خەرىتە | پىكىر دەپتىرى | RSS | خەتكۇچ | USY | ULY | 中文 |
ئالىم بالام سەرخىل ئوقۇشلۇق MP3 ناخشىلار كارتون فىلىم ئۆگىنىش قانىلى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

ناسادا ئۆتكۇزۇلغان ئوتتۇرا-مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ «ئىلىم-پەن مۇسابىقىسى» پائالىي

بەشتاش(www.baxtax.cn)ئاپتۇر : بەشتاش2015-05-03 14:46

 
ناسادا ئۆتكۇزۇلغان ئوتتۇرا-مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ «ئىلىم-پەن مۇسابىقىسى» پائالىيىتى

بىلىمخۇمار
2015-يىلى 5-ئاينىڭ 1-كۈنى

مەن يېقىندا بىر قانچە پارچە ماقالە يېزىپ، بىزنىڭ ئىدارە ۋە باشقا ناسا مەركەزلىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئامېرىكىدىكى باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تۆۋەندىكىدەك پائالىيەتلىرىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتۈم:
--باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ خەلقئارا ئالەم پونكىتىدىكى خادىملار بىلەن نەق مەيداندا سۆزلىشىش پائالىيىتى (2014-9-5) [1]
-- ئامېرىكىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ «يېڭى كەشپىيات مۇسابىقىسى» پائالىيەتلىرى (2014-12-19) [2]
-- ناسادا ئۆتكۈزۈلگەن ئوتتۇرا مەكتەپ ئىلىم-پەن كۆرگەزمىسى (2015-4-15) [3]
-- ناسادىكى «بالىنى ئىشقا ئاپىرىش كۈنى» پائالىيىتى (2015-4-23) [4]
-- ئامېرىكا مائارىپىدىكى «ستېم» پروگراممىسى [5]
--ئوقۇغۇچىلارنىڭ ناسا مەركىزىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىش پائالىيىتى (بۇ پائالىيەت ھەر كۈنى دېگىدەك بولۇپ تۇرىدۇ)

ناسا مەركىزى ج پ ل (Jet Propulsion Laboraty) دە، يەنى مەن ئىشلەيدىغان ئىدارىدە، 2015-يىلى 31-يانۋار كۈنى «رايونلۇق ئىلىم-پەن مۇسابىقىسى» (Regional Science Bowl) دېگەن يەنە بىر پائالىيەت ئۆتكۈزۈلۈپ، بۇ پائالىيەتتە 1-، 2- ۋە 3-بولغان مەكتەپلەر تاللاپ چىقىلدى.  

بۇ پائالىيەت مۇنداق ئېلىپ بېرىلغان: جەنۇبىي كالىفورنىيەدىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەر ئىچىدىن دەسلىۋىدە 23 مەكتەپ تاللاپ چىقىلغان.  ھەر بىر مەكتەپنىڭ مۇسابىقە ئەترىتى 6 كىشىدىن تەركىپ تاپقان: بىر نەپەر يېتەكچى، 4 نەپەر مۇسابىقىچى، ۋە بىر نەپەر زاپاس مۇسابىقىچى.  مۇسابىقىدە سوئالچى بىئولوگىيە ۋە ماتېماتىكا قاتارلىق تەبىئىي-پەنلەرگە ئائىت سوئالدىن بىرنى دەيدۇ.  مۇسابىقىگە چۈشكەنلەر سوئالغا جاۋاب بېرىش تېزلىكى بىلەن بەرگەن جاۋابىنىڭ توغرىلىقىغا قاراپ نومۇرغا ئېرىشىدۇ.  يەنى، ھەر بىر ئەترەتنىڭ ئالدىدا بىردىن باسما-كۇنۇپكا بار بولۇپ، سوئال ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن ئالدىدىكى كۇنۇپكىنى 1-بولۇپ باسقان ئوقۇغۇچى سوئالغا ئالدى بىلەن جاۋاب بېرىدۇ.  ئەگەر ئۇنىڭ جاۋابى توغرا بولمىسا، كۇنۇپكىنى 2-بولۇپ باسقان ئوقۇغۇچى جاۋاب بېرىدۇ.  ھەر بىر سوئالغا جاۋاب بېرىش مۇشۇ تەرىقىدە ئېلىپ بېرىلىدۇ.  گەرچە بۇ مۇسابىقىغا قاتنىشىدىغانلار ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى بولسىمۇ، چىقىرىلغان سوئاللار ئالىي مەكتەپ سەۋىيىسىدىكى سوئاللاردىن تەشكىل تاپقان بولىدۇ.  سوئاللارنىڭ ئاسان-قىيىنلىق دەرىجىسى ئوخشاش بولمىغاچقا، ئوخشىمىغان سوئاللار ئېرىشىدىغان نومۇرمۇ ئوخشاش بولمايدۇ.  ھەر بىر سوئالغا بېرىلىدىغان نومۇر ئالدىن بېكىتىلگەن بولىدۇ.  ئەڭ ئاخىرىدا ئالغان نومۇرى ئەڭ يۇقىرى بولغان ئەترەت 1-بولۇپ تاللىنىدۇ.

