رەسىم سىزىش ئارقىلىقمۇ بالىلاردا ياخشى خاراكتېر يېتىلدۈرگىلى بولىدۇ
گۈزەل سەنئەت دەرسى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھېس قىلغانلىرىنى قەغەز يۈزىدە ئىپادىلەش ماھارىتىنى ئۆستۈرىدۇ، ئۇلاردا ساغلام ئېستېتىك گۈزەللىكنى سېزەلەيدىغان ئىقتىدار يېتىلدۈرىدۇ ھەم ئۇلارنى قول ھۈنەر ماھارىتىگە ئىگە قىلىدۇ.
گۈزەل سەنئەت دەرسى ئالاھىدە كەسىپ بولۇش سۈپىتى بىلەن باشقا كەسىپلەردىن پەرقلىنىدۇ. ئوقۇغۇچىلارنىڭ مىجەز – خاراكتېرى تۇراقسىز ھالەتتە بولغاچقا، ئۇلارنىڭ قىزىقىشى، ھەۋىسىمۇ توختاۋسىز ئۆزگىرىپ، ئوقۇتقۇچىنى پىلان، مەقسەتلىرىنى ئۆزگەرتىشكە مەجبۇر قىلىپ قويىدۇ. ئوقۇغۇچىلارنى دوسكىغا چىقىرىپ رەسىم سىزدۇرۇپ مەشىق قىلدۇرۇش ئىنتايىن ئاددىي بىلىنگەن بىلەن، بۇ ئىش دائىم ئېلىپ بېرىلغاندا بالىلارنىڭ رەسىم سىزىشقا بولغان قىزىقىشىنى ئۆستۈرۈپ، دوسكىدا تەمتىرىمەي رەسىم سىزىش، تەمكىن خاراكتېر يېتىلدۈرۈش، باشقىلار ئالدىدا ماھارىتىنى ئىشقا سېلىش قاتارلىق نۇرغۇن تەرەپلەردە بالىلارنىڭ قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈشكە ناھايىتى ئۈنۈملۈك تەسىر كۆرسىتىدۇ.
بىزنىڭ باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى رەسىم دەرسىگە قىزىقتۇرۇپ، بالا رەسساملارنى تەربىيەلىشىمىزمۇ ئۇنچە ئوڭاي ئىش ئەمەس. لېكىن ئۆزى ئويلىغان، تەسەۋۋۇر قىلغان شەكىل، رەڭلەرنى ئاق قەغەز يۈزىگە دادىل ئىپادىلەشكە جۈرئەت قىلىدىغان بالىلارنى تەربىيەلەشتە، ئۇلارنى دوسكىغا چىقىرىپ قاراپ تۇرۇپ رەسىم سىزدۇرۇش بۇ جەھەتتىكى جانلىق ئۇسۇللارنىڭ بىرى. شۇنى تەكرار ئەسكەرتىپ ئۆتۈش كېرەككى، ئوقۇغۇچىلارنى رەسىم سىزدۇرۇپ مەشىق قىلدۇرۇش ئىنتايىن ئاددىي بىلىنگەن بىلەن، بالىلارنى گۈزەللىكنى ھېس قىلالايدىغان، گۈزەللىكتىن ھۇزۇرلىنالايدىغان قىلىپ تەربىيەلەشتە رەسىم سىزدۇرۇشنىڭ رولىغا سەل قارىغىلى بولمايدۇ. ‹‹تاما – تاما كۆل بولار›› دېگەندەك، ئوقۇغۇچىلار رەسىم سىزىشتەك بۇ ئادەتنى تەكرار ئېلىپ بارغاندا، ئاستا – ئاستا باشقىلار ئالدىدا قەلىمىنى قورقماي تەۋرىتەلەيدىغان، كۆز قارىشى، تەسەۋۋۇرىنى دادىللىق بىلەن ئىپادىلەپ بېرەلەيدىغان، ئۆزىنىڭ تەسەۋۋۇرى، ماھارىتىنى ئىشقا سالالايدىغان، ئالاھىدىلىكىنى جارى قىلدۇرالايدىغان بولىدۇ.
كۆپ ئوقۇغۇچىدا گۈزەل سەنئەت دەرسىگە بولغان تونۇشىنىڭ ياخشى بولماسلىقى تۈپەيلى، دەرسكە بىپەرۋا قاراپ ياكى مەشىق قىلمىسىمۇ بولىدۇ دەيدىغان خاتا قاراشتا بولۇپ، تەسەۋۋۇر قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە بوشاڭلىق ھالىتىدە تۇرۇپ قالىدۇ. بۇ ناچار ھالەتلەرنى پەيدىنپەي تۈگىتىش ئۈچۈن، ئوقۇغۇچىلارنى كۆپلەپ مەشىق قىلىشقا تەشكىللىگەندىن باشقا، ئۇلارنى باشقىلار ئالدىدا ماھارىتىنى نامايان قىلالايدىغان ھالەتكە ئېلىپ كېلىشكە كۈچ چىقىرىشىمىز لازىم.
قىسقىسى، بالىلىرىمىز بۈگۈنكى بىلىم رىقابىتى دەۋرىدە بىلىممۇ ئالسۇن، رەسىمگە ئوخشاش ئالاھىدە كەسىپلەردىن ئىقتىدار يېتىلدۈرسۇن، بۇ ئارقىلىق ئۆزلىرىدە ياخشى خاراكتېر ھەم گۈزەل ئەخلاقىي پەزىلەت يېتىلدۈرۈش ئۈنۈمىگىمۇ ئېرىشسۇن.