خەرىتە | پىكىر دەپتىرى | RSS | خەتكۇچ | USY | ULY | 中文 |
ئالىم بالام سەرخىل ئوقۇشلۇق MP3 ناخشىلار كارتون فىلىم ئۆگىنىش قانىلى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

ئاز سانلىق مىللەتلەر ‹‹قوش تىل›› مائارىپىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈشتە بۈگۈنكىلەر ئە

بەشتاش(www.baxtax.cn)ئاپتۇر : سەپەر2013-09-13 12:49

 
ئاز سانلىق مىللەتلەر ‹‹قوش تىل›› مائارىپىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈشتە بۈگۈنكىلەر ئەجىر قىلسا، كېيىنكىلەر مەنپەئەتلىنىدۇ

ــــ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ئەركىنجان تۇراخۇننى زىيارەت

    مۇخبىر: سىز ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مائارىپ خىزمىتىگە مەسئۇل رەھبىرى، شۇنداقلا ‹‹قوش تىل›› مائارىپى ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ شاھىتى بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن ‹‹قوش تىل›› مائارىپى خىزمىتىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەرگە قانداق قارايسىز؟

   جاۋاب: ياخشىمۇسىز! ئالدى بىلەن سىزگە ئوخشاش تاراتقۇ مۇخبىرلىرىنىڭ ‹‹قوش تىل›› مائارىپى خىزمىتىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلگەنلىكى ۋە ئۇنى قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىمەن!

    پارتىيە 11 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3 – ئومۇمىي يىغىنىدىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر مائارىپى خىزمىتىدە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەر قولغا كەلدى، ‹‹قوش تىل›› مائارىپى سان ۋە كۆلەم جەھەتتە ئۈزلۈكسىز زورىيىپ، سۈپەت ۋە ئۈنۈم كۆرۈنەرلىك ئۆسۈپ، جەمئىيەتتىكى ھەرقايسى ساھەلەر ۋە خەلق ئاممىسىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئېتىراپ قېلىشىغا ئېرىشتى. بىراق، تارىخىي سەۋەبلەر تۈپەيلى ئاز سانلىق مىللەتلەر مائارىپى خىزمىتى بىلەن شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئېھتىياجى ئوتتۇرىسىدا يەنىلا خېلىلا زور پەرق بار، بولۇپمۇ تەلىم – تەربىيە، ئوقۇتۇش سۈپىتى يۇقىرى بولماسلىق ۋە دۆلەت ئورتاق تىل يېزىق سەۋىيەسى تۆۋەن بولۇش مەسىلىسى ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئۆگىنىش، يۇقىرىلاپ ئوقۇش، ئىشقا ئورۇنلىشىش، مەملىكەتكە يۈزلىنىشىگە تەسىر يەتكۈزۈۋاتقان مۇھىم ئامىل بولۇپ قالدى. 20 – ئەسىرنىڭ 90 – يىللىرى ئاپتونوم رايون ئاز سانلىق مىللەت ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپلىرىنىڭ تەلىم – تەربىيە، ئوقۇتۇش سۈپىتى ۋە دۆلەت ئورتاق تىل سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن، ‹‹قوش تىل›› ئوقۇتۇشى سىناق خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ناھايىتى ياخشى ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرگەن ئىدى. ئەمما، ئەينى ۋاقىتتا كۆلەم ناھايىتى كىچىك بولۇپ، 2000 – يىلى ‹‹قوش تىل›› سىنىپىدىكى ئوقۇغۇچىلار پەقەت 4000 ئەتراپىدىلا ئىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئوقۇتۇش ئەندىزىسى ۋە تۈزۈم قۇرۇلۇشى تېخى ئىزدىنىش باسقۇچىدا ئىدى. 2004 – يىلى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ‹‹قوش تىل›› ئوقۇتۇشى خىزمىتىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى قارارنى چىقارغاندىن كېيىن، بولۇپمۇ 2010 – يىلى مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلغاندىن بۇيان، ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتلەرنىڭ توغرا رەھبەرلىكى ۋە ھەر مىللەت ئوقۇتقۇچى، ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقى ئارقىسىدا، شىنجاڭنىڭ ‹‹قوش تىل›› مائارىپى خىزمىتىدە زور نەتىجىلەر قولغا كەلدى. 2012 – يىلى 9 – ئايغىچە، يەسلى ۋە ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپلەردىكى ‹‹قوش تىل›› سىنىپلىرىدا ئوقۇۋاتقان ۋە خەنزۇچە ئوقۇۋاتقان مىللىي ئوقۇغۇچىلار 1 مىليون 678 مىڭ 600 گە يېتىپ، ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلار ئومۇمىي سانىنىڭ %66.61ىنى ئىگىلەپ، 2008 – يىلىغا سېلىشتۇرغاندا %110.40 ئاشتى. بۇنىڭ ئىچىدە، ئۈچ يىللىق يەسلى مائارىپى بويىچە ‹‹قوش تىل›› مائارىپىنى قوبۇل قىلىۋاتقان ۋە خەنزۇچە ئوقۇۋاتقان مىللىي يەسلى بالىلىرى 455 مىڭغا يېتىپ، ئاز سانلىق مىللەت يەسلى بالىلىرى ئومۇمىي سانىنىڭ %65.51ىنى ئىگىلەپ، 2008 – يىلىدىكىدىن %117 ئاشتى؛ ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپلەردىكى ‹‹قوش تىل›› مائارىپىنى قوبۇل قىلىۋاتقان ۋە خەنزۇچە ئوقۇۋاتقان مىللىي ئوقۇغۇچىلار 1 مىليون 223 مىڭ 600گە يېتىپ، ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپ ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى ئومۇمىي سانىنىڭ %59.33ىنى ئىگىلەپ، 2008 – يىلىغا سېلىشتۇرغاندا %213.7 ئاشتى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، مەن ‹‹قوش تىل›› سىنىپلىرىنىڭ تەلىم – تەربىيە سۈپىتىگە ئىزچىل دىققەت قىلىپ كەلدىم، بولۇپمۇ ئاساسىي قاتلام مەكتەپلىرىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا، ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلار بىلەن سۆھبەتلەشكەندە، مەيلى ئوقۇتقۇچىلار ياكى ئوقۇغۇچىلار بولسۇن، دۆلەت ئورتاق تىل – يېزىقى سەۋىيەسىنىڭ ئىلگىرىكىگە قارىغاندا زور دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرۈلگەنلىكىنى ھېس قىلدىم. 2012 – يىللىق ئاپتونوم رايون بويىچە ‹‹قوش تىل›› مائارىپى سۈپىتىنى تەكشۈرۈپ ئۆلچەش نەتىجىسىمۇ ئۈلگە ئېلىپ تەكشۈرۈلگەن ‹‹قوش تىل›› سىنىپلىرىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ خەنزۇچە سەۋىيەسىنىڭ بەلگىلىك دەرىجىدە ئۆسكەنلىكىنى، خەنزۇ تىلى ۋە ماتىماتىكا ئوتتۇرىچە نەتىجىسىنىڭ ئادەتتىكى سىنىپلارنىڭكىدىن ياخشى بولغانلىقىنى كۆرسەتتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئانا تىلدا ئوقۇتۇشقىمۇ ئەھمىيەت بېرىلگەچكە، ئانا تىل – ئەدەبىيات ئوقۇتۇشىمۇ مۇستەھكەملىنىپ ۋە تەرەققىي قىلدى. خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن، مەن ھەر يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئاياغلاشقاندىن كېيىن، ئىمتىھان سوئاللىرىنى تەكشۈرۈۋاتقان ئوقۇتقۇچىلاردىن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئانا تىل سەۋىيەسى ئەھۋالىنى ئىگىلەپ تۇرىمەن، خۇشاللىنارلىقى شۇكى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئانا تىل سەۋىيەسىمۇ خەنزۇ تىلى سەۋىيەسىگە ئوخشاشلا يىلدىن – يىلغا ئۆسۈۋاتىدۇ.

   مۇخبىر: ئاز سانلىق مىللەتلەر مائارىپى ياخشى تەرەققىياتلارغا ئېرىشىۋاتقان چوڭ ئارقا كۆرۈنۈشتە، ئاپتونوم رايوننىڭ يەنە نېمە ئۈچۈن ئاز سانلىق مىللەتلەر ‹‹قوش تىل›› مائارىپى خىزمىتىنى پائال ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقى ھەققىدە سۆزلەپ باقسىڭىز بولامدۇ؟

   جاۋاب: جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تارىخىي مەدەنىيىتى ۋە مىللىي ئەخلاق – پەزىلىتىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن بولۇپ، ئۇ شۇ مىللەتنىڭ نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيانقى مول ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى ۋە تەجرىبىلىرىنىڭ ئەڭ بىۋاسىتە، ئەڭ مەركەزلىك ئىپادىلىنىشى. ئانا تىل شۇ مىللەت كىشىلىرى ۋە توپىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى، راۋاجلىنىشىدا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ. شۇڭا، دۆلەت پائال قوغداش تەدبىرلىرىنى قوللانغاندىن سىرت، يەنە چوقۇم مائارىپ ئارقىلىق ئۈنۈملۈك ۋارسلىق قىلدۇرۇشى ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشى كېرەك. بىراق، بىر مىللەتنىڭ تىلى ۋە مەدەنىيىتى بېكىنمە ھالەتتە تەرەققىي قىلالىشى مۇمكىن ئەمەس، بولۇپمۇ ھازىر، دۇنيا ئىقتىسادى بىر گەۋدىلىشىۋاتقان ۋە كۆپ خىل مەدەنىيەت تەرەققىي قىلىۋاتقان ۋەزىيەتتە، ھەر قايسى مىللەتلەر تەرەققىي قىلىمىز، ئالغا ئىلگىرىلەيمىز، زامانىۋىي مەدەنىي جەمئىيەتكە ياخشى ئۆزلىشىمىز دەيدىكەن، جەزمەن ئۆز مىللىي تىل – يېزىقى ۋە ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش بىلەن بىللە، دۆلەتنىڭ ئورتاق تىل – يېزىقىنى ۋە ئاساسىي ئېقىمدىكى مىللەتنىڭ مەدەنىيىتىنى ئۆگىنىشى، شۇنداقلا دۇنيادىكى تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەرنىڭ تىلى ۋە مەدەنىيىتىنىمۇ ئۆگىنىشى كېرەك. شۇڭا، دۆلەت ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىدا ‹‹قوش تىل›› مائارىپىنى يولغا قويۇشنى پائال تەشەببۇس قىلىدۇ. بۇ يەردە بىز ئالدى بىلەن شىنجاڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر ‹‹قوش تىل›› مائارىپىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى ئېنىق ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىشىمىز كېرەك. ئىلىم ساھەسىدىكىلەرنىڭ ‹‹قوش تىل›› مائارىپى ئۇقۇمىغا بەرگەن تەبىرلىرى خىلمۇ خىل بولۇپ، ھەممىسىنىڭ ئۆزىگە تۇشلۇق ئاساسى بار. بىراق ‹‹قوش تىل›› مائارىپى ئۇقۇمى ھەققىدىكى ھەر خىل قاراشلارنى يىغىنچاقلاپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ چۈشىنىشلىك قىلىپ ئېيتساق، مېنىڭچە، شىنجاڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر ‹‹قوش تىل›› مائارىپى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تەلىم – تەربىيە، ئوقۇش – ئوقۇتۇشىدا، مۇناسىۋەتلىك دەرسلەرنى دۆلەت ئورتاق تىل – يېزىقى ۋە ئۆز مىللىي تىل – يېزىقىدا ئوقۇتۇشتىن ئىبارەت ئوقۇتۇش شەكلىنى كۆرسىتىدۇ.