بۇ قېتىم بىزنىڭ ئىدارىدىكى مۇسابىقىغا قاتناشقان 23 مەكتەپ پۈتۈن لوس ئانژېلىس رايونىدىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەر ئىچىدىن تاللانغان بولۇپ، بۇ قېتىم 1-بولغان مەكتەپ ھەر يىلدا بىر قېتىم ئامېرىكىنىڭ پايتەختىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان مەملىكەتلىك مۇسابىقىغا قاتناشتۇرۇلىدۇ.  بۇ قېتىم 1-بولۇپ تاللانغىنى بىزنىڭ ئىدارىگە 15 كىلومېتىر كېلىدىغان، ئاھالىسىنىڭ كۆپ قىسمى ئاسىيالىق مىللەتلەردىن تەركىپ تاپقان، ئىنگلىزچە «Arcadia» دەپ ئاتىلىدىغان شەھەردىكى بىر تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىسمىدىن قارىغاندا بۇ 4 ئوقۇغۇچىنىڭ ھەممىسى خەنزۇ مىللىتىدەك قىلىدۇ (ئۇلارنىڭ ئىنگلىزچە ئىسمى Ray fu, kevin wang, chris chi, bruce xu  ئىكەن) [5].  
ناسادا ئۆتكۇزۇلغان ئوتتۇرا-مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ «ئىلىم-پەن مۇسابىقىسى» پائالىيىتى
1-رەسىم: بىزنىڭ ئىدارىدە ئۆتكۈزۈلگەن «ئىلىم-پەن مۇسابىقىسى» دە 1-ئورۇنغا ئېرىشكەن 4 نەپەر ئوقۇغۇچىلار.

ئامېرىكىنىڭ «مەملىكەتلىك ئىلىم-پەن مۇسابىقىسى» نى ئامېرىكىنىڭ ئېنېرگىيە مىنىستىرلىكى 1991-يىلى باشلىغان بولۇپ، ئۇنىڭغا ھازىر ھەر يىلى 20 مىڭدىن كۆپرەك ئوتتۇرا مەكتەپ قاتنىشىدۇ.  بۇ پائالىيەتنىڭ مەقسىتى ئوقۇغۇچىلارنى كەلگۈسىدە تەبىئىي-پەن ۋە ماتېماتىكا ساھەسىدىكى كەسىپلەردە ئىشلەشكە رىغبەتلەندۈرۈشتىن ئىبارەت.

مەن ئۆزۈمنىڭ 2014-يىلى 31-ئۆكتەبىر كۈنى ئېلان قىلغان «بۇيرۇلغان ياردەم ۋە تىرىشچانلىق--بەدرى ئۇرۇشىدىن ئويلىغانلىرىم» دېگەن ماقالىسىدە مۇنداق بىر بالا-تېما ئۈستىدە قىسقىچە توختالغان ئىدىم: «2. توغرا ئىشلارنى تاللاپ قىلىش: ئامېرىكا مائارىپىدىكى ستېم پروگراممىسى».  بۇ يەردىكى «ستېم» دېگەن سۆز ئىنگلىزچە «تەبىئىي-پەن، تېخنولوگىيە، ئىنژېنېرلىق ۋە ماتېماتىكا» دېگەن سۆزلەرنىڭ باش ھەرىپىدىن تۈزۈلگەن بولۇپ، مەن يۇقىرىدىكى ماقالىنى تېخى ئوقۇپ باقمىغان ئوقۇرمەنلەرگە ئۇنى بىر قېتىم ئوقۇپ چىقىشنى قاتتىق تەشەببۇس قىلىمەن.  ناسا مۇ يېقىندىن بۇيان «ستېم پروگراممىسى» نى ئىنتايىن كۈچەپ يولغا قويۇۋاتىدۇ.  يەنى، ھازىر ناسا باش-شتابى ھەممە ناسا مەركەزلىرىدىن ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە ئالىي مەكتەپلەر بىلەن ئالاقە ئورنىتىپ، ستېم كەسىپلىرى ساھەسىگە كىرىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانىنى زور دەرىجىدە كۆپەيتىش يولىدا جىددىي ئىش ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ.

