خەرىتە | پىكىر دەپتىرى | RSS | خەتكۇچ | USY | ULY | 中文 |
ئالىم بالام سەرخىل ئوقۇشلۇق MP3 ناخشىلار كارتون فىلىم ئۆگىنىش قانىلى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

سەھىيە ساقلىقنى ساقلاش ۋە تۈرلۈك يۇقۇملۇق كىسەللىكنىڭ ئالدىنى ئىلىش لاھىيسى

بەشتاش(www.baxtax.cn)ئاپتۇر : ئويچان2015-03-03 13:25

 
xxxمەكتەپنىڭ سەھىيە ساقلىقنى ساقلاش ۋە تۈرلۈك يۇقۇملۇق كىسەللىكنىڭ ئالدىنى ئىلىش  لاھىيسى
 
مەكتىۋىمىزنىڭ  سەھىيە  ساقلىقنى  ساقلاش خىزمىتى  پىلانىدىكى  تۈرلۈك نىشان ۋەزىپىلەرنى ئۈزلۈكسىز  قانات يايدۇرۇپ ئەمىلىلىەشتۈرۈپ  مەكتىۋىمىزدىكى  بارلىق ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار، ئىشچى- خىزمەتچىلەرگە بولغان ساغلاملىقى تەربىيسى ۋە يۇقۇملۇق كىسەللىكنىڭ ئالدىنى ئىلىش تەربىيسىنى داۋاملىق  كۈچەيتىپ ‹‹ ساغلاملىق بىرىنجى ›› دىگەن كۆز قاراشنى تۇرغۇزۇپ ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساغلاملىققا ئەھمىيەت بىرىدىغان ، ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ توغرا بولغان  دۇنيا قارشى  ۋە كىشىلىك تۇرمۇش قارشىنى  تۇرغۇزىدىغان ‹‹ تۆتكە ئىگە بولغان ›› سوتسىيالىزىم  ئىشلىرىنىڭ ياراملىق قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىدىن قىلىپ يىتىشتۈرۈپ چىقىش ئۈچۈن مائارىپ ئىدارىسى  تۈزۈپ  تارقاتقان  ‹‹ xxx ناھىيلىك  مائارىپ سىسىتىمىسىنىڭ سەھىيە ساقلىقنى ساقلاش ››  خىزمىتنىڭ  روھىغا  ئاساسەن  مەكتىۋىمىزنىڭ  ئەمەلىيتىگە بىرلەشتۈرۈپ ، xxx مەكتىپىنىڭ  2014-يىلى ئالدىنقى يىرىم يىللىق سەھىيە ساقلىقنى ساقلاش خىزمىتى لاھىيەسىنى تۆۋەندىكىدەك تۈرۈپ چىقتۇق .
ئاساسىي نىشان ۋەزىپىلەر :
ئىلمي تەرەققىيات قارشى ۋە 18-قۇرۇلتاي روھىنى شۇنداقلا مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى  رۇھىنى يىتەكچى  قىلىپ ‹‹ ساغلاملىق بىرىنجى ›› دىگەن كۆز قاراشنى چۆرىدىگەن ئاساستا  يۇقىرى دەرىجىلىك  ئورۇنلار تارقاتقان  تۈرلۈك  ھۆججەت  ۋە ئۇقتۇرۇشلارنىڭ رۇھىغا ئاساسەن خىزمەتلەرنى ئەستايىدىللىق بىلەن  ياخشى ئىشلەپ ، كەڭ ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارنىڭ  كىسەللىككە  بولغان تونۇشىنى يەنىمۇ يۇقىرى  كۆتۈرۈپ ، مەسھۇلىيتىنى  كۈچەيتىش  ۋە  مۇكەممەللەشتۈرۈش ،  مەكتىۋىمىزنىڭ ئوقۇ - ئوقۇتۇش ،تەلىم - تەربىيە خىزمىتىنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشقا  ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ ،ئوموميۈزلۈك ئىناق مەكتەپ قۇرۇپ ،سىجىل ،مۇقىم بولغان ۋەزىيەت بەرپا قىلىشتىن ئىبارەت .
