ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمى يېقىندا «تەشكىلات تارماقلىرىنىڭ فونكىسىيەلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، كادىرلار قوشۇنىنى كۈچەيتىش، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى كۈچەيتىش ۋە ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلار قوشۇنىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «ئۈچ قوشۇن»، «پىكىر» دەپ ئېلىنىدۇ)نى تارقاتتى، شۇنداقلا ئاپتونوم رايوننىڭ «ئۈچ قوشۇن» قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، «ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش» مەخسۇس تېما تەربىيەسى سۆھبەت يىغىنىنى ئېچىپ، كونكرېت ئورۇنلاشتۇردى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى «ئۈچ قوشۇن» قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشكە ئالاقىدار ئەھۋاللار توغرىسىدا مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاپ بەردى.
سوئال: «ئۈچ قوشۇن» قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش قانداق مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە؟
جاۋاب: شىنجاڭ ئىككى «ئۈچ مەزگىل گىرەلەشكەن» ئالاھىدە پەيتتە تۇرۇۋاتىدۇ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ساقلاش، ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇش شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ كۆزلەش نۇقتىسى ھەم كۈچەش نۇقتىسى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە دىن ئىناقلىقى ئەڭ چوڭ ئاممىۋى خىزمەت ھېسابلىنىدۇ. سىياسىي لۇشيەن بېكىتىلگەندىن كېيىن، كادىرلار ھەل قىلغۇچ ئامىل. كادىرلار قوشۇنى پارتىيەمىزنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشىدىكى تايانچ كۈچ بولۇپ، شىنجاڭدىكى بارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ئاچقۇچىدۇر. شىنجاڭدا ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ساقلاپ، ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا كادىرلار قوشۇنىدىن ئىبارەت بۇ ئاساسنى جەزمەن چىڭ تۇتۇش كېرەك. 2014 - يىلىنىڭ ئاخىرىدا ئاپتونوم رايونىمىز نوپۇسى 22 مىليون 980 مىڭغا يەتتى، بۇنىڭ ئىچىدە تۈرلۈك مەكتەپتە ئوقۇۋاتقانلار 4 مىليون 730 مىڭ، تۈرلۈك ئوقۇتقۇچى 340 مىڭ. مەكتەپ ئىجتىمائىي مۇقىملىقنىڭ سىمۋولى بولۇپ، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ لاياقەتلىك قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىشەنچلىك ئىز باسارلىرىنى يېتىشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ئىشلىرىنى داۋاملاشتۇرغۇچى، مەشئەلنى داۋاملىق يەتكۈزۈشكە كاپالەتلىك قىلىشتىكى يادرولۇق كۈچ ھېسابلىنىدۇ. مەملىكەت ئىچى - سىرتىدىكى مۇرەككەپ ئامىلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغاچقا، شىنجاڭنىڭ قىسمەن جايلىرىدا قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەر كۆپ قېتىم يۈز بېرىپ، دىن ئەسەبىيلىكى ئىدىيەسىنىڭ سىڭدۈرمىچىلىك ھەرىكىتى كۈچەيدى، دىن ئەسەبىيلىرى ياشلارنى زەھەرلەپ، ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلارغا زىيانكەشلىك قىلىپ، مىللىي بۆلگۈنچىلەر ۋە زوراۋان - تېررورچىلارنىڭ ئىدىيە تارقىتىش، ئەزا قوبۇل قىلىشتىكى ھەرىكەت بازىسىغا ئايلاندى. ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلار قوشۇنى «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش»، ئېتىقادچى ئاممىنى ئۇيۇشتۇرۇش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە دىن ئىناقلىقىنى قوغداشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم تايانچ كۈچ. شۇڭلاشقا، «ئۈچ قوشۇن» قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش، شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش ئىستراتېگىيەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تاقىلىدۇ.
سوئال: «ئۈچ قوشۇن» قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى 20 ماددىلىق «پىكىر» قانداق ئارقا كۆرۈنۈش ئاستىدا تۈزۈلدى؟
جاۋاب: يىلنىڭ بېشىدا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم «بىردە باشلامچى بولۇش، ئاساسنى كۈچەيتىپ مۇستەھكەملەش، قوشۇننى تەڭ تۇتۇش»تىن ئىبارەت پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى ئومۇمىي تەلىپىنى بېكىتتى. ئاپتونوم رايون ھەر قايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر، تارماقلارنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى يىغىنى، مائارىپ - ئوقۇتقۇچىلار خىزمىتى يىغىنى، ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلار سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزدى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن ئايرىم - ئايرىم مۇھىم سۆز قىلىپ، «ئۈچ قوشۇن» قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، «ئۈچ قوشۇن»نىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش توغرىسىدا ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. يولداش جاڭ چۈنشيەننىڭ مۇھىم سۆزى چوڭقۇر نەزەرىيە ئاساسىغا، ئەمەلىيەت ئاساسىغا ۋە ئەلرايى ئاساسىغا ئىگە، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتىگە قويغان تەلىپى ئىزچىللاشتۇرۇلغان ۋە ئەكس ئەتتۈرۈلگەن بولۇپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش نەزەرىيەسىدە يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئەمەلىيەتتە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ مۇھىم ئىپادىسى، ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە شىنجاڭنىڭ «ئۈچ قوشۇن» قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش خىزمىتىدىكى مۇھىم كۆرسەتمە بولۇپ، «پىكىر»نى مۇھاكىمە قىلىپ تۈزۈشىمىزنى مۇھىم ئاساس بىلەن تەمىنلىدى.
سوئال: «ئۈچ قوشۇن» قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتە چىڭ تۇرىدىغان يېتەكچى ئىدىيە نېمە؟
جاۋاب: «پىكىر»دىكى يېتەكچى ئىدىيە تۆت جەھەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: بىرىنچى، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانىنى چۆرىدەش، بۇ «ئۈچ قوشۇن» قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى. ئىككىنچى، پارتىيەنىڭ كادىرلار خىزمىتى، مائارىپ خىزمىتى ۋە دىن خىزمىتى توغرىسىدىكى فاڭجېنى، يېتەكچى پىرىنسىپى، سىياسىتى ۋە يولداش جاڭ چۈنشيەننىڭ «ئۈچ قوشۇن» قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، «ئۈچ قوشۇن» قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتە جەزمەن ئەمەل قىلىش كېرەك. ئۈچىنچى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئالاقىدار يىغىن، ھۆججەتلىرىدە بېكىتىلگەن تۈرلۈك سىياسەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك چىڭ تۇتۇپ، يېڭى تەدبىرلەرنى يولغا قويۇش «ئۈچ قوشۇن» قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنىڭ ئاچقۇچى. تۆتىنچى، كادىرلار خىزمىتى، مائارىپ، ئوقۇتقۇچىلار خىزمىتى ۋە دىن ئىشلىرىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، «ئۈچ قوشۇن»نىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، بۆلگۈنچىلىككە، سىڭدۈرمىچىلىككە قارشى تۇرۇپ، «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش»، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداپ، ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۇلۇغۋار ئەمەلىيىتىگە پائال ئاتلىنىپ، ئىتتىپاق، ئىناق، گۈللەنگەن، باياشات، مەدەنىي، ئاكتىپ ئىلگىرىلەيدىغان، كىشىلەر خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىدىغان سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىش «ئۈچ قوشۇن»قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنىڭ نىشانى ھېسابلىنىدۇ.