مەن ئۇيغۇر دىيارىدا يېقىندىن بۇيان يۈز بېرىۋاتقان سەھنە سەنئىتى ساھەسىدىكى يېڭىلىقلارغا دىققەت قىلدىم.  يەنى، ھازىر ھەر ھەپتىدە بىر قېتىم ئېلىپ بېرىلىدىغان سەنئەت پروگراملىرىدىن بىر قانچىسى يولغا قويۇلغان بولۇپ، ئۇ پروگراممىلار يالغۇز ئۇيغۇر دىيارىدىكى خەلقنىڭ تۇرمۇشىدىلا ئەمەس، چەت ئەلدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇشىدىمۇ بارغانسېرى مۇھىم رول ئويناشقا باشلاپتۇ.  بۇ جەھەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىر دۇنيانىڭ ئەڭ ئىلغار سەۋىيىسىگە يېتىشىۋېلىشقا ئازلا قاپتۇ.  مەن بۇنىڭدىن خېلى خوشال بولدۇم.

يەنە بىر تەرەپتىن، ئۇيغۇر دىيارىدا «2015-يىلى ئۇيغۇر كىتاب ئوقۇش يىلى»، ۋە «23-ئاپرېل دۇنيا كىتاب ئوقۇش يىلى» مۇناسىۋىتى بىلەن كۆپلىگەن يېڭىلىقلار ۋۇجۇتقا كەلگىلى تۇرۇپتۇ.  بۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ كۆزگە كۆرۈنەرلىكى بىر قىسىم ئۇيغۇر ساخاۋەتچىلەرنىڭ ئۆز يېنىدىن پۇل چىقىرىپ، كەڭ خەلق ئاممىسى ئۈچۈن ھەقسىز كۇتۇبخانا سېلىپ بېرىشتىن ئىبارەت.  مەن بۇ ئىشلاردىن قاتتىق ھاياجانلاندىم، تەسىرلەندىم، ھەم خوشاللاندىم.  بۇ خىل ئەھۋاللاردىن بىز بىزنىڭ بىر قىسىم ئاۋانگارت كىشىلىرىمىز ئۇيغۇرلارنى بۇرۇن ئانچە قىلىپ باقمىغان توغرا ئىشلارنى قىلىشقا باشلاۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز.  

