«شىنجاڭ گېزىتى» مۇخبىرى جياڭ ۋېن خەۋەر قىلىدۇ: ئىلى، قاراماي، ئاقسۇ، قەشقەر، خوتەن قاتارلىق جايلاردىكى خەلق سوت مەھكىمىلىرى يېقىندا چېگرادىن قانۇنسىز ئۆتۈش جىنايىتىگە چېتىشلىق 10 دېلودىكى 45 جاۋابكارغا 1-سوتتا قاراپ چىقىپ، تېررورلۇق تەشكىلاتى تەشكىللەش، رەھبەرلىك قىلىش، قاتنىشىش، مەبلەغ ياردىمى بېرىش، باشقىلارنى چېگرادىن ئوغرىلىقچە ئۆتۈشكە تەشكىللەش قاتارلىق جىنايەتلەرگە چېتىشلىق ئىككى جاۋابكارغا مۇددەتسىز قاماق جازاسى، 43 جاۋابكارغا مۇددەتلىك تۆت يىللىقتىن 15 يىللىققىچە قاماق جازاسى بېرىش توغرىسىدا 1-سوت ھۆكۈمى چىقاردى.
مەزكۇر 10 دېلودىكى چېگرادىن قانۇنسىز ئۆتۈش جىنايتى سادىر قىلغۇچىلار دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ زەھەرلىشىگە ئۇچرىغان بولۇپ، «يىلانبېشى» نىڭ قۇترىتىشى ۋە تىزگىنلىشىدە «غازات قىلىش» ئۈچۈن چېگرادىن قانۇنسىز ئۆتكەن. بۇنىڭ ئىچىدىكى باشقىلارنى چېگرادىن ئوغرىلىقچە ئۆتۈشكە تەشكىللەشكە ئالاقىدار ئىككى دېلودىكى جىنايەت گۇماندارلىرىنى ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى ساقچىلار ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ساقچىلارغا تاپشۇرۇپ بەرگەن، ئىچىكىرى ئۆلكىدىكى 18 «يىلانبېشى» قانۇننىڭ جازاسىغا ئۇچرىغان.
جاۋابكار ۋېي خەي (گۇاڭشىلىق) بىلەن چېگرا سىرتىدىكى «ئالى» قاتارلىقلار 2013-يىلى دېكابىردىن بۇلتۇر ئىيۇنغىچە جۇڭگو چېگراسى ئىچىدىكى چېگرادىن ئوغرىلىقچە ئۆتكۈچىلەرنى ۋىيېتنامغا ئوغرىلىقچە ئۆتۈشكە تەشكىللىگەن بولۇپ، ئاۋۋال جاۋابكار چېن چياڭگۇي (گۇاڭشىلىق) نى چېگرادىن قانۇنسىز ئۆتكۈزۈش گۇرۇھىغا قوبۇل قىلىپ، جۇڭگو-ۋىيېتنام چېگراسىنى «پۇت دەسسەش» ۋە «يول ئىزدەش» نۇقتىسى قىلغان، ۋاڭ شيوۋ (گۇاڭشىلىق) قاتارلىق باشقا 11 جاۋابكار ۋىيېتنام چېگراسىدىن ئوغرىلىقچە ئۆتۈش لايىھەسىنى تۈزگەن ۋە ئىجرا قىلغان. دېلوغا چېتىشلىق جاۋابكارلار چېگرادىن قانۇنسىز ئۆتكۈچىلەرنى يۈك ئاپتوموبىلى ئارقىلىق گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونىنىڭ مەلۇم چېگرا لىنىيەسىدىن ۋىيېتنام چېگراسىغا قانۇنسىز ئۆتكۈزۈپ، ۋىيېتنامدىكى «يىلانبېشى» لارغا تاپشۇرۇپ بەرگەن ھەمدە چېگرادىن ئوغرىلىقچە ئۆتكۈچىلەرنىڭ ھەر بىرىدىن 5000 يۈەندىن 6000 يۈەنگىچە ھەق ئالغان، ئۇلار جەمئىي 45 قېتىمدا 305 ئادەمنى چېگرادىن قانۇنسىز ئۆتكۈزگەن. قاراماي شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى ۋېي خەي، چېن چياڭگۈي قاتارلىق جاۋابكارلارغا باشقىلارنى چېگرادىن ئوغرىلىقچە ئۆتۈشكە تەشكىللەش جىنايىتى ئۈچۈن مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىپ، سىياسىي ھوقوقىدىن ئۆمۈرۋايەت مەھرۇم قىلىش ھەمدە بارلىق مال-مۈلكىنى مۇسادىرە قىلىش؛ ۋاڭ شىيوۋ قاتارلىق 11 جاۋابكارغا مۇددەتلىك 12 يىللىقتىن يەتتە يىللىققىچە قاماق جازاسى بېرىپ، سىياسىي ھوقوقىدىن مەھرۇم قىلىش ياكى شىتراپ قويۇش قاتارلىق مۇناسىپ قوشۇمچە جازالارنى بېرىش توغرىسىدا ھۆكۈم چىقارغان.
