خەرىتە | پىكىر دەپتىرى | RSS | خەتكۇچ | USY | ULY | 中文 |
ئالىم بالام سەرخىل ئوقۇشلۇق MP3 ناخشىلار كارتون فىلىم ئۆگىنىش قانىلى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى قانۇنىي كاپالەت

بەشتاش(www.baxtax.cn)ئاپتۇر : ئويچان2015-08-12 13:18

 
قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى قانۇنىي كاپالەت

9 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 10 – يىغىنىدا ماقۇللانغان، 11 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 29 – يىغىنىنىڭ قارارىغا ئاساسەن تۈزىتىلگەن ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى›› 2013 – يىلى 1 – يانۋاردىن باشلاپ يولغا قويۇلدى. مەزكۇر قانۇن قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىسمانىي، زېھنىي ساغلاملىقىنى كاپالەتلەندۈرۈش، قۇرامىغا يەتمىگەنلەردە ياخشى پەزىلەت يېتىلدۈرۈش، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىش مەقسىتىدە چىقىرىلغان.

    .1 ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتى ئېنىق بەلگىلەنگەن. قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ تەشكىلىي رەھبەرلىكى ھەمدە تەشكىلىي رەھبەرلىك قىلىش ئاساسىدا ھەر تەرەپلىمە تۈزەشنى يولغا قويۇش ئالاھىدە تەكىتلەنگەن. ھۆكۈمەت تارماقلىرىنىڭ قانۇن يۈرگۈزگۈچى ئورگانلار، خەلق تەشكىلاتلىرى، ئالاقىدار ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار، مەكتەپلەر، ئائىلىلەر، ئاھالىلەر كومىتېتلىرى قاتارلىقلار بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىسمانىي، روھىي جەھەتتە ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشى ئۈچۈن ياخشى ئىجتىمائىي مۇھىت يارىتىشى تەلەپ قىلىنغان.

    .2 قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەربىيەسى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئالاھىدە تەكىتلەنگەن. بۇ جەھەتتىكى خىزمەتلەر:

    (1) قانۇنچىلىق، ۋەتەنپەرۋەرلىك، كوللېكتىۋىزملىق تەربىيەسىنى كۈچەيتىش. قۇرامىغا يەتمىگەنلەردىن مەجبۇرىيەت مائارىپى يېشىغا توشقانلارغا يۇقىرىدا دېيىلگەن تەربىيەلەرنى بېرىش بىلەن بىللە، جىنايەت ئۆتكۈزۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەربىيەسى بېرىش، بۇنىڭدا مۇھىمى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ قانۇنچىلىق قارىشىنى كۈچەيتىپ، ئۇلارغا قانۇنغا خىلاپ جىنايى قىلمىشنىڭ ئۆزىگە، ئائىلىسىگە، جەمئىيەتكە كەلتۈرىدىغان زىيىنىنى، شۇ جىنايى قىلمىشى ئۈچۈن ئۈستىگە ئالىدىغان قانۇنىي جاۋابكارلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئۇلاردا قانۇن – ئىنتىزامغا رىئايە قىلىش، جىنايەت ئۆتكۈزۈشتىن ساقلىنىش ئېڭىنى تۇرغۇزۇش.

    (2) مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى، مەكتەپلەر جىنايەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەربىيەسىنى قانۇنچىلىق تەربىيەسىنىڭ مەزمۇنى سۈپىتىدە مەكتەپنىڭ تەلىم – تەربىيە ۋە ئوقۇتۇش پىلانىغا كىرگۈزۈپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەردە كۆپ يۈز بېرىدىغان جىنايەتلەرگە بىرلەشتۈرۈپ، ئوخشاش بولمىغان ياشتىكى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە جىنايەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەققىدە قاراتمىلىق تەربىيە بېرىش.

    (3) ئەدلىيە مەمۇرىي تارماقلىرى، مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى، پىيونېرلار ئەترەتلىرى كۆرگەزمە قىلىش، دوكلات بېرىش، نۇتۇق سۆزلەش قاتارلىق شەكىللەرنى قوللىنىپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەققىدە قانۇنچىلىق تەشۋىقات پائالىيىتىنى ئۇيۇشتۇرۇش.

    (4) مەكتەپلەر قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەزمۇن قىلىنغان پائالىيەتلەرنى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ ئۆتكۈزۈش، مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەربىيەسىنىڭ ئۈنۈمىنى مەكتەپ خىزمىتىنى باھالاشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىش، مەكتەپلەر جىنايەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەربىيەسى ئېلىپ بېرىشقا مەخسۇس ياكى قوشۇمچە ئوقۇتقۇچى تەكلىپ قىلىش.