   بۇنىڭغا ئۇلاپلا، ئاپتونوم رايون نېمىشقا ئاز سانلىق مىللەتلەر ‹‹قوش تىل›› مائارىپى خىزمىتىنى پائال ئىلگىرى سۈرىدۇ؟ دەپ سورىشىڭىز مۇمكىن. چۈنكى، كۆپ يىللىق نەزەرىيەۋى تەتقىقات ۋە تەجرىبە ئەمەلىيىتى تۆۋەندىكىلەرنى ئىسپاتلاپ بەردى:

   بىرىنچى، ‹‹قوش تىل›› مائارىپى ئاز سانلىق مىللەتلەر تەلىم – تەربىيە سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئۆز تىلىنىمۇ خەنزۇچىنىمۇ پىششىق بىلىدىغان ئاز سانلىق مىللەت ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈپ چىقىشقا پايدىلىق. ‹‹قوش تىل›› ئۆگىنىش، ‹‹قوش تىل›› ئىگىلەش، ‹‹قوش تىل›› ئىشلىتىش ئارقىلىق مىللەتلەر ئارا ئالاقىنى كېڭەيتكىلى، تىل مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرغىلى، تېخمۇ كۆپ، تېخىمۇ ياخشى ئۆگەنگىلى، ھەر قايسى قېرىنداش مىللەتلەرنىڭ مۇنەۋۋەر تارىخىي مەدەنىيىتى ۋە ئەنئەنىلىرىدىن پايدىلانغىلى، نەزەر دائىرىمىزنى ئېچىپ، ئۇچۇر مەنبەلىرىمىزنى كېڭەيتكىلى، بىلىمىمىزنى موللاشتۇرغىلى بولىدۇ.

   ئىككىنچى، ‹‹قوش تىل›› مائارىپىنى ئىلگىرى سۈرۈش غەربىي رايوننى كەڭ كۆلەمدە ئېچىش ئىستراتېگىيەسىنى ئىچكىرىلەپ يولغا قويۇپ، شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا پايدىلىق. شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ئونمىڭلىغان يۇقىرى ساپالىق، ئۆز تىلىنىمۇ – خەنزۇ تىلىنىمۇ پىششىق بىلىدىغان ئىختىساسلىقلار ۋە قۇرغۇچىلارغا ئېھتىياجلىق. ئەمما، كۈنسېرى ئىلگىرىلەۋاتقان يۇقىرى پەن – تېخنىكا، يۇقىرى ئەقلىي ئىقتىدار، ئاپتوماتلىشىش، سانائەتلىشىش مۇھىتىدا، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي قۇرۇلۇشىغا تېخىمۇ ياخشى قاتنىشىشى ئۇلارنىڭ دۆلەتنىڭ ئورتاق تىل – يېزىقىغا پىششىق بولۇشىنى ئالدىنقى شەرت قىلىدۇ. شۇڭا، ‹‹قوش تىل›› مائارىپىنى يولغا قويۇپ، ھەر قايسى مىللەتلەردىن زور تۈركۈمدىكى ئۆز تىلىنىمۇ، خەنزۇچىنىمۇ پىششىق بىلىدىغان مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلار ۋە ئەمگەكچىلەرنى يېتىشتۈرۈپ چىقىش شەك – شۈبھىسىزكى، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ھالقىما تەرەققىياتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ۋە ھەرقايسى مىللەتلەر بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ گۈزەل ماكانىمىزنى ئورتاق قۇرۇشتىكى مۇھىم يول ۋە ئاساسىي شەرت.

   ئۈچىنچى، ‹‹قوش تىل›› مائارىپىنى ئىلگىرى سۈرۈش مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش، شىنجاڭنىڭ ئۇزاق ئەمىنلىكىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا پايدىلىق. ئىجتىمائىي مۇقىملىقنىڭ ئاساسى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئاساسى مىللەتلەر ئارىسىدىكى ئۆزئارا چۈشىنىش ۋە ئىشىنىش، ئۆزئارا چۈشىنىش ۋە ئىشىنىشتىكى مۇھىم كۆۋرۈك بولسا مىللەتلەر ئارا ئالاقە ۋە پىكىر ئالماشتۇرۇشتۇر. ‹‹قوش تىل›› مائارىپىنى يولغا قويغاندا، ئاز سانلىق مىللەت ياش – ئۆسمۈرلىرى كىچىكىدىن باشلاپلا دۆلەت ئورتاق تىل – يېزىقى ۋە ئانا تىل – يېزىقىنى ئۆگىنىدۇ، ئىگىلەيدۇ، ئۆز مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ كۆپ مەنبەلىك مەدەنىيىتى بىلەن تونۇشىدۇ، بۇ ئۆزئارا كەڭ قورساق بولىدىغان، بىر – بىرىدىن زوقلىنىدىغان، ئۆزئارا ئۆگىنىدىغان، ئىتتىپاقلىشىپ ئۆزئارا يار – يۆلەك بولىدىغان، ئىناق ئۆتىدىغان جەمئىيەت شەكىللەندۈرۈشكە پايدىلىق، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ‹‹قوش تىل›› مائارىپىنى يولغا قويۇش ھەرقايسى مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقىنى كۈچەيتىپ، دۆلەتنى تونۇش ھېسسىياتىنى ۋە جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇيۇشۇش كۈچىنى كۈچەيتىشكە پايدىلىق. شۇڭا، ‹‹قوش تىل›› مائارىپى خىزمىتى شىنجاڭدىن ئىبارەت بۇ كۆپ مىللەتلىك رايوندا تېخىمۇ ئالاھىدە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

   مۇخبىر: سىزنىڭچە ‹‹قوش تىل›› مائارىپىنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتىدە ئاپتونوم رايون قانداق پىرىنسىپلاردا چىڭ تۇرۇشى لازىم؟

   جاۋاب: پائال، پۇختا، ئۈنۈملۈك بولۇش ‹‹قوش تىل›› مائارىپىنى ئىلمىي تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ ئاساسىي پىرىنسىپى. پائال بولۇش دېگىنىمىز پوزىتسىيەدە ئاكتىپ بولۇشنى، پۇختا بولۇش دېگىنىمىز ئۇسۇلنىڭ توغرا بولۇشىنى، ئۈنۈملۈك دېگىنىمىز تەلىم – تەربىيە سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىشنى كۆرسىتىدۇ. ‹‹قوش تىل›› مائارىپى خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە، پائال ئالغا ئىلگىرىلەش، كۈتۈپ تۇرماسلىق ۋە ئارقىغا سۆرىمەسلىك، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەپ، نەتىجە يارىتىشقا بەك ئالدىراپ كەتمەسلىك، رېتىمنى ياخشى ئىگىلەپ، ھەر قايسى باسقۇچلارنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇشنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى يولداش جاڭ چۈنشيەن: ‹‹قوش تىل›› مائارىپىدا ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، ئۆز جايىنىڭ ئەمەلىيىتىگە قاراپ ئىش قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، رايونلارغا بۆلۈپ پىلانلاپ، تۈرگە ئايرىپ يېتەكچىلىك قىلىپ، قەدەم – باسقۇچلار بويىچە يولغا قويۇپ، ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇنلاشتۇرۇپ، تەرتىپ بويىچە تەدرىجىي ئىلگىرىلەش كېرەك››، دەپ كۆرسەتتى. ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى يولداش نۇر بەكرى كۆپ قېتىم ‹‹قوش تىل›› مائارىپىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئىلمىي پوزىتسىيەدە چىڭ تۇرۇپ، ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدىمەسلىك، ھەممەيلەن بىراقلا يۈگۈرمەسلىك لازىم››، دەپ تەكىتلىدى. بىز بۇ تەلەپكە ئاساسەن، ‹‹قوش تىل›› مائارىپى خىزمىتىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك. ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر ئاپتونوم رايوننىڭ ئومۇمىي يىرىك پىلانى ۋە تەلىپىگە ئاساسەن، ئۆزلىرىنىڭ ئەمەلىي شارائىتىغا بىرلەشتۈرۈپ، ‹‹قوش تىل›› مائارىپى تەرەققىياتىنىڭ خىزمەت تەپەككۇر يولى، نىشان – ۋەزىپىسى، سىياسەت – تەدبىرلىرىنى بېكىتىپ چىقىشى كېرەك. ئاپتونوم رايوننىڭ پىلانىدا، 2015 – يىلىغا بارغاندا ئاز سانلىق مىللەت ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپلىرىدە ‹‹قوش تىل›› مائارىپى ئاساسەن ئومۇملاشتۇرۇلۇپ، ‹‹قوش تىل›› مائارىپىنى قوبۇل قىلىۋاتقان ئاز سانلىق مىللەت ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئاز سانلىق مىللەت ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئومۇمىي سانىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى %75 ئەتراپىغا يەتكۈزۈلىدۇ. بۇ، ئاپتونوم رايوننىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسى، جايلار ئاپتونوم رايوننىڭ ئومۇمىي تەلىپىگە تەدبىقلاپ، ئۆزلىرىنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئۆز جايىنىڭ ۋەزىپە ۋە نىشانلىرىنى بېكىتسە بولىدۇ. تىل شارائىتى ياخشى جايلار ئاپتونوم رايوننىڭ نىشانىدىن يۇقىرىراق بەلگىلىسە بولىدۇ، تىل شارائىتى ناچارراق جايلار ئاپتونوم رايوننىڭ نىشانىغا يېتىشكە تىرىشىشى لازىم. يەسلى ‹‹قوش تىل›› مائارىپىنى قوبۇل قىلغان ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 1 – يىللىقىدىن باشلاپ، شەھەر ۋە ناھىيەلەردىكى مەكتەپلەردە ئادەتتە 2 – ئەندىزىدىكى ‹‹قوش تىل›› مائارىپىنى قوبۇل قىلىدۇ، شارائىتى يوق مەكتەپلەر 1 – ئەندىزىدىكى ‹‹قوش تىل›› مائارىپىنى يولغا قويۇشقا بولىدۇ؛ يېزا مەكتەپلىرى ‹‹قوش تىل›› ئوقۇتقۇچىلىرى ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن، 1 – ئەندىزىنى ياكى 2 – ئەندىزىنى قوللانسا بولىدۇ؛ شۇنداقلا ئاممىنىڭ ئارزۇسىغا ئاساسەن مەلۇم ساندا ئادەتتىكى سىنىپلارنى ساقلاپ قالسا بولىدۇ. مەكتەپلەر ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن، ئۆز جايىنىڭ ئەمەلىيىتىگە قاراپ ‹‹قوش تىل›› مائارىپى ئەندىزىلىرىنى تاللاپ، ناھىيە دەرىجىلىك مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرىغا يوللاپ تەستىقلاتقاندىن كېيىن يولغا قويىدۇ، ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدەشتىن ساقلىنىش كېرەك.

