xxx مەكتەپنىڭ سەھىيە ساقلىقنى ساقلاش ۋە تۈرلۈك يۇقۇملۇق كىسەللىكنىڭ ئالدىنى ئىلىش پىلانى
بۇپىلاننى تۈزۈشتىكى مەقسەت، ئوقۇغۇچىلارغا ساغلاملىق تەربىيسىنى تىخىمۇ ئەتراپلىق ياخشى ئىلمىي بىرىپ، يۇقۇملۇق كىسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئىلىش مۇداپىئەسى ۋە ساقلىقنىى ساقلاش بىلىملىرى بويىچە تەلىم - تەربىيە بىرىپ مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىخەتەرلىك ساغلاملىقىغا كۆڭۈل بۆلىدىغان ۋە تازىلىقنى سۆيىدىغان ۋە شەخسى تازىلىقنى ئاسرايدىغان تىنى ساغلام تۈرلۈك يۇقۇملۇق كىسەللىكلەرگە بەرداشلىق بىرەلەيدىغان ياراملىق ئىزباسارلارنى تەربىيلەپ مەكتەپنىڭ ئوقۇ-ئوقۇتۇش خىزمىتنى ئۈنۈملۈك ھەم توسالغۇسىز ئىلىپ بىرىپ سەھىيە ساقلىقنىى ساقلاش خىزمتىنى چىڭ تۇتۇپ ياخشى ئىشلەشتىن ئىبارەت.
يىتەكچى ئىددىيە: ماركىسىزىم، لىننىزىم، ماۋزىدۇڭ ئىددىيسى ۋە دىڭ شىياۋپىڭ نەزىريىسى ، ئۈچكە ۋەكىللىك قىلش مۇھىم ئىددىيسىنى يىتەكچى قىلىپ ئەخلاقى، ئەقلىي ، جىسمانىي جەھەتتىن ئەتراپىلق تەرەققىي قىلغان ئۆزىنىڭ ھاياتىنى قەدىرلەيدىغان بىخەتەرلىك ۋە ساغلاملىققا كۆڭۈل بۆلىدىغان ئۆز-ئۆزىنى قوغداش ئىڭىنى كۈچەيىتپ بەدەن چىنىقتۇرۇشنى قەتئىي داۋاملاشتۇرىدىغان ساغلام بولغان يىڭى بىر ئەۋلات ئىزباسارلارسىن قىلىپ تەربىيلەش .
يىتىدىغان نىشان؛
سەھىيە ساقلىقنى ساقلاش بىخەتەرلىك ساغلاملىق تەربىيسىنى يۇقۇملۇق ھەر خىل كىسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئىلىش تەربىيسىنى بىرىش ئارقلىق ئوقۇغۇچىلارنى ئۆز ھاياتىنى قەدىرلەيدىغان بىخەتەرلككە دىققەت قىلىدىغان بەدەن چىنىقتۇرۇشنى قەتئىي داۋاملاشتۇرىدىغان ، تازىلىققا ئەھمىيەت بىرىدىغان تازىلىقنى سۆيىدىغان ھەمدە شۇنىڭغا ئاساسەن تەن ساپاسى يۇقىرى ساغلام بەدەن بىر ئەۋلات ئىزباسارلارنى تەربىيلەپ مەكتەپنىڭ ئوقۇ-ئوقۇتۇش خىزمىتىگە ماسلىشىش ، ئاتا-ئانىلارنىڭ قوللىشىغا ئىرىشىش ، ۋە مەكتەپنىڭ مۇقىم بولۇشى ئۈچۈن تۈرتكىلىك رول ئوينايدىغان پىئونىرلاردىن قىلىپ تەربىيلەپ چىقىشتىن ئىبارەت.
پىلاننىڭ ئاساسىي مەزمۇنى :
1. ماۋسۇم بىشىدىلا ساقلىقنى ساقلاش پىلانىنى ئەتراپىلق تۈزۈپ چىقىپ تەستىقلىتىپ شۇ بويىچە پىلاننىڭ ئىجىراسىغا تولۇق كاپالەتلىك قىلىنىدۇ. ۋە مۇناسىۋەتلىك ئەنخاتىرلەر تولۇق ئىشلىنىدۇ.
2.مەكتەپتە سەھىيە ساقلىقىن ساقلاش ئىشخانىسى تەسسىس قىلىنىپ ئۇنىڭغا مەخسۇس بىر ئادەم تەسسىس قىلىنىپ دائىم كۆرۈلىدىغان كىسەللىكلەر ۋە ھەرخىل يۇقۇملۇق كىسەللىكلەر ۋە ھادىسلەرنى داۋالاشتا ئىشلىتىلغان دورىلارنى ۋە ئەسۋابلارنى تولۇقلاپ، جىددى ئەھۋال كىلىپ چىققاندا ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئىلىش خىزمىتى چىڭ تۇتۇپ ياخشى ئىشلىنىدۇ.
