خەرىتە | پىكىر دەپتىرى | RSS | خەتكۇچ | USY | ULY | 中文 |
ئالىم بالام سەرخىل ئوقۇشلۇق MP3 ناخشىلار كارتون فىلىم ئۆگىنىش قانىلى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

ئاتا-ئانا ھەدىيەنى بىكار قىلسا بولامدۇ؟

بەشتاش(www.baxtax.cn)ئاپتۇر : ئىزدەن2015-03-03 00:23

 
ئاتا-ئانا ھەدىيەنى بىكار قىلسا بولامدۇ؟

«توختام قانۇنى» نىڭ 185- ماددىسىدا: «ھەدىيە توختامى ھەدىيە قىلغۇچى ئۆزىنىڭ مال مۈلكىنى ھەدىيە قوبۇل قىلغۇچىغا ھەقسىز بېرىدىغان، ھەدىيە قوبۇل قىلغۇچى ھەدىيەنى قوبۇل قىلغانلىقىنى بىلدۈردىغان توختام» دەپ بەلگىلەنگەن. بۇ بەلگىلىمىنىڭ مەنىسىدىن قارىغاندا، ھەدىيە توختامى ۋەدىلىك توختامدۇر. ۋەدىلىك توختام دېگىنىمىز، تەرەپلەرنىڭ بىرىنىڭ مەقسىتى قارشى تەرەپنىڭ ماقۇللىقىدىن ئۆتكەن ھامان قانۇنىي كۈچكە ئىگە بولىدىغان توختامنى كۆرسىتىدۇ. « توختام قانۇنى» نىڭ 187- ماددىسىدا : « ھەدىيە مال مۈلۈكلەردىن تىزىملىتىش قاتارلىق رەسمىيەتلەرنى قانۇن بويىچە بىجىرىشكە توغرا كېلىدىغانلىرىغا مۇناسىۋەتلىك رەسمىيەتلەرنى بىجىرىش كېرەك » دەپ بەلگىلەنگەن. دېمەك، ھەدىيە توختامىنىڭ ئىناۋەتلىك بولۇشى ھەدىيە مۈلكىنى تاپشۇرۇشنى ياكى رەسمىيەتنى بىجىرىشنى شەرت قىلىش بىلەن بىللە، « توختام قانۇنى»نىڭ 186- ماددىسىدا : « ھەدىيە قىلغۇچى ھەدىيە مال مۈلكىنىڭ ھوقۇقى يۆتكىلىشتىن ئىلگىرى ھەدىيەنى بىكار قىلسا بولىدۇ. ئاپاتتىن قۇتقۇزۇش، نامراتلارنى يۆلەش قاتارلىق ئىجتىمائىي پاراۋانلىق، ئەخلاقىي مەجبۇرىيەت خارەكتىرىدىكى ھەدىيە توختامى ياكى گۇۋاھلىقتىن ئۆتكۈزۈش ھەدىيە توختامىدا، ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە تەدبىقلانمايدۇ » دەپ بەلگىلەنگەن.
بۇ تېما سىزگە يارىغان، ياردەم بەرگەن بولسا،ھەمبەھىرلەڭ،ساقلىۋىلىڭ:

بالىلار ناخشىلىرى

سۇئال پىلان خۇلاسە تۈزۈم مائارىپ تەتقىقات
<font color='#FF0000'>2015 -يىللىق روزا ھېيتلىق</font>

ئاز سانلىق مىللەتلەر ‹‹قوش تىل›› مائا

جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]

پاكىز ئويۇنلار