   ئادەتتىكى سىنىپ دېگەن نېمە؟ 1 – ئەندىزە ۋە 2 – ئەندىزە دېگەنچۇ؟ ئادەتتىكى سىنىپلار ئاز سانلىق مىللەت ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلىرىدىكى ھەممە دەرسلەر ئانا تىلدا ئۆتۈلىدىغان، شۇنىڭ بىلەن بىللە خەنزۇ تىلى دەرسى قوشۇپ ئۆتۈلىدىغان سىنىپلارنى كۆرسىتىدۇ. قوش تىل ئوقۇتۇشى 1 – ئەندىزىسى باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ خەنزۇ تىلى، ماتېماتىكا، ئىلىم – پەن، ئۇچۇر تېخنىكىسى، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ خەنزۇ تىلى، چەت ئەل تىلى، ماتېماتىكا، فىزىكا، خىمىيە، بىيولوگىيە، ئۇچۇر تېخنىكىسى، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ خەنزۇ تىلى، چەت ئەل تىلى، ماتىماتىكا، فىزىكا، خىمىيە، بىيولوگىيە، ئۇچۇر تېخنىكىسى ۋە ھەممىباب تېخنىكا دەرسلىرى دۆلەت ئورتاق تىل – يېزىقىدا، باشقا دەرسلەر ئۆز تىل – يېزىقىدا ئۆتۈلىدىغان ئەندىزىنى كۆرسىتىدۇ. ‹‹قوش تىل›› مائارىپى 2 – ئەندىزىسى ھەممە دەرسلەر دۆلەت ئورتاق تىل – يېزىقىدا ئۆتۈلۈپ، مىللىي تىل – ئەدەبىيات دەرسى تەسىس قىلىنىدىغان؛ مۇزىكا، گۈزەل سەنئەت، تەنتەربىيە، ئەخلاق تەربىيەسى قاتارلىق دەرسلەر ئۆز تىلىدا ئۆتۈلىدىغان ئەندىزىدۇر. تەكىتلىسەم، ‹‹قوش تىل›› مائارىپىنىڭ ئىككى خىل ئەندىزىسى بىلەن ئادەتتىكى سىنىپلارنىڭ ئوقۇتۇش ئەندىزىسى ھازىرقى مەكتەپلىرىمىزدىكى دائىملىق ئوقۇتۇش ئەندىزىلىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بىز جايلاردىن ئوقۇتقۇچى، تىل مۇھىتى ۋە ئاتا – ئانىلارنىڭ تەلىپى قاتارلىق ئەمەلىي ئەھۋاللارنى چىقىش قىلىپ، ئوقۇتۇشنى 1 – يىللىقتىن باشلاپ ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدىگەن ئاساستا ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلىمىز. بىز ‹‹قوش تىل›› مائارىپى ئەندىزىلىرىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن بىللە، ئاز سانلىق مىللەت تىل – يېزىقىنى ئاساس قىلغان ئادەتتىكى سىنىپ ئەندىزىسىنى ئاتا – ئانىلارنىڭ تاللىشىغا قاراپ ساقلاپ قالساق بولىدۇ، بولۇپمۇ ئاز سانلىق مىللەتلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان چەت، يىراق جايلاردا ‹‹قوش تىل›› ئوقۇتقۇچىلىرى كەمچىل، شۇڭا ئادەتتىكى سىنىپلارنى ياخشى باشقۇرۇشىمىز كېرەك.

   مۇخبىر: دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايون ‹‹قوش تىل›› مائارىپى تەرەققىياتىنى قوللاش جەھەتتە قانداق زور سىياسەتلەرنى چىقاردى؟

   جاۋاب: 2004 – يىلى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم كۆپ يىللىق ئەمەلىي تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەش ئاساسىدا ‹‹قوش تىلدا ئوقۇتۇش خىزمىتىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى قارار››نى چىقاردى، بۇ قارار 21 – ئەسىر ‹‹قوش تىل›› مائارىپىنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتىنىڭ ھەرىكەت پىروگراممىسىغا ئايلاندى. 2005 – يىلى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ‹‹ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار ‹‹قوش تىل›› مائارىپىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر››نى تارقىتىپ، ‹‹قوش تىل›› مائارىپىنى يەسلىدىن باشلاپ چىڭ تۇتۇش خىزمەت تەپەككۇر يولىنى بېكىتتى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاپتونوم رايون مەخسۇس تۈر مەبلىغى تەسىس قىلىپ، يېزا ‹‹قوش تىل›› يەسلىسى قۇرۇلۇشىغا ياردەم قىلىپ، شىنجاڭنىڭ يەسلى ‹‹قوش تىل›› مائارىپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇش يولىغا سالدى. 2010 – يىلى مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا شىنجاڭنىڭ ‹‹قوش تىل›› مائارىپى دۆلەت ئىستراتېگىيەسى نۇقتىسىغا كۆتۈرۈلدى، يىغىندىن كېيىن، مائارىپ مىنىستىرلىقى قاتارلىق مىنىستىرلىق، كومىتېتلار بىرلىكتە شىنجاڭنىڭ ‹‹قوش تىل›› مائارىپىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى يولغا قويۇش توغرىسىدىكى پىكىر››نى تارقىتىپ، شىنجاڭنىڭ ‹‹قوش تىل›› مائارىپىنىڭ تەرەققىياتىغا كاپالەتلىك قىلىدىغان سىياسەت ۋە تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. 2011 – يىلى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار ۋە ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ‹‹قوش تىل›› مائارىپى تەرەققىياتى يىرىك پىلانى (2020 2010 )››نى ئېلان قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى ‹‹قوش تىل›› مائارىپى خىزمىتىنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى، نىشان – ۋەزىپىسى، سىياسەت – تەدبىرلىرىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ‹‹قوش تىل›› مائارىپى خىزمىتىنى پۇختا قەدەم بىلەن يولغا قويۇش، ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈرۈش يولىغا سېلىشقا باشلىدى.

   مۇخبىر: دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايون يەسلى ‹‹قوش تىل›› مائارىپىنى راۋاجلاندۇرۇش جەھەتتە قانداق مەدەتلەرنى بەردى؟

    جاۋاب: 2008 – يىلىدىن 2012 – يىلىغىچە، دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايون 5 مىليارد يۈەن مەبلەغ ئاجرىتىپ، ‹‹قوش تىل›› يەسلى قۇرۇلۇشى تۈرىنى يولغا قويدى. بۇنىڭ ئىچىدە يەتتە ۋىلايەت، ئوبلاست (قەشقەر ۋىلايىتى، خوتەن ۋىلايىتى، قىزىلسۇ ئوبلاستى، ئاقسۇ ۋىلايىتى، ئىلى ئوبلاستى، تارباغاتاي ۋىلايىتى، ئالتاي ۋىلايىتى) ۋە قالغان ۋىلايەت، ئوبلاستلاردىكى توققۇز نامرات ناھىيە، شەھەرگە 2 مىليارد 95 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، 2237 يەسلىنى يېڭىدىن سالدى ۋە ئۆزگەرتىپ كېڭەيتىپ قۇردى؛ 2 مىليارد 900 مىليون يۈەن كاپالەت مەبلىغى ئاجرىتىپ، يېزا ‹‹قوش تىل›› يەسلىلىرىنىڭ تاماق ياردەم پۇلى، ئومۇمىي خىراجەت، ھەقسىز دەرسلىك، ئەسلىھە – ئۈسكۈنىلەرنى سەپلەش قاتارلىقلارغا ئىشلەتتى. ئۇنىڭدىن باشقا شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى، نىشانلىق ياردەم بېرىدىغان ئۆلكە، شەھەرلەر ۋە بىرقىسىم كوللېكتىپ،كارخانىلارمۇ پائال مەبلەغ توپلاپ بىر تۈركۈم ‹‹قوش تىل›› يەسلىلىرىنى قۇردى. بۇ مەبلەغلەر ئاپتونوم رايونىمىز ‹‹قوش تىل›› يەسلىلىرىنىڭ مەكتەپ قۇرۇش شارائىتىنى زور دەرىجىدە ياخشىلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاپتونوم رايون يېزا ‹‹قوش تىل›› يەسلى ئوقۇتقۇچىلرىنى سەپلەش ئۆلچىمىنى تۈزۈپ، يېزا ‹‹قوش تىل›› يەسلىلىرىدە بىر يەسلى بەش سىنىپقا يەتتە ئوقۇتقۇچى سەپلەپ، يېزا ‹‹قوش تىل›› يەسلىلىرىنىڭ ئوقۇتقۇچى ئىشتاتى مەسىلىسىنى ھەل قىلدى، ھەمدە يەسلى ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ تەمىناتىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈردى. بەش يىل ئۈزلۈكسىز تىرىشىش ئارقىلىق، يەسلى قوش تىل مائارىپىنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇش شارائىتى كۆرۈنەرلىك ياخشىلىنىپ، ئومۇملىشىش نىسبىتى زور دەرىجىدە ئۆسۈپ، ھەقسىز تەربىيەلىنىش دائىرىسى ئۈزلۈكسىز كېڭىيىپ، تەلىم – تەربىيە، ئوقۇتۇش سۈپىتى يۇقىرى كۆتۈرۈلدى. ھازىر بىز يېزىلارغا بارساق، يېزىلاردىكى ئەڭ چىرايلىق، ئەڭ ئازادە، ئەڭ بىخەتەر قۇرۇلۇشلارنىڭ ‹‹قوش تىل›› يەسلىلىرى ئىكەنلىكىنى كۆرەلەيمىز. نۆۋەتتە، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ پەرزەنتلىرىنى يەسلى ‹‹قوش تىل›› مائارىپىنى قوبۇل قىلىشقا ئەۋەتىش قىزغىنلىقى مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە ئاشتى. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقى ئارقىسىدا، 2012 – يىلى ئاپتونوم رايون ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلارنىڭ ئىككى يىللىق ‹‹قوش تىل›› مائارىپىنى ئاساسەن ئومۇملاشتۇرۇش نىشانىنى ئوڭۇشلۇق ئىشقا ئاشۇردى. 2012 – يىلى 9 – ئايدا، ئىككى يىللىق ‹‹قوش تىل›› سىنىپىدا ۋە خەنزۇچە ئوقۇۋاتقان ئاز سانلىق مىللەت يەسلى بالىلىرىنىڭ سانى 426 مىڭ 100 نەپەرگە يېتىپ، ئىككى يىللىق يەسلى مائارىپىنى قوبۇل قىلىۋاتقان (بەش – ئالتە ياشلىق) ئاز سانلىق مىللەت يەسلى بالىلىرى ئومۇمىي سانىنىڭ %92.03 ىنى ئىگىلەپ، 2008 – يىلىدىكىدىن %102.81 ئاشتى.

   مۇخبىر: ‹‹قوش تىل›› يەسلىلىرىگە كىرگەن بالىلار قانداق ئېتىبار سىياسەتلىرىدىن بەھرىمەن بولىدۇ؟

    جاۋاب: يەتتە ۋىلايەت، ئوبلاست ۋە توققۇز ناھىيە، شەھەردىكى بەش – ئالتە ياشلىق يېزا ئاز سانلىق مىللەت يەسلى بالىلىرىنىڭ ھەر بىرى يىلدا 1000 يۈەن تاماق ياردەم پۇلىدىن بەھرىمەن بولىدۇ، بۇ كۈنىگە 4.5 يۈەندىن توغرا كېلىدىغان بولۇپ، بالىلارنىڭ چۈشلۈك تاماق مەسىلىسىنى ھەل قىلىدۇ؛ ھەر بىر بالىغا يىلدا 90 يۈەنلىك بالىلار ھەقسىز ئوقۇشلۇقى بېرىلىدۇ، بالىلار بۇ ھەقسىز بالىلار ئوقۇشلۇقلىرىدىن بەھرىمەن بولىدۇ؛ ھەر بىر بالىغا يىلدا 300 يۈەن ئۆلچەم بويىچە ئومۇمىي خىراجەت ئاجرىتىلىدۇ، بۇ يەسلىلەرنىڭ نورمال خىزمىتىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، 2013 – يىلىدىن باشلاپ، مەركەز يەنە يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپى كاپالەت مېخانىزمىغا تەدبىقلاپ، شىنجاڭ يەسلى ‹‹قوش تىل›› مائارىپ خىراجىتى كاپالىتى ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى بەرپا قىلىدۇ. ئاددىي ئېيتقاندا، يېزىلاردىكى ‹‹قوش تىل›› يەسلىلىرىدە ھەقسىز ئوقۇتۇش يولغا قويۇلغان بولۇپ، دېھقانلارنىڭ يۈكىنى زور دەرىجىدە يېنىكلەتتى.