3. ئوقۇغۇچىلارغا ساغلاملىق تەربىيىسى ۋە يۇقۇملۇق كىسەللەردىن مۇداپىئەلىنىش تەربىيسىنى كۆپلەپ ئىلىپ بىرىپ ئۇلارنىڭ ئۆز-ئۆزىنى قوغداش ئىڭى يۇقىرى كۆتۈرلىدۇ.
4. مەكتەپنىڭ مۇھىت تازىلىقى ۋە يۇقۇملۇق كىسەللەردىن مۇداپىئەلىنىش خىزمەتلىرى چىڭ تۇتۇپ ياخشى ئىشلىنىدۇ.
5. ئوقۇغۇچىلارغا سەھىيە - ساقلىقىنى ساقلاش بىلىملىرىدى ن ساۋات بىرىشنى چىڭ تۇتۇپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ رولىنى تولۇق قارى قىلدۇرۇپ تەشۋىقى تەربىينى كۈچەيتىشكە ئەھمىيەت بىرلىدۇ.
6. ھەر ھەپتىدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ شەخسى تازىلقى ۋاقتىدا تەكشۈرلۈپ ئۇلارنىڭ ساغلاملىقغا كاپالەتلىك قىلىنىدۇ.
7. ئوقۇغۇچىلرغا بەدەن چىنىقتۇرۇش، ئىككى گىمناستىكىنى ئويناشقا ئەھمىيەت بىرىش ۋە ئۆز-ئۆزىنى قوغداش ئىڭىنى ئۆستۈرۈپ مەدەنىي ساغلام بولغان تۇرمۇش ئادىتىنى يىتىلدۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىنىدۇ.
8. ئوقۇغۇچىلارغا 10نى قىلىش، 10نى قلىماسلىق بىلىملىرى ئۆگىتلىپ ساغلاملىقى ۋە شەخسي تازىلىقىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش تەربىيسى بىرىلىدۇ.
9. مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا بىرىلىدىغان ساغلاملىق تەربىيسىنى كۈچەيىتش ئارقىلىق ئوقۇ-ئوقۇتۇش خىزمىتنى ئۈنۈملۈك ھەم ياخشى ئىلىپ بىرلىشىغا كاپالەتلىك قىلىنىدۇ.
10. ساغلاملىق دەرسىنى كۈچەيىتپ، چىڭ تۇتۇش ۋە ۋاقتىدا تولۇق ئۆتۈلۈشىگە كاپالەتلىك قىلىنىپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساغلامىلىق ئىڭى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىلىدۇ.
11. يۇقۇملۇق كىسەللىك، يەرلىك كىسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئىلىش ۋە باشقۇرۇش خىزمەتلىرىنى كۈچەيتىش بىلەن بىرگە كەسپىي ئورگانلار بىلەن ئالاقىلشىپ ئوقۇغۇچىلارنى تەشكىللەپ ئالدىنى ئىلىش دورا بىرىش، ۋە ئوكۇل سىلىش قاتارلىق خىزمەتلىرى ياخشى ئىشلىندۇ.
12. ئوقۇغۇچىلاردا كۆپ ئۇچرايدىغان تۈرلۈك يۇقۇملۇق كىسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئىلىش خىزمەتلىرى تىرىشىپ ياخشى ئىشلىنىدۇ.
13. ئوقۇتۇش گىگىنىسى، تەنتەربىيە گىگىنىسى، يىمەكلىك گىگىنىسى ، مۇھىت تازىلىق قاتارلىقلارنى تەكشۈرۈپ مەكتەپ تازىلىق شارائىتنىڭ ياخشىلنىشىنى ئىلگىرى سۈرلىدۇ.
14. ئالاھىدە كىسەللىكلەرنىڭ ئارخىپنى تۇرغۇزۇش ئۇلارغا بولغان ساغلاملىق تەربىيسى ۋە غەمخۇرلۇق كۈچەيىتلىدۇ.
15. يىمەكلىكتىن زەھەرلىنىشنىڭ ئالدىنى ئىلىش ئۈچۈن مەكتەپ ئەتراپىدىكى دۇكانلار ۋە ئاشخانىلارنى تەكشۈرۈش ئىلىپ بىرىپ ئوقۇغۇچىلارغا ۋاقتى ئۆتكەن ، سۈپىتى ئۆزگەرگەن يىمەكلىكلەرنى قەتئىي يىمەسلىك ھەققىدە تەربىيە ئىلىپ بىىرلىدۇ.
16. ئوقۇغۇچىلارغا ھەر كۈنى بىخەتەرلىكىگە دىققەت قىلىش توغىرسدا تەربىيە ئىلىپ بىرىلغاندىن باشقا ئوتتىن ، سۇدىن، توكتىن ، قاتناش ھادىسلىرىدىن ساقلىنىش توغىرسىدا قاراتمىلىقى بولغان تەربىيە ئىلىپ بىرلىدۇ.