جاۋابكار لىن جۈنچۈەن (گۇاڭشىلىق) بۇلتۇر فېۋرالدىن مارتقىچە شىنجاڭلىق ۋە ۋىيېتناملىق «يىلانبېشى» بىلەن چېگرادىن ئوغرىلىقچە ئۆتكۈچىلەرنى گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونى چېگرا لىنىيەسىدىن ۋىيېتنامغا ئۆتكۈزۈشنى مەسلىھەتلەشكەن ھەمدە ھارام مالنى تەڭ بۆلۈشۈش لايىھەسىنى تۈزگەن. ئۇ بۇلتۇر مارتتا ۋېي شوۋجيې (گۇاڭشىلىق) قاتارلىق تۆت جاۋابكارنى ئۆز يېنىغا تارتىپ، چېگرا بويىدىن ئۆي ئىجارە ئېلىپ، بۇنى ئوغرىلىقچە ئۆتكۈچىلەرنىڭ ئۆتىڭى قىلغان. بەش جاۋابكار بۇلتۇر 16-ئاپرېل چېگرادىن ئوغرىلىقچە ئۆتكۈچى 21 كىشىنى 291 مىڭ يۈەنگە گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونىنىڭ گۈيلىن شەھىرىدىن چېگرا لىنىيەسىگە يەتكۈزگەن، ئۇلار دېڭىز (جۇڭگو دېڭىز تەۋەلىكى) دىن ئۆتۈش جەريانىدا دېڭىز ساقچىلىرىنىڭ قولىغا چۈشكەن. قاراماي شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى جاۋابكار لىن جۈنچۈەنگە باشقىلارنى چېگرادىن ئوغرىلىقچە ئۆتۈشكە تەشكىللەش جىنايىتى ئۈچۈن مۇددەتلىك 15 يىللىق قاماق جازاسى بېرىپ، سىياسىي ھوقوقىدىن بەش يىل مەھرۇم قىلىش، قوشۇمچە 100 مىڭ يۈەن شىتراپ قويۇش؛ جاۋابكار ۋېي شوۋجيېغا مۇددەتلىك 11 يىللىق قاماق جازاسى بېرىپ، سىياسىي ھوقوقىدىن بىر يىل مەھرۇم قىلىش، قوشۇمچە 50 مىڭ يۈەن شىتراپ قويۇش؛ بۇ دېلودىكى باشقا ئۈچ جاۋابكارغا مۇددەتلىك توققۇز يىللىقتىن يەتتە يىللىققىچە قاماق جازاسى بېرىش، قوشۇمچە شىتراپ قويۇش توغرىسىدا ھۆكۈم چىقارغان.