   مۇخبىر: دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايون ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپ ‹‹قوش تىل›› مائارىپىنىڭ تەرەققىياتىغا قانداق مەبلەغلەرنى سالدى؟

   جاۋاب: مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدىن كېيىن، دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايون شىنجاڭ ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ‹‹قوش تىل›› مائارىپىنى راۋاجلاندۇرۇش جەھەتتە مەكتەپ قۇرۇش شارائىتىنى ياخشىلايدىغان بىر قاتار قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى يولغا قويدى. مەسىلەن، 2009 – يىلىدىن بۇيان، مەركەز سېلىنمىسىدىن 267 مىليون يۈەن قولغا كەلتۈرۈلۈپ، ئاز سانلىق مىللەت تىلىدىكى ۋە خەنزۇ تىلىدىكى مەكتەپلەر بىرلەشتۈرۈلگەن ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ قۇرۇلۇش تۈرىدىن 12سى يولغا قويۇلدى؛ 2008 – يىلىدىن باشلاپ مەملىكەت بويىچە يېزا ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ يۆتكەلمە ياتاق قۇرۇلۇشى مەملىكەت بويىچە ئالدىن يولغا قويۇلدى، قۇرۇلۇش مەبلىغىدىن 560 مىليون يۈەن ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، يېزا ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ياتاق شارائىتى ياخشىلاندى؛ دۆلەت مەخسۇس تۈر مەبلىغىدىن 149 مىليون يۈەن ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، شىنجاڭ بالىلار پېداگوگىكا مەكتىپى قاتارلىق ئالتە يەسلى ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەربىيەلەش بازىسىنى قۇردى؛ 2010 – يىلىدىن 2013 – يىلىغىچە، مەركەز ۋە ئاپتونوم رايون مەخسۇس تۈر مەبلىغىدىن 760 مىليون يۈەن تەسىس قىلىپ، ‹‹ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپ قوش تىللىق زامانىۋى يىراقتىن ئوقۇتۇش قۇرۇلۇشى پىلانى››نى يولغا قويۇپ، شىنجاڭنىڭ ‹‹قوش تىل›› مەكتەپلىرىنىڭ 854 كومپيۇتېر دەرسخانىسى، 40 مىڭ 715 ‹‹تورلاشتۇرۇلغان سىنىپ›› قۇرۇشىنى يۆلىدى. ئۇنىڭدىن باشقا، يېزا تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ بىنالىرىنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى، يېزا ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپلىرىنىڭ بىنالىرىنى رېمونتلاپ، ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى، يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپ بويىچە ئاجىز مەكتەپلەرنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى قاتارلىق تۈرلەر ئارقىلىق، ئاز سانلىق مىللەتلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان جايلارنىڭ قوش تىل مائارىپى تەرەققىي قىلدۇرۇلۇپ، مەكتەپ قۇرۇش شارائىتىنى ياخشىلاشقا نۇقتىلىق ياردەم بېرىلدى. بۇ نۇقتىلىق قۇرۇلۇشلارنى يولغا قويۇش ئارقىلىق، ‹‹قوش تىل›› مائارىپىنىڭ ئاساسى يەنىمۇ پۇختىلاندى.

   مۇخبىر: ئاپتونوم رايون ‹‹قوش تىل›› مائارىپى سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش جەھەتتە قانداق خىزمەتلەرنى ئىشلىدى؟

   جاۋاب: ‹‹قوش تىل›› مائارىپىنىڭ مۇھىم ۋەزىپىسى تەلىم – تەربىيە، ئوقۇتۇش سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئۆز تىلىنىمۇ ۋە خەنزۇ تىلىنىمۇ پىششىق بىلىدىغان ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشتۇر. شۇجى جاڭ چۈنشيەن: ‹‹ھەر تۈرلۈك مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك، بۇ ئاتا – ئانىلار دىققەت قىلىدىغان نۇقتا، شۇڭا بىز يۈكسەك مەسئۇلىيەتچانلىق پوزىتسىيەمىز بىلەن بۇ خىزمەتنى ياخشى ئىشلىشىمىز كېرەك››، دەپ كۆرسەتتى. رەئىس نۇر بەكرى: ‹‹<قوش تىل> سىنىپلىرىنىڭ دەرس تەسىس قىلىش، ئوقۇتۇش مەزمۇنى، باھالاش سىستېمىسى، ئوقۇش باسقۇچلىرىنى ئۇلاش، يۇقىرىلاپ ئوقۇش سىياسىتى قاتارلىقلار كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان مەسىلىلەر، شۇڭا بۇلارنى ئەستايىدىل مۇھاكىمە قىلىپ، ئىنچىكە دەلىللەپ، ھەقىقىي ئۈنۈملۈك تەدبىرلەر ۋە چارىلەرنى ئۆز ۋاقتىدا تۈزۈپ چىقىش كېرەك››، دەپ تەكىتلىدى. ئاپتونوم رايون ‹‹قوش تىل›› ئوقۇتۇشىنىڭ سۈپەت قۇرۇلۇشى خىزمىتىگە يۈكسەك دەرىجىدە ئەھمىيەت بەردى ھەمدە ئۇنى ھەقىقىي تۈردە كۈچەيتىپ كەلدى.

   بىرىنچى، قائىدە – تۈزۈملەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئوقۇتۇشنى باشقۇرۇشنى قېلىپلاشتۇردۇق. 2009 – يىلىدىن بۇيان، ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ ھەرقايسى ئوقۇش باسقۇچلىرىنىڭ ‹‹قوش تىل›› مائارىپى يېتەكچى پىروگراممىسى، دەرس تەسىس قىلىش لايىھەسى، دەرس ئۆلچىمى قاتارلىق بىرقاتار سىياسەت ھۆججەتلىرى تۈزۈپ چىقىلىپ، بىرقەدەر مۇكەممەل تەلىم – تەربىيە، ئوقۇتۇش باشقۇرۇش سىستېمىسى تەدرىجىي بەرپا قىلىندى.

   ئىككىنچى، ئوقۇتۇشقا يېتەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، ‹‹قوش تىل›› ئوقۇتۇشىغا ئىلمىي يېتەكچىلىك قىلدۇق. قوش تىل ئوقۇتۇشى مۇتەخەسسىسلىرى ئاساسىي قاتلامغا بېرىپ، ئوقۇتۇشقا يېتەكچىلىك قىلىش خىزمىتى قانات يايدۇرۇپ، مۇددەتلىك ھالدا دەرسلىك، ئوقۇتۇش مېتوتى بويىچە تەربىيەلەش ئېلىپ بېرىپ، يىراق مۇساپىلىك ماس قەدەملىك بىۋاسىتە كۆرسىتىلىدىغان ئۈلگىلىك دەرسلەر پائالىيىتى ئارقىلىق ‹‹قوش تىل›› ئوقۇتقۇچىلىرى تەربىيەلەندى.

   ئۈچىنچى، تەپتىش قىلىپ باھالاش تۈزۈمى ئورنىتىپ، ‹‹قوش تىل›› مائارىپىنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتىنى ئىلمىي تەرەققىيات يولىغا سالدۇق. ‹‹قوش تىل›› مائارىپى بويىچە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش، ئىمتىھان ئېلىش سىياسەتلىرىنى تەڭشەپ، ‹‹قوش تىل›› مائارىپىنى باھالاش كۆرسەتكۈچى سىستېمىسى تۈزۈلۈپ، ‹‹قوش تىل›› مائارىپىنىڭ سۈپىتىنى تەكشۈرۈپ، ئۆلچەش ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، ‹‹قوش تىل›› مائارىپى ھەقىقىي نام تۈزۈمى سىستېمىسى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، ‹‹قوش تىل›› مائارىپى سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشكە ھەيدەكچىلىك قىلىندى.

   تۆتىنچى، ‹‹قوش تىل›› مائارىپى تەتقىقاتىنى كۈچەيتىپ، ‹‹قوش تىل›› مائارىپىنى ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈرۈش يوللىرى ئۈستىدە پائال ئىزدەندۇق. ‹‹قوش تىل›› مائارىپى تەرەققىيات تەتقىقات مەركىزى ۋە ‹‹قوش تىل›› مائارىپى تەتقىقاتى جەمئىيىتى قۇرۇپ، ‹‹قوش تىل›› مائارىپى تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش تۈرىنى باشلاپ، ‹‹قوش تىل›› مائارىپى تەتقىقاتىدا دەسلەپكى ئۈنۈم ھاسىل قىلدۇق، نۇرغۇن ئىلمىي تەتقىقات نەتىجىلىرى مائارىپ مەمۇرىي قارارلىرىنىڭ ئاساسىغا ئايلاندى.

   مۇخبىر: دەرسلىك ماتېرىياللىرى قۇرۇلۇشى ‹‹قوش تىل›› مائارىپى سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتە ئىنتايىن مۇھىم، ئاپتونوم رايون ‹‹قوش تىل›› دەرسلىك ماتېرىياللىرى ۋە ئوقۇتۇش بايلىقلىرى قۇرۇلۇشىدا قانداق تەدبىرلەرنى قوللاندى؟

   جاۋاب: دەرسلىك ماتېرىياللىرى ئوقۇتۇشنىڭ تۈپ ئاساسى، يۇقىرى سەۋىيەلىك مائارىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك دەرسلىك ماتېرىياللىرىغا ئېھتىياجلىق. شۇجى جاڭ چۈنشيەن كۆپ قېتىم مەۋقەنى نۆۋەتكە قويۇپ، يىراققا نەزەر تاشلاپ، ئۆزىمىزنى ئاساس قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ‹‹قوش تىل›› مائارىپى تەرەققىيات ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ھەر دەرىجىلىك، تۈرلۈك دەرسلىك ماتېرىياللىرىنى تۈزۈپ چىقىش لازىم، دەپ تەكىتلەپ كۆرسەتتى. 2012 – يىلى ئاپتونوم رايون يېڭى بىر نۆۋەتلىك دەرسلىك ماتېرىياللىرىنى تۈزىتىپ تۈزۈش خىزمىتىنى باشلىدى. بىرىنچى، ئاپتونوم رايونلۇق ‹‹قوش تىل›› مائارىپى دەرسلىك ماتېرىياللىرى قۇرۇلۇشى خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى، تۈزۇش كومىتېتى قاتارلىقلارنى قۇرۇپ، دەرسلىك ماتېرىياللىرى قۇرۇلۇشى خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىك، يېتەكچىلىك ۋە باشقۇرۇشنى كۈچەيتتى. ئىككىنچى، ئاپتونوم رايون خەلق مائارىپ نەشرىياتى بىلەن شىنجاڭ مائارىپ نەشرىياتىغا ھەمكارلىشىپ 2 – ئەندىزىدىكى ‹‹قوش تىل›› مائارىپى سىنىپلىرى ئىشلىتىدىغان تىل – ئەدەبىيات دەرسلىكىنى تۈزۈپ چىقىشنى ھاۋالە قىلدى. ئۈچىنچى، ئەمەلىي ئېھتىياجغا ئاساسەن كونا دەرسلىك ماتېرىياللىرىغا تۈزىتىش كىرگۈزدى، 2013 – يىلى كۈز پەسىللىك ئوقۇش مەۋسۇمىدە، خەنزۇ تىلى دەرسلىكى، يەسلى ‹‹قوش تىل›› ئوقۇشلۇقى قاتارلىقلار 1 – يىللىقلارنىڭ يېڭىدىن تۈزىتىپ ئىشلەنگەن دەرسلىك ماتېرىياللىرى ئىشلىتىلىدۇ. تۆتىنچى، ھەر بىر ئوقۇتقۇچىغا بىردىن ‹‹قوش تىل›› مائارىپى بويىچە پەنلەر دەرس ئۆلچىمى ۋە ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇتۇشقا يېتەكچىلىك قىلىش كىتابلىرى بىرتۇتاش سەپلەپ بېرىلدى.