2.خىزمەتلەرنىڭ كونكىرىت مەزمۇنى :
1. رەھبەرلىك  گۇرۇپپا  قۇرۇلۇپ ،خىزمەتلەرنىڭ پىلانلىرى مەكتەپنىڭ ئەمەلىيتىنى چىقىش قىلغان ئاساستا تۈزۈلىدۇ . مەكتەپنىڭ بىرىنجى قول  مەسئۇلچىسى گۇرۇپپا باشلىقلىقىنى  ئۈستىگە ئالغان ، مەكتەپنىڭ ئاساسلىق غوللۇق ئوقۇتقۇچىلىرىدىن تەركىپ  تاپقان رەھبەرلىك گۇرۇپپا  قۇرۇلۇپ كەڭ  ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارنى سەپەرۋەر قىلىپ  ، ساغلاملىققا  ئەھمىيەت  بىرىدىغان ،ھەممە ئادەم قاتنىشىدىغان ۋەزىيەت يارىتىلىدۇ .
2. سەھىيە  ساقلىقنى ساقلاش ،كىسەللىكنىڭ  ئالدىنى ئىلىش  مەسئۇلىيەتنامىسى  ئىمزالاش خىزمىتىنى قاتلاممۇ-قاتلام ئەستايىدىل ياخشى  ئىشلەپ  ، مەسئۇلىيەتنامە ئىمزالاش  نىسپىتىنى  % 100  گە يەتكۈزۈپ ، كۆپ تەرەپمىلىك سەھىيە ساقلىقنى ساقلاش     خىزمىتىنى     باشقۇرۇش     مەسئۇلىيەت     تورى       شەكىللەندۈرۈپ ، مەسئۇلىيەتنامىدىكى تەلەپلەرنى  تولۇق ئىجرا قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىمىز .
3. سەھىيە ساقلىقنى  ساقلاش خىزمەت تۈزۈمى ۋە مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرش تۈزۈمىنى ئەستايىدىل ئەمىلىلەشتۈرىمىز ،  xxx  ناھىيسىنىڭ تۈرلۈك يۇقۇملۇق كىسەللىكنىڭ ئالدىنى  ئىلىشقا  دائىر  يىغىن  ۋە  ھۆججىتىنىڭ  تەلىۋىگە  ئاساسەن  مەسئۇلىيەتنى ئىنىقلىماي تۇرۇپ بولدى قىلماسلىق، مەسئۇل كىشىنى بىر تەرەپ قىلماي تۇرۇپ بولدى قىلماسلىق ، تۈرەش  تەدبىرلىرىنى ئەمىللەشتۈرمەي  تۇرۇپ بولدى قىلماسلىق خىزمەت مەسئۇلىيەت تۈزۈمى قاتتىق ئىجرا قىلىنىدۇ .
4.ئادەم تەربىيلەش مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ ، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ شەخسىي تازلىققا ۋە  ھەر ۋاقىت يىمەك -  ئىچمەك  تازلىقىغا  ئەھمىيەت بىرىشنىڭ زۆرۈرلىكى تونۇتىلىدۇ .مەكتەپ ئەتراپىدىكى  تىجارەت  دۇكانلىرىنىڭ  ئەھۋاللىرىنى تەكشۈرۈپ شەكلى ئۆزگەرگەن ، ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن يىمەكلىلەرنىڭ بار-يوقلىقىنى  ئىنىقلاپ مەسىلىنىڭ  ئىغىر-يىنىكلىكىگە  ئاساسەن مەكتەپ  پارتىيە  ياچىيكىسىغا ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك  ئورۇنلارغا  مەلۇم  قىلىنىپ  ،  مەكتىۋىمىزنىڭ ئادەم تەربىيلەش مۇھىتىنى ساپلاشتۇرىمىز .
3.ئايدا ئىلىپ بىرىلىدىغان خىزمەتلەرنىڭ مۇھىم نوقتىسى :
1) 2- ئاينىڭ بىشىدىن 3-  ئاينىڭ  ئاخىرغىچە تۆۋەندىكى خىزمەتلەر ئىشلىنىدۇ .
