گۈلمىھرە ئىسمائىل
كۆز قاراش ئادەمنىڭ قىممەت بەلگىلىگۈچىسى، ئادەم ھەرىكىتىنىڭ يېتەكچىسى، ئادەمنىڭ كۆز قارىشىدا ئۆزگىرىش بولمايدىكەن ھەرىكىتىدىمۇ ئۆزگىرىش بولمايدۇ. شۇنداق ئىكەن، ئوقۇتقۇچىلار قانداق مائارىپ قارىشىنى تىكلىگەن بولۇشى كېرەك؟
مېنىڭچە، ئوقۇتقۇچىدا ئالدى بىلەن ۋەتەننى، مىللەتنى سۆيىدىغان، كەسپىنى قەدىرلەيدىغان قىممەتلىك روھ بولۇشى كېرەك. مېھىر – مۇھەببەت ئادىمىيلىك يىلتىزىمىزنى سۇغىرىپ، مەنىۋىيەت دەرىخىمىزنى ئەبەدىل كۆكلىتىدۇ. كىشى مېھىر – مۇھەببەت ئىلكىدىلا گۈزەللىككە تولغان ھاياتتىن ھۇزۇرلىنالايدۇ. ئوقۇتقۇچى ماھىيەتتە ھەر بىر ئوقۇغۇچىنىڭ بىر پۈتۈن ھاياتىغا، روھىغا مەسئۇل بولغۇچىدۇر. مۇھىمى چىن مېھىر – مۇھەببەتكە تويۇنغان، ئالىيجاناب، گۈزەل ئەخلاق ۋە ئادىمىي خىسلەتكە ئىگە ئىز باسارلارنى تەربىيەلەش ئوقۇتقۇچىنىڭ زىممىسىدىكى ۋىجدانىي مەسئۇلىيەت ۋە يۈكسەك بۇرچتۇر. مۇشۇنداق مەسئۇلىيەت، بۇرچنىڭ قانچىلىك ئادا بولۇشى ھەقىقىي مەنىدىكى ئوقۇتقۇچى بىلەن ‹‹ئوقۇتقۇچى››نى ئايرىيدىغان بىر تۈرلۈك ئۆلچەمدۇر.
ئوقۇتقۇچى ئەسلىدىنلا مۇھىم بولغان دەرسخانا ئوقۇتۇش بايلىقى. ئوقۇتقۇچى ئۆزىدە ئالىجاناب پەزىلەت يېتىلدۈرۈپ، ئۆز غايىسىنى كەسپىي ئىشلار ئۈستىگە تىكلىگەندىلا، خىزمەتتە تەلەپكە لايىق ئوقۇتۇش سالاھىيىتىنى ھازىرلىيالايدۇ، يەنى بىلىم قۇرۇلمىسىنى ئۈزلۈكسىز يېڭىلىيالايدۇ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ دەرسخانا ئوقۇتۇش بايلىقىنىڭ بايقىغۇچىسى، ياراتقۇچىسىغا ئايلىنالايدۇ. شۇڭا ئوقۇتقۇچى يېڭى – يېڭى ئوقۇتۇش ئۇسۇللىرىنى ئۆگىنىشى ۋە ئۇنى ئوقۇتۇش ئەمەلىيىتىدە دادىل قوللىنىشى لازىم.
ئوقۇتۇش ئادەم تەربىيەلەيدىغان بىر خىل پائالىيەت، ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلىگۈچى بولغان ئوقۇتقۇچى ئۆزى ئىگىلىگەن بىلىم ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارغا تەسىر كۆرسىتىپلا قالماستىن، يەنە ئۆزىنىڭ پەزىلىتى ۋە ئەخلاقى ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارغا تەسىر كۆرسىتىشى ۋە ئۇلارنى تەسىرلەندۈرۈشى لازىم.
ئوقۇغۇچىلار ھەرگىز جىسىم ئەمەس، بەلكى مۇستەقىل ئىدىيەگە ئىگە تىرىك ئادەم. شۇڭا ئوقۇتقۇچى بولغۇچى بارلىق ئوقۇغۇچىغا يۈزلىنىپ، ھەر بىر ئوقۇغۇچىنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى بايقاشقا ماھىر بولۇپ، ئوقۇغۇچىلارنى ئارتۇقچىلىقلىرىنى جارى قىلدۇرۇشقا ئىلھاملاندۇرغاندىلا، ياخشى ئوقۇغۇچىلارنى كۆپلەپ يېتىشتۈرۈپ چىقالايمىز. ئەگەر ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلار ۋاقتىدا يېتەكلىنىپ مېڭىلمىسا، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى ئۇلار تېخىمۇ ئارقىدا قالىدۇ. مەن نەچچە يىللىق ئوقۇتۇش تەجرىبەمگە ئاساسەن، ئوقۇغۇچىلارنىڭ قابىلىيىتىگە قاراپ دەرس چۈشەندۈرۈش، سوئال سوراش ئۇسۇللىرىنى قوللاندىم. دەرستە ياخشى ئوقۇغۇچىلاردىن قىيىنراق، دەرستە ئاجىز ئوقۇغۇچىلاردىن ئاددىيراق سوئاللارنى سورىدىم. بۇنداق قىلغاندا، دەرستە ياخشى ئوقۇغۇچىلارنى تېخىمۇ تىرىشىشقا ھەيدەكچىلىك قىلغىلى، دەرستە ئاجىز ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنى ئاشۇرۇپ، ئۇلارغا ئىلھام بەرگىلى بولاتتى. سىنىپ ئىچىدە كۆپرەك ئىلھاملاندۇرۇش، قوزغىتىش ئۇسۇللىرىنى قوللىنىپ پەيدىنپەي ئاجىز ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئازىيىشىغا ئاساس سالدىم. يېڭى دەرس چۈشەندۈرگەندە بارلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىنتىزامىنى كۈچەپ ياخشىلاپ، دىققىتىنى دەرسكە مەركەزلەشتۈردۇم. مەشىق ئىشلەش جەريانىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەپەككۇرىنى بوغماي، ئەركىن ئويلاشقا ۋاقىت بەردىم. ئوقۇغۇچىلارغا تاپشۇرۇقنى نورمال بەردىم، كۆپ بېرىپ سۈپەتكە ئەھمىيەت بەرمەيدىغان، ئوقۇغۇچىنى تاپشۇرۇقتىن بىزار قىلىپ قويىدىغان ئەھۋاللارنىڭ ئالدىنى ئالدىم. تاپشۇرۇقنى ۋاقتىدا تەكشۈرۈپ، خاتا ئىشلىگەن ئوقۇغۇچىلارنى ئويلىنىشقا يېتەكلەپ قايتا – قايتا ئىشلەتتىم. بۇ ئەمگەكلىرىم ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياخشى نەتىجىلىرى بىلەن مېۋىلەندى ئەلۋەتتە.
ئوقۇتۇش ئەمەلىيىتىدە يەنە شۇنى ھېس قىلدىمكى، ئۆگىنىشتە تىرىشمايدىغان، ئەستايىدىل ئەمەس، ئىنتىزامى دېگەندەك ياخشى بولمىغان ئوقوغۇچىلارغا گۇرۇپپا باشلىقى، تاپشۇرۇق يىغىپ تارقاتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارنى يوقلىما قىلغۇچى قاتارلىق ۋەزىپىلەرگە قويۇش ئارقىلىقمۇ ئۇلارنىڭ يېتەرسىز تەرەپلىرىنى تۈزىتىپ ماڭغىلى بولىدىكەن. ئوقۇتقۇچى يەنە ئوقۇغۇچىلارغا يالغان ۋەدە بېرىدىغان، يالغان سۆزلەيدىغان، بەزى ئوقۇغۇچىلارغا قىزغىن، بەزى ئوقۇغۇچىلارغا سوغۇق مۇئامىلە قىلىدىغان ئىشلارنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك. شۇنداق قىلغاندا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھۆرمىتىگە، ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكىلى بولىدۇ. ئوقۇغۇچىلار ئۆزى ھۆرمەتلەيدىغان، ئېتىراپ قىلىدىغان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تەربىيەسىنى ئەلۋەتتە ئاڭلىقلىق بىلەن، رازىمەنلىك بىلەن قوبۇل قىلىدۇ.
جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]