يېڭى قىزىق نۇقتا :
ئۆلۈپ كەتكەن Paul Walker س
ئانتېننا
wifi سىگنالىنى ئېچىش ۋ
كومپيۇتېرنىڭ سەپلىم
يانفۇننىڭ يېڭى كونىلىقىنى بىلىش ئۇسۇلىبىز ئادەتتە يانفۇن سېتىۋالغاندا سىرىتقى قىسمىغا قاراپلا كونا يېڭى ئىكەنلىكىگە باھا بىرىمىز ، ئەمىليەتتە بازاردا سېتىلىۋاتقان يانفۇنلارنىڭ ھەممىسىنى يېڭى دەپ كەتكىلى بولمايدۇ ، چۈنكى ھازىر كونا يانفۇنلارنى يىغىپ تاش قېپىنى ئالماشتۇرۇپ تازىلاپ يېڭى دەپ ساتىدىغان ئەھۋالمۇ يوق ئەمەس . خەنزۇچە بۇنى «翻新» دەيدىكەن.
مۇشۇنداق «翻新» يانفۇنلارنى پەرق ئىتىش ئۇسۇلىدىن ئىككى خىلىنى تورداشلارغا سۇندۇم.
1- خىل ئۇسۇل سىز ئالماقچى بولغان يانفۇننىڭ باشقا جايلىرىغا قارىماي تۇرۇپلا ئۇنىڭ توك قاچىلاش ئىغىزىغا قاراڭ ، بۇ جاي بىۋاستە يانفۇن ئاساسىي تاختىسىغا چېتىلغان بولۇپ ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن پۇل كىتىدۇ ئادەتتە «翻新» يانفۇن ساتىدىغانلار ئازىراق پايدا بولسىمۇ ئۆزىگە قالسۇن دەپ ئالماشتۇرمايدۇ.
توك قاچىلاش ئېغىزى ۋە USB ئېغىزىغا تەپسىلىي قارىسىڭىز بۇ يانغۇننىڭ يېڭى ياكى كونا ئىكەنلىكىنى ئېنىق بىلەلەيسىز.
2 - خىل ئۇسۇل يانفۇننىڭ كەينى قېپىنى ئېچىپ باتارىيەنى ئېلىۋىتىپ بۇرنىڭىزغا يېقىن ئەككىلىپ پۇرىسىڭىز بىر خىل رېمۇنىت قىلغان چاغدا چىقىدىغان بىر خىل پۇراق چىقىدۇ ، ياكى بىرخىل ئەتىر پۇرىقى پۇرايدۇ ، يېڭى يانفۇن بولسا ئۇنداق ئەمەس ، بۇنى سىز سىناپ بېقىپلا بىلەلەيسىز.
قېنى سىزمۇ بۇ ئۇسۇلنى ئىشلىتىپ بېقىپ ئەسقېتىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس، پۇلمۇ چىڭ يەردىن چىقىدىغان بولۇپ كەتتى ھازىر ، شۇڭا يانفۇن سېتىۋالغاندا ئالدىراپ كەتمەي كۆپ كۆرۈپ سىناپ سېتىۋىلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.