خەرىتە | پىكىر دەپتىرى | RSS | خەتكۇچ | USY | ULY | 中文 |
ئالىم بالام سەرخىل ئوقۇشلۇق MP3 ناخشىلار كارتون فىلىم ئۆگىنىش قانىلى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

ياشلار، ئۆسمۈرلەرگە بولغان قانۇن – تۈزۈم تەربىيەسى دۆلەتنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە

بەشتاش(www.baxtax.cn)ئاپتۇر : ئويچان2015-08-14 13:06


 
ياشلار، ئۆسمۈرلەرگە بولغان قانۇن – تۈزۈم تەربىيەسى دۆلەتنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىشتىكى ئۇل قۇرۇلۇش

ئابدۇللا ئابدۇجېلىل

   جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومتېتى 4 – ئومۇمىي يىغىنىدا: ‹‹ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى، تارماقلار ۋە كەسىپلەردە قانۇن ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەر خىل ئىجتىمائىي ئاساسىي گەۋدىلەرنىڭ ئۆز – ئۆزىنى چەكلەش، ئۆز – ئۆزىنى باشقۇرۇشىغا ياردەم بېرىپ، كەسىپ قائىدىسى، كوللېكتىپ نىزامى قاتارلىق ئىجتىمائىي قائىدىنىڭ جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشتىكى رولىنى پائال جارى قىلدۇرۇش كېرەك›› دەپ كۆرسىتىلدى.

   بىر دۆلەت ۋە جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشنىڭ ئاچقۇچى قائىدە – تۇزۇم بەلگىلەش، شۇنداقلا قانۇننى تەكىتلەش، قائىدە بويىچە ئىش كۈرۈشتە. قانۇن دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى ئەڭ كۈچلۈك قائىدە. دۆلىتىمىز مائارىپىدا قائىدە، قانۇن – تۈزۈم تەربىيەسىنى كۈچەيتىش زۆرۈر.

   ھەر بىر مەكتەپ ۋە سىنىپ بىر كوللېكتىپ بولغاچقا، مەكتەپ ۋە سىنىپنىڭ ئۆز ئالدىغا چىقارغان قائىدىسى بولىدۇ. مەكتەپنى مەكتەپ قائىدە – تۈزۈملىرى ئارقىلىق باشقۇرۇش، سىنىپنى سىنىپنىڭ قائىدە – تۈزۈملىرى ئارقىلىق باشقۇرۇش، ئوقۇتقۇچىلارنى كەسپىي ئەخلاق ئۆلچىمى ئارقىلىق باشقۇرۇش، ئوقۇغۇچىلارنى ئوقۇغۇچىلار ھەرىكەت ئۆلچىمى ئارقىلىق باشقۇرۇش، باشقۇرغۇچى بىلەن باشقۇرۇلغۇچى ئوتتۇرىسىدا تۈزۈملىشىش، قېلىپلىشىش، تەرتىپلىشىش، ئادەتلىنىشنى شەكىللەندۈرۈش لازىم.

   ئەنگلىيەلىك پەيلاسوپ باكون مۇنداق دېگەن: ‹‹بىر قېتىملىق ئادىل بولمىغان سوتلاشنىڭ يامان ئاقىۋىتى ئون قېتىملىق جىنايەتتىنمۇ ئېغىر، چۈنكى، جىنايەت قانۇننى كۆزگە ئىلمىغانلىق، ئۇ خۇددى سۇنى بۇلغىغانغا ئوخشايدۇ. لېكىن ئادىل بولمىغان سوتلاش قانۇنغا بۇزغۇنچىلىق ئېلىپ كېلىدۇ. بۇ خۇددى سۇ مەنبەسىنى بۇلغىغانغا ئوخشايدۇ›› دېگەن. ئوخشاشلا سىنىپتا بىرەر ئوقۇغۇچى خاتا تەنقىدلىنىپ قالسا، سىنىپنىڭ ئىجتىمائىي كەيپىياتىغا تەسىر يېتىپلا قالماي، بەلكى ئوقۇغۇچىدىكى ئۆچمەنلىك ۋە قارشىلىشىش كۈچىيىدۇ. ئۈنىڭ ئۈستىگە ياشلار، ئۆسمۈرلەر خاتا ئەيىبلەشكە چىداپ تۇرالمايدۇ. شۇڭا، سىنىپ مۇدىرى سىنىپتىكى ئۇششاق زىددىيەت ماجىرالارنى بىر تەرەپ قىلغاندا، ئادىل سودىيە بولۇشى لازىم. چۈنكى، قوپال ئۇسۇل، ئاددىي جاۋاب يامان ئاقىۋەت كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئوقۇغۇچىغا كىچىكىدىن باشلاپ ھەققانىي، راستچىل، سەمىمىي، كەمتەر، كەڭ قورساق، ئەپۇچان بولۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش بىلەن بىللە، ئادىللىقنى ھېس قىلدۇرۇش لازىم.