مەكتەپنىڭ سەھىيە ساقلىقنى ساقلاش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى يىڭى باشتىن تەرتىپكە سىلىنىپ ، مەكتەپنىڭ ئوتتۇرا قاتلامدىكى رەھبىرى خادىملىرى ۋە غوللۇق   ئوقۇتقۇچىلاردىن  تەركىپ  تاپقان  مەكتەپ  سەھىيە  ساقلىقنى  ساقلاش خىزمىتىگە  رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى قۇرۇلۇپ  ، مەسئۇلىيەت  كىشى بىشىغىچە كونكىرىتلاشتۇرلىدۇ .
مەكتەپنىڭ  سەھىيە  ساقلىقنى  ساقلاش  خىزمىتىگە  ئائىت  تۈرلۈك  پىلان-لاھىيەلەر مەكتەپنىڭ ئەمەلىيتىگە ماس تۈزۈلۈپ ، مەكتەپ سەھىيە ساقلىقنى ساقلاش خىزمىتىدە ‹‹ پىلان بولۇش ، خىزمەتلەر پىلان بويىچە ئىلىپ بىرىلغان بولۇش ،پائالىيەت خاتىرسى بولغان   بولۇش  ،  مۇكاپات  - جازا   ئىنىق ئايرىلغان  بولۇش ›› ئىشقا ئاشۇرلىدۇ .
مەكتەپ  ئوقۇتقۇچى ، ئىشچى – خىزمەتچىلەر   ۋە  سىنىپ  مۇدىرلىرى بىلەن سەھىيە ساقلىقنى ساقلاش ۋە تۈرلۈك كىسەللىكنىڭ  ئالدىنى  ئىلىش خىزمىتى بويىچە نىشانلىق مەسئۇلىيەتنامە ئىمزالىنىدۇ .
2) 4-  ئاينىڭ باشلىرىدىن   6-ئاينىڭ ئاخىرلىرىغىچە تۆۋەندىكى خىزمەتلەر چىڭ تۇتۇلۇپ ياخشى ئىشلىنىدۇ .
كەڭ ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارغا تۈرلۈك  يۇقۇملۇق   كىسەللىكنىڭ ئالدىنى ئىلىش توغۇرسىدا مەكتەپ خاراكتىرلىك دوكىلات بىرىلىدۇ .سىنىپلاردىكى ئوقۇغۇچىلار ئىچىدە تۈرلۈك كىسەللىك ئەھۋالى بىلەن ئاغرىپ  قالغان ئوقۇغۇچىلارنى تىزىملاپ كۆزىتىش خىزمىتى ئىشلىنىپ  يۇقىرغا  مەلۇم قىلىنىدۇ  .  مەكتەپ رەھبەرلىك ئەزالىرىنى تولۇق قاتناشتۇرۇپ  مەكتەپنىڭ  نۆۋەتتىكى  سەھىيە ساقلىقنى  ساقلاش خىزمىتىنىڭ ۋەزىيەت ئەھۋلىنى  مۇھاكىمە قىلىش  يىغىنى  چاقىرىپ  ،نۆۋەتتىكى سەھىيە ساقلىقنى ساقلاش خىزمىتىدە دۇچ كىلىۋاتقان ۋەزىيەت ۋە ۋەزىپىلەر ئەتراپلىق مۇھاكىمە قىلىنىدۇ .
3) 7- ئاينىڭ باشلىرىدىن  8- ئاينىڭ  ئوتتۇرلىرىغىچە  تۆۋەندىكى خىزمەتلەر چىڭ تۇتۇلۇپ ياخشى ئىشلىنىدۇ .
بارلىق ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارغا ‹‹ قانداق قىلغاندا كىسەللىكنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ ›› دىگەن تىمىدا دوكىلات بىرىلىدۇ .سەھىيە ساقلىقنى ساقلاش خىزمىتىگە ئائىت ئىككى دانە قارا دوسكا ئىشلىنىدۇ ، تەشۋىق -تەربىيە ئىلىپ بىرىلىدۇ ،  بارلىق سىنىپلار  يۇقۇملۇق كىسەللىكنىڭ ئالدىنى ئىلىش تۇغۇرسىدا سىنىپ ئارقا دوسكىسىنى ئىشلەيدۇ .سەھىيە ساقلىقنى ساقلاش خىزمىتى بويىچە تۈرلۈك يۇقۇملۇق كىسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئىلىش تەدبىرلىرى ۋە يۇقۇش يوللىرىغا دائىر بولغان سۇئاللاردىن مەكتەپ خارەكتىرلىك زىھىن سىناش مۇسابىقىسى ئىلىپ بىرىلىدۇ .
4.تەشكىلىي رەھبەرلىك
