xxxمەكتەپنىڭ ‹‹تىنىچ ئامان مەكتەپ›› بەرپا قىلىش ئۆلچىمى
1.ئوقۇتقۇچى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ سىياسى مەيدانى مۇستەھكەم، دىنى پائالىيەتكە قاتناشقۇچىلار بولمىغان بولۇش. فالونگوڭ قاتارلىق بىدئەت تەشكىلات، دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى دۇشمەن كۇچلەر، مىللى بۆلگۇنچىلەر ۋە باشقا قانۇنسىز تەشكىلاتلارنىڭ سىڭىپ كىرىشى بۇزغۇنچىلىق ھەركەتلىرىگەيۇكسەك ھۇشيار بولۇش .
2. ئومۇملاشتۇرۇپ تۈزەش رەھبەرلىك ئاپاراتى ۋە ئىش بىجىرىش ئاپاراتى بەرپا قىلىنغان،بولۇش. ئالدىنى ئىلىش،كونترول قىلىش، باشقۇرۇش،تەربىيلەشتىن تۇتۇش قىلىپ، ئومۇملاشتۇرۇپ تۈزەش تەدبىرلىرىنى ئەمىلىيلەشتۈرۈش ، ئومۇملاشتۇرۇپ تۈزەش خىزمىتىنىڭ يۇقىرى ئۈنۈملۈك قانات يىيىشىغا كاپالەتلىك قىلىش .
3. ئوقۇغۇچىلارنى تەشكىللەپ سىرتتا كوللىكتىپ پائالىيەتكە ئاچىققاندا دەرىجە بويىچە يوليورۇق سوراش ، ئوقۇغۇچىلارنى يىشى ۋە ھەرىكەت ئىقتىدارىغا ماس كەلمەيدىغان ، ئۆزىنى قوغداش ئىقتىدارىغا ماس بولمىغان پائالىيەتلەرگە تەشكىللىمەسلىك .
4. ئوقۇغۇچىلارغا دائىم قائىدە – تۈزۈم ، تەشۋىقات تەربىيسى ۋە ئەخلاق تەربىيسى ئىلىپ بىرىش، ئوقۇغۇچىلارنى دىنغا ئىشەنمەسلىككە ، دىننى ھەرىكەتلەرگە قاتناشماسلىققا تەربىيلەش،ياش – ئۆسمۈرلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزىشىنىڭ ئالدىنى ئىلىشنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك مىخانىزىمىنى بەرپا قىلىش، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تورخانىلار ، ئويۇنچۇقخانىلارغا كىرىشىنى چەكلەشنى پائال قانات يايدۇرۇش،ئوقۇغۇچىلارنىڭ قانۇنغا خىلاپ جىنايەت ئۆتكۈزۈش ئەھۋالى بولماسلىق .
5. توك، ئىسسىتىشنى قاتتىق باشقۇرۇش،نۇقتىلىق ئورۇنلاردا ئوت ئۆچۈرۈش ئۈسكۈنىلىرىنى سەپلەش،پار قازانلىرىنى قەرەرلىك تەكشۈرۈپ تۇرۇش، ئوت ئاپىتى ۋە پارتلاش ۋەقەلىرى يۈز بەرمىگەن بولۇش .
6. مەكتەپ تەجرىبىخانىسىدا زەھەرلىك ، ئاسان پارتلايدىغان خەتەرلىك خىمىيىۋى بويۇملارنى باشقۇرۇشتا قاتتىق بولۇش، كىرىپ – چىقىشتا تىزىملاش بولۇش .
7. مەكتەپ ئاشخانىسىنىڭ تازىلىقى پاكىزە بولۇش ، يىمەكلىكتىن زەھەرلىنىش ۋەقەلىرى يۈز بەرمىگەن بولۇش
8. شارائىتى بارلار يىپىق ھالەتتىكى باشقۇرۇشنى يولغا قويۇش ، مەخسۇس ئامانلىق ساقلىغۇچى تەكلىپ قىلىش، 24 سائەتلىك دىجۇرنىلىك ۋە رەھبەرلىك دىجۇرنىلىكتە تۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش ، كىچىدە ، بايراملاردا دىجۇرنىلىكتە ئادەم بولۇش
9. ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ جىسمانىيىتىگە دەخلى يەتكۈزۈش ۋە ئوغرىلىق ، ئالدامچىلىق ، بۇلاڭچىلىق جىنايەتلىرى يۈز بەرمىگەن بولۇش
10. مەكتەپ ئەتراپىنىڭ تەرتىپى ياخشى بولۇش ، 50مىتىر دائىرە ئىچىدە تورخانا ، ئويۇنچۇقخانا قاتارلىق كۆڭۈل ئىچىش سورۇنلىرى بولماسلىق