خەرىتە | پىكىر دەپتىرى | RSS | خەتكۇچ | USY | ULY | 中文 |
ئالىم بالام سەرخىل ئوقۇشلۇق MP3 ناخشىلار كارتون فىلىم ئۆگىنىش قانىلى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

ئوقوغۇچىلار ئوقۇش ياردەم قەرز پۇلىنى ئىلتىماس قىلىشتا قانداق شەرتلەرنى ھازىرلىشى

بەشتاش(www.baxtax.cn)ئاپتۇر : ئويچان2015-08-14 12:59

 
ئوقوغۇچىلار ئوقۇش ياردەم قەرز پۇلىنى ئىلتىماس قىلىشتا قانداق شەرتلەرنى ھازىرلىشى لازىم؟

گۈلپىيەئابلىز
ئوقوغۇچىلار ئوقۇش ياردەم قەرز پۇلىنى ئىلتىماس قىلىشتا قانداق شەرتلەرنى ھازىرلىشى لازىم؟

    ھەر يىلى 9 – ئاي كىرىشى بىلەن نۇرغۇن ئاتا – ئانىنىڭ بېشىغا غەم چۈشىدۇ، چۈنكى ئۇلار ئالىي مەكتەپكە قوبۇل قىلىنغان بالىلىرىنى مەكتەپكە ئوقۇش پۇلى، ياتاق پۇلى، ماتېرىيال پۇلى قاتارلىق نۇرغۇن پۇل بىلەن يولغا سېلىشى كېرەك.

    تاغامنىڭ قوشكېزەك قىزلىرى بۇلتۇر ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىپ ھەر ئىككىسى ئىچكىرىدىكى بىر نۇقتىلىق ئالىي مەكتەپكە قوبۇل قىلىنغانىدى، بۇنىڭدىن ھەممەيلەن تولىمۇ خۇشال بولدۇق، ئەمما ئون مو يەرگە تايىنىپ تىرىكچىلىك قىلىدىغان تاغامنىڭ بېشىغا غەم چۈشتى، چۈنكى ئوقۇش پۇلى خېلىلا يۇقىرى ئىدى، ئىككى بالىنى بىرلا ۋاقىتتا ئالىي مەكتەپتە ئوقۇتۇش بىر دېھقان ئۈچۈن ئۇنچە ئاسان ئەمەس، ئامالسىز قالغان تاغام ئاخىرى قىزلارنىڭ كىچىكىنى ئوقۇتۇپ، چوڭىنى ئوقۇتمايدىغان بوپتۇ. بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن مەن تاغامغا بالىلارنى ‹‹دۆلەتنىڭ ئوقۇش ياردەم قەرز پۇلى››نى ئىلتىماس قىلىپ ئوقۇتۇشىنى، بالىلار ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن خىزمەت تېپىپ بۇ قەرزنى تۆلىسە بولىدىغانلىقىنى ئېيتتم، تاغام گېپىمگە ھەيران قالدى، ئۇ بۇنداق ئېتىبار سىياسىتىنىڭ بارلىقىدىن خەۋەرسىز ئىكەنلىكىنى، بۇ ھەقتە تەپسىلىي چۈشەنچە بېرىشىمنى ئېيتتى.

    دۆلىتىمىزنىڭ جۇڭگو خەلق بانكىسى ئوقۇش ياردەم قەرز پۇلىنى باشقۇرۇش چارىسىدە ‹‹مائارىپ ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا مەدەت بېرىش، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش قەدىمىنى تېزلىتىش ئۈچۈن، سودا بانكىلىرى ۋە شەھەر – يېزىلاردىكى ئامانەت – قەرز كوپىراتىپلىرى قەرز پۇل ئومۇمىي قائىدىسىگە ئاساسەن، ئوقۇش ياردەم قەرز پۇل كەسپىنى ئۆز ئالدىغا يولغا قويسا بولىدۇ›› دەپ بەلگىلەنگەن، مۇشۇ چارىنىڭ 3 – ماددىسىدا ‹‹قەرز پۇل بەرگۈچىلەر ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار(تولۇق كۇرس، مەخسۇس كۇرس ئوقۇغۇچىلىرى، ئاسپىرانت)لارغا كېپىلسىز(ئىناۋەتلىك) ئوقۇش ياردەم قەرز پۇلى بېرىشتە ئۇلارنىڭ بىۋاسىتە ئۇرۇق – تۇغقانلىرى، قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋەسىيلىرىگە كېپىلسىز(ئىناۋەتلىك) ئوقۇش ياردەم قەرز پۇلى ۋە كېپىللىك ئوقۇش ياردەم قەرز پۇلى بەرسە بولىدۇ›› دەپ بەلگىلەنگەن.

    ئۇنداقتا ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار ئوقۇش ياردەم قەرز پۇلى بېرىشنى ئىلتىماس قىلىشتا قانداق شەرتلەرنى ھازىرلىشى كېرەك؟

    شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى تىل – ئەدەبىيات ئىنستىتۇتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى پاتىگۈل مۇئەللىم مۇنداق دېدى: دۆلىتىمىزنىڭ جۇڭگو خەلق بانكىسى ئوقۇش ياردەم قەرز پۇلىنى باشقۇرۇش چارىسىنىڭ 4 – ماددىسىدا ئېنىق قىلىپ: ‹‹ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار ئوقۇش ياردەم قەرز پۇلى بېرىشنى ئىلتىماس قىلىشتا تۆۋەندىكىدەك ئاساسىي شەرتلەرنى ھازىرلىشى لازىم دەپ بەلگىلەنگەن، يەنى ئوقۇغۇچىلار مەكتەپكە قوبۇل قىلىنىش ئۇقتۇرۇشى ياكى ئوقۇغۇچىلىق كىنىشكىسى، كۈچكە ئىگە كىملىكى شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بىر سىنىپتا ئوقۇيدىغان ئىككىدىن ئارتۇق ساۋاقدىشىنىڭ كېپىللىك ئىسپاتى قاتارلىقلارنى ئېلىپ مۇناسىۋەتلىك بانكىلارغا بېرىپ رەسمىيەت بېجىرسە بولىدۇ››.

 
بۇ تېما سىزگە يارىغان، ياردەم بەرگەن بولسا،ھەمبەھىرلەڭ،ساقلىۋىلىڭ:

بالىلار ناخشىلىرى

سۇئال پىلان خۇلاسە تۈزۈم مائارىپ تەتقىقات
ئوقۇغۇچىلارنى كىتاب ئو

ئاز سانلىق مىللەتلەر ‹‹قوش تىل›› مائا

جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]

پاكىز ئويۇنلار