   قانۇن ئىدارە قىلىش تەربىيەسىنى خەلق مائارىپى سىستېمىسىغا كىرگۈزۈپ، قانۇن ئىدارە قىلىش تەربىيەسىنى ياشلار، ئۆسمۈرلەردىن باشلاش، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەردە قانۇن ئىدارە قىلىش بىلىملىرى دەرسى تەسىس قىلىش ئۈچۈن:

   1. تەشۋىقات، مەدەنىيەت، مائارىپ تارماقلىرى ۋە خەلق تەشكىلاتلىرى قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش تەربىيەسى ئېلىپ بېرىشتا ئۆزلىرىنىڭ فۇنكسىيەلىك رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇش لازىم.

   2.قانۇن ئىدارە قىلىشنىڭ ئەخلاق ئاساسىنى پۇختىلاپ، تەرتىپ ئېڭىنى كۈچەيتىپ، ئاممىۋى تەرتىپ ۋە ئېسىل ئۆرپ – ئادەتلەرنى جارى قىلدۇرۇش لازىم.

   3. غايە، ئېتىقاد تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى تەربىيەسى ۋە سوتسىيالىستىك قانۇن ئىدارە قىلىش تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، قانۇننى مۇقەددەس بىلىدىغان، قانۇنغا ھۆرمەت قىلىدىغان ئادەتنى يېتىلدۈرۈش لازىم.

   4.قانۇننىڭ ئەخلاق قۇرۇلۇشىغا بولغان تۈرتكىلىك رولىنى كۈچەيتىپ، ئەخلاق ئارقىلىق قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش مەدەنىيىتىگە بولغان تىرەكلىك رولىنى كۈچەيتىپ، قانۇن بىلەن ئەخلاقنىڭ بىر – بىرىنى تولۇقلىشى، قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش بىلەن ئەخلاق ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنىڭ ئۆز ئارا ماسلىشىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش لازىم.

   5 .سوتسىيالىستىك شەرەپ – نومۇس قارىشى ئارقىلىق قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنىڭ ئۇلىنى پۇختا ھازىرلاش لازىم.

   6.ئوقۇغۇچىلارنى كۆپ تەرەپ بىرلىشىپ تەربىيەلەشكە ئەھمىيەت بېرىپ، قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنىڭ رامكىسىنى شەكىللەندۈرۈش لازىم.

   ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپتە ئوقۇشى چەكلىك بولغاچقا، كېيىنكى تۇرمۇش ۋە خىزمەتلەردە زۆرۈر بولغان بارلىق تەربىيەنى دەرسخانىدىلا ئۆگىنىپ كېتەلىشى ناتايىن. ئەمەلىيەت تەربىيەسى ئوقۇغۇچىلار چوڭ بولغاندىن كېيىنكى كەسىپ تاللىشىغا، ئىختىساسلىق خادىم بولۇشىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئوقۇغۇچىلار ئادەتتە ئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزۈشكە، قول سېلىپ ئىشلەشكە قىزىقىدۇ. شۇڭا، ئوقۇغۇچىلارنى شەكلى ھەر خىل، مەزمۇنلۇق، جانلىق پائالىيەتلەرگە قاتناشتۇرۇش ئارقىلىق ئۇلارغا ئەمەلىي تەربىيە ئېلىپ بارسا، نەزەرىيە بىلەن ئەمەلىيەتنىڭ بىرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرغىلى، گۈزەللىك قارىشىنى يېتىلدۈرگىلى، ئالىيجاناب پەزىلىتىنى شەكىللەندۈرگىلى، مىجەز – خۇلقىنى ياخشىلاپ، روھىي ۋە جىسمانىي جەھەتتىن ساغلام تەرەققىي قىلىشنى ئىلگىرى سۈرگىلى، شۇنداقلا ئەخلاق ۋە قانۇن – تۈزۈم قارىشىنى ئۆستۈرۈپ، مەسىلىلەرنى مۇستەقىل ھەل قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش روھىنىمۇ يېتىلدۈرگىلى بولىدۇ.

   دېمەك، ئوقۇغۇچىلارغا ئىلمىي، پىلانلىق، نىشانلىق ئېلىپ بېرىلغان ئەخلاق، قانۇن – تۈزۈم تەربىيەسى كېيىنكى يېڭى بىر ئەۋلاد سەرخىللارنى يېتىشتۈرۈشنىڭ مۇھىم ئاساسى ۋە كاپالىتى بولۇپلا قالماي، دۆلەتنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنىڭ ھۈل قۇرۇلۇشىدۇر.

(ئاپتور: لوپ ناھىيەسى لوپ بازارلىق باشلانغۇچ مەكتەپتىن)

 
بۇ تېما سىزگە يارىغان، ياردەم بەرگەن بولسا،ھەمبەھىرلەڭ،ساقلىۋىلىڭ:

بالىلار ناخشىلىرى

سۇئال پىلان خۇلاسە تۈزۈم مائارىپ تەتقىقات
<font color='#0000FF'>ئوقۇتقۇچىلار نىمە ئۈچۈ</font>

ئاز سانلىق مىللەتلەر ‹‹قوش تىل›› مائا

جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]

پاكىز ئويۇنلار