   ‹‹قوش تىل›› مائارىپى بايلىقلىرىنى ئىشلەش ۋە قوللىنىش ‹‹قوش تىل›› مائارىپى ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى ياخشىلاش، تەلىم – تەربىيە، ئوقۇتۇش ئۈنۈمى ۋە سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتىكى ئاساسلىق خىزمەت. ئاپتونوم رايون ئاللىقاچان ئوقۇتۇش بايلىقلىرى قۇرۇلۇشىنى مۇھىم ئورۇنغا قويدى، بىرىنچى، 45 مىليون يۈەن مەخسۇس تۈر مەبلىغى سېلىپ، يەسلى ‹‹قوش تىل›› مائارىپىنىڭ DVD ئوقۇتۇش ئوپتېك دېسكىلىرى ۋە ‹‹قوش تىل›› يەسلى ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەربىيەلەش بويىچە ئېلېكتىرونلۇق بايلىقلارنى ئىشلەپ چىقتى ھەمدە ھەقسىز تارقاتتى؛ ئىككىنچى، ئوقۇتقۇچىلارنى تەشكىللەپ كۆپ ۋاسىتىلىك دەرسلىك دېتالى مۇسابىقىسى ئۇيۇشتۇردى. 10مىڭغا يېقىن دەرسلىك دېتالى بايلىقىنى يىغىپ، ‹‹قوش تىل›› مائارىپى بايلىقىنى موللاشتۇرۇپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ زامانىۋى مائارىپ تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ، تەلىم – تەربىيە سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئاكتىپچانلىقىنى قوزغىدى؛ ئۈچىنچى، شىنجاڭ يىراق مۇساپىلىك مائارىپ تورى بايلىقى ئامبىرى قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈردى. بۇنىڭدىن كېيىن، ئاپتونوم رايون يەسلى ۋە ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ سەرخىل ‹‹قوش تىل›› مائارىپى بايلىقى قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى يەنىمۇ تېزلىتىپ، مۇستەقىل ئېچىش، تەرجىمە قىلىش، سىرتتىن كىرگۈزۈش ۋە بايلىقلاردىن ئورتاق پايدىلىنىش قاتارلىق كۆپ خىل يوللار ئارقىلىق بايلىقلارنى بەرپا قىلىپ ۋە بىرىكتۈرۈپ، يەسلى ۋە توققۇز يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ ھەرقايسى يىللىقلىرىنىڭ دەرس بايلىقى ۋە تۈرلۈك مەخسۇس تېمىلىق بايلىقلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ‹‹قوش تىل›› مائارىپى بايلىق ئامبىرىنى تېزدىن بەرپا قىلىپ، سۈنئىي ھەمراھ ۋە ئالاقە تورى ئارقىلىق يېزا ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپلىرىنى ھەقسىز تەمىنلەپ، ‹‹قوش تىل›› مائارىپى سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن شارائىت كاپالىتى تەمىنلەيدۇ.

    مۇخبىر: نۆۋەتتە، ئاز سانلىق مىللەت يولداشلار ئۆز مىللىتىنىڭ تىل – يېزىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش مەسىلىسىگە ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىۋاتىدۇ، سىزدىن سوراپ باقسام، ‹‹قوش تىل›› مائارىپىنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتى داۋامىدا، بىز ئاز سانلىق مىللەت تىل – يېزىقىغا قانداق ئەھمىيەت بەردۇق ۋە قوغدىدۇق؟

   جاۋاب: مەن ئالدىدىمۇ سۆزلەپ ئۆتكەن، ‹‹قوش تىل›› مائارىپىنىڭ نىشانى ۋە مەزمۇنى ئىككى خىل تىل ۋە مەدەنىيەتنىڭ مەزمۇنلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ‹‹قوش تىل›› مائارىپى داۋامىدا، ئاز سانلىق مىللەت تىلىنىڭ ئورنى ۋە رولى ئۆزىگە خاس بولۇپ، بىر جەھەتتىن، ئاز سانلىق مىللەت تىلىدا ئوقۇتۇش ‹‹قوش تىل›› مائارىپىنىڭ مۇھىم تەركىبى، يەنە بىر جەھەتتىن، ئاز سانلىق مىللەت تىلىنىڭ ئوقۇتۇش داۋامىدىكى رولىمۇ ناھايىتى روشەن، ئاز سانلىق مىللەت تىلىنى ئۆگىنىش ۋە ئىشلىتىش ۋاسىتە بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى مەقسەت. بىز دۆلەت ئورتاق تىلىدا ئوقۇتۇشنى پائال ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن بىللە، ئاز سانلىق مىللەت تىلىدا ئوقۇتۇشقىمۇ يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىشىمىز ۋە ئۇنى ھەقىقىي كۈچەيتىشىمىز لازىم.

   بىرىنچى، ‹‹قوش تىل›› مائارىپىنىڭ ئىككى خىل ئەندىزىسىدە، ئاز سانلىق مىللەت تىل – ئەدەبىيات دەرسى مۇھىم ئاساسىي دەرس، شۇنداقلا تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزۈش ئىمتىھانى، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇش سەۋىيە ئىمتىھانى ۋە ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىكى زۆرۈر ئىمتىھان ئېلىنىدىغان پەن.

   ئىككىنچى، ‹‹قوش تىل›› مائارىپىنىڭ ئىككى خىل ئەندىزىسىدە، ئاز سانلىق مىللەت تىل – ئەدەبىيات دەرسىدىن باشقا، يەنە بىر قىسىم دەرسلەر، بولۇپمۇ ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى قاتارلىقلارغا چېتىلىدىغان مەزمۇنلار ئاز سانلىق مىللەت تىلىدا ئۆتۈلىدۇ. 1 – ئەندىزىدە تەسىس قىلىنغان دەرسلەردە، ئاز سانلىق مىللەت تىلىدا دەرس ئۆتۈلىدىغان دەرسلەرنىڭ دەرس سائىتى ئايرىم – ئايرىم ھالدا باشلانغۇچ مەكتەپ، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئومۇمىي دەرس سائىتىنىڭ %57، %51، %52 ىگە يېتىدۇ؛ 2 – ئەندىزىدە تەسىس قىلىنغان دەرسلەردە، ئاز سانلىق مىللەت تىلىدا دەرس ئۆتۈلىدىغان دەرسلەرنىڭ دەرس سائىتى ئايرىم – ئايرىم ھالدا باشلانغۇچ مەكتەپ، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئومۇمىي دەرس سائىتىنىڭ %35، %28، %22 ىگە يېتىدۇ.

   ئۈچىنچى، بىرقىسىم مىللەتلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايونلاردا، ناھىيە دەرىجىلىك مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى ئەمەلىي ئەھۋالغا ئاساسەن، ئانا تىلدا دەرس ئۆتۈلىدىغان سىنىپلارنى ئېھتىياجىغا ئاساسەن ساقلاپ قېلىپ، ئوقۇغۇچىلار ۋە ئاتا – ئانىلارنىڭ ئىختىيارىي تاللىشىغا سۇنۇلدى.

   تۆتىنچى، ئاز سانلىق مىللەت تىل – ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرى ۋە ئاز سانلىق مىللەت تىلىدا دەرس ئۆتىدىغان ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيەلەش سالمىقىنى زورايتىپ، ئاز سانلىق مىللەت تىلىدا دەرس بېرىدىغان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دەرس ئۆتۈش ئىقتىدارى ئۆستۈرۈلدى.

   بەشىنچى، ئاز سانلىق مىللەت تىلىدىكى سەر خىل ئوقۇتۇش بايلىقلىرىنى پائال ئېچىپ ۋە كىرگۈزۈپ، ئاز سانلىق مىللەت تىلىدا ئوقۇتۇشىغا قوشۇمچە ياردەم بېرىپ، ئاز سانلىق مىللەت تىلىدىكى ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈش تېزلىتىلدى. بۇنىڭدىن ‹‹قوش تىل›› ئوقۇتۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەريانىدا، ئاز سانلىق مىللەت تىل – يېزىقىنى ئۆگىنىشنىڭ ئاجىزلاشماي، بەلكى قوغدىلىپ ۋە كۈچەيتىلگەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

   مۇخبىر: ‹‹قوش تىل›› مائارىپىنى ئىلگىرى سۈرۈش داۋامىدا، بىز ھەر مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنى ئۆز ئارا بىر – بىرىنىڭ تىلىنى ئۆگىنىشكە قانداق ئىلھاملاندۇردۇق ۋە تەشەببۇس قىلدۇق؟

   جاۋاب: شىنجاڭ ئەزەلدىن كۆپ مىللەت ئارىلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايون، ھەر مىللەت خەلق ئالاقىلىشىش جەريانىدا ئۆزئارا تىل ئۆگىنىپ كەلگەن بولۇپ، بىرقەدەر كەڭ قوش تىل ئىشلىتىش ھادىسىسىنى شەكىللەندۈرگەن. جەنۇبىي شىنجاڭدىكى قەشقەر، خوتەن قاتارلىق جايلاردا چوڭ بولغان خەنزۇ يولداشلار ئۇيغۇرچىنى شۇنداق ياخشى سۆزلەيدۇ. ئوخشاشلا شىمالىي شىنجاڭنىڭ ئۈرۈمچى قاتارلىق جايلىرىدا چوڭ بولغان ئاز سانلىق مىللەت يولداشلارمۇ خەنزۇچىنى شۇنداق راۋان سۆزلەيدۇ. ئالتاي، چۆچەكلەردە چوڭ بولغان خەنزۇ يولداشلار قازاقچىنى شۇنداق راۋان سۆزلىيەلەيدۇ. نۇرغۇن موڭغۇل ۋە شىبە يولداشلارمۇ نەچچە خىل تىلدا ئاز سانلىق مىللەتلەر بىلەن پىكىر ئالماشتۇرالايدۇ. ئەمەلىيەت شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق ئاممىسى ئىچىدە، شىنجاڭنى ئۇزاق مۇددەتلىك ئېچىش ۋە قۇرۇش جەريانىدا، ئىككى خىلدىن ئارتۇق تىلنى ئۆگەنگەن ۋە ئىگىلىگەنلەرنىڭ ناھايىتىمۇ كۆپ ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ.

   ئاپتونوم رايون ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئۆزئارا تىل ئۆگىنىشىنى پائال تەشەببۇس قىلىش بىلەن بىللە، خەنزۇ ئوقۇغۇچىلارنىمۇ ئاز سانلىق مىللەت تىل – يېزىقىنى ئۆگىنىشكە ئىلھاملاندۇردى.