ئۇيغۇرلار ھازىرغىچە يېتىشىپ بولالمىغان، ئەمما ئەھمىيىتى ۋە قىممىتى ناھايىتى يۇقىرى ئىشتىن يەنە بىرى بار.  ئۇ بولسىمۇ «تەبىئىي-پەن مۇسابىقىسى» دىن ئىبارەت.  مەن ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئوت يۈرەك قېرىنداشلىرىمىزدىن مۇشۇ ئىش ئۈستىدىمۇ ناھايىتى قاتتىق ئىزدىنىپ بېقىشنى ئۈمىد قىلىمەن.  بۇنداق ئىشلارنى دائىرىلەرنىڭ كۈچىگە تايىنىپ قىلغىلى بولمىغان تەقدىردىمۇ، ياخشى كۆڭۈللۈك ساخاۋەتچىلەر ۋە ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ خالىسانە ئەجىرىگە تايىنىپ بۇ ئىشنى قىلغىلى بولۇشى مۇمكىن.  ھەپتىدە بىر قېتىم ياكى ئايدا بىر قېتىم قىلغىلى بولمىسىمۇ، يىلدا بىر قېتىم قىلغىلى بولۇشى مۇمكىن.  ۋەتەندىكى خېلى كۆپ ساندىكى كەشپىياتچى ئۇكىلار بۇرۇن مەن بىلەن ئالاقىلاشقان.  گەرچە ئۇلارنىڭ كەشپىياتلىرىنى دۇنيادىكى ئەڭ ئىلغار سەۋىيىگە ئىگە، دېگىلى بولمىسىمۇ، ئاشۇنداق بىر ئۇچۇر كەمچىل ماكاندا ياشاۋېتىپمۇ ئاشۇنداق كەشپىياتلارنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرۈش ئاسان ئىش ئەمەس.  ئاشۇنداق ئۇكىلارنىڭ تالانتى كۆمۈلۈپ قالمىسا بولاتتى.  ئاشۇنداق ئۇكىلار ئۈچۈنمۇ ئۆز تالانتلىرىنى كۆرسىتىدىغان بىر سورۇن ھازىرلاپ، شۇ ئارقىلىق ئۇيغۇر ياش-ئۆسمۈرلىرى ئىچىدىكى كەلگۈسىدە ستېم كەسىپلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلارنىڭ سانىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈرسەك بولاتتى.  جەمئىيەت ۋە مىللەت تەرەققىياتىدا بەزى ئىشلار ئۈنۈم بېرىدۇ.  بەزى ئىشلار ئۈنۈم بەرمەيدۇ.  بىز ئۈچۈن ئۈنۈم بېرىدىغان يېڭى ئىدىيىلەرنى يېڭىۋاشتىن كەشىپ قىلىش ھازىرچە بىر شەرت ئەمەس ئىدى.  پەقەت ئامېرىكىدەك دۆلەتلەردە ئۈنۈم بېرىدىغانلىقى ئاللىقاچان ئىسپاتلىنىپ بولغان ستېم پروگراممىسىغا ئوخشاش پروگراممىلارنى ئازراقتىن بولسىمۇ يولغا قويۇپ تۇرغان بولساق ياخشى بولاتتى.  چۈنكى، نوپۇسىمىزنىڭ كۆپ قىسمى خەنزۇ تىلى بىلەن ناخشا-ئۇسۇلدىن باشقىنى بىلمەيدىغان ھالەتتە قالسا، بىزمۇ ھازىرقى ئازگالدىن چىقالماي، ئۆز ئورنىمىزدا قېلىۋېرىمىز.  
ناسادا ئۆتكۇزۇلغان ئوتتۇرا-مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ «ئىلىم-پەن مۇسابىقىسى» پائالىيىتى
2-رەسىم: مۇشۇ بىر ھەپتە ئىچىدە پۈتۈن ناسا بويىچە «خاببۇل ئالەم تېلېسكوپى» (Hubble Space Telescope) ئىشقا چۈشكەنلىكىنىڭ 25 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلدى.  مەن بىزنىڭ ئىدارىدىكى بىر پائالىيەتكە بارسام، ئۇ يەرگە «خاببۇل» دا ئىشلىتىلگەن «كۆۋرۈك تېلېسكوپ» (relay telescope) تىن بىرى بار ئىكەن.  قولۇمدىكىسى ئەنە شۇ تېلېسكوپ.  ئەينى ۋاقىتتا بىزنىڭ ئىدارە بۇ «كۆۋرۈك تېلېسكوپ» تىن 4 دانىنى ياسىغان بولۇپ، بۇ يەردىكىسى شۇلارنىڭ بىرى ئىكەن.  ھازىر خاببۇلدا مۇشۇ ئەسۋاپتىن بىرى بار ئىكەن.  خاببۇل كائىناتنى تەكشۈرۈشتە ھازىرغىچە ئەڭ زور رول ئوينىغان تېلېسكوپ بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.  
ناسادا ئۆتكۇزۇلغان ئوتتۇرا-مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ «ئىلىم-پەن مۇسابىقىسى» پائالىيىتى
3-رەسىم: خاببۇل ئالەم تېلېسكوپى
بۇ تېما سىزگە يارىغان، ياردەم بەرگەن بولسا،ھەمبەھىرلەڭ،ساقلىۋىلىڭ:

بالىلار ناخشىلىرى

سۇئال پىلان خۇلاسە تۈزۈم مائارىپ تەتقىقات
<font color='#FF0000'>2015 -يىللىق روزا ھېيتلىق</font>

ئاز سانلىق مىللەتلەر ‹‹قوش تىل›› مائا

جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]

پاكىز ئويۇنلار