سوئال: «ئۈچ قوشۇن» قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنىڭ نىشانى نېمە؟
جاۋاب: بىرىنچى، ئېتىقادى مۇستەھكەم، خەلققە مۇلازىمەت قىلىدىغان، ھۆكۈمەت ئىشىنى تىرىشىپ ئىشلەيدىغان، راستچىل، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئالالايدىغان، پاك - دىيانەتلىك كادىر بولۇش ئۆلچىمى، چوڭ ھەق - چوڭ ناھەقنى ئايرىشتا مەيدانى تولىمۇ ئېنىق، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداشتا ھەرىكىتى تولىمۇ قەتئىي، ھەر مىللەت ئاممىنى تولىمۇ قىزغىن سۆيىدىغان ياخشى كادىر بولۇش تەلىپىگە ئاساسەن، سىياسىيدا قەتئىي، ئىقتىدارى كۈچلۈك، ئىستىلى دۇرۇس، زېھنى ۋە كۈچ - قۇۋۋىتى ئۇرغۇپ تۇرىدىغان «تۆتتە كۈچلۈك» كادىرلار قوشۇنى قۇرۇش؛ ئىككىنچى، غايە - ئېتىقادلىق، پەزىلەتلىك، چوڭقۇر بىلىملىك، مېھرىبان بولۇش ئۆلچىمىگە ئاساسەن، مائارىپچى، ھۆكۈمەت خىزمەتچىسى، زىيالىيدىن ئىبارەت «ئۈچ خىل سالاھىيەت»لىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، تارىخىي مەسئۇلىيەتكە ئىگە ياخشى ئوقۇتقۇچى، كىشىلەرگە ئۈلگە بولالايدىغان ياخشى ئوقۇتقۇچى، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەيدىغان ياخشى ئوقۇتقۇچى، كەسىپتە پىشقان ياخشى ئوقۇتقۇچىدىن ئىبارەت «تۆتتە ياخشى» ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇش؛ ئۈچىنچى، سىياسىيدا ئىشەنچلىك بولۇش، دىنىي بىلىمى چوڭقۇر بولۇش، ئەخلاقى ئارقىلىق كۆپچىلىكنى قايىل قىلىش، ئاچقۇچلۇق پەيتتە رولىنى جارى قىلدۇرۇش تەلىپىگە ئاساسەن، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش، دىن ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش»نى چۆرىدەپ، ۋەتەننى، دىننى سۆيۈشتە ياخشى، تەپسىر قىلىشتا ياخشى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدا ياخشى، مەدەنىي، دىن ئىستىلى ياخشى، رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرىدىغان «بەشتە ياخشى» دىنىي زاتلار قوشۇنى قۇرۇش. شۇنىڭ بىلەن بىللە، شۇجى جاڭ چۈنشيەننىڭ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئىلغار ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى، ئىلغار كومپارتىيە ئەزالىرى، ئىلغار ھۆكۈمەت خىزمەتچىلىرىنى تەقدىرلەش يىغىنىدا سۆزلىگەن سۆزىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ تىرىشىپ سىياسىيدا قەتئىي، مۇقىملىقنى ساقلايدىغان، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغدايدىغان، كەسىپنى قەدىرلەپ تۆھپە قوشىدىغان، پاك - دىيانەتلىك «بەشتە ئۈلگە»لەردىن بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش.
سوئال: «تۆتتە كۈچلۈك» كادىرلار قوشۇنى قۇرۇشتا قانداق يېڭى تەدبىرلەر قوللىنىلىدۇ؟
جاۋاب: بىرىنچى، كادىرلار قوشۇنىنىڭ ئىدىيەۋى، سىياسىي قۇرۇلۇشى كۈچەيتىلىدۇ. سىياسىيدا قەتئىي بولۇش «تۆتتە كۈچلۈك» كادىرلار قوشۇنىنىڭ بىرىنچى تەلىپى ھېسابلىنىدۇ. ھەر دەرىجىلىك كادىرلارنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسىنى ئىگىلەش، «ئۈچتە ئۆزىگە ئىشىنىش»تە چىڭ تۇرۇش، ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈشكە تەشكىللەپ، مەركەزنىڭ تەلىپىنى شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك كادىرلارنىڭ سىياسىي ۋەزىپىسى سۈپىتىدە ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. يولداش جاڭ چۈنشيەننىڭ مۇھىم سۆزىنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇھىم ھۆججەتلىرى ۋە يىغىنلىرىنىڭ روھىنى ۋاقتىدا، ئەينەن يەتكۈزۈپ، روھى ماھىيىتى ۋە كونكېرت ۋەزىپىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش، يېڭىلىق يارىتىش يېڭى تەلىپىنى ئىگىلەپ، شىنجاڭنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنى ئاشۇرۇپ، شىنجاڭ روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشنى كۈچەيتىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ھەر دەرىجىلىك كادىرلارنىڭ ئاڭلىق ھەرىكىتىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك. بارلىق كادىرلار ئارىسىدا قانداق قىلىپ شىنجاڭچە «تۆتتە كۈچلۈك» كادىرلاردىن بولۇش توغرىسىدا ئۆگىنىش ۋە مۇھاكىمىنى قانات يايدۇرۇپ، ئورتاقلىق ھاسىل قىلىپ، كۈچنى ئاشۇرۇش كېرەك. كادىرلارنى پارتىيە ئىنتىزامى بولۇپمۇ پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامى ۋە سىياسىي بەلگىلىمىسىگە قاتتىق ئەمەل قىلىپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاش، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ قارار، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى كەم - كۈتىسىز ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، چوڭ ھەق، چوڭ ناھەق مەسىلىلىرىدە بايرىقى روشەن بولۇپ، بوران - چاپقۇنلاردىن، سىناقلاردىن قىلچە قورقمايدىغان، «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىدىغان، ھەر خىل ئېزىقتۇرۇشلار ئالدىدا مەيدانى مۇستەھكەم، ئاچقۇچلۇق پەيتتە يۆلەنچۈك بولالايدىغان، ئىشەنچلىك كادىرلاردىن بولۇشقا يېتەكلەش، تەربىيەلەش كېرەك. پارتىيە تۇرمۇشىنى كۈچەيتىپ، كادىرلار قوشۇنىنىڭ ئىدىيە، سىياسىي خىزمىتىنى ۋاقتىدا ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىدىيە، سىياسىي قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىش كېرەك.
ئىككىنچى، كادىرلارنى ئۆستۈرۈش، ۋەزىپىگە قويۇشتا توغرا ئادەم ئىشلىتىش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇلىدۇ. ئادەم ئىشلىتىش يۆنىلىشى ئەڭ مۇھىم، ئەڭ نېگىزلىك، ئەڭ ئەسقاتىدىغان تۇتقا. «پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت رەھبىرىي كادىرلىرىنى ئۆستۈرۈش، ۋەزىپىگە قويۇش خىزمەت نىزامى»نى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، پىرىنسىپتا چىڭ تۇرۇش، ئۆلچەمنى يولغا قويۇش،، تەرتىپنى ئىجرا قىلىش، ئىنتىزامغا رىئايە قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە يەنىمۇ تەلەپچان، ئەمەلىي بولۇش كېرەك. «ئۈچ خىل كىشى»نى زىيان تارتقۇزماسلىق، «ئۈچ جەڭ مەيدانى»دا چىڭ تۇرۇش، «ئۈچتە قەتئىي بولۇش»نى كۈچلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەبەدىي ئەمىنلىكنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرگەن، ھالقىما تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۆھپە قوشقان، ئىسلاھاتنى ئويلايدىغان، ئىسلاھاتنى كۆزلەيدىغان، ئىسلاھاتنى ياخشىلايدىغان، قانۇننى ھۆرمەتلەيدىغان، قانۇنغا رىئايە قىلىدىغان، قانۇننى ئىشلىتىدىغان كادىرلارنى، پارتىيەنى قاتتىق باشقۇرۇش، دادىل زىممىسىگە ئېلىش، ئاساسنى كۈچەيتىش، مۇستەھكەملەش مەسئۇلىيىتىنى ئاڭلىق ئادا قىلغان كادىرلارنى زور كۈچ بىلەن ئۆستۈرۈش، ۋەزىپىگە قويۇش كېرەك. سىياسىيدا دانا، تەرەققىياتنىڭ يول ئاچقۇچىسى، ئاممىنىڭ يېقىن سىردىشى، بەنزىنىڭ باشلامچىسى بولۇش تەلىپىگە ئاساسەن، ناھىيەلىك پارتكوم شۇجىلىرىنى كۈچلۈك سەپلەپ، كادىرلار قوشۇنىنىڭ ئۈلگىلىك، باشلامچىلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك. كادىرلارنى ئۆستۈرۈپ ۋەزىپىگە قويۇش، تەكلىپ قىلىش پىكرىنى مۇھاكىمە قىلىپ بېكىتىپ، دائىرە، شەكىل، تەرتىپ، تەلەپ قاتارلىق جەھەتلەردە يەنىمۇ كونكرېتلاشتۇرۇش كېرەك. مەسىلىنى بايقاشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ كۆزىتىش خىزمىتىنى ياخشىلاپ، سىياسىي ئۆتكەل، ئەخلاق - ئىقتىدار ئۆتكىلى، ئىستىل ئۆتكىلى ۋە ھاكىمىيەت ئىشلىرىدا پاك بولۇش ئۆتكىلىنى ھەقىقىي چىڭ تۇتۇش كېرەك. سىياسىيدا قەتئىي بولۇش، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشقا جۈرئەت قىلىشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، «ئۈچ ئەل» پائالىيىتىدىكى مۇنەۋۋەر كادىرلارنى تاللاپ مۇھىم ۋەزىپىگە قويۇشقا، ئاساسىي قاتلام 1 - سېپىدىن ئىلغار كادىرلارنى تاللاپ، يۆتكەپ ۋەزىپىگە قويۇشقا، مۇنەۋۋەر ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرىنى ئاچقۇچلۇق ئىش ئورنىدا ئاساسلىق مەسئۇللۇققا تەيىنلەشكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. ئىجابىي يېتەكلەش، رىغبەتلەندۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ھەر قايسى ساھەلەردە بىر تۈركۈم شىنجاڭچە ياخشى كادىرلار ئۈلگىلىرىنى تىكلەش كېرەك.