   بىرىنچى، ئاپتونوم رايون خەنزۇ تىلىدا دەرس ئۆتۈلىدىغان مەكتەپلەردە ئاز سانلىق مىللەت تىل – ئەدەبىيات دەرسى تەسىس قىلىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتى ئۈستىدە پائال ئىزدەندى. 2010 – يىلىدىن باشلاپ، بىرقىسىم ۋىلايەت، ئوبلاستلارنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى 1 – يىللىقلىرىدا ئاز سانلىق مىللەت تىل – ئەدەبىيات دەرسى تەسىس قىلىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىپ، خەنزۇچە ئوقۇۋاتقان مىللىي ئوقۇغۇچىلارنىڭ زۆرۈر ئوقۇلىدىغان دەرسى، ئانا تىلى خەنزۇ تىلى بولغان ئوقۇغۇچىلار ۋە باشقا يىللىقلاردىكى خەنزۇچە ئوقۇۋاتقان مىللىي ئوقۇغۇچىلارنىڭ تاللاپ ئوقۇيدىغان دەرسى قىلىپ، ھەپتىسىگە ئۈچ دەرس سائىتى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ھەپتىلىك ئومۇمىي دەرس سائىتى سانىنى كۆپەيتىش ئارقىلىق دەرس سائىتى مەسىلىسىنى ھەل قىلدى ھەمدە مۇتەخەسسىسلەرنى تەشكىللەپ مۇناسىپ دەرس ئۆلچىمى ۋە دەرسلىكلەرنى تۈزدى.

   ئىككىنچى، ئاپتونوم رايون ھەقسىز ئوقۇيدىغان پېداگوگىكا ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ دەرسلىرىنى تەسىس قىلغاندا، خەنزۇ تىلىدىكى سىنىپلارغا ئاز سانلىق مىللەت تىل – يېزىقى دەرسىنى تەسىس قىلىپ، ئۇنى چوقۇم ئوقۇيدىغان دەرس قىلىپ، ئاساسىي قاتلام مەكتەپلىرىنىڭ قوش تىل ئوقۇتۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتىنى ئىھتىياجغا ماسلاشتۇردى.

   ئۈچىنچى، مىللىي تىل بويىچە ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيەلەش كۇرسلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇپ،مىللىي تىلدىكى مەكتەپلەردە ياكى مىللىي تىلدا دەرس ئۆتۈلىدىغان مەكتەپلەر بىلەن خەنزۇ تىلىدا دەرس ئۆتۈلىدىغان مەكتەپلەر بىرلەشتۈرۈلگەن مەكتەپلەردە ئانا تىلى خەنزۇ تىلى ياش ئوقۇتقۇچىلارنى كۇرسقا تاللاپ قاتناشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ئاز سانلىق مىللەت تىل – يېزىقىنى ئۆگىنىش، ئالاقىلىشىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ئۆستۈردى.

   مۇخبىر: يۇقىرى ساپالىق ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى بەرپا قىلىشنىڭ ‹‹قوش تىل›› مائارىپى خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم ھالقا ئىكەنلىكى ھەممىمىزگە ئايان. ئۇنداقتا، ئاپتونوم رايون ‹‹قوش تىل›› ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەربىيەلەش، يېتىشتۈرۈش ۋە تەكلىپ قىلىش جەھەتتە قانداق خىزمەتلەرنى ئىشلىدى؟

   جاۋاب: ئاپتونوم رايون يۇقىرى ساپالىق ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىغا يۈكسەك دەرىجىدە ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى. ئوقۇتقۇچىلارنى يېتىشتۈرۈش جەھەتتە، 2007 – يىلى ئالدى بىلەن قوش تىلدا ئالاھىدە تەربىيەلىنىدىغان ئوقۇغۇچىلارنى يېتىشتۈرۈش پىلانىنى باشلاپ، ‹‹ھەقسىز، ئالاھىدە تەربىيەلەش، نىشانلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش›› شەكلى ئارقىلىق، يېزا مائارىپى ئىشلىرىغا ھەسسە قوشۇش ئىرادىسى بار مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىلارنى پېداگوگىكا مەكتەپلىرىدە ئوقۇشقا جەلپ قىلىپ، يېزا مەكتەپلىرىنىڭ ‹‹قوش تىل›› ئوقۇتقۇچىلىرىنى تولۇقلىدى. 2011 – يىلىغىچە، قوش تىلدا ئالاھىدە يېتىشتۈرۈلىدىغان ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيەلەش پىلانى بويىچە 4619 نەپەر ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىندى. 2012 – يىلى نىشانلىق ھەقسىز ئوقۇيدىغان پېداگوگىكا ئوقۇغۇچىلىرىنى يېتىشتۈرۈش پىلانى يولغا قويۇلۇپ، شۇ يىلى 3155 نەپەر ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىندى. پېداگوگىكا مەكتەپلىرى ئوقۇتۇش ئىسلاھاتىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، پېداگوگىكا ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ‹‹قوش تىل›› مائارىپى ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئاز سانلىق مىللەت تىلى ئاساس دەرسىنى ئانا تىلى خەنزۇ تىلى بولغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇتۇش پىلانىغا كىرگۈزدى، ئاز سانلىق مىللەت پېداگوگىكا ئوقۇغۇچىلىرىنى ماس دەرىجىدىكى ‹‹جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر خەنزۇ تىلى سەۋىيە سىناش دەرىجە ئىمتىھانى››غا كىرگۈزدى. نەچچە يىللىق تىرىشچانلىق ئارقىلىق، قوش تىل ئوقۇتقۇچىلىرىنى يېتىشتۈرۈشنىڭ ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەندۈرۈپ، قوش تىل ئوقۇتقۇچىلىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى ئىختىساسلىقلار زاپىسى بىلەن تەمىنلىدى.

   ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيەلەش جەھەتتە، 2003 – يىلىدىن بۇيان، ‹‹دۆلەتنىڭ شىنجاڭدىكى خەنزۇ تىلى ئوقۇتقۇچىلىرىغا ياردەم بېرىش خىزمىتى لايىھەسى›› ۋە ‹‹شىنجاڭ ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپ ئاز سانلىق مىللەت ‹‹قوش تىل›› ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەربىيەلەش قۇرۇلۇشى››نى يولغا قويدى، دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايون قوش تىل ئوقۇتقۇچىلىرىنى يېتىشتۈرۈش مەبلىغىدىن جەمئىي 348 مىليون يۈەن ئورۇنلاشتۇرۇپ، 19 مىڭ 700 نەپەر ئوقۇتقۇچىنى دۆلەت دەرىجىلىك، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك بىر يىللىق ياكى ئىككى يىللىق تۈزۈمدە تەربىيەلەشكە قاتناشتۇردى، بۇنىڭ ئىچىدە 16 مىڭ 200 نەپەر ئوقۇتقۇچى ئوقۇشنى تاماملاپ، كۆپچىلىكى ‹‹قوش تىل›› ئوقۇتۇشىدىكى تايانچ كۈچلەردىن بولۇپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، يېڭى تەكلىپ قىلىنغان ‹‹قوش تىل›› ئوقۇتقۇچىلىرىنى ئىش ئورنىغا چىقىشتىن بۇرۇن تەربىيەلەش خىزمىتى كۈچەيتىلدى. 2006 – يىلىدىن بۇيان، 50 مىڭ 50 نەپەر يېڭى تەكلىپ قىلىنغان ئوقۇتقۇچى ئىش ئورنىغا چىقىشتىن بۇرۇن تەربىيەلىنىپ، ‹‹قوش تىل›› ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئىش ئورنىغا ماسلىشىش ئىقتىدارى زور دەرىجىدە كۈچەيتىلدى.

   ئوقۇتقۇچىلارنى تەكلىپ قىلىش جەھەتتە، ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپلەر بىرتۇتاش تەكلىپ قىلىش ۋە ‹‹قوش تىل›› ئوقۇتقۇچىلىرىنى ئىشتاتتىن ھالقىپ ئېھتىياجغا قاراپ تولۇقلاش قاتارلىق سىياسەتلەرنى تۈزۈپ، يېزا ‹‹قوش تىل›› ئوقۇتقۇچىلىرىنى ئاساس قىلغان ئوقۇتقۇچىلارنى تولۇقلاش سالمىقىنى زورايتتى. 2006 – يىلىدىن 2012 – يىلىغىچە، مەجبۇرىيەت مائارىپى ۋە ‹‹قوش تىل›› مائارىپى ئالاھىدە ئىش ئورنى ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەكلىپ قىلىش پىلانىنى يولغا قويۇپ، ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپ ‹‹قوش تىل›› ئوقۇتقۇچىلىرىدىن جەمئىي 37 مىڭ نەپەرنى تولۇقلىدى. 2010 – يىلىدىن 2012 – يىلىغىچە ‹‹قوش تىل›› يەسلى ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەكلىپ قىلىش پىلانىنى يولغا قويۇپ، ‹‹قوش تىل›› ئوقۇتقۇچىسىدىن 13 مىڭ 500 نەپەرنى تولۇقلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، 2003 – يىلىدىن بۇيان، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىدىغان ئۆلكە – شەھەرلەر شىنجاڭ مائارىپىغا ياردەم بېرىش، شەھەر – بازارلاردىكى ئوقۇتقۇچىلار يېزىلار مائارىپىغا ياردەم بېرىش، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى پىراكتىكا ئارقىلىق مائارىپقا ياردەم بېرىش ئارقىلىق جەمئىي 50 مىڭ ئادەم /قېتىم يېزا مەكتەپلىرىنىڭ ‹‹قوش تىل›› مائارىپى ئىش ئورنىغا بېرىپ مائارىپقا ياردەم بەردى. 2012 – يىلى 9 – ئايدا، يەسلى ۋە ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپ (كەسپىي تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ‹‹قوش تىل›› مائارىپى ئىش ئورنى ئوقۇتقۇچىسى جەمئىي 76 مىڭ 300 نەپەر بولدى. بۇنىڭ ئىچىدە ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇتقۇچىلىرى 66 مىڭ 600 نەپەر بولۇپ، يەسلى ۋە ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپ ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇتقۇچىلىرى سانى (159 مىڭ نەپەر 300) نىڭ %41.81 ىنى ئىگىلەپ، 2008 – يىلىدىكىدىن (24 مىڭ 830 نەپەر) %168 ئاشتى.

   مۇخبىر: ھازىر بەزى ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇتقۇچىلىرى ‹‹قوش تىل›› مائارىپىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالماسلىق سەۋەبلىك خىزمىتىدىن ئايرىلىپ قىلىشىدىن ئەندىشە قىلماقتا، سىزدىن سورىسام، ‹‹قوش تىل›› مائارىپىنى ئىلگىرى سۈرۈش داۋامىدا مۇشۇنداق مەسىلىلەرمۇ كېلىپ چىقارمۇ؟

   جاۋاب: ھەرگىز ئۇنداق بولمايدۇ.

