ئەخلاقى تەربىيە خۇلاسسى
مەكتىۋىنىڭ ئەخلاقى تەربىيە خۇلاسسى
ناھىيلىك مائارىپ مۇپەتتىش ئىشخانىسىگە
ناھىيلىك مائارىپ كوممىتىتى سىياسى خىزمەت بۆلۈمىگە
1-ئاساسى ئەھۋال
مەكتىۋىمىزدە تۇللۇقسىز سىنىپ ،باشلانغۇچ سىنىپ،جەمى سىنىپ، ئوقۇغۇچى بار.
مەكتىۋىمىزنىڭ ئەسلى شىتاتى 19 نەپەر بۇلۇپ،مەكتىۋىمىزدە بار ئوقۇتقۇچى ئىشچى خىزمەتچى 21 نەپەر ، نەپەر مالىيە خادىمى بىر نەپەر ئىشچى ئىككى نەپەر تەكلىپ خادىم بار بۇلۇپ مەكتىۋمىزدە يىراق مۇساپىلىك ئوقۇتۇش ئۈسكۈنلىرى تۇللۇق سەپلەنگەن،ھەر قايسى بۆلۈمچىلەر تۇللۇق تەسس قىلىنغان بۇلۇپ بۇلار ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەتراپىلىق بىلىم ئېلىشى ئۈچۈن ئەتراپىلىق مۇلازىمەت قىلماقتا.
مەكتىۋمىزنىڭ ئۇمۇمى تەجىربە يەر مەيدانى 70مۇ.باغ يېرى 3مو بۇلۇپ بۇلاردىن ئۈنۈملۈك پايدىلنىش ئارقىلىق مەكتىۋىمىزنىڭ شارائىتنى ياخشىلاشتا ياخشى كىرىم مەنبەسى بۇلۇپ كەلدى .
2-ئەخلاقى تەربىيە خىزمەتلىرنىڭ ئىشلىنىشى جەھەتتە.
مەكتىۋىمىز جۇڭخۇا خەلىق جۈمھىرىيتىنىڭ «مائارىپ قانۇنى»«ئوقۇتقۇچىلار قانۇنى»«قورامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش قانۇنى»«قورامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى»ۋە ج ك ى مەركىزى كوممىتتنىڭ [1996]7-نۇمۇرلۇق ھۆججىتى ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق پارتىكومنىڭ [1996]5-نۇمۇرلۇق ھۆججىتى ،يولداش جىياڭ زىمىننىڭ شىنجاڭنىڭ خىزمەتلىرنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان سۆزنىڭ مۇھىم روھىنى يىتەكچى قىلىپ ج ك پ مەركىزى كوممىتت گوۋيۇەننىڭ مائارىپ ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ،ساپا مائارىپىنى ئۇمۇمىيۈزلۈك يولغا قۇيۇش توغىرسىدىكى قارارى ۋە ج ك پ مەركىزى كوممىتىنىڭ مەكتەپلەردە ئەخلاقى تەربىيە خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش ۋە ياخشلاش توغىرسىدىكى پىكىرنى ئەستايىدىل ئۆگۈنۈپ ۋە ئىزچىلللاشتۇرۇپ پائال ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ شارائىت يارتىپ ،پۈتۈن مەكتەپتىكى بارلىق ئوقۇتقۇچى ئىشچى خىزمەتچى ۋە ئوقۇغۇچىلارنى ياخشى قوزغۇتۇپ مەكتىۋىمىزنىڭ تەلىم تەربىيە ۋە ئوقۇتۇش سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنى نىشان تەربىيلەنگۈچىلەرنى ئەخلاقى ،ئەقلى ،جىسمانى جەھەتلەردىن ئەتراپىلىق يىتىلگەن سوتسىيالىزىم ئىشلىرنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىردىن قىلىپ تەربىيلەشنى مەخسەت قىلغان ئاساستا ئەخلاقى تەربىيە قۇشۇن قۇرلۇشنى ئەخلاقى تەربىيەگە بولغان باشقۇرۇشنى ئۆزلۈكسىز كۈچەيتىپ ماسلاشتۇرۇلغان ئەخلاقى تەربىيە خىزمەت تۈزۈلمىسنى تۇرغۇزۇپ ،ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ مەكتىۋىمىزدە ئەخلاقى تەربيە خىزمىتىنىڭ ساغلام راۋاجلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تۆۋەندىكىدەك بىر قاتار خىزمەتلەرنى ئىشلىدۇق.