ئۈچىنچى، كادىرلار قوشۇنىنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈش سالمىقى ئاشۇرۇلىدۇ. كادىرلارنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈش ئۇللۇق، ئىستراتېگىيەلىك ۋە باشلامچىلىق ئالاھىدىلىكىگە ئىگە. ھەر دەرىجىلىك كادىرلارنىڭ چۈشىنىش، ئىجرا قىلىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ كادىرلارنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈش پىلانىنى يولغا قويۇش ئەھۋالىنى خۇلاسىلەپ، باھالاپ، يولغا قويۇش تەدبىرلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كادىرلارنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈش خىزمىتىنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش كېرەك. ئاساسىي قاتلام 1 - سېپى، بولۇپمۇ «ئۈچ ئەل »پائالىيىتىنى كادىرلارنى تاۋلاشنىڭ ئاساسىي جەڭ مەيدانى قىلىپ، ھەر يىلى ناھىيەدىن يۇقىرى دەرىجىلىك ئورگانلاردىن 70مىڭدىن ئارتۇق كادىرنى ئاساسىي قاتلامنىڭ مۇقىملىقنى ساقلاش ئەمەلىيىتىدە پارتىيەۋىلىكىنى تاۋلاش، ئەخلاق - پەزىلىتىنى چېنىقتۇرۇش، ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشكە ئەۋەتىش كېرەك. 2016~2017 يىللىق ئۈچ دەرىجىلىك رەھبەرلىك بەنزىرىسىنىڭ نۆۋەت ئالمىشىشىغا بىرلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايون، ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر، تارماق، ئورۇنلاردىن بىر تۈركۈم ياش كادىرلارنى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر، ناھىيە، يېزىلارغا ۋەزىپە ئۆتەشكە ئەۋەتىش كېرەك. رايون ئىچى ۋە سىرتىغا ۋەزىپە بىلەن ئەۋەتىپ چېنىقتۇرۇش سالمىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك. ئاز سانلىق مىللەتلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايونلاردىكى كادىرلارنى قوش تىلدا تەربىيەلەش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، تەشۋىقات - تەربىيە، ئامما بىلەن ئالاقە باغلاش، ئاممىغا خىزمەت قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. كادىرلارنىڭ تارماق، ساھە، رايون ھالقىغان ئالاقىسىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. بۇنىڭدىن كېيىنكى بەش يىلدىن ئون يىلغىچە بولغان رەھبەرلىك بەنزىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنى كۆزلەپ، زاپاس كادىرلارنىڭ مەخسۇس تېمىدىكى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك بىر تۈركۈم نامزاتلارنى تەربىيەلەشنى چىڭ تۇتۇپ، نۇقتىلىق تەربىيەلەش كېرەك. كەسپىي ماھارەت تىپىدىكى، ئىگىلىك باشقۇرۇش تىپىدىكى ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرىنى تەربىيەلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك.
تۆتىنچى، ئاساسىي قاتلام كادىرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشى كۈچەيتىلىدۇ. ئاساسىي قاتلام مۇقىم بولغاندا شىنجاڭ مۇقىم بولىدۇ، ئاساسىي قاتلام گۈللەنسە شىنجاڭ گۈللىنىدۇ، ئاساسنى كۈچەيتىش، پۇختىلاشنى ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا قويۇش كېرەك. ئاساسىي قاتلامدىن مەمۇر قۇبۇل قىلىش، مۇنەۋۋەر ئىستۇدېنتلارنى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى جاپالىق، چەت رايونلارغا ئەۋەتىشكە مايىللىشىش كېرەك. يېڭى قوبۇل قىلىنغان مەمۇرلار، تاللاپ ئەۋەتىلگەن ئىستۇدېنتلار ئالدى بىلەن كەنتلەردە ئىككى يىل خىزمەت قىلىشى كېرەك. ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنى ئاساسىي قاتلامدا چېنىقتۇرۇش «بۇغدا پىلانى»نى يولغا قويۇپ، يېزا - بازارلاردا مەمۇر قوبۇل قىلىش، مۇنەۋۋەر ئىستۇدېنت كەنت ئەمەلدارلىرىنى تاللاپ ئەۋەتىش بىلەن ئىستۇدېنت كەنت ئەمەلدارلىرىنى تەكلىپ قىلىشنى بىرلەشتۈرۈپ، بىر كەنتتە بىر ئىستۇدېنت كەنت ئەمەلدارى بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ۋە داۋاملاشتۇرۇش، ھەر يىل ئىستۇدېنت كەنت ئەمەلدارىدىن ناھىيە ۋە يېزىلاردىكى مەمۇرىي ئورۇن ۋە كەسپىي ئورۇنلارغا قوبۇل قىلىنىش نىسبىتى %30تىن تۆۋەن بولماسلىقى كېرەك. ئاجىز، چېچىلاڭغۇ ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى تېخىمۇ زور كۈچ بىلەن تەرتىپكە سېلىپ، كەنت پارتىيە ياچېيكىسى شۇجىلىرىنى كۈچلۈك سەپلەپ، كەنت پارتىيە ياچېيكىسى رەھبەرلىكىدىكى كەنت ئىشلىرىنى نازارەت قىلىش كومىتېتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ناھىيە، يېزىلاردىكى رەھبىرىي كادىرلارىن 300نى نۇقتىلىق كەنتلەرنىڭ پارتىيە ياچېيكىسى شۇجىلىقىغا، 3000دىن ئارتۇق ئورگان كادىرىنى كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ 1 - شۇجىلىقىغا قويۇش كېرەك.
ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك تارماقلار كەنت دەرىجىلىك تەشكىلاتلارنىڭ 30 مىڭدىن ئارتۇق تايانچ كادىرىنى تەربىيەلىشى، ئاساسىي قاتلامدىن 35 مىڭ كادىرنى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەرگە يېڭى بىر نۆۋەتلىك نۆۋەتلەشتۈرۈپ ئەۋەتىش، تەربىيەلەش خىزمىتىنى باشلىشى كېرەك. مەھەللە خىزمىتىنى قېلىپلاشتۇرۇپ ۋە كۈچەيتىپ، ھەر خىل تەكشۈرۈش، سېلىشتۇرۇش ۋە باھالاشنى ئېنىقلاپ، مەھەللە خىزمىتىنىڭ يۈكىنى ھەقىقىي يەڭگىللىتىش كېرەك. يېزا، بازارلارنىڭ كادىرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، جاپالىق، چەت ۋە نۇقتىلىق، مۇرەككەپ يېزا، بازارلارنىڭ كادىرلىرىنى تولۇقلاش كېرەك. مۇنەۋۋەر كەنت پارتىيە تەشكىلاتى شۇجىلىرى، ئىشچىلار ۋە دېھقانلار ئارىسىدىن يېزا، بازارلارنىڭ مەمۇرلۇقىغا ئىمتىھان ئېلىپ قوبۇل قىلىش، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلاردىكى مۇنەۋۋەر رەھبىرىي كادىرلارنى يېزا، بازارلارنىڭ كادىرلىقىغا تاللاپ ئۆستۈرۈش كېرەك. يېزا، بازارلىق پارتكومنىڭ تەشكىلات كادىرلىرىنى سەپلەش ۋە كۈچەيتىش كېرەك. يېزا، بازار (كوچا) كادىرلىرىنى يىللىق باھالاشتا مۇنەۋۋەر كادىرلارنى باھالاش نىسبىتىنى ھازىرقى %20تىن %25كىچە ئۆستۈرۈش كېرەك. يېزا، بازار رەھبەرلىك بەنزىسى بولۇپمۇ پارتكوم شۇجىلىقىغا مۇنەۋۋەر ۋە كۈچلۈك كادىرلارنى سەپلەپ، بەنزە ئەزالىرىنى ۋەزىپە ئۆتەش مەگىلىدە تەڭشەشنى قاتتىق كونترول قىلىپ، نىسبىىي مۇقىملىقنى ساقلاش كېرەك. يېزا، بازارلىق پونكىت، ئورۇنلارنى باشقۇرۇش تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا، بازارلىق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ بىۋاسىتە باشقۇرۇشىنى كۈچەيتىش، ماس فونكىسيەلەرنى بىرلەشتۈرۈپ، كادىرلار بايلىقىنى تەقسىملەشنى سەرخىللاشتۇرۇپ، خىزمەتتە بىرىكمە كۈچ ھاسىل قىلىش كېرەك. ناھىيە دەرىجىلىكتىن تۆۋەن ئورگانلاردا مەمۇرلارنىڭ ۋەزىپىسى بىلەن دەرىجىسىگە تەڭ ئېتىبار بېرىپ، يېزا، بازارلارنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىك ۋەزىپىسىنى ئۇزاقتىن بۇيان ئۆتەۋاتقانلارنىڭ ۋەزىپە تەمىناتىنى ئۆستۈرۈش، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىغا ياتاق سېلىپ بېرىش قاتارلىق سىياسەتلەرنى قەتئىي ئىجرا قىلىش، يېزا، بازار كادىرلىرىنىڭ ئەر - خوتۇن ئايرىلىپ تۇرۇش، پەرزەنتلىرىنى ئوقۇتۇش قاتارلىق مەسىلىلىرىنى ئالاھىدە تەدبىر قوللىنىپ ھەل قىلىپ، كۆڭلىنى ئەمىن تاپقۇزۇش ئارقىلىق، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ خاتىرجەم ياخشى ئىشلەپ، ئاساسىي قاتلامدا يىلتىز تارتىشىغا شارائىت ھازىرلاپ بېرىش كېرەك.
بەشىنچى، كادىرلار قوشۇنىنىڭ «ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش» ئىستىلى تاۋلىنىدۇ. كادىرلار بولۇپمۇ رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئىستىلدا تەلەپچان، راستچىل بولۇش - بولماسلىقى خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش - ئەمەلىيلەشتۈرمەسلىكىنى بەلگىلەيدۇ. «ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش» مەخسۇس تېما تەربىيەسى ئىستىل قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن مۇھىم پۇرسەت يارىتىپ بەردى. «ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش» مەخسۇس تېما تەربىيەسىنى ھەقىقىي چىڭ تۇتۇپ، پارتكومنىڭ سۇبيېكىتلىق مەسئۇلىيىتىنى، شۇجى بىرىنچى مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىش، تەشكىلات تارماقلىرى مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشتا باشلامچى بولۇشىنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭچە ياخشى كادىرلاردىن بولۇشنى مۇھىم مەزمۇن سۈپىتىدە باشتىن - ئاخىرى ئىزچىللاشتۇرۇش، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، تۈزىتىش، قائىدە - تۈزۈم ئورنىتىشنى گەۋدىلەندۈرۈش، پارتىيە ئىچى سىياسىي تۇرمۇشىنى، كادىرلارنى تەربىيەلەش - باشقۇرۇشنى، ھوقۇق يۈرگۈزۈشنى نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىش قاتارلىقلارنى چۆرىدەپ، ئالاقىدار تۈزۈم، چارىلەرنى تۈزۈپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش، رەھبىرىي كادىرلارنىڭ غايە - ئېتىقادىنى، پارتىيەۋىلىك پىرىنىسىپىنى، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش، پاك - دىيانەتلىك بولۇش ئىستىلىنى كۈچەيتىپ، ئىشلەش ۋە ئىگىلىك تىكلەشتىكى ئىش - ھەرىكەت مىزانىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش كېرەك. تەلەپچان بولۇش بىلەن راستچىل بولۇشنى رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئادەم بولۇش، خىزمەت قىلىشتىكى ئاساسىي قىبلىنامىسى قىلىپ، ئىچكى دۇنياسىغىچە سىڭدۈرۈپ، شۇنداقلا ئىش - ھەرىكەتلىرىدە، ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، تەشكىل ۋە خەلقنى خاتىرجەم قىلىشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيە - ئەمەلىيەت پائالىيىتىدىكى مەخسۇس تۈزەشنى داۋاملىق چىڭ تۇتۇپ، تۈزىتىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش بويىچە مەخسۇس تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇپ، تۈزىتىش سالمىقى يېتەرلىك بولمىغان، خېمىغا يانغانلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈپ، نورمال ھالەتتە ئۇزاق ئۈنۈم بېرىدىغان خىزمەت تەدبىرىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئىستىلنى كۈچەپ ياخشىلاش ۋە توغرىلاش كېرەك. ئامما بىلەن ئالاقىلىشىش ۋە ئۇلارغا مۇلازىمەت قىلىش تۈزۈمىنى يەنىمۇ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خىزمەت تورىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، مۇلازىمەت ۋە نازارەت قىلىش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى كۈچەيتىش، «ئۈچ ئەل» پائالىيىتىنىڭ ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش، ئىستىلنى ياخشلاش قاتارلىق جەھەتلەردىكى مۇھىم رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك.