ئابدۇۋاسىت جۈمە قاتارلىق بەش جاۋابكار 2013-يىلى ئاپرېلدىن بۇلتۇر سېنتەبىرگىچە بولغان مەزگىلدە، دىنىي رادىكال مەزمۇنىدىكى كىتابلارنى داۋاملىق توپلىشىپ ئوقۇغا، زوراۋانلىق، تېررورلۇققا ئائىت ئۈن-سىن تارالغۇلىرىنى كۆرگەن، كۆپ قېتىم «ھىجرەت قىلىش، غازات قىلىش» نى پىلانلىغان ھەمدە 140 مىڭ يۈەننى ئابدۇراھمان قاسىم قاتارلىق ئىككەيلەن (باشقا دېلودا بىر تەرەپ قىلىنغان) گە بەرگەن. بەشەيلەن كېيىن ئابدۇراھمان قاسىمنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن تاجىكىستانلىق شوپۇر ھەيدىگەن يۈك ئاپتوموبىلىغا ئولتۇرۇپ، تاجىكىستان-ئافىغانىستان چېگراسىدىن ئوغرىلىقچە ئۆتۈپ، «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» ۋە تالىبان تەشكىلاتىغا قاتناشماقچى بولغاندا يەرلىك ساقچىلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ، جۇڭگو تەرەپكە ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن. قەشقەر ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى ئابدۇۋاسىت جۈمە قاتارلىق تۆت جاۋابكارغا تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قاتنىشىش جىنايىتى ئۈچۈن مۇددەتلىق 10 يىللىقتىن قاماق جازاسى بېرىپ، سىياسىي ھوقوقىدىن ئۈچ يىللىقتىن مەھرۇم قىلىش؛ ئالىمجان مەخمۇتقا سەككىز يىللىق قاماق جازاسى بېرىپ، سىياسىي ھوقوقىدىن ئىككى يىل مەھرۇم قىلىش توغرىسىدا ھۆكۈم چىقارغان.
جاۋابكار مەتقارى ئاۋۇت بىلەن ھەبىبۇللا جۈمەنىياز مەتتوختى ئەبەينىڭ كۈشكۈرتۈشى ئاستىدا چېگرا سىرتىغا چىقىپ تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قاتنىشىپ، «غازات قىلىش» نى مەخپىي پىلانلىغان. بۇ ئۈچ جاۋابكار بۇ يىل 7-يانۋار تۈركىيەلىك ئىمىردىن تۈركىيەنىڭ ساختا پاسپورتىدىن ئۈچنى سېتىۋېلىپ، بېيجىڭدىن ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ تۈركىيەگە ماڭغاندا، ئۈرۈمچى ئايروپورتىدا قولغا چۈشكەن. خوتەن ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى مەتتوختى ئەبەيگە تېررورلۇق تەشكىلاتى تەشكىللەش، رەھبەرلىك قىلىش جىنايىتى ئۈچۈن مۇددەتلىك 15 يىللىق قاماق جازاسى بېرىپ، سىياسىي ھوقوقىدىن بەش يىل مەھرۇم قىلىش؛ مەتقارى ئاۋۇت بىلەن ھەبىبۇللا جۈمەنىيازغا تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قاتنىشىش جىنايىتى ئۈچۈن ئايرىم-ئايرىم مۇددەتلىك 10 يىللىقتىن قاماق جازاسى بېرىپ، سىياسىي ھوقوقىدىن تۆت يىللىقتىن مەھرۇم قىلىش توغرىسىدا ھۆكۈم چىقارغان.
سوت مەھكىمىلىرى دېلونى سوتلاش جەريانىدا جاۋابكارلارنىڭ ئاقلىنىش ھوقوقى، ئۆز مىللىتىنىڭ تىل-يېزىقىدا دەۋا قىلىش ھوقوقى، نارازىلىق ئەرز سۇنۇش ھوقوقى ۋە باشقا دەۋا ھوقوقلىرىغا قانۇن بويىچە تولۇق كاپالەتلىك قىلغان.
ئاپتونوم رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسىدىكى ئالاقىدار مەسئۇلنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، خەلق سوت مەھكىمىلىرى زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايەتلىرىگە قىلچە رەھىم قىلماي، چېگرادىن ئوغرىلىقچە ئۆتۈپ «غازات قىلىش» قا ئورۇنغۇچىلارغا داۋاملىق قاقشاتقۇچ زەربە بېرىدىكەن، شۇنىڭ بىلەن بىللە، قانۇن بويىچە ئوچۇق سوت ئېچىش، تىپىك دېلو مىساللىرىنى تاراتقۇلاردا ئېلان قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، جىنايەتچى ئۇنسۇرلارنى ئۈنۈملۈك چۆچۈتىدىكەن ھەمدە ئاممىنى كۆزىنى يوغان ئېچىپ، ھەق-ناھەقنى ئېنىق ئايرىپ، دىنىي رادىكال ئىدىيەنىڭ زىيانكەشلىكىدىن قۇتۇلۇشقا يېتەكلەيدىكەن.
جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]