنى نېمىشقا ئۇرىدۇ؟›› (ئەگلەك).

    جەمئىيەت تەرەققىياتى بىلەن خەلقىمىزنىڭ تۇرمۇشىدا غايەت زور ئۆزگىرىشلەر بولدى. كونا شەيئىنىڭ ئورنىنى يېڭى شەيئى ئىگىلىدى، ئاددىيسى جىنچىراغ، لامپا، پەنەرلىرىمىزنىڭ ئورنىنى ئېلېكتىر چىراغلىرى، پىيادە، ئات – ئۇلاغلىق سەپەرلىرىمىزنىڭ ئورنىنى ئاپتوموبىل، پويىز، ئايروپىلان ئالدى. كىشىلەرنىڭ ھاياتقا، كىشىلىك تۇرمۇشقا بولغان قارىشىدىمۇ زور ئۆزگىرىش بولدى، بۇنىڭ بىلەن، بالىلارنىڭ يېڭىدىن بارلىققا كەلگەن ۋە كېلىۋاتقان شەيئىلەرنى بىلىش، ئۆزگىرىۋاتقان ئىجتىمائىي مۇھىتنى تونۇش ۋە چۈشىنىش تەقەززاسى ئاشتى. بۇ يېڭىدىن – يېڭى تېپىشماقلارنىڭ ئىجاد قىلىنىشىغا تۈرتكە بولدى. تېپىشماقلار مەزمۇن جەھەتتىن ئۈزلۈكسىز بېيىپ، يېڭى شەيئىلەر تېپىشماقلاردا ئۆز ئىپادىسىنى تېپىشقا باشلىدى. مەسىلەن: ‹‹يۇلتۇزمىكىن دېمەڭلار، يىراق ئەمەس يۇلتۇزدەك. يۇلتۇزلاردەك نۇر چاچار، كېچە بولار كۈندۈزدەك (ئېلېكتىر چىراغ).››، ‹‹گاھ ئۈستەلدە، گاھ تامدا، گاھ بىلەكتە، گاھ ياندا. چىكىلدايدۇ يېقىملىق، كېرەكتۇر ھەر قاچاندا (سائەت).››، ‹‹يول ماڭمايسەن يىراققا، ئالساڭ دەرھال قۇلاققا. جاۋاب كېلەر شۇ ھامان، سەن سورىغان سوراققا. ئوخشاش ئۇنىڭ سۈرئىتى، شەھەر، سەھرا ھەم تاغقا؟›› (تېلېفون)

    يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بەزى يازغۇچى، شائىرلىرىمىز خەلق تېپىشماقلىرىنى ئۈلگە قىلغان ئاساستا يېڭى تېپىشماقلارنى ئىجاد قىلىپ، ئۇنىڭ مەزمۇنىنى بېيىتتى، رەڭدارلىقىنى ئاشۇردى. بەزى تېپىشماقلاردا ئوتتۇرىغا قويۇلغان پىكىر بىرقەدەر مۇرەككەپ. بۇنداق تېپىشماقلار بالىلارنىڭ ئوبرازلىق ۋە لوگىكىلىق تەپەككۇر ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشكە ياردەم بېرىدۇ. مەسىلەن:

    ‹‹ئۇزۇن ئارقان تۇتاشقىنى، مۆكۈشىدۇ، كۆرۈشمەيدۇ.

    ئاداۋىتى بارمىكىن تاڭ؟! بىر سورۇندا كۈلۈشمەيدۇ. ئۇچرىشاي دېگەندە، قىزىرىشىپ جىمىقىدۇ.

    تەبىئەتنىڭ ئويۇنى بۇ، سىرلىرىنى كىم يېشىدۇ؟››

    (كۈندۈز بىلەن كېچە)

    بۇنداق تېپىشماقلارنى بالىلارنىڭ تېپىشى قىيىنراق بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ تىلى راۋان، ئوبرازلىق، ئاھاڭدار، جەلپ قىلارلىق بولغانلىقتىن، بالىلار بىرقانچە قېتىم ئوقۇسا ياكى ئاڭلىسا يادقا ئېلىۋالالايدۇ. زىھنىنى يىغىپ پىكىر يۈرگۈزسە تېز تاپالايدۇ. يىغىنچاقلىغاندا، تېپىشماقلارنىڭ تەربىيەۋى رولى بالىلارنىڭ تەسەۋۋۇرىنى بېيىتىش، پىكىر قىلىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈش، زېھنىي قۇۋۋىتىنى ئاشۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ؛ بالىلارنىڭ دۇنيا قارىشىنىڭ شەكىللىنىشى، ئۆزگىرىشى، ئەخلاق – پەزىلىتى، ئېستېتىك قىزىقىشى، غايىسى قاتارلىقلارغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىدۇ.

 
بۇ تېما سىزگە يارىغان، ياردەم بەرگەن بولسا،ھەمبەھىرلەڭ،ساقلىۋىلىڭ:

بالىلار ناخشىلىرى

سۇئال پىلان خۇلاسە تۈزۈم مائارىپ تەتقىقات
 ئوقۇتقۇچى توغرىسىدا - ئ

ئاز سانلىق مىللەتلەر ‹‹قوش تىل›› مائا

جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]

پاكىز ئويۇنلار