ئالتىنچى، كادىرلار قوشۇنىنى باشقۇرۇش سالمىقى زورايتىلىدۇ. يىغىندا ھە دەپ مۇقام توۋلاپ، يىغىندىن كېيىن قۇرۇق گەپ ساتىدىغان، ئالدىدا بىر خىل، كەينىدە بىر خىل ئىككى يۈزلىمىچى كادىرلار؛ ئىدىيەسى تۇراقسىز، زور پىرىنسىپال مەسىلىلەردىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ، ئوتتۇرىغا چىقىشقا پېتىنالمايدىغان، ئاقىل ئۆزىنى ئايايدۇ دەپ، سىياسىيدا پۇرسەتپەرەسلىك قىلىدىغان كادىرلار؛ ئېغىز - بۇرۇن يالىشىدىغان، بىر - بىرىنى ماختاپ كۆككە ئۇچىرىدىغان، گۇرۇھۋازلىق قىلىدىغان كادىرلار؛ تەلۋىلەرچە ئىش قىلىدىغان، نەپسى بالا، ھوقۇقنى شەخسىي ئىشلارغا ئىشلىتىدىغان كادىرلار؛ ئاممىنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزۈپ، ئۇرۇق - تۇغقان، دوست - بۇرادەرلىرىنى قانات ئاستىغا ئالىدىغان، ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان كادىرلارنى باشقۇرۇش، نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، قاتتىق بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. ئانالىز قىلىش، ھۆكۈم قىلىش، كۈندۈلۈك باھالاش، ۋەزىپە ئۆتەش مەزگىلىدە تەكشۈرۈش، كېسەلچان كادىرلارنى تەكشۈرۈش ۋە ئېنىقلاشنى كۈچەيتىش كېرەك. كادىرلار ئارخىپى تۈزۈمىدە «ئىنكاس قىلىنغانلارنى جەزمەن تەكشۈرۈش»؛ ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ تەكشۈرۈش ئوبيېكتىنىڭ پارتىيە ئىسىتلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى ئەھۋالى توغرىسىدىكى پىكرىگە ئاساسەن «ئىنكاسنىڭ ھەممىسىنى جەزمەن ئاڭلاش»؛ شەخسىي ئىش)قا ئالاقىدار دوكلاتتىكى «ئىنكاس قىلىنغانلارنىڭ ھەممىسىنى جەزمەن دەللىلەش» ۋەزىپە سانى، تەرتىپى، شەرتىگە «جەزمەن قاراپ چىقىش» كېرەك. «رەھبىرىي كادىرلار يۇقىرىغىمۇ چىقالايدىغان ھەم تۆۋەنگىمۇ چۈشەلەيدىغان بولۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە دائىر بىر قانچە بەلگىلىمە(سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدۇ)» نى قەتئىي ئىجرا قىلىپ، ئەمەل تۇتۇشتا دۇرۇس بولماسلىق، ئەمەل تۇتۇپ ئەمەلىي ئىش قىلماسلىق، ئەمەل تۇتۇپ خالىغانچە ئىش قىلىش مەسىلىسىنى تۈزەپ، سىياسىيدا قائىدىگە ئەمەل قىلمايدىغان، پاك بولمىغان، خىزمەتتە قىلىشقا تېگىشلىكىنى قىلمايدىغان، مەسئۇلىيەتسىز ياكى ئىقتىدارسىز، ئىستىلى ناچار كادىرلارنى قەتئىي تەڭشەپ، پارتىيە، ھۆكۈمەت رەھبىرىي كادىرلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈشنى قەتئىي ئىجرا قىلىپ، ياخشى كادىرلارغا ئۆسۈپ يېتىلىش بوشلۇقى ھازىرلاپ بېرىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇش ئۈچۈن كادىرلار خىزمىتى ئاساسىنى پۇختىلاش كېرەك.
يەتتىنچى، تارماقلار پارتگۇرۇپپا(پارتكوم)لىرىنىڭ كادىرلار قوشۇنىنى باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈلىدۇ. «پارتىيەنىڭ تەشكىلات خىزمىتى نىزامى» پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ تەسىس قىلىنىشى ۋە يۈرۈشىشىنىڭ ئومۇمىي ئاساسى ۋە باش قىبلىنەماسى، بۇ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش، كادىرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى زورايتىش، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، رەھبەرلىك يادروسىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇشتا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. «پارتىيەنىڭ تەشكىلات خىزمىتى نىزامى»نى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ئەستايىدىل چىڭ تۇتۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ پارتىيەنىڭ تەشكىلات خىزمىتى نىزامىنى يولغا قويۇش چارىسىنى مۇزاكىرە قىلىپ تۈزۈپ، پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى تەسىس قىلىشنى ئۆلچەملەشتۈرۈپ، ھەردەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى «نىزام»نى ئۆگىنىش كۇرسى ئېچىپ، پارتگۇرۇپپا (پارتكوم) شۇجىسى ۋە ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرىنى نۆۋەتلەشتۈرۈپ تەربىيەلىشى كېرەك. پارتگۇرۇپپا (پارتكوم)نىڭ خىزمەت قائىدىسىنى تۈزۈپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پارتگۇرۇپپا(پارتكوم)نىڭ خىزمىتىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، كادىرلار قوشۇنىنى قاتتىق باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي ئادا قىلىش كېرەك. بۇ يىل جايلار، تارماقلارنىڭ «پارتىيەنىڭ تەشكىلات خىزمىتى نىزامى»نى ئۆگىنىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ، ساقلانغان مەسىلىلەرنى ئېلان قىلىپ، تۈزىتىشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، پارتگۇرۇپپا(پارتكوم)لارنىڭ كادىرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشى ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.
سوئال: ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتە قانداق يېڭى تەدبىرلەر قوللىنىلىدۇ؟
جاۋاب: بىرىنچى، مەكتەپلەرنىڭ رەھبەرلىك بەنزىسى قۇرۇلۇشى كۈچەيتىلىدۇ. ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتە جەزمەن مەكتەپلەرنىڭ رەھبەرلىك بەنزىسى قۇرۇلۇشىنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، رەھبەرلىك يادروسىلىق رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، قوشۇنغا باشلامچىلىق قىلىشتىكى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ياخشى ئادا قىلىش كېرەك. مەركەزنىڭ «كەسپىي ئورۇنلاردىكى رەھبىرىي كادىرلارنى باشقۇرۇش توغرىسىدىكى ۋاقىتلىق بەلگىلىمە» تارقىتىلدى، ئوقۇتقۇچىلار ۋە مائارىپ خىزمەتچىلىرى كەسپىي ئورۇنلارنىڭ ئاساسىي قىسمىنى ئىگىلەيدۇ، رەھبىرىي كادىرلار ئاچقۇچ، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ئەستايىدىل چىڭ تۇتۇش كېرەك. پارتكوم رەھبەرلىكىدىكى ئالىي مەكتەپ مۇدىرلىرى مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پارتىيە تەشكىلاتلىرى رەھبەرلىكىدىكى ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپ مۇدىرلىرى مەسئۇلىيەت تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ، كونكرېت يولغا قويۇش چارىسىنى مۇزاكىرە قىلىپ تۈزۈپ، پارتكوم (پارتگۇرۇپپا)لارنىڭ مەكتەپلەردىكى رەھبەرلىك يادروسىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. سوتسىيالىزمنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇش يۆنىلىشىدە، سىياسىيونلار، مائارىپچىلار مەكتەپ باشقۇرۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، «كەسپىي ئورۇنلاردىكى رەھبىرىي كادىرلارنى باشقۇرۇش توغرىسىدىكى ۋاقىتلىق بەلگىلىمە»نى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭچە ياخشى كادىرلارنىڭ ئۆلچىمى ۋە «سىياسىينى تەكىتلەش، باشقۇرۇشنى بىلىش، ئوقۇتۇشنى بىلىش» تەلىپى بويىچە ھەر دەرىجىلىك ۋە ھەر خىل رەھبەرلىك بەنزىلىرىنى سەپلەش ۋە كۈچەيتىش كېرەك. شۇجى، مەكتەپ مۇدىرى پىرىنسىپ جەھەتتە ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىدىن ۋۇجۇدقا چىقىشى ھەم ئوقۇتۇشنىڭ بىرىنچى سېپىدىن ئايرىلماسلىقى كېرەك. ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپلەر ئارا «10، 100 ۋە 1000 مۇنەۋۋەر شۇجى، مەكتەپ مۇدىرى» قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، چەت، ياقا، نامرات رايونلاردىكى ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپلەر ۋە ئاز سانلىق مىللەت ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپلىرىنىڭ شۇجىلىرى، مۇدىرلىرىنى تەربىيەلەش، يېتىشتۈرۈشنى قوللاش سالمىقىنى يەنىمۇ زورايتىش كېرەك. ئالىي مەكتەپلەرنىڭ رەھبەرلىك بەنزىسى، رەھبىرىي كادىرلىرىنى ئۇنىۋېرسال باھالاش ۋە ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ شۇجىلىرى، مۇدىرلىرىنى باھالاش كۆرسەتكۈچى سىستېمىسىنى تۈزىتىپ مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك.
