ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! بۈگۈن: مىلادىيە

يېڭى قىزىق نۇقتا : 2015-يىللىق«نوبېل خېمى 2015-يىللىق نوبېل فىزى ئۆلۈپ كەتكەن Paul Walker س ئانتېننا

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > قوزام > سەرخىل ئوقۇشلۇق > تېخنىكا > تولۇق مەزمۇنى

2015-يىللىق نوبېل فىزىئولوگىيە ياكى مېدىتسىنا مۇكاپاتى

ۋاقىت : 2015-10-10 01:42 | مەنبەسى : 未知 | ئاپتۇر : ئويچان | تەھرىر : ئويچان | كۆرۇلىشى : قېتىم
 
2015-يىللىق نوبېل فىزىئولوگىيە ياكى مېدىتسىنا مۇكاپاتى


2015-يىللىق نوبېل مۇكاپاتلىرى بۈگۈندىن باشلاپ ئېلان قىلىنىشقا باشلىغان بولۇپ، 10-ئاينىڭ 5-كۈنى لوندون ۋاقتى ئەتىگەن سائەت 11:30 دە فىزىئولوگىيە ياكى مېدىتسىنا مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچىلەرنىڭ تىزىملىكى تۇنجى بولۇپ ئېلان قىلىندى (يېرىم سائەت ئىلگىرى). نوبېل فىزىكا مۇكاپاتى 6-ئۆكتەبىر، نوبېل خېمىيە مۇكاپاتى 7-ئۆكتەبىر، نوبېل تېنچلىق مۇكاپاتى 9-ئۆكتەبىر، نوبېل ئىقتىساد مۇكاپاتى 12- ئۆكتەبىر ئېلان قىلىنىدىكەن. نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنىڭ ئېلان قىلىنىش ۋاقتى تېخى بېكىتىلمەپتۇ.

بۇ يىللىق نوبېل فىزىئولوگىيە ياكى مېدىتسىنا مۇكاپاتى بايانى تۆۋەندىكىچە:

2015-يىللىق نوبېل فىزىئولوگىيە ياكى مېدىتسىنا مۇكاپاتى بىر نەچچە كىشىگە بۆلۈپ بېرىلدى، بۇ مۇكاپاتنىڭ يېرىمى ۋىلىيام كامپبېل ۋە ساتوشى ئومۇرانىڭ "شارچىسىمان قۇرت پارازىتتىن يۇقۇملىنىشقا قارشى يېڭى داۋالاش ئۇسۇللىرى ئۈستىدىكى بايقاشلىرى ئۈچۈن، يەنە بىر يېرىمى تۇ يوۋيوۋنىڭ بەزگەك كېسىلىنى داۋالاشنىڭ يېڭى ئۇسۇللىرى ئۈستىدىكى بايقاشلىرى ئۈچۈن بېرىلدى.

بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىلەر ئىچىدە ۋىلىيام كامپبېل ئامېرىكا نىۋجىرسىي شىتاتىدىكى جىرۇۋ ئۇنىۋېرستېتىنىڭ پېنسىيەگە چىققان مىكروبىئولوگىيە ئالىمى؛ ساتوشى ئومۇرا بولسا ياپونىيە كىتاساتو ئۇنىۋېرستېتىنىڭ مىكروبىئولوگىيە ئالىمى؛ تۇ يوۋيوۋ (ئىنگلىزچە Youyou TuK) بولسا جۇڭگو تىبابىتى ئاكادىمىيىسىنىڭ مېدىتسىنا ئالىمى ئىكەن.
2015-يىللىق نوبېل فىزىئولوگىيە ياكى مېدىتسىنا مۇكاپاتى 2015-يىللىق نوبېل فىزىئولوگىيە ياكى مېدىتسىنا مۇكاپاتى
2015-يىللىق نوبېل فىزىئولوگىيە ياكى مېدىتسىنا مۇكاپاتى


