ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! بۈگۈن: مىلادىيە

يېڭى قىزىق نۇقتا : ئۆلۈپ كەتكەن Paul Walker س ئانتېننا wifi سىگنالىنى ئېچىش ۋ كومپيۇتېرنىڭ سەپلىم

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > قوزام > سەرخىل ئوقۇشلۇق > تېخنىكا > تولۇق مەزمۇنى

كومپيۇتېرنىڭ سەپلىمىسىنى ياخشى تا

ۋاقىت : 2013-10-26 20:56 | مەنبەسى : | ئاپتۇر : | تەھرىر : بەشتاش | كۆرۇلىشى : قېتىم

سەپلىمە كومپيۇتېرلار ئەرزانلىقى بىلەن ھازىرغىچە نۇرغۇن خېرىدارغا ئىگە بولۇپ، ئىزچىل ھالدا كۆپچىلىكنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشىپ كەلمەكتە. ھالبۇكى بۇنىڭدىكى كومپيۇتېرنى قانداق سەپلەش مەسىلىسى كۆپچىلىكنىڭ تېخىمۇ قىزىقىپ مۇزاكىرە قىلىدىغان تېمىسىغا ئايلانماقتا. قانداق سەپلىمىنىڭ ئۆزىگە ئەڭ ماس كېلىشى ۋە قايسى سەپلىمىنىڭ ئەرزان ئەمما ياخشى بولۇشى كۆپچىلىك ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەرنىڭ بىرىگە ئايلاندى.


بىراق، بىز دائىم مۇنداق بىر ھادىسىنى ئۇچىرىتىپ تۇرىمىز، ئۇ بولسىمۇ نۇرغۇن دوستلار ئۆزىنىڭ قاتتىق دېتالغا بولغان چۈشەنچىسىنىڭ كەمچىل بولۇشى سەۋەبىدىن ئەڭ كۆڭۈلدىكىدەك سەپلىمىدە كومپيۇتېر قۇراشتۇرۇپ چىقالمايدۇ ياكى كومپيۇتېرنىڭ سەپلىمىسىنى كۆڭۈلدىكىدەك بېكىتەلمەيدۇ. ئۇنداقتا قانداق قىلغاندا بۇ جەھەتتىكى ئىقتىدارنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ؟ تۆۋەندە مەن ئۆزۈمنىڭ كومپيۇتېر قۇراشتۇرۇش جەھەتتىكى تەجرىبەم ئاساسىدىكى تەسىراتىمنى كۆپچىلىككە سۆزلەپ بەرمەكچى. بۇ يەردە ئاساسلىقى تۆۋەندىكى تۆت نۇقتىغا دىققەت قىلساق بولىدۇ.


