يېڭى قىزىق نۇقتا :
ئۆلۈپ كەتكەن Paul Walker س
ئانتېننا
wifi سىگنالىنى ئېچىش ۋ
كومپيۇتېرنىڭ سەپلىم
ئامېرىكىدىكى <<ۋاشىنگتون>> تور بىكىتى 27-فېۋرال ئېلان قىلغان خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى: دۆلەت بىخەتەرلىك مۇھاپىزەت شىركىتى ئاشكارلىغان خەۋەردە ئېيتىلىشچە، ئىراننىڭ يادرو پىلانىغا توردا مەخپىي بۇزغۇنچىلىق قىلىش ھەرىكىتى 2005-يىلىلا باشلانغانىكەن، ئۇنىڭ بۇزغۇنچىلىق قىلىش كۈچى مۆلچەرىمىزدىكىدىن خىلىلا زور مىش. بۇ قېتىم تارقىتىلغان ۋىرۇس- <<تور>> ھە دېگەندىلا ئىراننىڭ ناتالىز ئۇران زاۋۇتىدىكى سېنتىرىفوگنىڭ سۈرىتىگە تەسىر كۆرسىتىپ، ئاخىرىدا ئۇنى پۈتۈنلەي پالەچلەندۈرگەنمىش.
ئەمەلىيەتتە ئامېرىكىنىڭ <<ئولىمپىك>> ناملىق بۇ مەخپىي تور پىلانى خېلى بۇرۇنلا باشلانغان، ئەينى چاغدىكى زۇڭتۇڭ كىچىك بۇش ھەر قانداق چارىدىن پايدىلىنىپ بولسىمۇ، ئىراننىڭ يادرو ئەسلىھەسىنى چەكلەش بۇيرىقى چۈشۈرگەنىدى. بۇ پىلاندىن خەۋەردار بىرى مۇنداق دېدى: << <تور> ناملىق بۇ ۋىرۇسنى مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ قارىمىقىدىكى دۆلەت خەۋپىسىزلىك ئىدارىسىنىڭ مۇتەخەسسىسلىرى ياسىغان>>.