ئىككىنچى، مەكتەپلەرنىڭ ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى قۇرۇلۇشى كۈچەيتىلىدۇ. ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى پارتىيەنىڭ بارلىق خىزمەتلىرى ۋە جەڭگىۋارلىقىنىڭ ئاساسى. مەكتەپلەرنىڭ ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى پارتىيەنىڭ لۇشيەن، فاڭجېن - سىياسەتلىرىنى قەتئىي ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىشتىكى رەھبەرلىك يادروسى، مائارىپ خىزمىتىنىڭ رەھبەرلىك يادروسى، گۈزەل قەلب يېتىشتۈرۈشتىكى رەھبەرلىك يادروسىغا ئايلاندۇرۇشتا، جەزمەن سىياسىي جەھەتتىن يېتەكلەش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيەلەش، يېتەكلەشنى كۈچەيتىش كېرەك. ئاپتونوم رايوننىڭ ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئاساسىي قاتلام تەشكىلات خىزمىتى نىزامى ۋە چارىسىنى تۈزۈش، «ئاپتونوم رايون بويىچە ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش قۇرۇلۇشى نىشان سىستېمىسى»نى تۈزۈش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ھەر خىل مەكتەپلەرنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، پارتىيە تەشكىلاتى ۋە پارتىيە خىزمىتى بىلەن ئومۇميۈزلۈك قاپلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. مۇنەۋۋەر ياش ئوقۇتقۇچىلار، مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىلار، بولۇپمۇ ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى ئارىسىدا پارتىيەگە ئەزا تەرەققىي قىلدۇرۇش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، ئاز سانلىق مىللەتتىن بولغان تېخىمۇ كۆپ مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقنى پارتىيە تەشكىلاتىغا قوبۇل قىلىش كېرەك. سىياسىۋىلىكى، ئىلغارلىقى، ئاممىۋىلىقى كۈچلۈك بولۇش تەلىپى بويىچە، ھەر دەرىجىلىك ھەر خىل مەكتەپلەرنىڭ ئاممىۋى تەشكىلات قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك. تەشكىلات، مائارىپ قاتارلىق تارماقلار قاتناشقان مەكتەپنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى بىرلەشمە يىغىنى تۈزۈمىنى تەسىس قىلىپ، مەكتەپلەرنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى قەرەللىك ئانالىز قىلىش، باھالاش كېرەك.
ئۈچىنچى، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىغا قارىتىلغان ئىدىيە، سىياسىي تەربىيە ۋە ئوقۇتقۇچىلار ئەخلاقى قۇرۇلۇشى كۈچەيتىلىدۇ. ئوقۇتقۇچىلىق ئىنسان روھىنى نۇرلاندۇرىدىغان، ھايات يولىنى يورىتىدىغان شۇنداقلا ئادەم تەربىيەلەيدىغان خىزمەت، پارتىيەنىڭ فاڭجېن، سىياسەتلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ھەر مىللەت خەلققە مۇلازىمەت قىلىپ، جەمئىيەتتە ئاكتىپ كۈچ تارقىتىشتەك مۇقەددەس مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئالغان، شۇڭا ئوقۇتقۇچىلار ئالىيجاناب روھ ۋە ئەخلاق يېتىلدۈرۈشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشى كېرەك. سىياسىي ئۆلچەمنى ئوقۇتقۇچىلارنى تەكلىپ قىلىشنىڭ مۇھىم ئۆلچىمى قىلىپ، سىياسىيدا ئىشەنچسىز كىشىلەرنىڭ ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىغا كىرىشىدىن قەتئىي ساقلىنىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك ھەر خىل مەكتەپ پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنىڭ ئىدىيەۋى - سىياسىي تەربىيەسى، كەسپىي غايە تەربىيەسى، ئوقۇتقۇچىلار ئەخلاقى تەربىيەسىنى كۈچەيتىشكە يېتەكلەش، ئوقۇتقۇچىلار ئەخلاقىنى ئوقۇتقۇچىلارنى باھالاشتىكى مۇھىم مەزمۇن قىلىپ، سوتسىيالىزمنىڭ يادرولۇق قىممەت قارىشى بويىچە تەربىيەلەشنى نۇقتىلىق كۈچەيتىش، ئوقۇتقۇچىلار ئەخلاقىغا دائىر «قىزىل يەتتە ماددا» چېكى تەلىپىنى قەتئىي ئىجرا قىلىش كېرەك. ھۆكۈمەتنىڭ مەكتەپلەرنى نازارەت قىلىشىنى كۈچەيتىپ، ئوقۇتۇشنى باھالاش، دەرسلىك ماتېرىياللىرىنى ئىشلىتىش، ئوقۇتۇشقا ھەيدەكچىلىك قىلىش تۈزۈمىنى قەتئىي ئىجرا قىلىش، دەرسخانا ئىنتىزامىنى چىڭىتىپ، ئوقۇتۇشنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش»تىكى تەربىيەلەش، يېتەكلەش ۋە ئۈلگىلىك، باشلامچىلىق رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، دىننىڭ مەكتەپلەرگە سىڭىپ كىرىشىگە ئومۇميۈزلۈك قارشى تۇرۇش ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش، «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش» كۈرىشىدە ئاتاكىغا ئۆتكەن، ئۆز ئىنكاسىنى پائال ئوتتۇرىغا قويغان مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىلارغا نۇقتىلىق ئەھمىيەت بېرىپ، نۇقتىلىق تەربىيەلەش كېرەك. ۋىلايەت، ناھىيە رەھبەرلىك بەنزىسى ئەزالىرىنىڭ ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپلەر بىلەن ئالاقىلىشىش تۈزۈمىنى تەسىس قىلىش، ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، ھۆكۈمەت رەھبەرلىرىنىڭ مۇتەخەسسىسلەر بىلەن ئالاقىلىشىش تۈزۈمىدە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ نىسبىتىنى ئاشۇرۇش كېرەك. مەكتەپلەرنىڭ ئىدىيەۋى، سىياسىي قوشۇن قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، سىنىپ مۇدىرى، يېتەكچى ئوقۇتقۇچى، ئىدىيە، سىياسىي نەزەرىيە ئوقۇتقۇچىلىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتۇش، ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئەخلاق تەربىيەسى تايانچلىرىنى تەربىيەلەش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پېداگوگىكا مەكتەپلىرى «تۆتكە ئىگە»، «تۆتتە ياخشى» ئوقۇتقۇچىلاردىن بولۇش تەلىپىنى زۆرۈر ئوقۇشلۇق سۈپىتىدە دەرسخانىغا، دەرسلىككە كىرگۈزۈپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كاللىسىغا سىڭدۈرۈشى كېرەك.
