يېڭى قىزىق نۇقتا :
2015-يىللىق نوبېل فىزى
ئۆلۈپ كەتكەن Paul Walker س
ئانتېننا
كومپىيۇتېر ئېچىلىش ئ
سۈرئەت ۋە ھېسىيات 7 فىلىمى 2013-يىلى 9-ئايدا سۈرەتكە ئېلىنىش باشلانغان، Paul بولسا شۇ يىلى 11-ئاينىڭ 30-كۈنى ماشىنا ھادىسىسىدە قازا قىلغان، يەنى بۇ دېمەكلىك، Paul ئىككى ئايدىن ئوشۇق ۋاقىت سۈرەتكە ئېلىشقا يەنىلا قاتناشقان، بۇنىڭ ئىچىدە خېلى كۆپ قىسىم مۇھىم كۆرۈنۈشلەر ئاللىقاچان سۈرەتكە ئېلىپ تاماملانغان. Paul نىڭ ئۆلۈمى سۈرئەت ۋە ھېسىيات 7 فىلىم گۇرۇپپىسىغا ئېغىر زەربە بولۇپ، فىلىمنى سۈرەتكە ئېلىش خىزمىتىنى ۋاقىتلىق توختاتقان، ئەسلىدە 2014-يىلى 7-ئاينىڭ 11-كۈنى قويۇلماقچى بولغان فىلىممۇ، بۇ يىل 4-ئايغا سۈرىۋېتىلگەن. ئەڭ ئاخىرىدا، Paul Walker نىڭ ھايات ۋاقتىدا تاماملىغان كۆرۈنۈشلىرى ھېچقايسىسى كېسىۋېتىلمىگەن، ئۇ ئىزچىل ھالدا فەندىسارنىڭ يېنىدا ئەر 2-نومۇر بولۇپ، ماشىنىدىن سەكرەش، ئايروپىلاندىن سەكرەش، بىنادىن سەكرەش دېگەندەك بىر قانچە مۇھىم كۆرۈنۈشلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۆزى بىر قوللۇق تاماملىغان.
Paul قازا قىلغاندىن كېيىن، ھەرقايسى مەستانىلەر Paul رولىنى ئالغان برايىن ئوبرازىنىڭ تەقدىرى ھەققىدە ھەرخىل پەرەزلەرنى قىلىشقان، يەنى، برايىن ئوبرازى Paul غا ئوخشاش فىلىمدە ماشىنا ۋەقەسىدە قازا قىلىشى مۇمكىن دېگەن پەرەزلەر بولغان. ئەمەلىيەتتە، فىلىمدە بۇنداق ئورۇنلاشتۇرۇش ئېلىپ بېرىلمىغان، برايىن ۋە ئۇنىڭ دوستلىرى كىنو باشلانغاندىن تارتىپ ئاخىرىغىچە توختىماي غەلىتە مەخلۇقلارنى ئۆلتۈرۈپ دەرىجە ئۆرلەپ كەلگەن. برايىننىڭ ئايالى 2-پەرزەنتىگە ھامىلدار بولغان، برايىن ئۈچۈن بىر تېنچ ۋە خاتىرجەملىككە تولغان، مۇكەممەل خاتىمە بېرىلگەن.
گەپكە كەلسەك، برايىن ئوبرازى ئۈچۈن فىلىمدە بىر مەيدان قاتناش ھادىسىسى ئورۇنلاشتۇرۇش، ماشىنا تېما قىلىنغان بۇ كىنو ئۈچۈن ھېچقانچىلىك ئىش ئەمەس. ھالبۇكى، ئوبرازنى ئارتېستنىڭ ئەمەلىي تۇرمۇشىنى قايتا ئورۇنلاتقۇزۇش، ئارتېستنىڭ مەستانىلىرى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئىنتايىن رەھىمسىز ۋە قوپال بىر ۋاستە ھېسابلىنىدۇ. سۈرئەت ۋە ھېسىيات 7 فىلىم گۇرۇپپىسى بولسا، بۇ ئىشقا ئىنتايىن ئۇستىلىق بىلەن مۇئامىلە تۇتقان.
