ناسىپجان مامۇت، ئابدۇۋەلى جۈمە
2013 – يىلى 6 – دېكابىر ئاتۇش شەھەرلىك 1 – باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىسى جاڭX تەنتەربىيە دەرسىگە قاتنىشىۋاتقاندا، تۇيۇقسىز ئۇچۇپ كەلگەن توپ ئۇنىڭ كۆزىگە تېگىپ كەتتى. تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىسى دەرھال جاڭXكە ئالاھىدە ئەھۋال بولمىغانلىقىنى كۆرگەندىن كېيىن، يۈزىنى سوغۇق سۇدا يۇيۇپ ئاغرىقىنى پەسەيتتى. جاڭX مۇ ھېچ ئىش بولمىغاندەك دەرسكە قاتنىشىۋەردى. لېكىن ئارىدىن ئۈچ كۈن ئۆتكەندە، جاڭ فامىلىلىكنىڭ سول كۆزى تۇيۇقسىز قىزىرىپ ئاغرىشقا باشلىدى. ئاپىسى جاڭX تىن كۆزىگە توپ تېگىپ كەتكەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن، ئۇنى دەرھال قىزىلسۇ ئوبلاستلىق خەلق دوختۇرخانىسىغا ئېلىپ باردى. دوختۇرلار تەكشۈرۈش ئارقىلىق سىرتقى كۈچنىڭ تەسىرىدە سول كۆزىگە قان چۈشكەن، دەپ دىياگنوز قويدى. جاڭX دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالىنىپ چىققاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئاتا – ئانىسى ئاتۇش شەھەرلىك 1 – باشلانغۇچ مەكتەپ، توپ تەپكۈچىنىڭ قانۇنىي ۋەسىيسى ۋە سۇغۇرتا شىركىتى ئۈستىدىن سوتقا ئەرز سۇندى.
جاڭX نىڭ ئائىلىسىدىكىلەر: قىزىم جاڭX تەنتەربىيە دەرسىگە قاتنىشىۋاتقاندا م X تەپكەن توپ سول كۆزىنى زەخىملەندۈرۈپ، دوختۇرخانىدا 16 كۈن يېتىپ داۋالاندى، بۇ جەرياندىكى داۋالىنىش چىقىمى، تاماق ياردەم پۇلى، قاراش ھەققى ۋە قاتناش چىقىمى قاتارلىقلار بولۇپ، جەمئىي 10 مىڭ 722 يۈەننى جاۋابكارلاردىن ئېلىپ بەرسەڭلار، دەپ دەۋا قىلدى.
م X نىڭ ۋەسىيسى: جاڭX توپ تېگىپ ئۈچ كۈندىن كېيىن دوختۇرخانىغا بارغان، شۇڭا بىز مەسئۇلىيەتنى ئۈستۈمىزگە ئالمايمىز، ناۋادا دەۋاگەرنىڭ زەخىمسى شۇ ۋەقەدە زەخىملەنگەن دەپ قارالسىمۇ، بۇ زىيانغا مەكتەپ مەسئۇل بولۇشقا تېگىشلىك، دەپ جاۋاب بەردى.
ئاتۇش شەھەرلىك 1 – باشلانغۇچ مەكتەپ: بىز ئوقۇغۇچىلارنى مەكتەپ مەسئۇلىيەت سۇغۇرتىسىغا قاتناشتۇرغان، شۇڭا بىز تۆلەشكە تېگىشلىك زىياننى سۇغۇرتا شىركىتى تۆلەپ بەرسە بولىدۇ، دەپ جاۋاب بەردى.
جۇڭگو مال – مۈلۈك سۇغۇرتا شىركىتىنىڭ قىزىلسۇ تارماق شىركىتى: بىز قوشۇمچە مەسئۇلىيەت بويىچە ئومۇمىي زىياننىڭ %30ىنى تۆلەپ بېرىمىز، دەپ جاۋاب بەردى.
ئاتۇش شەھەرلىك سوت مەھكىمىسى دېلوغا قاراپ چىققاندىن كېيىن، م X نىڭ تەپكەن توپى دەۋاگەر جاڭ Xنىڭ سول كۆزىگە تېگىپ، كۆزىنى زەخىملەندۈرگەن پاكىتنى بېكىتىشكە بولىدۇ، بۇ زىياننىڭ كېلىپ چىقىشىدا جاۋابكار م X ‹‹ مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ <ئوقۇغۇچىلار زەخىملىنىش ھادىسىسىنى بىر تەرەپ قىلىش چارىسى>››نىڭ 8 – ماددىسىغا ئاساسەن ئاساسلىق مەسئۇلىيەتنى، يەنى ئومۇمىي زىياننىڭ %60ى 5669.11 يۈەننى تۆلەشكە تېگىشلىك (زىياننى ئۇنىڭ قانۇنىي ۋەسىيسى ئۈستىگە ئېلىشقا تېگىشلىك)، قالغان %40ى 3779.40 يۈەننى جاۋابكار ئورۇن ئاتۇش شەھەرلىك 1 – باشلانغۇچ مەكتەپ ئۈستىگە ئېلىشقا تېگىشلىك، مەكتەپ ئۈستىگە ئېلىشقا تېگىشلىك قىسمىنى ‹‹جۇڭگو خەلق مال – مۈلۈك سۇغۇرتا پاي چەكلىك شىركىتى مەكتەپ مەسئۇلىيەت سۇغۇرتا نىزامى››نىڭ مۇناسىۋەتلىك روھىغا ئاساسەن، جۇڭگو مال – مۈلۈك سۇغۇرتا شىركىتىنىڭ قىزىلسۇ تارماق شىركىتى ئۈستىگە ئېلىشقا تېگىشلىك، دەۋاگەرنىڭ باشقا دەۋا تەلىپىنىڭ پاكىت ئاساسى قانۇنلۇق بولمىغانلىقى ئۈچۈن قوللاشقا بولمايدۇ، دەپ ھۆكۈم چىقاردى.
ھۆكۈم تەرەپلەرگە يەتكۈزۈلگەندىن كېيىن، م X نىڭ قانۇنىي ۋەسىيسى ئاتۇش شەھەرلىك سوت مەھكىمىسىنىڭ ھۆكۈمىگە قايىل بولماي، قىزىلسۇ ئوبلاستلىق ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىگە نارازىلىق ئەرزى سۇندى.
قىزىلسۇ ئوبلاستلىق ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى يېقىندا دېلوغا قاراپ چىققاندىن كېيىن، تەرەپلەرنى مۇرەسسەگە يېتەكلىدى. نەتىجىدە، جاڭ Xنىڭ ئومۇمىي زىيىنى 9448.52 يۈەننىڭ %30ى 2835 يۈەنگە م Xنىڭ ۋەسىيسى مەسئۇل بولۇپ تۆلەيدىغانلىقى، جۇڭگو مال – مۈلۈك سۇغۇرتا پاي ھەسسىدارلىق چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ قىزىلسۇ تارماق شىركىتى زىياننىڭ %70ى 6614 يۈەندىن تۆلەپ بولغان 3779.40 يۈەننى چىقىرىۋەتكەندە قېپقالغان 2834.60 يۈەننى تۆلەپ بېرىدىغانلىقى توغرىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلىشتى.
جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]