تۆتىنچى، ئوقۇتقۇچىلار، مائارىپ ئىختىساسلىقلىرى خىزمىتى كۈچەيتىلىدۇ. ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى ئىختىساسلىقلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى. ئاپتونوم رايوننى مائارىپ، ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق قۇدرەت تاپقۇزۇشتا چىڭ تۇرۇپ، مائارىپ ئىختىساسلىقلىرىنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يۇقىرى ساپالىق، كەسىپلەشكەن مائارىپ ئىختىساسلىقلىرى قوشۇنىنى قۇرۇپ چىقىش كېرەك. يەرلىك مائارىپ ئىختىساسلىقلىرىنى تەربىيەلەشنى ئاچقۇچ قىلىپ، ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيەلەش سالمىقىنى يەنىم زورايتىپ، ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنى بولۇپمۇ قوش تىللىق ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تەربىيەلەش، ئوقۇتۇش ئىقتىدارىنى نۇقتىلىق ئۆستۈرۈپ، «قوش سالاھىيەتلىك» كەسپىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، يۇقىرى قاتلاملىق باشلامچى ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈپ، مائارىپ ئىختىساسلىقلىرى قوشۇنىنىڭ ئومۇمىي ساپاسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ۋەزىپە(ئۇنۋان)ىنى باھالاش چارىسىنى ئىسلاھ قىلىپ، «تۆتكە ئىگە»، «تۆتتە ياخشى»بولۇشنى مۇھىم ئۆلچەم قىلىپ، ئاساسىي قاتلامدىكى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرگە مايىللىشىپ، تېخىمۇ كۆپ ئىختىساسلىقلارنى يېزىلارنىڭ مائارىپ ئىشلىرى تەرەققىياتىغا قاتنىشىشقا جەلپ قىلىش كېرەك. شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىلار بايلىقىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، نىشانلىق ياردەم بېرىلىۋاتقان جايلارغا ئوقۇتقۇچىلارنى نىشانلىق تەربىيەلەپ بېرىش، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەردىكى تېخىمۇ كۆپ مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مائارىپقا ياردەم بېرىشىنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك. يىپەك يولى ئىقتىسادىي بەلبېغىدىكى يادرولۇق رايوننىڭ مەدەنىيەت، پەن - تېخنىكا، مائارىپ مەركىزىي قۇرۇلۇشىغا بىرلەشتۈرۈپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئىچى - سىرتىدىكى پەن - تېخنىكا باشلامچىلىرى، ئىختىساسلىقلارنى پائال جەلپ قىلىش كېرەك. ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى قۇرۇلما خاراكتېرلىك كەمچىل بولۇش مەسىلىسىنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، «ئالاھىدە ئىش ئورنى پىلانى»نى قاتارلىق تۈرلەرنى يولغا قويۇش خىزمىتىنى داۋاملىق ياخشى ئىشلەش كېرەك. قىسمەن مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىلارنى يېزا - بازار(كوچا باشقارمىسى)، كەنت(مەھەللە)لەر ۋە «ئۈچ ئەل»خىزمىتى گۇرۇپپىسىغا تاللاپ ئەۋەتىپ، سالاھىيىتى ئۆزگەرمەسلىك، تەمىناتى كېمەيمەسلىك، ئىش ئورنى، كەسپى بولۇشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
بەشىنچى، ھەر دەرىجىلىك مائارىپ خىزمىتى كومىتېتلىرىنىڭ رولى تولۇق جارى قىلدۇرۇلىدۇ. مەكتەپلەرنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ۋە ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتە ھەر دەرىجىلىك مائارىپ خىزمىتى كومىتېتلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتى ئېغىر. ھەر دەرىجىلىك مائارىپ خىزمىتى كومىتېتلىرىنىڭ رەھبەرلىك بەنزىلىرىنى تولۇق سەپلەپ، مۇئاۋىن شۇجىسىنى پارتىيە قۇرۇلۇشى ۋە ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى مەخسۇس تۇتۇشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، خىزمەت ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش كېرەك. مەكتەپلەرنىڭ رەھبەرلىك بەنزىسىنى تەڭشەشتە، تەڭ دەرىجىلىك مائارىپ خىزمىتى كومىتېتىنىڭ پىكرىنى ئاڭلاشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك مائارىپ خىزمىتى كومىتېتلىرى ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتىكى باش مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ياخشى ئادا قىلىپ، تەدبىرلەرنى كونكرېتلاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇشى كېرەك. مائارىپ خىزمىتى كومىتېتى شۇجىسى، مەكتەپ پارتىيە تەشكىلاتى شۇجىسىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى تۇتۇش ئەھۋالىنى باھالاش تۈزۈمىنى ئورنىتىش كېرەك.
سوئال: ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتە قانداق يېڭى تەدبىرلەر يولغا قويۇلىدۇ؟
جاۋاب: بىرىنچى، «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش»تىكى رەھبەرلىك مەسئۇلىيىتى كۈچەيتىلىدۇ. «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش» ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش، ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ باش ۋەزىپىسى. «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش»نى ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلىك بەنزىلىرى ۋە كادىرلارنى باھالاش مەزمۇنىغا كىرگۈزۈپ، مۇقىملىق خىزمىتى نەتىجىلىرىنى باھالاشتىكى مۇھىم كۆرسەتكۈچ، مۇھىم ئۆلچەم قىلىش كېرەك. تەكشۈرۈش، ئېنىقلاش خىزمىتىنى كۈچەپ ئىشلەپ، دىن ئەسەبىيلىكىگە قاقشاتقۇچ زەربە بېرىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە مەكتەپ (مەمۇرىي ئىنستىتۇت)لار پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتىدىكى تۈپ فاڭجېن، سىياسەتلىرىنى، دىن مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتىكى تۈپ پىرىنسىپلىرىنى، شۇجى جاڭ چۈنشيەننىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلار سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى، ئاپتونوم رايوننىڭ «قانۇنسىز دىنىي ھەرىكەتلەرنى قانۇن بويىچە يەنىمۇ تۈزەش، دىن ئەسەبىيلىكى ئىدىيەسىنىڭ سىڭىپ كىرىشىنى توسۇش خىزمىتىگە دائىر بىرقانچە مەسىلە توغرىسىدىكى پىكىر»، «ئىسلام دىنى خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش توغرىسىدىكى بىرقانچە پىكىر»، «ئاپتونوم رايوننىڭ دىن ئىشلىرى نىزامى» شۇنداقلا «نۆۋەتتىكى ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى بىرقانچە گەۋدىلىك مەسىلە توغرىسىدا چۈشەنچە»، «بەش كىتابچە» قاتارلىقلارنى ئوقۇتۇش مەزمۇنىغا كىرگۈزۈپ، پارتىيەلىك كادىرلارغا بولغان مىللەت، دىن سىياسىتى ۋە مىللەتلەر ئىتتتىپاقلىقى تەربىيەسىنى كۈچەيتىش كېرەك. «ئۈچ ئەل» پائالىيىتىدە «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش» خىزمىتىنى ھەقىقىي مۇھىم ۋەزىپە قىلىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەلەپلىرىنى تولۇق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ جەڭگىۋار قورغانلىق رولى ۋە پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئاۋانگارتلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، دىن ئەسەبىيلىكى ئىدىيەسىنىڭ يامرىشىغا قىلچىمۇ پۇرسەت ۋە بوشلۇق قالدۇرماسلىق كېرەك.
ئىككىنچى، دىن خىزمىتى قوشۇنى قۇرۇلۇشى كۈچەيتىلىدۇ. يېڭى ۋەزىيەتتە دىن خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە ھەر دەرىجىلىك بىرلىك سەپ، مىللەت، دىن تارماقلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتى ئېغىر، چوقۇم رەھبەرلىك بەنزىسى ۋە كادىرلار قوشۇنىنى كۈچەيتىش كېرەك. پارتىيەۋىلىكى كۈچلۈك، مەيدانى مۇستەھكەم، پارتىيەنىڭ مىللەت، دىن سىياسەتلىرىدىن تولۇق خەۋەردار، كۈچ - قۇۋۋىتى ئۇرغۇپ تۇرىدىغان، قوش تىلغا پىششىق، مۇرەككەپ، سەزگۈر مەسىلىلەرنى بىرتەرەپ قىلىشقا، ئاممىۋى خىزمەتنى ئىشلەشكە ماھىر مۇنەۋۋەر كادىرلارنى تاللاپ ھەر دەرىجىلىك بىرلىك سەپ، مىللەت، دىن تارماقلىرىنىڭ رەھبەرلىك بەنزىسىگە سەپلەش كېرەك. بىرلىك سەپ، مىللەت، دىن كادىرلىرىنى ئالماشتۇرۇش، تەربىيەلەش سالمىقىنى زورايتىپ، دىن خىزمىتى قوشۇنىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرۇپ، ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ناھىيە، شەھەر، رايونلاردىكى بىرلىك سەپ، مىللەت، دىن تارماقلىرى شۇنداقلا يېزا، بازار(كوچا)، كەنت(مەھەللە)لەرنىڭ دىن خىزمىتى كۈچىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇش، بىرلىك سەپ، مىللەت، دىن كادىرلىرى ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي ياخشى ئادا قىلىشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك ئىسلام دىنى ئىنستىتۇتلىرى(مەكتەپلىرى)نىڭ رەھبەرلىك بەنزىلىرىنى كۈچلۈك سەپلەپ، ئالاھىدە سىياسەتلەرنى قوللىنىپ ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، دىن ئوقۇتقۇچىلىرى ۋە دىن خىزمىتى تايانچلىرىنى تەربىيەلەيدىغان مۇھىم بازىغا ئايلاندۇرۇش كېرەك.