   دۆلەت قۇرۇلغان بۇيان، ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇتقۇچىلىرى تارىخىي مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىپ، جاپالىق ئۆگىنىپ، پائال ئىزدىنىپ، ئېغىر ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئېلىپ، شەخسىيەتسىز تۆھپە قوشۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ توققۇز يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپىنى ئومۇملاشتۇرۇشقا ۋە مائارىپ ئىشلىرىنىڭ ئىسلاھات تەرەققىياتلىرىغا گەۋدىلىك تۆھپىلەرنى قوشۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ كەڭ تۈردە ماختىشىغا سازاۋەر بولۇپ كەلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى ئۇلارنىڭ بۇ خىزمەتلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ. يېڭى دەۋردىكى مىللىي مائارىپنى ئىسلاھ قىلىش خىزمىتى داۋامىدا، نۇرغۇن ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇتقۇچىلىرى ‹‹قوش تىل›› مائارىپى خىزمىتى ئېھتىياجىغا پائال ماسلىشىپ، دۆلەت ئورتاق تىل – يېزىقى ۋە كەسپىي ئاساسىي بىلىملەرنى تىرىشىپ ئۆگىنىپ، ‹‹تاق تىل››لىق ئوقۇتقۇچىدىن ‹‹قوش تىل››لىق ئوقۇتقۇچىغا ئۆزگىرىپ، يەسلى ۋە ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپ ‹‹قوش تىل›› ئوقۇتۇشىنىڭ تايانچ ئوقۇتقۇچىلىرى ۋە مۇھىم كۈچلىرى بولۇپ قالدى. نۆۋەتتىكى ‹‹قوش تىل›› مائارىپىنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتى داۋامىدا، ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇتقۇچىلىرى يەنىلا ئاساسىي قوشۇنلۇق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ كەلمەكتە. يېقىنقى بەش يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايون يەسلى ۋە ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى ئاز سانلىق مىللەت ‹‹قوش تىل›› ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەربىيەلەش، يېتىشتۈرۈش ۋە تەكلىپ قىلىش خىزمىتىگە قاراتتى. 2012 – يىلى 9 – ئايغا قەدەر، يەسلى ۋە ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپ ‹‹قوش تىل›› مائارىپى ئىش ئورنى ئوقۇتقۇچىلىرى 76 مىڭ 300 نەپەرگە يەتتى. بۇنىڭ ئىچىدە، ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇتقۇچىلىرى 66 مىڭ 600 نەپەر بولۇپ، ‹‹قوش تىل›› ئوقۇتقۇچىلىرى ئومۇمىي سانىنىڭ % 87.29 ىنى ئىگىلدى.

    بىراق، بىر قىسىم ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇتقۇچىلىرى يېشى چوڭ، خەنزۇ تىلى ئاساسى ئاجىز بولۇش قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلى ‹‹قوش تىل››دا ئوقۇتۇش خىزمىتىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمايۋاتىدۇ. ئاپتونوم رايون بۇ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىلگىرىكى خىزمەتلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈش بىلەن بىللە، ئۇلارغا يەنە ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلۈۋاتىدۇ. شۇجى جاڭ چۈنشيەن: ‹‹ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇتقۇچىلىرىنى ياخشى ئىشلىتىشكە دىققەت قىلىش كېرەك، ئۇلارنىڭ مائاشىنى تۆۋەنلىتىۋەتمەسلىك، ئىشتىن ئايرىۋەتمەسلىك، ئۇلارنىڭ تۆھپىسىگە تارىخىي نۇقتىدىن قاراش لازىم، ئۇلارنى كەسىپكە، ئىش ئورنىغا، ئۆتىدىغان دەرسكە ئىگە قىلىش كېرەك››، دەپ كۆپ قېتىم تەكىتلىدى. بىز شۇجى جاڭ چۈنشيەننىڭ تەلىپى بويىچە، ھەرقايسى ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ مەنپەئىتىنى قوغداپ، ئۇلارنىڭ رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇشىمىز كېرەك. بىرىنچى، جايلار ئاممىنىڭ ئارزۇسى بويىچە ئانا تىلدا دەرس ئۆتۈلىدىغان ئادەتتىكى سىنىپلارنى مۇۋاپىق ساقلاپ قېلىپ، ‹‹قوش تىل›› ئوقۇتۇشىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمايدىغان ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇتقۇچىلىرىنى داۋاملىق تۈردە شۇ سىنىپلارغا دەرس ئۆتكۈزۈش كېرەك؛ ئىككىنچى، ‹‹قوش تىل›› مائارىپىنىڭ 1 – ۋە 2 – ئەندىزىسىنىڭ تەرەققىيات كۆلىمىنى ئىلمىي پىلانلاش كېرەك، خەنزۇ تىلىدا ئۆلچەمگە يەتمەيدىغان ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇتقۇچىلىرى ‹‹قوش تىل›› سىنىپلىرىنىڭ ئانا تىلىدا ئۆتۈلىدىغان دەرسلىرىنى ئۈستىگە ئالسا بولىدۇ؛ ئۈچىنچى، خەنزۇ تىلىدا ئۆلچەمگە يەتمەيدىغان ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇتقۇچىلىرى ئەخلاق تەربىيە، ئىدىيە – ئەخلاق، ساغلاملىق تەربىيەسى قاتارلىق پەنلەرنىڭ ئوقۇتۇش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالسا ياكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىدىيە – سىياسىي يېتەكچىسى خىزمىتىنى ئۈستىگە ئالسا بولىدۇ؛ تۆتىنچى، ياش ۋە شەخسىي سەۋەبتىن ئوقۇتۇش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالالمايدىغان ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇتقۇچىلىرى داۋاملىق تۈردە مەكتەپتە قېلىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئىقتىدارى يېتىدىغان ئوقۇتۇش ۋە ئوقۇتۇش قوشۇمچە خىزمەتلىرى بىلەن شۇغۇللانسا بولىدۇ، ئۇلارنى ئىشتىن قالدۇرماسلىق، سالاھىيىتىنى ئۆزگەرتمەسلىك، مائاشىنى تۆۋەنلىتىۋەتمەسلىك، تەمىناتىنى ئازايتماسلىقنى چوقۇم ئورۇنداش كېرەك.

   مۇخبىر: مەكتەپ مەدەنىيىتى قۇرۇلۇشى قانداق قىلىپ زامانىۋى مەدەنىيەت يېتەكچىلىكىدە كۈچەيتىلىدۇ؟

   جاۋاب: ‹‹قوش تىل›› مائارىپى زامانىۋى مەدەنىيەتنىڭ گۈللەپ راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان مۇھىم شەكىل بولۇپ، كۆپ خىل تىل – يېزىق ۋە مەدەنىيەت ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشقا پايدىلىق. شۇجى جاڭ چۈنشيەن كۆپ مىللەت، كۆپ خىل مەدەنىيەت بولسا شىنجاڭنىڭ رايون ئەھۋالى، بەلگىلىك نۇقتىدىن ئېيتقاندا بۇ تېخى شىنجاڭنىڭ ئەۋزەللىكى دەپ تەكىتلىگەن، بولۇپمۇ ئۇ ھەرقايسى مىللەتلەر ئۆزئارا بىر – بىرىدىن زوقلىنىشى، بىر – بىرىنى ئۆزلىرىنىڭ ھەقىقىي قېرىندىشىدەك كۆرۈشى لازىم دەپ ئالاھىدە تەكىتلەپ، شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت جەھەتتىكى كۆپ قىرلىق ئالاھىدىلىكى بىز خۇشال بولۇشقا تېگىشلىك ئەۋزەللىك، شۇنداقلا ھەممىمىز پەخىرلىنىدىغان ئەھۋال دەپ كۆرسەتتى. بىز شۇجى جاڭ چۈنشيەننىڭ سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، زامانىۋى مەدەنىيەتنى ئۆزىمىزگە باشلامچى قىلىپ، شىنجاڭ روھىغا بولغان ئىنتىلىشىمىزنى ‹‹قوش تىل›› مائارىپىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتىدە ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارغا بولغان زامانىۋى تۈزۈم، زامانىۋى بىلىم، زامانىۋى تۇرمۇش شەكلى، زامانىۋى قاراش تەربىيەسى ۋە سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى سىستېمىسى تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، ئىلىم – پەنگە ئىنتىلىپ، خۇراپاتلىققا قارشى تۇرۇش تەربىيەسىنى چىڭىتىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسىنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ‹‹تۆتنى تونۇش›› ئېڭىنى كۈچەيتىپ، ھەر مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىدا پەرقلەرگە ھۆرمەت قىلىدىغان، ئەپۇچان ، ئۆزئارا زوقلىنىدىغان زامانىۋى ئىدىيە تۇرغۇزۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭچە ئالاھىدىلىككە ئىگە زامانىۋى مەدەنىيەتنى شەكىللەندۈرۈپ، ئورتاق روھىي ماكانىمىزنى بەرپا قىلىشىمىز كېرەك.

   مەكتەپ مەدەنىيىتى زامانىۋى مەدەنىيەتنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، شۇنداقلا ئەخلاقلىق ھەم قابىلىيەتلىك كىشىلەرنى يېتىلدۈرۈشنىڭ مۇھىم شەكلى. جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت تەربىيەسى ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆزىگە خاس مەدەنىيەت تەربىيەسىنى سىجىل ھەم ئۈزلۈكسىز قانات يايدۇرۇش ‹‹قوش تىل›› سىنىپى ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ توغرا دۆلەت قارىشى ۋە مىللەت قارىشى، تارىخ قارىشىنى يېتىلدۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. مۇزىكا، گۈزەل سەنئەت، تەنتەربىيە قاتارلىق دۆلەت دەرسلىكلىرىنىڭ ئاساسىي يوللۇق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، بىر گەۋدە كۆپ مەنبەلىك، يەرلىك خاسلىققا ئىگە مەدەنىيەت تەربىيەسىنى زور كۈچ بىلەن قانات يايدۇرۇشىمىز كېرەك. مەكتەپلەرنىڭ يەرلىك دەرس قۇرۇلۇشىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ ۋە ئۇنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، يەرلىك ۋە مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە مەزمۇنلارنى دەرس قۇرۇلۇشى ئىچىگە كىرگۈزۈشىمىز لازىم. مەكتەپ مەدەنىيىتىدە پائال يېڭىلىق يارىتىپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى بىلەن ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ خاس مەدەنىيىتىنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، مۇزىكا، ئۇسسۇل، تىياتىر، گىمناستىكا، رەسىم، ھۆسنخەت، مەدەنىيەت كارىدورى، تەنتەربىيە قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، تىرىشىپ ھەرقايسى مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنى ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك جەھەتلەردىن ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلغان جۇڭگوچە سوتسىيالىزىمنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىدىن قىلىپ تەربىيەلەپ چىقىشىمىز كېرەك.