1. ئالدىن پىلانلىغان خامچوتقا بەكلا ئېسىلىۋالماسلىق كېرەك
نۇرغۇن دوستلار كومپيۇتېر قۇراشتۇرۇشتىن بۇرۇن ئۆزىگە بىر خامچوت دائىرىسى بېكىتىۋېلىشقا ئامراق بولىدۇ. مەسىلەن، 4000 يۈەندىن ئاشمايدىغان دېگەندەك. بۇنداق قىلغاندا كومپيۇتېر سېتىۋالغۇچىنىڭ ئېھتىياجىنى بىۋاستە ئىپادىلەپ بەرگىلى بولغان بىلەن، بىراق بۇ چارە دائىم ئاقماي قالىدۇ. بىز دائىم كۆڭلىمىزدىكىدەك سەپلىمىنى بېكىتىپ كۆڭلىمىزدىكىدەك سەپلىمىنى بېكىتىپ بولغاندىن كېيىن، بۇنىڭ باھاسى بىزنىڭ خامچوت پىلانىمىزدىن ئازدۇر-كۆپتۇر ھالقىپ كەتكەنلىكىنى بايقايمىز. بىراق، بۇنداق ۋاقىتتا ئالدىنقى خامچوت پىلانىمىزغا ئېسىلىۋالساق، پىلاندىن ئاشۇرۇلغان بىر قىسمىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇۋېتىشكە توغرا كېلىدۇ، مەسىلەن، 2G لىق ئىچكى ساقلىغۇچنى 1G لىق ئىچكى ساقلىغۇچقا قىسقارتىشقا ياكى 250G لىق قاتتىق دىسكىنى 160G لىق قاتتىق دىسكىغا قىسقارتىشقا توغرا كېلىدۇ ياكى ئەسلىدىنلا مۇستەقىل سۈرەت كارتىسى سەپلەشكە تېگىشلىك بولسىمۇ، لېكىن ئاساسىي تاختىغا توپلاشتۇرۇۋېتىلگەن كۆرسەتكۈچ كارتىسى سەپلەشكە توغرا كېلىدۇ..
بۇنداق تېجىگەندە بىر نەچچە يۈز يۈەننى تېجەپ قالغىلى بولغان بىلەن، لېكىن كومپيۇتېرنىڭ ئومۇمىي گەۋدە ئىقتىدارىغا زور دەرىجىدە زىيىنى بولىدۇ، چۈنكى قىسقارتىلغان كۆپىنچە كومپيۇتېرنىڭ ئومۇمىي گەۋدە ئىقتىدارىدا توسۇلۇش پەيدا قىلىدۇ، شۇڭا مۇنداق قىلغاندا مۇۋاپىق بولمايدۇ. بۇنداق ئەھۋالغا قارىتا ئەمەلىي ئەھۋالغا ئاساسەن مۇئامىلە قىلىش، خامچوتتىن ئېشىپ كەتكەن قىسمى بەك كۆپ بولمىسىلا ئەسلىدىكى لايىھىنى ساقلاپ قېلىش كېرەك.
2. ئىسراپچىلىق قىلماسلىق، ئېھتىياجىدىن چىققۇدەكلا بولسا بولدى قىلىش لازىم
ھەر قانداق سودا ئورۇنلىرىغا نىسبەتەن ئېيىتقاندا، تاۋارنىڭ دەرىجىسى قانچە يۇقىرى بولغانسېرى، ئۇنىڭ پايدىسىمۇ شۇنچە كۆپ بولىدۇ. ئەمما، خېرىدارلارغا نىسبەتەن ئېيىتقاندا، ئۇلارنىڭ بەكلا يۇقىرى سەپلىمىنى ياكى مودا كومپيۇتېرنى قوغلىشىشى ھاجەت ئەمەس، چۈنكى شۇنچىلىك پۇلنى خەجلىگەن بىلەن، بىراق ئۇنىڭ بارلىق ئىقتىدارىدىن تولۇق پايدىلىنىپ بولۇش مۇمكىن ئەمەس.
مەسىلەن، خېرىدار HD 3650 تىپلىق بىر كۆرسىتىش كارتىسىنى تاللىغان بولسا سودىگەرلەر ئادەتتە دائىم « 3690 نىڭ باھاسى بۇنىڭدىن ئۇنچە قىممەت ئەمەس، بىراق ئىقتىدارى 3650 كە قارىغاندا %80 يۇقىرى» دەيدۇ، خېرىدارلار 3690 نى تاللىغاندا بولسا، سودىگەرلەر يەنە «ئەمەلىيەتتە 3850 تىپلىقىنىڭ باھاسى 3690 دىن سەللا يۇقىرى ھەم ئىقتىدارى ئۇنىڭدىن خېلىلا يۇقىرى» دەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئەسلىدىنلا تۆۋەن دەرىجىدىكى كۆرسىتىش كارتىسى سەپلىمەكچى بولغان خېرىدارلار ئاخىرىدا مىڭ يۈەن ئەتىراپىدىكى كۆرسىتىش كارتىسىنى سەپلەيدۇ. سودىگەرلەرنىڭ پايدىسىنى دېمىگەندىمۇ، ئىقتىدارىنى تولۇق ئىشلىتەلمەيدىغان كۆرسىتىش كارتىسى ئۈچۈن بىر مۇنچە پۇلنى ئارتۇق خەجلەشكە توغرا كېلىدۇ.



3. ئايرىم بىر زاپچاسنىڭ ياخشى - يامانلىقىغىلا ئېسىلىۋالماسلىق كېرەك
كومپيۇتېر سەپلىتىشكە يېڭىدىن كىرىشكە نۇرغۇن كىشىلەر ئادەتتە CPU، ئىچكى ساقلىغۇچ، ئاساسىي تاختا قاتارلىق ئايرىم زاپچاسلارنىڭ ئىقتىدارىغا بەكرەك كۆڭۈل بۆلىدۇ. ئەمما باشقا جەھەتلەرگە پىششىق بولمىغاچقا ئادەتتە سەل قارايدۇ. نەتىجىدە بۇنداق سەپلىمىدە ھەر قايسى زاپچاسلارنىڭ ئىقتىدارى جەھەتتىكى مۇناسىۋەت مۇۋاپىق بولمايدۇ.
ھازىرقى كومپيۇتېر سەپلىمىسىدە CPU گەرچە مۇھىم بولسىمۇ، بىراق ئۇ بىردىنبىر زاپچاس ئەمەس، CPU، ئىچكى ساقلىغۇچ، ئاساسىي تاختا ۋە كۆرسىتىش كارتىسىنىڭ ئۆز ئارا ماسلىشىشى ئەڭ مۇھىم ھالقىدۇر. ئىچكى ساقلىغۇچ يېتىشكەن ئەھۋالدا CPU، ئاساسىي تاختا ۋە كۆرسىتىش كارتىسىنىڭ پەرقى بەك چوڭ بولۇپ كەتمەسلىكى كېرەك، بۇ ئۈچىنىڭ باھاسى ئاساسەن تەڭ بولسا، بىر قەدەر ماسلىشىدىغان بولغان بولىدۇ، ئەگەر بۇنىڭ ئىچىدىكى ئىككىسىنىڭ ھەر بىرىنىڭ باھاسى مىڭ يۈەن ئەتىراپىدا بولسا، ئەمما بىرسى بىر نەچچە يۈز يۈەن بولسا، كومپيۇتېرنىڭ ئومۇمىي گەۋدە ئىقتىدارى بەك زىيانغا ئۇچرىشى مۇمكىن.



