خەرىتە | پىكىر دەپتىرى | RSS | خەتكۇچ | USY | ULY | 中文 |
ئالىم بالام سەرخىل ئوقۇشلۇق MP3 ناخشىلار كارتون فىلىم ئۆگىنىش قانىلى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

بالىلارنى ئۇسسۇل مەشىقى قىلدۇرغاندا دىققەت قىلىدىغان نۇقتىلار

بەشتاش(www.baxtax.cn)ئاپتۇر : ئويچان2015-10-10 01:55




بالىلارنى ئۇسسۇل مەشىقى قىلدۇرغاندا دىققەت قىلىدىغان نۇقتىلار

 
بالىلارنى ئۇسسۇل مەشىقى قىلدۇرغاندا دىققەت قىلىدىغان نۇقتىلار

    سۆڭەك كېسەللىرى مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ كۆرسىتىشىچە، بالىلارغا ئۇسسۇل ئۆگەتكەندە تەربىيەچى توغرا يېتەكچىلىك قىلىشى، ئۇلارنى مەشىق جەريانىدا ياخشى قوغداپ، ھەرىكەتنىڭ بەك چوڭ ياكى ھەددىدىن ئارتۇق بولۇشى سەۋەبىدىن بەدەننىڭ زەخىملىنىشىدىن ساقلىنىشى كېرەك ئىكەن. بالىلار ئۇسسۇل مەشىق قىلغاندا سۆڭەك زەخىملىنىشنىڭ كېلىپ چىقىش – چىقماسلىقى بەدەن ساپاسى جەھەتتىكى پەرققە باغلىق. بەزى بالىلار ئادەتتىكى ھەرىكەتلەرنى قىلسىمۇ بوغۇملىرى ئاغرىشى مۇمكىن، بەزى بالىلار نىسبەتەن ئۇزاق ۋاقىت ھەرىكەت قىلسىمۇ ئاغرىش ھېس قىلماسلىقى مۇمكىن. ئەگەر ئۇسسۇل مەشىق قىلغان ۋاقتى نورمىدىن ئېشىپ كەتسە، گەرچە جىددىي زەخىملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقارمىسىمۇ، ئۇلار ئوتتۇرا ياشقا بارغاندا، بەزى مەسىلىلەر كېلىپ چىقىشى مۇمكىن. ئۇنىڭ ئاساسلىق ئالامىتى بوغۇم ئاغرىش، ئېغىر بولغاندا بويۇن ئومۇرتقا ۋە بەل ئومۇرتقا كېسىلى كۆرۈلۈش، يەنە بەزى بالىلاردا ئۇسسۇل ئۆگىنىش داۋامىدا جىددىي خاراكتېرلىك يانپاش بوغۇمى يەللىكى ۋە تىز بوغۇمى زەخىملىنىش كۆرۈلىدۇ. چەت ئەللەردە، ئادەتتە، بالىلار ئون ياشتىن ئاشقاندىلا، ئاندىن زور ھەرىكەت تەلەپ قىلىدىغان ئاساسىي ماھارەت مەشىقىنى قوبۇل قىلىدىكەن. ئەنگلىيەدە ئۇسسۇل ئوقۇتقۇچىسى ئادەم ئاناتومىيەسنى ئۆگىنىپ، بالىلارنىڭ سۆڭەك مۇسكۇل ئالاھىدىلىكىنى ئىگىلەپ، ئۇسسۇل ئۆگىتىش داۋامىدا ئۇلارنى زەخىملەندۈرۈپ قويۇشتىن ساقلىنىدىكەن. ئېلىمىزدە نۇرغۇن ئۇسسۇل ئوقۇتقۇچىلىرى بۇ جەھەتتىكى بىلىملەرنى تولۇق ئىگىلىيەلمىگەن، ھەتتا ئۇلارنىڭ خاتا يېتەكلىشى بىلەن ئائىلە باشلىقلىرىدىمۇ ‹‹بالىلار كىچىكىدىن باشلاپلا جاپاغا چىداپ مەشىق قىلىشى كېرەك››، دېگەن خاتا چۈشەنچىنى پەيدا قىلغان. بۇ بالىلارغا، ئەمەلىيەتتە، بىر خىل فىزىيولوگىيە ۋە پىسخىكا جەھەتتىن قوش زىيان يەتكۈزگەنلىك.

    سۆڭەك كېسەللىرى مۇتەخەسسىسلىرى ئاتا – ئانىلارنى ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دەيدۇ: بالىلارنى ئۇسسۇل ئۆگىنىشكە مەجبۇرلاشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق. ئەگەر بالىلاردا ئۇسسۇل تالانتى ۋە قىزىقىشى بولسا، بۇنداق بالىلارغا ئۇسسۇل ئۆگىتىشكە بولىدۇ. لېكىن تۆۋەندىكى بىر نەچچە نۇقتىغا دىققەت قىلىش كېرەك: مەشىق پىلانىنى ئادەمگە قاراپ پەرقلەندۈرۈپ تۈزۈش؛ مەشىقتىن بۇرۇن بەدەن قىزىتىشقا ئەھمىيەت بېرىش؛ ئاساسىي مەشىقنى تەرتىپلىك ئىشلەش، بەك كۆپ بولۇپ كەتمەسلىك؛ بالىلارنىڭ ئەسلىگە كېلىش ئىقتىدارىغا ئاساسەن مەشىق ۋەزىپىسىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش؛ جىددىي زەخىملىنىش يۈز بەرگەندە نوقۇل ئاغرىق توختىتىش دورىسىنى ئىشلىتىپلا قالماي، زەخىمنىڭ تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن، ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ داۋالىتىش، يارىلانغاندىن كېيىن ئاز بولغاندىمۇ ئالتە ھەپتە ئارام ئالدۇرۇپ، ئاندىن مەشىق قىلدۇرۇش لازىم.

 
بۇ تېما سىزگە يارىغان، ياردەم بەرگەن بولسا،ھەمبەھىرلەڭ،ساقلىۋىلىڭ:

بالىلار ناخشىلىرى

سۇئال پىلان خۇلاسە تۈزۈم مائارىپ تەتقىقات
 ئوقۇتقۇچى توغرىسىدا - ئ

ئاز سانلىق مىللەتلەر ‹‹قوش تىل›› مائا

جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]

پاكىز ئويۇنلار