   مۇخبىر: ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىنى قانداق قىلىپ ‹‹قوش تىل›› مائارىپىنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتىگە پائال قاتناشتۇرغىلى بولىدۇ؟

   جاۋاب: ئاممىنىڭ رازى بولۇش – بولماسلىقى بىزنىڭ خىزمىتىمىزنى ئۆلچەيدىغان بىردىنبىر ئۆلچەم. نۆۋەتتە، پۈتۈن پارتىيە پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيەسىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇۋاتىدۇ، بىز بۇ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، بىرىنچىدىن، ‹‹قوش تىل›› مائارىپى سىياسىتى ۋە ئون يىللىق ‹‹قوش تىل›› مائارىپى پىلانىنىڭ تەشۋىقاتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنى كىشىلەرنىڭ قەلبىگە سىڭدۈرۈپ، ھەممەيلەننى ئۇنىڭدىن خەۋەردار قىلىشىمىز كېرەك. ئىككىنچىدىن، ھەر دەرىجىلىك، تۈرلۈك مەكتەپلەر ئاتا – ئانىلار يىغىنى قاتارلىق شەكىللەردىن پايدىلىنىپ، كەڭ ئاتا – ئانىلارغا ‹‹قوش تىل›› دەرسخانا ئوقۇتۇشىنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرىنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇرۇشىمىز كېرەك. ئۈچىنچىدىن، كەڭ ئاممىنى ‹‹قوش تىل›› ئۆگىنىشتىكى ئىجادىي پائالىيەتلەرنى قوللاشقا سەپەرۋەر قىلىپ، نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسى، مۇكاپاتلىق ماقالە مۇسابىقىسى، ماھارەت مۇسابىقىسى قاتارلىق پائالىيەتلەر ئارقىلىق، بالىلارنىڭ قوش تىل ئۆگىنىش، ‹‹قوش تىل›› ئىشلىتىش ئاكتىپچانلىقىنى قوزغىتىشىمىز كېرەك. تۆتىنچىدىن، ھەر مىللەت ئامما، ئورگان كادىرلىرى ۋە مۇتەخەسسىس – ئالىملارنىڭ ‹‹قوش تىل›› مائارىپى خىزمىتىمىزگە تەكلىپ – پىكىر ۋە ئامال – چارىلەرنى بېرىشىنى قىزغىن قارشى ئېلىشىمىز كېرەك. يەنى خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى، سىياسىي كېڭەش تەكلىپ لايىھەسى ھەمدە كەلگەن خەت – چەكلەر، ئەرزىيەت ئىشلىرى، ھۆكۈمەت ئىشلىرى بىلوگى قاتارلىق يوللار ئارقىلىق، ھەممە ئۆزلىرىنىڭ پىكىر – تەكلىپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويسا، خىزمىتىمىزنى ياخشىلاشقا پايدىلىق بولۇپلا قالماي، ‹‹قوش تىل›› مائارىپىمىزنىڭ ساغلام راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكىمۇ پايدىلىق بولىدۇ.

   مۇخبىر: نۆۋەتتە ‹‹قوش تىل›› مائارىپى خىزمىتى داۋامىدا يەنە قانداق قىيىنچىلىق ۋە مەسىلىلەر ساقلىنىۋاتىدۇ؟

   جاۋاب: ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا، مېنىڭچە ئاساسلىقى مۇنداق بىرقانچە مەسىلە ساقلىنىۋاتىدۇ:

   بىرىنچى، ‹‹قوش تىل›› ئوقۇتقۇچىلىرى كەمچىل، قوشۇن تۇراقسىز، بۇ ‹‹قوش تىل›› مائارىپىنىڭ ئىلمىي تەرەققىياتىغا توسالغۇ بولۇۋاتىدۇ.

   ئىككىنچى، ئوقۇتۇشنى باشقۇرۇش ئانچە ئۆلچەملىك ئەمەس، ئوقۇتۇشقا يېتەكچىلىك قىلىش دېگەندەك بولمايۋاتىدۇ. تەپتىش قىلىش، تەتقىق قىلىش خىزمىتى ۋەزىيەتنىڭ تەرەققىيات تەلىپىگە ماس كەلمەيۋاتىدۇ، سۈپەت نازارەتچىلىكى ۋە باھالاشنىڭ قاراتمىلىقى ۋە ۋاقىت ئۈنۈمدارلىقى كۈچلۈك ئەمەس.

   ئۈچىنچى، بىر قىسىم جايلاردا ئوقۇتۇش ئەندىزىسىنى ئوبيېكتىپ شارائىت بىلەن ھېسابلاشماي، نەتىجە قازىنىشقا ئالدىراپ تاللايدىغان، ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلمايدىغان ئەھۋاللار مەۋجۇت، بۇ ‹‹قوش تىل›› ئوقۇتۇشىنىڭ سۈپىتىگە ۋە مۇقىم تەرەققىياتىغا تەسىر يەتكۈزمەكتە.

   ‹‹قوش تىل›› مائارىپى مائارىپ ساھەسىدىكى بىر مەيدان ئۆزگىرىش، بۇنىڭدا ئۆرنەك ئېلىشقا تېگىشلىك پىشقان تەجرىبىلەر يوق، بۇ ئىجادىي قۇرۇلۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش داۋامىدا ھەر خىل قىيىنچىلىق ۋە مەسىلىلەرگە ئۇچرىشىمىز مۇمكىن، بۇ قورقۇنچلىق ئەمەس، مۇھىمى بىز بۇنىڭغا ئىلمىي پوزىتسىيە بىلەن مۇئامىلە قىلىشىمىز، تەرەققىيات نەزەرىمىز بىلەن مۇئامىلە قىلىشىمىز، پۇختا خىزمەت ئەمەلىيىتى ۋە نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق بۇ مەسىلىلەرنى تەدرىجىي ھەل قىلىشىمىز كېرەك.

   مۇخبىر: بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى ‹‹قوش تىل›› مائارىپىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى ھەققىدە توختىلىپ باقسىڭىز؟

   جاۋاب: ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى بولسا تەرەققىياتقا يېتەكچىلىك قىلىشتىكى دۇنياقاراش ۋە مېتودولوگىيە، شۇنداقلا بىزنىڭ ‹‹قوش تىل›› مائارىپىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە باشتىن – ئاخىر چىڭ تۇرىدىغان مۇھىم يېتەكچى ئىدىيەمىز. ‹‹قوش تىل›› مائارىپىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئىلمىي پوزىتسىيە، ئىلمىي نەزەرىيە ۋە ئىلمىي ئۇسۇلدا چىڭ تۇرۇشىمىز كېرەك. 2011 – يىلى ئاپتونوم رايون ‹‹قوش تىل›› مائارىپى تەرەققىياتىنىڭ ئون يىللىق يىرىك پىلانىنى ئوتتۇرىغا قوشۇپ، نۆۋەتتىكى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىللىك شىنجاڭنىڭ ‹‹قوش تىل›› مائارىپى خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش يېتەكچى ئىدىيەسى، خىزمەت پىرىنسىپى ۋە ئىستراتېگىيەلىك نىشانىنى ئېنىق بېكىتتى. شۇجى جاڭ چۈنشيەن: ‹‹پىلانغا بولغان تەشۋىق تەربىيەنى كۈچەيتىپ، ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلارغا ئۇنىڭ روھىنى چوڭقۇر سىڭدۈرۈپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، ھەقىقىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشىمىز كېرەك››، دەپ يوليۇرۇق بەردى. رەئىس نۇر بەكرى:‹‹پىلان چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئاساسىدا تۈزۈلگەن، ئوتتۇرىغا قويۇلغان نىشان – ۋەزىپىلەر ۋە خىزمەت تەدبىرلىرى ئەمەلىيەتكە ماسلاشتۇرۇپ ئوتتۇرىغا قويۇلغان، ھەقىقىي يولغا قويۇشقا بولىدۇ، بىرقەدەر كۈچلۈك يېتەكچى خاراكتېرگە ۋە ئەمەلىي مەشغۇلاتچانلىققا ئىگە، شۇڭا چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىز كېرەك››، دەپ تەكىتلىدى. پىلان يولغا قويۇلغان ئىككى يىلدىن بۇيانقى ئەھۋالدىن قارىغاندا، ‹‹قوش تىل›› مائارىپىنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە پۈتۈنلەي ئۇيغۇن، شۇنداقلا مەركەز ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ‹‹قوش تىل›› مائارىپى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى بىرقاتار يېتەكچى ئىدىيەلىرىگە پۈتۈنلەي ئۇيغۇن بولۇپ، ‹‹قوش تىل›› مائارىپىنىڭ ساغلام، تەرتىپلىك تەرەققىي قىلىشىنى ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈرگەن. بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسى ‹‹قوش تىل›› مائارىپىنىڭ ئون يىللىق تەرەققىيات پىلانىنى داۋاملىق ئەمەلىيلەشتۈرۈش بولىدۇ.

   پىلاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە، بىرىنچىدىن، ھۆججەتنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشنى چىڭ تۇتۇشىمىز كېرەك. بىز ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، ھۆكۈمەتلەردىن ھەر خىل شەكىللەر ئارقىلىق، ئاساسىي قاتلامغا ئاپتونوم رايوننىڭ ‹‹قوش تىل›› مائارىپى سىياسەت – تەدبىرلىرىنى تولۇق چۈشەندۈرۈپ، جەمئىيەتتىكى ھەرقايسى ساھەلەر كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان ۋە دىققەت قىلىۋاتقان ‹‹قوش تىل›› مائارىپى تەرەققىياتى داۋامىدىكى قىزىق نۇقتا ۋە قىيىن نۇقتا مەسىلىلىرىگە ئىزاھات بېرىشىنى؛ ئاز سانلىق مىللەت ‹‹قوش تىل›› مائارىپى سىياسەتلىرىنى ئۆگىنىشنى كادىرلارنى تەربىيەلەش ۋە ئوقۇتقۇچىلارنى يېتىشتۈرۈش مەزمۇنىغا كىرگۈزۈشنى، ئايرىم دەرس ئورۇنلاشتۇرۇش، ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش ئارقىلىق، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىغا سىياسەتلەرنىڭ روھىنى تولۇق بىلدۈرۈشىنى تەلەپ قىلىمىز. ئىككىنچى، ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر ئاپتونوم رايوننىڭ ئومۇمىي تەلىپىگە ئاساسەن، ئۆز جايلىرىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ، ئۆز رايونىنىڭ ‹‹قوش تىل›› مائارىپى تەرەققىيات پىلانلىرىنى تۈزۈشى، تۈزىتىشى كېرەك. ئۈچىنچى، ھەرقايسى مەكتەپلەر پائال، پۇختا، ئۈنۈملۈك بولۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، ئۆزلىرىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن ‹‹قوش تىل›› مائارىپى ئەندىزىلىرىنى تاللاپ، ئوقۇتۇشنى دائىمىي باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، قوش تىل مائارىپىنىڭ سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىشى لازىم. تۆتىنچى، ‹‹قوش تىل›› ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتۇپ، يېتىشتۈرۈش، تەربىيەلەش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، تەكلىپ قىلىپ تولۇقلاش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ‹‹قوش تىل›› مائارىپىنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتىنىڭ ئېھتىياجىنى تىرىشىپ قاندۇرۇشى كېرەك. بەشىنچى، ئانا تىل – ئەدەبىيات ئوقۇتۇشى خىزمىتىگە ئەھمىيەت بېرىپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، ئانا تىل ئوقۇتۇش سەۋىيەسىنىڭ مۇقىم ئىلگىرىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

   ئىشىنىمەنكى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار مىنىستىرلىق – كومىتېتلىرىنىڭ كۈچلۈك قوللىشى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، ھۆكۈمەتنىڭ توغرا رەھبەرلىكى، ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت ئوقۇتقۇچى، ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ ئورتاق تىرىشىشى بولسىلا، شىنجاڭ ‹‹قوش تىل›› مائارىپى خىزمىتىنىڭ ئالدىن بېكىتىلگەن نىشانىنى چوقۇم ئورۇندىيالايمىز!

   تاراتقۇ مۇخبىرلىرىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن داۋاملىق تۇردە شىنجاڭنىڭ ‹‹قوش تىل›› مائارىپى خىزمىتىگە دىققەت قىلىشىنى قارشى ئالىمىز، رەھمەت!

 
بۇ تېما سىزگە يارىغان، ياردەم بەرگەن بولسا،ھەمبەھىرلەڭ،ساقلىۋىلىڭ:

بالىلار ناخشىلىرى

سۇئال پىلان خۇلاسە تۈزۈم مائارىپ تەتقىقات
ساختا ئوقۇش تارىخى ئىسپ

ئاز سانلىق مىللەتلەر ‹‹قوش تىل›› مائا

جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]

پاكىز ئويۇنلار