4. سەپلىگەن كومپيۇتېرنىڭ ئۈچ يىلغىچە زاماننىڭ ئارقىسىدا قالماسلىقنى تەلەپ قىلىشقا بولمايدۇ
نۇرغۇن دوستلار كومپيۇتېر سەپلىگەندە «مۇشۇ سەپلىمە ئۈچ يىل ئىچىدە زاماننىڭ كەينىدە قالمايدىغاندۇ؟» دەپ سورىشى مۇمكىن، بۇنداق ئەھۋال ھەممىلا يەردە ئۇچرايدۇ، شۇنداقلا بۇنىمۇ توغرا چۈشىنىشكە بولىدۇ. بىراق كومپيۇتېرنىڭ تەرەققىياتى شۇنداق يۇقىرى بولۇۋاتقان بۆگۈنكى كۈندە ئۈچ يىل ئەمەس، ئىككى يىل دېسىمۇ بۇنىڭغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولمايدۇ.
2006- يىلىنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە قوش نېگىزلىك بىر تەرەپ قىلغۇچنى پەقەت ئاز ساندىكى كىشىلەرلا سەپلىيەلەيىتتى، بىراق بۈگۈنكى كۈندە ئەڭ تۆۋەن ئۆلچەمدىكى قوش نېگىزلىك مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچمۇ قۇرۇلمىلىق بولۇپ كەتتى. ئەينى ۋاقىتتا 512M لىق ئىچكى ساقلىغۇچ كومپيۇتېرنىڭ ئۆلچەملىك سەپلىمىسى ئىدى، بىراق ھازىر خېرىدارلار 2G لىق ئىچكى ساقلىغۇچ يېتەمدۇ-يوق دېگەنلەرگە كۆڭۈل بۆلىدۇ. ئەينى چاغدا 17 دىيۇيىملىق LCD ئېكران بولسا بازاردا ئاساسىي ئېقىم ئىدى، بىراق ھازىر بولسا 22 دىيۇيىملىق LCD ئېكراننى مىڭ نەچچە يۈز يۈەنگىلا ئالغىلى بولىدۇ. يۇقىرىقىلاردىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ھازىرقى سەپلىمىنى ئىككى يىلدىن كېيىن يەنە زاماننىڭ كەينىدە قالمايدۇ دەپ ئېيىتقىلى ھەرگىز بولمايدۇ.
بەلكىم بۇنىڭغا ئىككى يىل كەتمەسلىكى مۇمكىن، كېيىنكى بىر ئەۋلاد LGA 1366 ۋە AM3 ئېغىزلىق مەشغۇلات سۇپىسى بىر يىل ئىچىدە ئومۇميۈزلۈك بازارغا كىرىدۇ، ۋاقتى كەلگەندە باشقىسىنىڭ ھەممىسى بىراك قىلىنىش خەۋپىگە دۇچ كېلىشى مۇمكىن. كومپيۇتېرنى مەيلى قانچىلىك يۇقىرى ئۆلچەمدە سەپلىتىشىڭىزدىن قەتئىينەزەر، ئۈچ يىلغىچە زاماننىڭ كەينىدە قالماسلىقىغا ھەرگىز كاپالەتلىك قىلغىلى بولمايدۇ.
ئەگەر سەپلىمىڭىز ئۈچ يىلغىچە زاماننىڭ كەينىدە قالمايدۇ دېيىلسە ئۇنداقتا ياكى سىز ئۆزىڭىزنى ئالدىغان بولىسىز، ياكى باشقىلار سىزنى ئالدىغان بولىدۇ. سەپلىگەن كومپيۇتېرنىڭ ئۈچ يىلغىچە زاماننىڭ كەينىدە قالماسلىقىدىن ئىبارەت بۇ شەرت كومپيۇتېر قۇراشتۇرىدىغانلارغا نىسبەتەن ھەرگىز ماس كەلمەيدىغان سۆزدۇر. كومپيۇتېرنىڭ ئىقتىدارىدىن ئېلىپ ئيىتقاندا، ئىشلىتىش ئېھتىياجىڭىزدىن چىقالىسىلا بولىدۇ، شۇنداقلا قەرەللىك ھالدا دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ تۇرسىڭىزمۇ بولىدۇ. ئەمما بىراقلا يۇقىرىقى شەرتكە چۈشۈشنى تەلەپ قىلىش ۋە شۇنداق تەلەپ بىلەن كومپيۇتېر قۇراشتۇرۇش ھەرگىزمۇ ئەقىلگە مۇۋاپىق ئەمەس


ئوت چىقىۋاتقان ئويۇنلار