خەرىتە | پىكىر دەپتىرى | RSS | خەتكۇچ | USY | ULY | 中文 |
ئالىم بالام سەرخىل ئوقۇشلۇق MP3 ناخشىلار كارتون فىلىم ئۆگىنىش قانىلى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

بالىلارنىڭ قەلبى ئويۇن ئارقىلىق سۆيۈنسۇن

بەشتاش(www.baxtax.cn)ئاپتۇر : ئويچان2015-08-14 13:01


بالىلارنىڭ قەلبى ئويۇن ئارقىلىق سۆيۈنسۇن
 
بالىلارنىڭ قەلبى ئويۇن ئارقىلىق سۆيۈنسۇن

    يېقىندا بالامنىڭ يەسلىنى پۈتكۈزۈش مۇراسىمىغا قاتناشتىم. ئەسلىدە يازلىق تەتىلدە بالامنى يۇرتقا ئاپىرىپ يېزا مەنزىرىلىرىنى كۆرسىتىپ، تەبىئەتتىن ھۇزۇرلاندۇراي دەپ ئويلىغانىدىم، ئەپسۇس يەسلىدىكى كۆپىنچە ئاتا – ئانىلارنىڭ پەرزەنتلىرىنى تەتىل قىلدۇرماي، ساۋاتىنى چىقىرىدىغانلىقى مېنى ئىككىلەندۈرۈپ قويدى ۋە گېرمانىيەدە بولغان بىر ئىشنى ئېسىمگە سالدى.

    بىر چەت ئەللىك ئوقۇغۇچى گېرمانىيەگە ئوقۇشقا چىقىپ، ئۆي ئىجارە ئېلىپ ئولتۇرۇپ، قوشۇمچە ئۆي ئىگىسىنىڭ قىزىنى يەسلىگە ئاپىرىپ – ئەكىلىشكە مەسئۇل بوپتۇ. بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن ئۆي ئىگىسى قىزى بىلەن سىرتقا چىققاندا، قىزى يول بويىدىكى ۋىۋىسكىلاردىكى خەتلەرنى بىمالال ئوقۇپتۇ، بەش ياشلىق بالىنىڭ بۇ ئىشىدىن ھەيران بولغان ئانا قىزىدىن خەت ئوقۇشنى قانداق ئۆگەنكەنلىكىنى سورىسا، قىزى چەت ئەللىك ئاكىسىنىڭ ئۆگەتكەنلىكىنى ئېيتىپتۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۆي ئىگىسى چەت ئەللىك ئوقۇغۇچى ئۈستىدىن سوتقا ئەرز سۇنۇپتۇ، سوت چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىغا 2000 دوللار جەرىمانە قويۇپ، دۆلىتىگە قايتىش جازاسى بېرىپتۇ. چۈنكى، گېرمانىيەدە يەسلى مائارىپىدا بالىلارغا خەت ئۆگىتىش مەنئى قىلىنغانىكەن.

    ھازىر نۇرغۇن ئاتا – ئانا بالىلىرىنىڭ يېشىدىن ھالقىغان ئىقتىدارنى جارى قىلدۇرۇشىنى ئارزۇلاپ، بالىلىرىنىڭ قانچىلىك قوبۇل قىلىشىنى، ئۇلارنىڭ ئارزۇ – ئارمانلىرىنى كۆزدە تۇتمايۋاتىدۇ. بالدۇر تەربىيەلەش بالىلارنىڭ كەلگۈسىدە ياراملىق ئادەم بولۇشىغا ئاساس بولالامدۇ؟

    دۆلىتىمىزنىڭ ‹‹يەسلى مائارىپى يېتەكچى تېزىسى››دا، يەسلى مائارىپى باسقۇچىدا بالىلارنىڭ خاراكتېرى ۋە ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىنىشى، بالىلارنىڭ روھىي ھالىتىنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشى ۋە ئۆگىنىش ئالاھىدىلىكىگە ھۆرمەت قىلىنىشى، شۇنداقلا ئويۇننى ئاساس قىلغان ھالدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك، دەپ ئېنىق ئېيتىلغان. بىراق، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان يەسلى ۋە مەكتەپ بالىلىرىنىڭ ساغلام ئۆسۈپ – يېتىلىشى نەزەردىن ساقىت قىلىنىپ، ھەر خىل نامدىكى كۇرسلارنىڭ ئېچىلىشى ئاتا – ئانىلارنى قايمۇقتۇرۇۋاتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئاتا – ئانىلار بالىلارنىڭ يىلدا بىر كېلىدىغان يازلىق تەتىل مەزگىلىگە چاڭ سېلىپ، ھەر خىل ئۆگىنىش كۇرسلىرىدا تەربىيەلەش بىلەن ئاۋارە بولۇۋاتىدۇ.

    مەن بۇنىڭ بالىلارنىڭ ئۆسۈپ – يېتىلىشىدە ئاكتىپ رول ئوينايدىغان – ئوينىمايدىغانلىقىنى بىلىپ بېقىش مەقسىتىدە بىر قىسىم كىشىلەرنى زىيارەت قىلدىم.

    12 ياشلىق ئەزىمەت مۇنداق دېدى: يازلىق تەتىلدە مەن ئىككى كۇرسقا قاتناشتىم. ئەسلىي مېنىڭمۇ تەتىلدە قېنىپ ئۇخلىۋالغۇم، يىراقلارغا بېرىپ ساياھەت قىلغۇم بار ئىدى. لېكىن ئاپام ۋاقىتنى ئىسراپ قىلماي ئۆگىنىشىڭ كېرەك، دەيدۇ.

    شىنجاڭ بالىلار پېداگوگىكا مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى گۈلچېھرە مۇنداق دېدى: يەسلىنىڭ باشلانغۇچ مەكتەپ تۈسىنى ئېلىشىنىڭ خەتىرى زور. بۇ، بالىنىڭ بالىلىقتىكى شادلىقى، نورمال تەرەققىياتى، ساغلام ئۆسۈپ – يېتىلىشى، ئەقلىي قابىلىيىتىگە زور زىيان يەتكۈزىدۇ. مەيلى يەسلىدە بولسۇن ياكى مەكتەپتە بولسۇن، بالىلارنىڭ ئويۇنغا قىزىقىشى تەبىئىي. بالىلار ئويۇن ئارقىلىقمۇ كۆپ بىلىملەرگە ئىگە بولالايدۇ. ئويۇن ئارقىلىق ئەقلىي قابىلىيىتى، تۇرمۇش بىلىمى، توسالغۇلارغا تاقابىل تۇرۇش، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرەلەيدۇ. ھەر قانداق مەكتەپنىڭ تەتىلدە بالىلارنى يىغىۋېلىشىغا بولمايدۇ. لېكىن، نۇرغۇن تەربىيەلەش مەركەزلىرى ئاتا – ئانىلارنىڭ ھېسسىياتىدىن پايدىلىنىپ، تۈرلۈك كۇرسلارنى ئاچماقتا. ئاتا – ئانىلار بالىلىرىنىڭ گۈدەك قەلبىنى ئويۇن ئارقىلىق سۆيۈندۈرۈشى كېرەك.
بۇ تېما سىزگە يارىغان، ياردەم بەرگەن بولسا،ھەمبەھىرلەڭ،ساقلىۋىلىڭ:

بالىلار ناخشىلىرى

سۇئال پىلان خۇلاسە تۈزۈم مائارىپ تەتقىقات
شىنجاڭدىكى ئون چوڭ ئالى

ئاز سانلىق مىللەتلەر ‹‹قوش تىل›› مائا

جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]

پاكىز ئويۇنلار