Paul ھايات چېغىدا پەقەت بىر قىسىم كۆرۈنۈشلەرنى تاماملىغان بولۇپ، تېخى تاماملانمىغان كۆرۈنۈشلەرنى قانداق قىلىش كېرەك؟ سۈرئەت ۋە ھېسىيات 7 فىلىم گۇرۇپپىسىنىڭ بۇ ئىشقا تۇتقان ئامالى بولسا، سېنارىيەنى ئۆزگەرتىش، سىياقداش ئارتېست سەپلەش، ئالاھىدە ئۈنۈم ئىشلىتىش بولغان. Paul نىڭ سىياقدىشى ئۈچۈن ئۇنىڭ ئىككى ئىنىسىنى ئىشلەتكەن. ئەمما بۇ يەنىلا ئازلىق قىلغان، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار Weta ئالاھىدە ئۈنۈم خىزمەتخانىسىنى ئىزدەپ، ئالدىنقى بىر قانچە بۆلۈمدە سۈرەتكە ئېلىنغان، ئەمما فىلىمگە ئىشلىتىلمىگەن Paul نىڭ كۆرۈنۈشلىرىنى فىلىمگە چاندۇرمىغۇدەك دەرىجىدە كىرگۈزىۋەتكەن. ئەلۋەتتە، برايىن ئوبرازىنىڭ چىرايى ئۇدۇلدىن چىقىدىغان جايلارغا، ئالاھىدە ئۈنۈم ۋە ئاۋاز ئۇلاش تېخنىكىسى ئىشلىتىلگەن. ئالدىنقى بۆلەكتىكى برايىننىڭ بىر قاتار ئۇرۇشىدىغان ھەرىكەتلىك كۆرۈنۈشلىرىنى بولسا، Paul ئۆزى بىر قوللۇق تاماملىغان.
1. Paul نىڭ ئىنىلىرى فىلىم دۇبەيدە سۈرەتكە ئېلىنىش جەريانىدا فىلىم گۇرۇپپىسىغا كىرگەن
Paul ھايات ۋاقتىدا، دۇبەيدىكى بىر قىسىم سۈرەتكە ئېلىنىشقا قاتناشقان بولۇپ، شۇڭا فىلىمدىكى بىر قىسىم دۇبەي كۆرۈنۈشلىرىنى Paul ئۆزى تاماملىغان، يەنە بىر قىسمىنى بولسا، ئىنىلىرى تاماملىغان.
2. برايىن ۋە ئايالى، قىزى بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ دېڭىز بويىدىكى كۆرۈنۈشلىرى
3. ئەڭ ئاخىرىدىكى ئايرىلىش مىنۇتلىرى
4. يەنە ئاستىدىكى ماۋۇ كۆرۈنۈش
يۇقارقى كۆرۈنۈشلەرنىڭ ھەممىسىنى Paul نىڭ ئىنىسى تاماملىغان(چىرايى ئوپئوخشاش تۇرمامدۇ، قانداق ئىنىسى بولىدۇ دېمەڭ، ئۈستىدە تىلغا ئالغان ئىنىسىنىڭ چىرايىغا قويغان قارا چېكىتلەرنى ئەسلەڭ، كومپيۇتېردا چىراي دېگەننى بىرىكتۈرۈش تەس ئەمەس)
بۇلارنىڭ ھەممىسىگە نۇرغۇن يېڭى تېخنىكىلار ئىشلىتىلگەن، مۇرەككەپلىك دەرىجىسى خېلى يۇقىرى. رېژىسور James Wan كۆپچىلىكنىڭ فىلىمنى كۆرگەندە، قايسىسى Paul قايسىسى ئەمەس ھېسابلىشىپ ئولتۇرماي، فىلىمدىن ياخشى ھوزۇرلىنىشنى، فىلىمگە چوڭقۇر چۆكۈشىنى ۋە تەسىرلىنىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان.