يېڭى قىزىق نۇقتا :
ئۆلۈپ كەتكەن Paul Walker س
ئانتېننا
wifi سىگنالىنى ئېچىش ۋ
كومپيۇتېرنىڭ سەپلىم
1 باپ NET. رامكىسى توغرىسىدا قىسقىچە چۈشەنچە
ئېنتېرنېت تورىنىڭ كىشىلەر تۇرمۇشىغا سىڭىپ كىرىشىنىڭ تىز سۈرئەتتە كېڭىيشىگە ئەگىشىپ، ئېنتېرنېت تورىنىڭ ئىقتىدارى پەقەت ئۇچۇر تارقىتىش ۋە ئۇچۇر توپلاش بولۇپلا قالماستىن ، يىراق مۇساپىلىق ئوقۇتۇش ئېلىپ بېرىش ، تور بانكىسى ، ئېلىكتىرۇنلۇق مەمۇرىيەت ، ئېلىكترونلۇق سودا قاتارلىق ساھەلەردە مۇلازىمەت قىلماقتا . بۇ خىل خىزمەتلەردە كۆپ مىقداردا سانلىق مەلۇماتلارنى بىر تەرەپ قلىىش ، ھېسابلاش جەريانىدا ئابونت ۋە مۇلازىمەتچى ئوتتۇرسىدا مۇرەككەپ بولغان ئالاقە ئېلىپ بېرىلىدۇ . ئەمىليەتتە بۇ خىل مۇلازىمەت ئاللىقاچان بىرخىل كۆپ قاتلاملىق تارقالما شەكىلدىكى قوللانما سېستىمىسى بولۇپ شەكىللىنىپ بولدى .
تور بېكەت بولسا : زىيارەت قىلغۇچ ياكى باشقا ئېلېكترونلىق ئۈسكۈنلەرنى ئابونت تەرەپ قىلغان قوللانما پروگراممادىن ئىبارەت .تور يوقارقىدەك مۇرەككەپ ئېھىتىياجغا مۇلازىمەت قىلىدىغان بولغاچقا ، تور بېكەت بىلەن ئۈستەل يۈزى قوللانما سېستىمىلىرى ئوتتۇرسىدا چوڭ پەرق بولىدۇ . شۇڭلاشقا تور بېكىتى لاھىيلەش نۆۋەتتىكى پروگرامما لاھىيلەش ساھەسىكى ئىنتايىن مۇھىم تۈر ھېسابلىنىدۇ .
ASP.NET2.0 بولسا مىكروسوفت شىركىتى 2005- يىلى يىل ئاخىردا تارقاتقان يېڭى بىر ئەۋلات كارخانا دەرىجىلىك قوللانما سۇپىسىدۇر . ئەلۋەتتە ASP.NET2.0 بولسا ASP.NET1.1 تەرەققياتى ، بىراق كۆپ تەرەپتە ھەل قىلغۇچ ئىقتىدارلار قۇشۇلغان . تۆۋەندە بىز تور بېكىتىنىڭ تەرەققىياتىغا قاراپ باقايلى .
1.1 تور بېكىتىنىڭ قىسقىچە تەرەققىيات تارىخى
دەسلەپكى Web مۇلازمېترى يوللاپ بېرىدىغىنى پەقەت تىنىچ ھالەتتىكى تور بەتتىن ئىبارەت بولۇپ ، تور بېتى يىزىق ۋە سۆرەتنى كۆرسىتەلىسىمۇ بىراق بەت لاھىيەسىنى ئوزگەرتىش ئىنتايىن قىيىن ئىدى ، تور يۈزىدە بەت مەزمۇنىنى ئۆزگەرتكىلى بولمايتى . تىنىچ ھالەتتىكى تور بەتنى زىيارەت قىلىش جەريانى تۆۋەندىكىدەك بولىدۇ .
(1) ئابونت تەرەپ Web مۇلازېمېترنىڭ URL غا بەت ئىلتىماسىنى يوللايدۇ .
(2) مۇلازېمېتر ئابونت تەرەپكە ئىلتىماس قىلغان بەتنى قايتۇرىدۇ .
(3) ئابونت تەرەپ مۇلازېمېتر يوللىغان بەتنى قۇبۇل قىلىپ زىيارەت قىلغۈچتا كۆرسىتىدۇ .
(4) ئابونت ۋە مۇلازېمېتر ئوتتۇرسىدىكى ئالاقە ئۈزۈلىدۇ .
پۈتۈن جەريان مۇشۇنداق ئاددى بولىدۇ ، ئابونت تەرەپ بەتنى قۇبۇل قىلىپ زىيارەت قىلغۇچتا كۆرسىتىپ پۈتۈن جەريان ئاخىرلىشىدۇ . تىنچ ھالەتتىكى تور بېكىتىنى لاھىيلەش ۋە تارقىتىش نىسبەتەن ئاددى بولىدۇ . بۇ خىل لاھىيە ئەمىليەتتە شۇۋاقىتقا نىسبەتەن يىتەرلىك ئىدى . چۇنكى دەسلەپكى مەزگىللەردە تور بېكىتىنى ئاساسەن بىر قىسىم پەن تېخنىكا بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار پەن تېخنىكىغا ئائىت مەزمۇنلارنى ئالماشتۇرۇشقىلا ئىشلىتەتتى .
ئېنتېرنېتنىڭ ئىشلىتىش ساھەسىنىڭ كېڭىيشىگە ئەگىشىپ، ئابونت سانىمۇ ھەسسىلەپ ئېشىپ ماڭدى . ئۆز نۆۋىتىدە ئوخشىمىغان ئابونتلار ئوخشاش بولمىغان ئېھتىياجلارنى ئوتتۇرغا قويۇشقا باشلىدى . مەسلەن : بىر قىسىم ئابونتلار تور بېتى ئارقىلىق بانكىدىكى ھېساباتىنىڭ ئۆزگىرىش ئەھۋالىنى بىلىشنى ئارزۇ قىلىشتى . بۇخىل ئارزۇنى قانائەتلەندۇرۇش ئۈچۈن مۇلازېمېتر تەرەپ ئالدى بىلەن ئابونتنىڭ ھېساباتىنى ئىزدەپ تېپىپ زۈرۈ بولغان ھېسابلاش ۋە سېستاتىستىكا قىلىپ ئاندىن ئۇچۇرنى ئابونت تەرەپكە ئىنكاس قىلىدۇ . دېمەك مۇلازېمېتر ئابونتنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن ئالدى بىلەن بىر يۈرۈش مۇناسىۋەتلىك پىروگىراممىنى ئىجرا قىلىدۇ . بۇ بۆلۈك پىروگرامما پەقەت ئابونت تەرەپ سۇئالىغا جاۋاپ بېرىپلا قالماستىن يەنە ئابونت تەرەپنىڭ ئۇچۇر بېخەتەرلىكىگە ، باشقىلارنىڭ كۆرىۋېلىشىنىڭ ۋە بۇزغۇنچىلىق قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىق ئىشلارغا مەسئۇل بولىدۇ .
مۇشۇنىڭغا ئوخشاش تور بەت مەزمۇنىنى چىقىرىپ بېرىشتە پروگرامما ئىجرا قىلىپ نەتىجىنى چىقىرىپ بېرىدىغان تور بېتى ھەركەتچان تور بېتى دەپ ئاتىلىدۇ . ھەركەتچان تور بەتنى زىيارەت قىلىش جەريانى مۇندان بولىدۇ .
(1) ئابونت تەرەپ Web مۇلازېمېترنىڭ URL غا بەت ئىلتىماسىنى يوللايدۇ .
(2) مۇلازېمېتر تەرەپ ئىلتىماسنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ تور بەت پروگرامىسىنى بىر تەرەپ قىلىدۇ .
(3) بىر تەرپ قىلىنغان پروگرامما نەتىجىسىنى HTML كودىغا ئايلاندۇرۇپ ئابونت تەرەپكە يوللىنىدۇ .
(4) ئابونت تەرەپ يوللانغا بەتنى قۇبۇل قلىپ زىيارەت قىلغۇچتا بەت مەزمۇننى كۆرسىتىدۇ .
(5) مۇلازېمېتېر ئابونت تەرەپ بىلەن بولغان ئالاقىسىنى ئۈزۈپ ، باشقا ئابونتقا يۈزلىنىپ يېڭى بىر مۇلازىمەت قىلىدۇ .
تىنچ تور بەتكە سېلىشتۇرغاندا ھەركەتچان تور بەت بىر پروگرامما بىر تەرەپ قىلش جەريانىلا ئارتۇق بولىدۇ . پروگراممىنى مەيلى قانداق ئۇسۇلدا بىر تەرەپ قىلسۇن ئوخشىمىغان دەۋىردە ئوخشاش بولمىغان تېخنىكا قوللىنىلغان . ئومۇمەن تۆۋەندىكىدەك 3 باسقۇچقا بۆلۈشكە بولىدۇ .
1.1.2 ھەركەتچان تور بەت تەرەققىياتىدىكى بىرقانچە جەريان
1. CGI جەريانى
CGI ئېنگىلىزچە Common Gateway Interface دىگەن سوزنىڭ قىسقارتىلمىسى بولۇپ مۇلازىمېتېرنىڭ بىرخىل ئورتاق ئۇلىنىش ئېغىزىغا ۋەكىللىك قىلدۇ . ھەرقېتىم مۇلازېمېتىر ئابونت تەرەپنىڭ ئىلتىماسىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن بۇ ئېغىزدىن پايدىلنىپ سرتقى پروگراممىنى قوزغىتىپ ھېسابلاش،بىرتەرەپ قىلىش ۋە سانداننى زىيارەت قىلىش ۋەزىپىسىنى ئورۇنلاپ بولغاندىن كىيىن نەتىجىنى Web مۇلازېمېترغا قايتۇرىدۇ. مۇلازېمېتر بەت مەزمۇنىنى قايتا زىيارەت قىلغۇچقا يوللاپ بېرىدۇ .سىرتقى قوللانما پروگرامما c, c++ pascal,Jawa ياكى باشقا پروگرامما تىلىدىن پايدىلنىپ يېزىلغان پروگراممىدۇر . پروگرامما مۇستەقىل بولغان ئادرېس بوشلۇقىدا ئىجرا بولىدۇ .
كونكىرنى ئەھۋال رەسىم 1.1 دىكىدەك بولىدۇ .
كىيىن “ISAPI” ۋە “NSAPI” تېخنىكىسى مەيدانغا كەلدى ، بۇلارنىڭ ئىقتىدارى CGI بىلەن ئوخشاش ئىدى ، بىراق تېخنىكا جەھەتتە ئازراق ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلگەن ئىدى . سىرتقى قوللانما پروگرامما نىسپى ئۇلىنىش ھۆججىتى قىلىپ ئىشلىتىلىپ (DDL) ئىجرا قىلىش ئۈنۈمى يوقۇرى كۆتىرىلدى . يوقارقى تېخنىكىلارنىڭ قايسى بىرسى بولمىسۇن ھەممىسىدە سىرتقى قوللانما پروگرامما يزىلدىغان بولغاچقا قىيىنلىق دەرىجىسى ئىنتايىن يوقىرى ئىدى .
2. قوليازما تىلى باسقۇچى
بۇ باسقۇچقا كەلگەندە كۆپ خىل قوليازما تىلى مەيدانغا كەلدى . مەسلەن JSP ,
بولۇپمۇ
3. ئوبىكىتقا يۈزلەنگەن تېخنىكا باسقۇچى
ASP.NET ۋە Java(J2EE) تېخنىكى بۇ باسقۇچنىڭ ۋەكىللىرىدۇر . بۇ تىپ ۋە ئويبىكتىۋدىن تەركىپ تاپقان پۈتۈنلەي ئويبىكتپقا يۈزلەنگەن سېستىما بولۇپ چارە ۋە ھادىسىنى قوزغىتىش ئارقلىق ئىجرا قىلىندۇ . بۇ خىل سېستىما يوقۇرى ئۈنۈملۈك ، ئىشەنچىلىك ۋە كېڭەيتىشچانلىقتىن ئىبارەت ئارتۇقچىلىققا ئىگە .
1.1.3 ASPنىڭ تېخنىكىلىق ئالاھىلدىلگى
1996- يىلى 11- ئايدا مىكروسوفت شىركىتى ASP تېخنىكىسىنى مەيدانغا كەلتۈردى .
ئۇنداق بولسا ASP تېخنىكىسى دىگەن نىمە ؟
ASP بولسا ئېنگىلىسچە Active Server Page دىگەن سۆزنىڭ قىسقارتىلمىسى . ASP تور بېتىنى زىيارەت قىلغاندا مۇلازېمېتىر ASP ھۆججىتىنى ئىجرا قلىپ ئاندىن مۇناسىپ HTML ھۆججىتىنى ھاسىل قلىپ ئاخىردا ئابونت تەرەپكە يوللاپ بېرىپ زىيارەت قىلغۇچتا كۆرسىتىدۇ .
ASP دا ئورگىنال تىلىنى ئىشلىتىش بىرقەدەر ئاسان بولۇپ سېستىما يەنە بىرقانچە ئىچكى ئوبىكىت بىلەن تەمىنلىگەن بولۇپ ، ئولارنى ئىشلىتىپ ھەركەتچان تور بەت قۇرۇش ئىنتايىن ئاسان بولغاچقا ئومۇميۈزلۈك قارشى ئېلىشقا ئېرىشتى .
بىراق يېقىنقى يىللاردىن بۇيان كىشىلەر تور بېكەتكە تېخىمۇ كۆپ ۋە تېخىمۇ يوقۇرى تەلەپلەرنى ئوتتۇرغا قويۇشتى .بۇ ئۆز نۆۋىتىدە تېخىمۇ يېڭى، ئىقتىدارى يوقۇرى بولغان تېخنىكىنىڭ چىقىشىغا تۆرتكىلىك رول ئوينىدى .
1.1.4 يېڭى بىر ئەۋلاد ASP.NET تېخنىكىسى
21- ئەسىرگە كەلگەندە مىكروسوفىت شىركىتى .NET تېخنىكىسىنى ئوتتۇرغا قويۇپ كىيىنكى بىر ئەۋلات ئىنتېرنېت سۇپىسغا ئاساس سالدى . بۇ كومپىيۇتېر ، كۆچمە ئالاقىلىشىش ئابونتلىرىنى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەپلا قالماستىن بەلكى يەنە كەلگۈسىدىكى ئەقلى ئىقتىدارلىق ئۈسكىنىلەرنىمۇ (كىر ئالغۇ ،تېلۋېزور،توڭلاتقۇ ،بولكا ماشىنىسى ، قەھۋە ماشىنىسى ...) ئىنتېرنېت تورىغا ئۇلاپ ھەرخىل مۇلازىمەتلەر بىلەن تەمىنلەيدۇ .
بۇ خىل ئىنتېرنېت سۇپىسى 1)كۈچلۈك بولغان ئۈتۈشۈش ۋە ھېسابلاش . 2)كۈچلۈك سانلىق مەلۇمات ئالماشتۇرۇش . 3)تىز سۈئەتتە لاھىيلەش ۋە ئورۇنلاشتۇرۇش . 4)كۈچلۈك بولغان ئۇچۇر بېخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارى بولۇش تەلەپ قىلىنىدۇ .
مۇشۇ خىل ئىدىيەنىڭ تۈرتكىسىدە مىكروسوفىت شىركىتى 2000- يىلى .NET رامكىسى ئاساسىدا ASP.NET1.0 نۇسخىسىنى ، 2002- يىلى ASP.NET1.1 نۇسخىسىنى ، 2005- يىلى ASP.NET2.0 نۇسخىسىنى ئوتتۇرغا چىقاردى(2008-يىلى ASP.NET3.0 نۇسخىسىمۇ ئوتتۇرغا چىقتى)
ASP.NET تېخنىكىسى ASP تېخنىكىسى ئاساسىدا تەرەققى قىلىپ مەيدانغا كەلگەن ، بىراق ئاددى ھالدىلا ASP تېخنىكىسىنىڭ دەرىجىسىنىڭ كۆتىرلىشى دەپ قاراشقا بولمايدۇ . ASP.NET تېخنىكىسدا ASP تېخنىكىسىدىكى يىتەرسىزلىكلەر تۇلۇقلانغاندىن سىرت يانە نۇرغۇنلىغان يېڭى ئىقتىدارلار قۇشۇلغان .
ASP.NET بولسا .NET رامكىسى سۇپىسى ئۈستىگە قۇرۇلغان پۈتۈنلەي ئوبىكتقا يۈزلەنگەن سېستىمىدىن ئىبارەت . ASP.NET بىلەن .NET رامكىسى سۇپىسىنىڭ زىچ بىرلەشتۈرلىشى ASP.NET نىڭ ئەڭ گەۋدىلىك ئالاھىلدىلگىدۇر .
1.2 .NET رامكىسىنىڭ سېستىما قۇرۇلمىسى
.NET رامكىسىنىڭ سېستىما قۇرۇلمىسى 5 چوڭ بۆلەكتىن تەركىپ تاپقان :
1. پروگرامما لاھىيلەش تىلى ۋە ئورتاق تىل ئۆلچىمى (قېلىپى ) (CLS)
2. پروگرامما سۇپىسى (ASP.NET ۋە Windows قوللانما پروگراممسى )
3. ADO.NET ۋە تىپ ئامبىرى
4. ئورتاق تىل ئىجرا مۇھىتى ئامبىرى(CLR)
5. پروگرامما ئېچىش مۇھىتى (Visual Studio.NET)
ئۇنىڭ قۇرۇلما رەسىمى تۆۋەندىكى رەسىم 1.2 دىكىدەك . بۇ ئاددىلاشتۇرۇپ رەسىم 1.3 دىكىدەك ئىپادىلەشكىمۇ بولىدۇ .
رەسىم (1.2) .NET رامكىسىنىڭ سېستىما قۇرۇلمىسى
رەسىم (1.3) .NET رامكىسىنىڭ ئاددىلاشتۇرۇلغان سېستىما قۇرۇلمىسى
تۆۋەندە .NET رامكىسى سۇپىسى ئىشلىتىدىغان تىل ۋە سۇپىنىڭ رولى ھەم ئالاقە كېلىشىمى توغرىسىدىكى مەزمۇنلارنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتىمىز .
1. .NET رامكىسى قوللايدىغان پروگرامما تىلى
.NET رامكىسىدا نۇرغۇنلىغان پروگرامما تىلىنى قوللايدۇ ، بۇ .NET نىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىلدىلگىنىڭ بىرسى . .NET رامكىسىدىكى CLS بولسا ئەمىليەتتە بىر خىل تىل ئۆلچىمىدىن ئىبارەت . .NET رامكىسى كۆپ خىل تىلنى قوللىغانلىقتىن ،ئوخشاش بولمىغان تىل ئوبىكتلىرى ئوتتۇرسىدا ئۆز-ئارا ئۈتىشىش بولغاندا چۇقۇم ئورتاق بولغان ئۆلچەمگە ھۆرمەت قىلىشى كېرەك . ئورتاق تىل ئۆلچىمى (قېلىپى ) (CLS) ئوخشاش بولمىغان تىللارنىڭ ئورتاق ئۆلچىمىگە ئېنىقلىما بېرىدۇ . ئۇ سانلىق مالۇمات تىپى ، تىل قۇرۇلمىسى قاتارلىقلارنى ئۆزئىچىگە ئالىدۇ .
