ئالى خەلق سوت مەھكىمىسى: كۆپ قىسىم ئالداپ كېتىلگەن بالىلار ئۆز ئاتا- ئانىسى تەرىپىدىن سېتىۋېتىلگەن ياكى تاشلىۋىتىلگەن

ئالى خەلق مەھكىمىسى ئاخبارات باياناتچىسى سۈن جۈنگوڭ 27- فېۋرال بېيجىڭدا ئاشكارلاپ مۇنداق دېدى: ھازىر ئاياللارنى بالىلارنى ئالداپ سېتىش دېلوسىنى تۈزەش ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىدە بىر قىسىم يېڭى ئەھۋال، يېڭى ئالاھىدىلىك كۆرۈلدى، مەسلەن كۆپ قىسىم ئالداپ كېتىلگەن بالىلار ئۆز ئاتا- ئانىسى تەرىپىدىن سېتۋىتىلگەن ياكى تاشلىۋىتىلگەن.
27-فېۋرال چۈشتىن بۇرۇن، ئالى خەلق سوت مەھكىمىسى بېيجىڭدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، ئاياللارنى، بالىلارنى ئالداپ سېتىشنىڭ ۋەكىل خاراكتىرلىك دىلوسىنى ئۇقتۇرۇش قىلدى.
سۈن جۈنگوڭ يىغىندا: جۇڭگو جەمىيەت ئىقتىسادى ۋەزىيتىنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە ئەدلىيە تارماقلىرىنىڭ زەربە بېرىش سالمىقىنى ئاشۇرىشىغا ئەگىشىپ، ھازىر ئاياللارنى بالىلارنى ئالداپ سېتىش دېلوسىنى تۈزەش ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىدە بىر قىسىم يېڭى ئەھۋال، يېڭى ئالاھىدىلىك كۆرۈلدى، گەۋدىلىك ئالاھىدىلىكى بولسا:
ئوغۇرلاش، بۇلاش، ئېزىقتۇرۇش شەكىلدىكى بالىلارنى ئالداپ سېتىش جىنايى دىلولىرىنىڭ سانى كۆرىنەرلىك چۈشكەن، كۆپ قىسىم ئالداپ كېتىلگەن بالىلار ئۆز ئاتا- ئانىسى تەرىپىدىن سېتۋىتىلگەن ياكى تاشلىۋىتىلگەندىن كىيىن، «ئادەم بېدىكلىرى» تەرىپىدىن سېتۋىلىنىپ باشقىلارغا سېتۋىتىلگەن، دېدى
ئالداپ سېتۋىتىلگەن بالىلارنى سېتىۋىلىش قىلمىشىغا زەربە بېرىش سالمىقىنى يەنىمۇ بىر قەدەم كۈچەيتىش لازىم.
ئاياللارنى ئالداپ، مەجبۇرلاپ« خوتۇن قىلۋىلىش» جىنايى قىلمىشى يەنىلا دائىم يۈز بېرۋاتىدۇ، ئاياللارنى ئالداپ سېتىش، ئاياللارنى ئالداپ نۇمۇسىنى سېتىشقا زورلاش قاتارلىق جىنايەتلەر كۈنسىرى گەۋدىلىنۋاتىدۇ،بولۇپمۇ بىر قىسىم قانۇنسىز ئۇنسۇرلار چىگرا سىرتىدىكى ئەزالار بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ چەتئەللىك ئاياللارنى ئالداپ سېتىش جىنايى قىلمىشى بەزى رايۇنلاردا ئېشىش ۋەزىيتىدە تۇرماقتا، دېدى.
سۈن جۈنگوڭ، جىنايەت ۋەزىيتىنىڭ يېڭى ئۆزگىرىشىگە قارىتا ،ئەدلىيە سىياسىتىنى تەتقىق قىلىپ تەڭشەپ، ئاياللارنىڭ، باللىلارنىڭ ئاساسى كىشلىك ھۇقۇقىغا بولغان ئەدلىيلىك قوغداشنى يەنىمۇ بىر قەدەم كۈچەيتىمىز،دېدى.