ئۈچىنچى، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى كۈچەيتىلىدۇ. ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى دىن ئىشلىرىنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇش، قانۇنسىز دىنىي ھەرىكەتلەرنى تىزگىنلەشتىكى ئالدىنقى بازا، دىن ئەسەبىيلىكى ئىدىيەسىنىڭ سىڭىپ كىرىشىنى توسۇشتىكى بىرىنچى مۇداپىئە لىنىيەسى. ھەر مىللەت كادىرلارنى شىنجاڭنىڭ دىن مەسىلىسىنى ئۆگىنىشكە تەشكىللەپ، دىن خىزمىتىنى دىننىڭ قانۇنىيىتى بويىچە ياخشى ئىشلەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ دىن ئىشلىرىنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇشتىكى بىرىنچى مەسئۇلىيىتىنى كۈچەيتىپ، كەنت(مەھەللە) پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدىكى دىن خىزمىتىدە پارتىيە تەشكىلاتى شۇجىسى دىن خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقلىقىنى ئۈستىگە ئېلىپ، دىنىي زاتلارنى دائىمىي باشقۇرۇشقا كونكرېت مەسئۇل بولىدۇ. ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى نامزات كۆرسىتىش، تەكشۈرۈش ئۆتكىلىنى چىڭ تۇتۇپ، دىنىي زاتلارنىڭ ۋەتەننى سۆيۈش، پارتىيەنى ھىمايە قىلىش، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى ۋە ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ باشقۇرۇشىغا بويسۇنۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى دىنىي زاتلارنى پارتىيەنىڭ دىنىي خىزمىتى توغرىسىدىكى فاڭجېن، سىياسەتلىرىنى ئۆگىنىشكە تەشكىللەپ، پارتىيە تەشكىلىنىڭ قارارىنى ۋاقتىدا يەتكۈزۈشى كېرك. ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى دىن خىزمىتى توغرىسىدا دوكلات ئاڭلاش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، دىنىي پائالىيەتلەرنى دائىمىي باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشى كېرەك. ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرىنىڭ تەرتىپىنى ساقلاش، دىنىي پائالىيەتلەرنىڭ تەرتىپلىك قانات يايدۇرۇلۇشى ۋە ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ دىن ساھەسىدە «قوش بەشتە ياخشى» بەرپا قىلىشتىكى سۇبيېكتلىق رولىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرۇپ، بەرپا قىلىش نەتىجىسىنى خىزمەت ئۈنۈمىنى باھالاشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىش كېرەك.
تۆتىنچى، ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلارنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىلىدۇ. شىنجاڭنىڭ خىزمەت ئەمەلىيىتى شۇنى ئىسپاتلىدىكى، «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش»تە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئامما ئارىسىدا توغرا ئېتىقاد تىكلەش، دىن ئەسەبىيلىكى ئىدىيەسىنىڭ سىڭىپ كىرىشىگە قىلچىمۇ بوشلۇق قالدۇرماسلىق، دىننى سوتسىيالىستىك جەمئىيەتكە ماسلىشىشقا يېتەكلەشتە چوقۇم ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلارنىڭ مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلارنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم كۈچ، ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئاكتىپ كۈچ ۋە ئىشەنچلىك تايىنىدىغان كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، رەھبىرىي كادىرلار دىنىي زاتلار ۋە دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرى بىلەن ئالاقىلىشىش تۈزۈمىنى قەتئىي ئىجرا قىلىپ، مەسچىت ۋە دىنىي زاتلار بىلەن ھەر ۋاقىت ئالاقىلىشىپ تۇرۇپ، ئەھۋاللارنى ۋاقتىدا ئىگىلەپ، ئەمەلىي قىيىنچىلىق ۋە مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش كېرەك. شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ قوللىشىنى پائال قولغا كەلتۈرۈپ، ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلارنى نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەرگە ئېكسكۇرسىيە، ئۆگىنىشكە تەشكىللەپ، ئۇلارنىڭ نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىش كېرەك. ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى رەھبەرلىكىدىكى دىنىي زاتلارنى باھالاش، جازالاش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىگە ئاكتىپ ئاتلىنىپ، ئىسلاھات، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرگەن ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلارنى تەقدىرلەش، لاياقەتسىز دىنىي زاتلارنى بەلگىلىمە، تەرتىپ بويىچە قەتئىي ئالماشتۇرۇش كېرەك.
بەشىنچى، دىنىي تەشكىلاتلار قۇرۇلۇشى كۈچەيتىلىدۇ. دىن خىزمىتى ماھىيەتتىن ئاممىۋى خىزمەت، دىنىي تەشكىلاتلار پارتىيەنىڭ ئىتتىپاقلاشتۇرۇش، كۈچلەرنى مۇجەسسەملەش، دىنىي زاتلار ۋە دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنى تەربىيەلەش، يېتەكلەشتىكى مۇھىم ۋاسىتە، شۇڭا، چوقۇم پارتىيەنىڭ دىنىي تەشكىلاتلارغا بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك تەشكىلات تارماقلىرى بىرلىك سەپ، مىللەت، دىن تارماقلىرى بىلەن بىرلىكتە ھەر دەرىجىلىك دىنىي تەشكىلاتلارنىڭ رەھبەرلىك بەنزىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، دىن ئەسەبىيلىكى ئىدىيەسى بار ۋە «ئىككى يۈزلىمىچى» دىنىي زاتلارنى قەتئىي تەڭشىشى كېرەك. ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر، ناھىيە، رايونلۇق ئىسلام جەمئىيەتلىرىنىڭ پارتىيە تەشكىلاتلىرى قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ھەر دەرىجىلىك ئىسلام جەمئىيەتلىرىنىڭ دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئامما بىلەن ئالاقىلىشىش ۋە ئۇلارنى يېتەكلەشتىكى كۆۋرۈكلۈك رولىنى، ئىسلام دىنىنى سوتسىيالىستىك جەمئىيەتكە ماسلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئاكتىپ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك.
سوئال: «ئۈچ قوشۇن» قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتە ھەر دەرىجىلىك تەشكىلات تارماقلىرىغا قانداق تەلەپلەر قويۇلدى؟
جاۋاب: «ئۈچ قوشۇن» قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ مۇھىم سىياسىي ۋەزىپەسى، تەشكىلات تارماقلىرى پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش، قوشۇن قۇرۇپ، ئىختىساسلىقلارنى توپلاشتىكى مۇھىم فۇنكسىيەلىك تارماق بولۇش سۈپىتى بىلەن، «ئۈچ قوشۇن» قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتۇش ئۈچۈن چوقۇم «ئۆز دائىرىسىدىكى ئىش»نى ياخشى قىلىپ، «قاتتىق كۆرسەتكۈچ»نى چوقۇم ئورۇندىشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك تەشكىلات تارماقلىرى سىياسىي ئاڭ، ئومۇمىيەت ئېڭى، مەسئۇلىيەت ئېڭىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، مەركەزگە ئاڭلىق ئىنتىلىپ، ئومۇمىيەت ئۈچۈن كۈچنى مۇجەسسەملەپ، «ئۈچ قوشۇن» قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشىكى تارىخىي مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي ئادا قىلىپ، ئەڭ زور ئاڭلىقلىق، ئەڭ قاتتىق ئۆلچەم، ئەڭ كۈچلۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ خىزمەتلەرنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ ئومۇمىي نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك سىياسىي كاپالەت، تەشكىلىي كاپالەت ۋە كۈچ مەدىتى بىلەن تەمىنلىشى كېرەك. باشقىلارغا قاتتىق تەلەپ قويۇش ئۈچۈن ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئۆزى تەلەپچان بولۇشى كېرەك، ھەر دەرىجىلىك تەشكىلات تارماقلىرى سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىش، ئادىل ئىش بېجىرىش، كەسىپكە پىششىق بولۇش، ئىستىلى دۇرۇس بولۇش بويىچە ئۈلگىلىك ئورۇن بەرپا قىلىش ئۆلچىمىگە ئاساسەن، پارتىيەگە قەتئىي سادىق، ئادىل، ھەققانىي، خىزمەتلەردە ئەمەلىيەتچىل، مەسئۇلىيىتىنى دادىل زىممىسىگە ئالىدىغان، پاك - دىيانەتلىك، تىرىشچان تەشكىلات كادىرلىرى قوشۇنىنى بەرپا قىلىشى كېرەك.