مۇيەسسەرقىز ئەنۋەر
(قاغىلىق ناھىيەلىك 1 –باشلانغۇچ مەكتەپ 3-يىللىق 2-سىنىپ ئوقۇغۇچىسى)
بىزنىڭ تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىمىز37-38ياشلار چامىسىدىكى، ئوتتۇرا بويلۇق،كۆزلىرىدىن مېھرىبانلىق يېغىپ تۇرىدىغان، سۆز-ھەركىتى قايىللىقىمىزنى قوزغايدىغان بىر ئوقۇتقۇچى. بىز ئۇنىڭ ھەربىر سائەتلىك دەرسىنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلايمىز ۋە ئەستايىدىل ئۈگىنىمىز. ئۇنىڭ دەرس ئۆتۈش ئۇسۇلى ئۆزگىچە.
ئالايلۇق، بىزنى يېڭى دەرسكە باشلاپ كىرىش ئۇسۇلى، يۇمۇرىستىك سۆزلىرى، دەرسخانىدا پىكرىمىزگە ھۆرمەت قىلىشى، بىزنى ئىزدىنىشكە يېتەكلىشىدىن بىز تولىمۇ رازى. ئوقۇتقۇچىمىز ئىنتايىن تەلەپچان بولغاچقا، دائىم بىزگە: «تىل-ئەدەبىيات دەرسى باشقا پەنلەرنى ئۆگىنىشتىكى قورال، شۇڭا ئۇنى ياخشى ئۆگىنىڭلار!» دەپ ئەسكەرتىپ تۇرىدۇ. بىزنى كىتاب ئوقۇپ نەزەر دائىرىمىزنى كېڭەيتىپ تۇرۇشقا ئۈندەيدۇ. ماقالە يېزىشقا يېتەكلەيدۇ ۋە ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ، قىممەتلىك پىكىر-تەلەپلەرنى يېزىپ قويىدۇ. شۇ سەۋەبتىن بولسا كېرەك، سىنىپىمىزدىكى كۆپ سانلىق ساۋاقداشلارنىڭ يېزىقچىلىق ماھارىتى ناھايىتى ياخشى بولۇپلا قالماي، سىنىپىمىزنىڭ تىل-ئەدەبىيات دەرسىدىكى نەتىجىسىمۇ مەكتەپ بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرۇپ كەلمەكتە.
بىزنىڭ تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىمىز ئۆزىنىڭ ئاددىي-ساددىيلىقى، ئېسىل ئەخلاقىي پەزىلىتى بىلەن بىزگە ئۈلگە بولۇپ كەلمەكتە. شۇنداق بولغاچقا، مېنىڭمۇ ھازىردىن تارتىپ ياخشى ئوقۇپ،چوڭ بولغاندا تىل-ئەدەبىيات مۇئەللىمىمگە ئوخشاش ياراملىق ھەم قابىلىيەتلىك خەلق ئوقۇتقۇچىسى بولۇش ئارزۇيۇم بارغانسېرى كۈچەيمەكتە.