    (5) ئۈچ خىل تەربىيەنى بىرلەشتۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىش. جەمئىيەت تەربىيەسى، مەكتەپ تەربىيەسى، ئائىلە تەربىيەسىدىن ئىبارەت ‹‹ئۈچ خىل تەربىيە›› قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئەقلىي ئىقتىدار ساپاسىنى يېتىلدۈرۈش ۋە ئۇنى جارى قىلدۇرۇشتا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ، شۇنداقلا بىر – بىرىگە ئاساس سالىدۇ، بىر – بىرىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ، بىر – بىرىنى تولۇقلايدۇ. مەكتەپ تەربىيەسى ئۈچ خىل تەربىيەنىڭ ئاساسلىق تەربىيە شەكلى. مەكتەپ ئاساسلىق تەربىيەنى ئۈستىگە ئالسا، ئائىلە مەكتەپ تەربىيەسىگە ماسلىشىپ مەكتەپنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە قويغان تەلەپلىرىنى ئورۇنداشقا يېقىندىن ماسلىشىشى، زور كۈچ بىلەن قوللىشى كېرەك.

    (6) ئاھالىلەر كومىتېتلىرى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش جەھەتتىكى قانۇنچىلىق تەشۋىقات پائالىيىتىنى قاراتمىلىق ھالدا قانات يايدۇرۇش.

    .3 قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ناچار قىلمىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئالاھىدە بەلگىلەنگەن. قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئاتا – ئانىسى، باشقا ۋەسىيلىرى، مەكتەپلەر قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە تۆۋەندىكى قىلمىشلاردا بولماسلىق ھەققىدە تەربىيە بېرىشكە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك:

    (1) دەرستىن قېلىش، دەرسكە كېچىكىش، ئاتا – ئانىسىنىڭ خەۋىرى يوق ئەھۋالدا كېچىسى ئۆيگە قايتماسلىق؛

    (2) چەكلەنگەن، تىزگىنلىنىدىغان، ئېلىپ يۈرۈش مەنئى قىلىنغان تىغلارنى ئېلىپ يۈرمەسلىك؛

    (3) ئۇرۇش – جېدەل قىلماسلىق، باشقىلارنى ھاقارەتلەپ تىللىماسلىق؛

    (4) باشقىلارنىڭ پۇل – ماللىرىنى زورلۇق قىلىپ مەجبۇرىي ئېلىۋالماسلىق؛

    (5) باشقىلارنىڭ پۇل – ماللىرىنى ئوغرىلىۋالماسلىق، قەستەن بۇزۇۋەتمەسلىك؛

    (6) قىمار ئوينىماسلىق؛

    (7) شەھۋانىي ئۈن – سىن بۇيۇملىرىنى ۋە ئوقۇشلۇقلارنى كۆرمەسلىك، ئاڭلىماسلىق؛

    (8) قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ كىرىشى چەكلەنگەن تىجارەتلىك تانسىخانا قاتارلىق سورۇنلارغا كىرمەسلىك؛

    (9) ئىجتىمائىي ئەخلاققا خىلاپ باشقا ناچار قىلمىشلار بىلەن شۇغۇللانماسلىق.

    .4 قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئېغىر، ناچار قىلمىشلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تۈزىتىش توغرىسىدا ئېنىق بەلگىلىمىلەر چىقىرىلغان. ئېغىر، ناچار قىلمىشلار جەمئىيەتكە ئېغىر خەۋپ يەتكۈزسىمۇ، جىنايى جازا بېرىشكە توشمايدىغان قانۇنغا خىلاپ تۆۋەندىكى قىلمىشلارنى كۆرسىتىدۇ:

    (1) ئادەم توپلاپ جېدەل چىقىرىپ، ئامانلىقنى قالايمىقانلاشتۇرۇش؛

    (2) تىزگىنلىنىدىغان تىغلارنى ئېلىپ يۈرۈش، قايتا – قايتا تەربىيە بەرسىمۇ تۈزەتمەسلىك؛

    (3) كۆپ قېتىم يول توسۇپ ئادەم ئۇرۇش ياكى باشقىلارنىڭ پۇل – مېلىنى مەجبۇرىي ئېلىۋېلىش؛

    (4) شەھۋانىي ئوقۇشلۇق ياكى ئۈن – سىن بۇيۇملىرىنى تارقىتىش؛

    (5) بۇزۇقچىلىق، ئىشقىۋازلىق قىلىش، ئىپپەت – نومۇسىنى سېتىش؛

    (6) كۆپ قېتىم ئوغرىلىق قىلىش؛

    (7) قىمار ئويناش، قايتا – قايتا تەربىيە بەرسىمۇ تۈزەتمەسلىك؛

    (8) زەھەر چېكىش، ئوكۇل قىلىپ سېلىش؛

    (9) جەمئىيەتكە خەۋپ يەتكۈزۈدىغان باشقا قىلمىشلار.

    قۇرامىغا يەتمىگەنلەر مەزكۇر قانۇندا بەلگىلەنگەن يۇقىرىدىكى ئېغىر، ناچار قىلمىشنى سادىر قىلىپ ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپلىق قىلىشنى شەكىللەندۈرسە، جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى قانۇن بويىچە ئامانلىق جازاسى بېرىدۇ؛ 14 ياشقا توشمىغان ياكى قىلمىشى ئالاھىدە يېنىك بولغانلىقتىن جازا كەچۈرۈم قىلىنسىمۇ بولىدىغانلىرىغا تەربىيە بېرىلىدۇ؛ 16 ياشقا توشمىغانلىقتىن جىنايى جازا بېرىلمەيدىغانلىرى ئاتا – ئانىسى ياكى باشقا ۋەسىيلىرىنىڭ قاتتىق باشقۇرۇشىغا تاپشۇرۇپ بېرىلىدۇ. زۆرۈر تېپىلغاندا ھۆكۈمەت ئۇلارنى قانۇن بويىچە يىغىۋېلىپ تەربىيەلىسە بولىدۇ.

    .5 قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى قانۇنىي مەسئۇلىيەت ئېنىق بەلگىلەنگەن. بۇلار تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:

    (1) قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئاتا – ئانىسى، باشقا ۋەسىيلىرىدىن ۋەسىيلىك بۇرچىنى ئادا قىلماي، ئۇلارنى مەزكۇر قانۇندا بەلگىلەنگەن ناچار قىلمىش، ئېغىر ناچار قىلمىشنى سادىر قىلىشقا قويۇپ بەرگەنلەرگە ج خ ئورگىنى تەنبىھ بېرىدۇ، ئۇلارنى قاتتىق باشقۇرىدۇ؛

    (2) قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئاتا – ئانىسى، باشقا ۋەسىيلىرىدىن مۇشۇ قانۇننىڭ 19 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، 16 ياشقا توشمىغانلارنىڭ ۋەسىيلىكتىن ئايرىلىپ تۇرۇشىغا يول قويغانلىرىغا ج خ ئورگىنى تەنبىھ بېرىدۇ، ئۇلارنى دەرھال تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛

    (3) ج خ ئورگىنىنىڭ خادىملىرىدىن مۇشۇ قانۇننىڭ 18 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، مەلۇماتنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن ۋاقتىدا تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلماي ياكى ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللانماي، ئېغىر مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلغانلىرىغا مەمۇرىي چارە كۆرۈلىدۇ. ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلىپ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

    (4) مەزكۇر قانۇننىڭ 30 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ جىنايەت ئۆتكۈزۈشكە ئازدۇرغان ۋە ئۇلارنىڭ جىسمانىي، روھىي ساغلاملىقىغا زىيان يەتكۈزۈدىغان زوراۋانلىق، ئىشقىۋازلىق، قىمارۋازلىق، تېررورلۇق قاتارلىقلار تەرغىب قىلىنغان نەشر بۇيۇملىرىنى نەشر قىلغانلارنىڭ نەشر بۇيۇملىرى مۇسادىرە قىلىنىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنىڭ ئۈچ ھەسسىدىن يۇقىرى ئون ھەسسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ. قىلمىشى ئېغىرلىرىنىڭ نەشر بۇيۇملىرى، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى مۇسادىرە قىلىنىدۇ ھەم ئىشى توختىتىپ تەرتىپكە سېلىنىدۇ ياكى ئىجازەتنامىسى بىكار قىلىنىدۇ. بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىم ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا جەرىمانە قويۇلىدۇ.

    (5) قۇرامىغا يەتمىگەنلەر ئوبيېكت قىلىنغان شەھۋانىي نەشر بۇيۇملىرىنى ئىشلىگەن، كۆپەيتكەن، ساتقان، ئىجارىگە بەرگەن، تارقاتقانلارغا قانۇن بويىچە ئامانلىق جازاسى بېرىلىدۇ، جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

    قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەر ساھە ۋە ھەر بىر پۇقرانىڭ مۇقەررەر ۋەزىپىسى ۋە مەجبۇرىيىتى. شۇڭا مەزكۇر قانۇندا بەلگىلەنگەن بەلگىلىمىلەرنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئۇنىڭ روھىي ماھىيىتىنى تولۇق ئىگىلەپ، باشلامچىلىق بىلەن قانۇننى توغرا، ئادىل ئىجرا قىلىپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا كۈچ چىقىرىپ، ئۇلارنى دۆلەت قانۇنى بويىچە توغرا يېتەكلەپ، يامان ئىشقا قارشى تۇرىدىغان، ئىناقلىققا، ئىتتىپاقلىققا ئىنتىلىپ، چېچىلاڭغۇلۇق، بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرىگە قارشى تۇرىدىغان پاك، ساغلام ئادەم قىلىپ تەربىيەلەپ چىقىش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشىمىز، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نىڭ ئۇلارنىڭ ئىدىيەسىنى زەھەرلەپ، يامان يولغا باشلىشىغا قەتئىي يول قويماسلىقىمىز كېرەك.

 
بۇ تېما سىزگە يارىغان، ياردەم بەرگەن بولسا،ھەمبەھىرلەڭ،ساقلىۋىلىڭ:

بالىلار ناخشىلىرى

سۇئال پىلان خۇلاسە تۈزۈم مائارىپ تەتقىقات
<font color='#0000FF'>ئوقۇتقۇچىلار نىمە ئۈچۈ</font>

ئاز سانلىق مىللەتلەر ‹‹قوش تىل›› مائا

جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]

پاكىز ئويۇنلار