نەق مەيدانغا كەلگەن جۇڭگو مۇخبىرلىرى تەبئىي پەن ساھەسىدىكى نوبېل مۇكاپاتىنىڭ تۇنجى قېتىم جۇڭگو ئالىمىغا بېرىلگەنلىكىدىن ناھايىتى ھاياجانلانغانلىقىنى بايان قىلدى ۋە بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچى جۇڭگو ئالىمى تۇ يوۋيوۋنىڭ تۆھپىسىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكى ۋە بۇ مۇكاپاتنى ئەنئەنىۋى مېدىتىسنا ياكى يەرلىك تىبابەت دورىلىرى ئۈچۈن بېرىلگەن دەپ چۈشىنىشكە بولىدىغان بولمايدىغانلىقى ھەققىدە سوئال سورىدى. مەزكۇر مۇكاپاتنى تارقىتىشقا مەسئۇل شىۋىتسىيە كارولىنىسكا ئىنىستىتۇتىنىڭ ئالىملىرى بۇ سوئاللارغا ئەتراپلىق چۈشەنچە بەردى. ئۇلار تۇ يوۋيوۋنىڭ بەزگەك كېسىلىنى داۋالاشتا ئىنتايىن ئۈنۈملۈك بولغان بىر دورىنى 700 يىل بۇرۇنقى جۇڭگو تىبابىتى رىتسىپىدا ئىشلىتىلگەن ئۆسۈملۈك دورىلاردىن ئىلھام ئېلىپ، شۇ دورىلار ئىچىدىكى ئاكتىپ ماددىنى ئايرىپ چىقىپ ئۇنى ھايۋانلاردا سىناق قىلىپ مۇۋاپىققىيەت قازانغانلىقى، كېيىن ئۇ دورىنىڭ خېمىيىلىك تۈزۈلۈشىنى ئېنىقلاپ چىقىپ ئىنسسانلاردا سىناق قىلىپ ئىنتايىن ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشكەنلىكى ۋە بۇ كېسەلنى داۋالاشقا زور تۆھپە قوشقانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈردى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇلار بۇ مۇكاپاتنىڭ ھەرگىزمۇ ئەنئەنىۋى جۇڭگو تىبابىتىگە بېرىلمىگەنلىكى ۋە تەبئىي يەرلىك دورىلارغىمۇ بېرىلمىگەنلىكى، ئەكسىچە شۇ خىل ئەنئەنىۋى رىتسىپلارغا ئاساسەن بايقالغان يەككە ئاكتىپ ماددىنى ئايرىپ چىقىلغانلىقى ۋە ھازىرقى زامان تېخنىكىسى بىلەن باشقا دورىلارغا ئوخشاش كىلىنىكىلىق سىناقلاردىن ئۆتۈپ، ئېنىق خېمىيىلىك تۈزۈلۈشى ئايدىڭ بولغان دورىنىڭ كەشىپ قىلىنغانلىقى ئۈچۈن بېرىلگەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ھازىرغىچە مەلۇم بولۇشىچە، بۇ ئۈچ ئالىم ئىچىدە پەقەت ياپونىيە ئالىمى دوكتور ئومۇرا بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىكىدىن خەۋەر تاپقان ۋە ئىنتايىن مەمنۇن بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن، ئەمما قالغان ئىككى ئالىم بىلەن تېخى ئالاقىلىشىش مۇمكىن بولمىغان. ھازىرغىچە شارچىسىمان پارازىت ۋە بەزگەك قاتارلىق پارازىتلاردىن يۇقۇملىنىش ئىنسانلار ۋە ئۆي ھايۋانلىرىدا ناھايىتى كۆپ ئۇچرايدىغان بولۇپ ئىنسانىيەتكە زور بالايىئاپەت ئېلىپ كەلگەن. بۇ يىللىق نوبېل ساھىبلىرى بۇ كېسەللەرنى داۋالاشقا زور تۆھپە قوشقان بولۇپ، بۇ خىل يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر ساھەسىگە ئالدىنقى قېتىم 2008-يىلى نوبېل فىزىئولوگىيە ياكى مېدىتسىنا مۇكاپاتى بېرىلگەن ئىكەن (يەنى بالياتقۇ بوينى راكىنى كەلتۈرۈپ چىقارغۇچى ۋىرۇسنى بايقىغان ئالىملارغا بېرىلگەن).

قوشۇمچە: ئۇيغۇر خەلقىنىڭ پەخىرلىك ئالىمى شۆھرەت مۇتەللىپ غول ھۈجەيرە ساھەسىدە زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ 2013-يىلى دۇنياغا ئەڭ زور تەسىر كۆرسەتكەن ئون ئالىمنىڭ بىرى بولۇپ باھالانغان ھەمدە نۇرغۇن كىشىلىرىمىز ئۇنى نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشىپ قىلىشى مۇمكىن دەپ قاراپ كەلمەكتە. ئەمما غول ھۈجەيرە ساھەسىگە ئالدىنقى قېتىم پەقەت 3 يىلنىڭ ئالدىدا نوبېل مۇكاپاتى بېرىلگەن بولۇپ، بەلكىم يەنە بىر نەچچە يىل ئىچىدە بۇ ساھە قايتىدىن نوبېل كومېتىتىدىكىلەرنىڭ دىققىتىگە سازاۋەر بولۇشى مۇمكىن. دېمەك، بۇ نەتىجە ئۇيغۇر ئالىمى شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ بۇ يىللىق نوبېل مۇكاپاتىغا تاللانمىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئەلۋەتتە، بۇ خىل تەققازالىق ئىچىدە ساقلاش كىلەر يىلى يەنە داۋاملىشىدۇ.
بىلگەجان (سان ئانتونىيو، ئامېرىكا)
 
ئوت چىقىۋاتقان ئويۇنلار