نۆۋەتتە .NET رامكىسى قوللايدىغان تىللاردىن C# .NET、VB .NET、J# .NET、Jscript .NET、 C++ .NET قاتارلىقلار بار . بۇ تىللارنىڭ ھەممىسى .NET رامكىسىدا ئىجرا بولىدىغان بولغاچقا ئىقتىدارى ئاساسىي جەھەتتىن ئوخشاش بۇلۇپ پەقەت گىراماتىكىسىدىلا پەرق بار . پروگرامما ئاچقۇچىلار ئوزى ياقتۇردىغان خالىغان تىلنى تاللاپ پروگرامما ئاچسا بولىدۇ .
2. تىپ ئامبىرى
.NET رامكىسىنىڭ يەنە بىر مۇھىم تەركىبى قىسمى تىپ ئامبىرى بولۇپ ، ئۇ نەچچە مىڭلىغان تەكرا ئىشلىتىشكە بولىدىغان <<تىپ>>نى ئۆز- ئىچىگە ئالىدۇ . ھەرخىل پروگرامما ئېچىش تىللىرى <<تىپ>>دىكى تىپلاردىن پايدىلنىپ ئەنئەنىۋى پروگرامما ۋە كۆرۈنمە يۈزلۈك (GUI) پروگرامما ئاچىدۇ .
.NET رامكىسىدىكى <<تىپ>>لار <<نام>>(NameSpace) ئارقىلىق ھەرخىل لوگىكىلىق تۈرلەرگە ئايرىلىپ قاتلام بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ ، ھەر بىر <<نام>> رولىغا ئاساسەن تۈرلەرگە بۈلۈنگەن مۇناسىۋەتلىك <<تىپ>>لارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ . بۇخىل ئورۇنلاشتۇرۇش ناھايىتى چوڭ بولغان .NET <<تىپ>> لىرىنى چۇشۇنۇش ۋە ئىشلىتىشتە ئىنتايىن قولاي شارائىت بىلەن تەمىنلەيدۇ .
مەسلەن :
بارلىق مىكروسوفت تەمىنلىگەن <<تىپ>>لار ھەممىسى System ۋە Microsoft باشلانما <<نام>> دا بولىدۇ .
تور كېلىشىمى ۋە پروگرامما ئۇلىنىش ئغىزىغا ئائت <<تىپ>>لار System.Net نام بوشلىقىدا بولىدۇ .
ھۆججەت I/O ، ئىچكى ساقلىغۇچ I/O ۋە مۇستەققىل ساقلاشقا ئائىت <<تىپ>>لار System.IO نام بوشلىقىدا بولىدۇ .
Windows قوللانما پروگرامملىرىنىڭ كۆرۈنمە يۈزىگە ئائىت <<تىپ>>لار System.Windows.Forms نام بوشلىقىدا بولىدۇ .
تور مۇلازىمىتىگە ئائىت <<تىپ>>لار System.Web نام بوشلىقى ۋە تارماق نام بوشلىقىدا بولىدۇ .
3. ئورتاق تىل ئىجرا مۇھىتى ئامبىرى(CLR)
ئورتاق تىل ئىجرا مۇھىتى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، .NET رامكىسىنىڭ يادرولۇق بۆلىكى . ئۇ پروگرامما ئىجرا بولغان ۋاقىتتا ئىچكى ساقلىغۇچنى باشقۇرۇش ، ئەخلەت ئۇچۇرلارنى ئاپتۇماتىك يىغىۋېلىش ،قاتلاملىق باشقۇرۇش ۋە يىراقتىن بىر تەرەپ قلىش مۇلازىمىتى ھەم باشقا سېستىما مۇلازىمەتلىرى بىلەن تەمنلەيدۇ . شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا پروگراممىنىڭ ئىجرا قىلىنىشىنى نازارەت قىلىش ، بىخەتەرلىك تەكشۇرشى ئېلىپ بېرىش، سېستىمىنى ئاسراش قاتارلىق خىزمەتلەنى ئورۇنداپ ،پروگراممىنىڭ ئىشەنچىلىك ، توغرا ، بىخەتەر ئىجرا بولىشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ .