خەرىتە | پىكىر دەپتىرى | RSS | خەتكۇچ | USY | ULY | 中文 |
ئالىم بالام سەرخىل ئوقۇشلۇق MP3 ناخشىلار كارتون فىلىم ئۆگىنىش قانىلى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

ئاپتونوم رايونىمىز ئوقۇتقۇچىلارنىڭ خىزمەت ۋە تۇرمۇش تەمىناتىنى ياخشىلاش ئۈچۈن ئۈ

بەشتاش(www.baxtax.cn)ئاپتۇر : ئويچان2015-07-12 19:48

 
 ئاپتونوم رايونىمىز ئوقۇتقۇچىلارنىڭ خىزمەت ۋە تۇرمۇش تەمىناتىنى ياخشىلاش ئۈچۈن ئۈچ تۈرلۈك تەدبىرنى يولغا قويدى

جاۋ شىنيۈ خەۋەر قىلىدۇ: بۇ يىلدىن باشلاپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئوقۇتقۇچىلار، بولۇپمۇ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى يېزا، كەنت ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ خىزمەت ۋە تۇرمۇش شارائىتى ئۈنۈملۈك ياخشىلىنىدۇ. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ 3 – ئىيۇن ئاچقان مائارىپ، ئوقۇتقۇچىلار خىزمىتى يىغىنىدا ئۈچ تۈرلۈك ياخشىلاش تەدبىرى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

   بۇ ئۈچ تەدبىر تۆۋەندىكىچە: بىرىنچى، ھەر يىلى 90 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەخسۇس مەبلەغ ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، شىنجاڭ بويىچە مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى مەكتەپلەرنىڭ سىنىپ مەسئۇللىرىغا بىر قىسىم قوشۇمچە تولۇقلىما بېرىلىدىغان بولۇپ، بۇ بۆسۈش خاراكتېرلىك تەدبىر ھېسابلىنىدۇ؛ ئىككىنچى، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى يېزا، كەنت ئوقۇتقۇچىلىرىغا بېرىلىدىغان تۇرمۇش تولۇقلىمىسىنىڭ سالمىقى ئاشۇرۇلىدۇ. ئىگىلىنىشىچە، ئاپتونوم رايون 2011 – يىلىدىن باشلاپ شىنجاڭ بويىچە 150 مىڭدىن ئارتۇق يېزا، كەنت ئوقۇتقۇچىسىغا ئوتتۇرىچە ئايدا 200 يۈەن قوشۇپ بەرگەن بولۇپ، 2014 – يىلى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئىككى ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى 70 مىڭدىن ئارتۇق يېزا، كەنت ئوقۇتقۇچىسىغا ئايدا يەنە 200 يۈەن قوشۇپ بەردى. بۇ يىلدىن باشلاپ، ھازىرقى ياردەم پۇلنى بېرىش دائىرىسى ئىككى ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىن، ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستقا كېڭەيتىلگەن بولۇپ، ئاقسۇ ۋىلايىتى يېڭىدىن كۆپەيتىلدى؛ ئۈچىنچى، يېزا، كەنت ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ياتاق قۇرۇلۇشى كېڭەيتىلىدىغان بولۇپ، ھازىر پۈتۈپ بولغان 23 مىڭ يۈرۈش ياتاق ئاساسىدا، ئۈچ يىلدىن بەش يىلغىچە يەنە كۆلىمى 950 مىڭ كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان 27 مىڭ يۈرۈش ياتاق سېلىنىپ، يېزا، كەنت ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ياتاق مەسىلىسى ئۈزۈل – كېسىل ھەل قىلىنىدۇ.

   ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى ئوقۇتقۇچىلار خىزمىتى باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لېي ۋېي مۇنداق دېدى: تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، ئىشتاتقا كىرگۈزۈلمىگەن ئالاھىدە ئوقۇتقۇچىلارمۇ شۇنىڭغا ماس ھالدا يۇقىرىقى سىياسەتتىن بەھرىمەن بولىدۇ.

 
بۇ تېما سىزگە يارىغان، ياردەم بەرگەن بولسا،ھەمبەھىرلەڭ،ساقلىۋىلىڭ:

بالىلار ناخشىلىرى

سۇئال پىلان خۇلاسە تۈزۈم مائارىپ تەتقىقات
<font color='#FF0000'>2015 -يىللىق روزا ھېيتلىق</font>

ئاز سانلىق مىللەتلەر ‹‹قوش تىل›› مائا

جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]

پاكىز ئويۇنلار