يۇقارقى  خىزمەتلەرنى  ئوڭۇشلۇق  ئىلىپ  بىرىش   ئۈچۈن  ،  مەكتىۋىمىزدە   xxxيىزا بورا باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ سەھىيە ساقلىقنى ساقلاش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى قۇرۇلۇپ ، خىزمەتلەر تەشكىلىي كاپالەتكە ئىگە قىلىندى .
xxxx
5.ئالاقىدار تەلەپلەر
مەكتەپنىڭ سەھىيە ساقلىقنى ساقلاش خىزمىتى پۈتۈن ناھىيە مائارىپ سىستىمىسىنىڭ ئومۇمىي مۇقىملىقىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان بولۇپ جەمىيەتنىڭ مۇقىملىقى ۋە ئىناقلىقى بىلەن ئىنتايىن مۇناسىۋەتلىك . ساغلاملىق  كاپالەتكە  ئىگە  بولمىسا ئىناق مەكتەپ بەرپا    قىلىشتىن   سۆز  ئاچقىلى   بولمايدۇ   . مەكتەپنىڭ سەھىيە ساقلىقنى ساقلاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ ، مەكتەپنىڭ ئۇزۇن مۇددەت تىنىچ - ئامانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش   بولسا ،   مەكتەپ  مائارىپ  خىزمىتىدىكى   بىرىنجى  مۇھىم  ئىش ، ئوقۇتۇش خىزمىتىنى يولغا قويۇشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى ۋە كۈچلۈك كاپالىتى ، خەلق ئاممىسى رازى بولىدىغان   مائارىپنى  ئىشقا   ئاشۇرۇشنىڭ   ئالدىنقى شەرتى . شۇڭا مەكتەپ پارتىيە ياچىيكىسىنىڭ مەزكۇر خىزمەتلەرنى بارلىق  خىزمەتلەرنىڭ    ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ مەكتەپ سەھىيە ساقلىقنى ساقلاش خىزمىتىنى مۇھىم ئىشلار كۈنتەرتىپىگە كىرگۈزۈپ بىر تۇتاش  ئورۇنلاشتۇرۇپ  ئەستايىدىل تەشكىللەش    ئىلىپ بارىمىز      ، ئىلىپ بىرىلغان خىزمەتلەرنى سىستىمىلىق    خۇلاسىلەپ  نەتىجىنى  كىشى بىشىغىچە تەكشۈرۈپ ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ   خۇلاسىسى   ۋە   رەسىملىك ئۇچۇر ماتىرياللىرىنى   يۇقىرى دەرىجىلىك ئورۇنلارغا ۋاقتى-قەرەلىدە يوللاشقا كاپالەتلىك قىلىنىدۇ . مەكتەپنىڭ سەھىيە ساقلىقنى ساقلاش خىزمىتىدىكى تۈزۈم   -      تەدبىرلەرنى       ئەستايىدىل ئەمىللەشتۈرمىگەن ،ئۆزگەرتىش   سالمىقى  ياكى    خىزمەتتە بوشاڭلىق  قىلىپ ‹‹كۆز بوياپ ئۆتكەلدىن ئۆتۈۋىلىش   ››   پوزىتسىيسىدە   بولغانلارنىڭ   مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىپ ، مەكتەپنىڭ ئالاقىدار تۈزۈم-تەدبىرلىرى بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ ھەم خىزمەت ئورنى ئويلىشىلىدۇ ،
بۇ تېما سىزگە يارىغان، ياردەم بەرگەن بولسا،ھەمبەھىرلەڭ،ساقلىۋىلىڭ:

بالىلار ناخشىلىرى

سۇئال پىلان خۇلاسە تۈزۈم مائارىپ تەتقىقات
<font color='#FF0000'>2015 -يىللىق روزا ھېيتلىق</font>

ئاز سانلىق مىللەتلەر ‹‹قوش تىل›› مائا

جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]

پاكىز ئويۇنلار