1تەشكىلى رەھبەرلىك قۇرلۇشى جەھەتتە :
1›پارتىينىڭ مائارىپ فاڭجىنى مائارىپ قانۇن قائىدىلىرنى ئىجرا قىلىشتا مەكتىۋىمىزدە پىلان تۈزۈلۈپ،قەدەم باسقۇچلار بويىچە يولغا قۇيۇپ ئىشلەنگەن خىزمەتلەردىن تۇللۇق خاتىرە قالدۇرۇپ مېڭىلدى .
2›مەكتىۋىمىزدە مۇقىملىق خىزمىتىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ ،مەركەزنىڭ 7-نۇمۇرلۇق ۋە ئاپتۇنۇم رايۇننىڭ 5-نۇمۇرلۇق ھۆججىتنى ئىزچىللاشتۇرۇش جەھەتتە ئۈنۈملۈك چارە تەدبىرلەرنى قوللىنىپ ،بارلىق ئىشچى خىزمەتچى ۋە ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا ئاتئىزىم تەربىيسىنى تەشۋىق قىلىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ھەققى ئاتئىزىمچىلاردىن بۇلۇشنى ئىشقا ئاشۇردۇق.
3›مەكتىۋىمىز ج ك پ مەركىزى كوممىتتىنىڭ «ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئەخلاقى تەربىيە خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغىرسىدىكى بىر قانچە پىكىر »«ۋەتەنپەرۋەرلىك پىروگىراممىسى»تەربىيەسىنى يولغاقۇيۇش پىرۇگىراممىسىنى ۋە مائارىپ مىنىستىرلىكىنىڭ ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئەخلاقى تەربىيەگە دائىر ھۆججەتلىرنى شۇنداقلا ئاپتۇنۇم رايۇننىڭ مەكتەپلەرنىڭ ئىدىيۋى سىياسى خىزمىتىنى كۈچەيتىش توغىرسىدىكى بىر قانچە تۈرلۈك ھۆججەتلىرنىڭ روھنى سىياسى ئۆگىنىش ۋاقىتلىردىن پايدىلنىپ ،پۈتۈن مەكتەپتىكى بارلىق ئىشچى خىزمەتچى ۋە ئوقۇغۇچىلارغا يەتكۈزۈپ،بۇ خىزمەتلەرگە نىسبەتەن پىلان تۈزۈلۈپ ،تەدبىر بىكىتىلىپ،قەدەم باسقۇچلار بويىچە ئېلىپ بېرىلىپ ،ئىشلەنگەن خىزمەتلەردىن تۇللۇق خاتىرە قالدۇرۇپ مېڭىلدى ،
4›مەكتىۋىمىزدە ئەخلاقى تەربىيە خىزمىتىدە پارتىيە ياچىيكىسى رەھبەرلىكىدىكى مەكتەپ مۇدىرى مەسئۇل بۇلۇش تۈزۈمى يولغا قۇيۇلۇپ،ئەخلاقى تەربىيە خىزمىتى چىڭ تۇتۇلۇپ ئىشلەندى ،
5›مەكتىۋىمىزدە ئەخلاقى تەربىيە خىزمىتىگە مەكتەپ مۇدىرى مەسئۇل بۇلۇش تۈزۈمى تۇرغۇزلۇپ ،سىياسى ئاڭ ساپاسى يۇقىرى خادىملارنى ئەخلاقى تەربىيە خىزمىتىگە بەلگىلەپ ،ئەخلاقى تەربىيە تەشكىلى ئاپپاراتلىرنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئارقىلىق مەكتىۋىمىزنىڭ ئەخلاقى تەربىيە خىزمىتىنىڭ ساغلام راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈردۇق ،ھەمدە ئەخلاقى تەربىيە بۆلىمى تەسس قىلىنىپ مەسئۇليەت بىكىتىلىپ،ئەخلاقى تەربىيە خىزمىتىنىڭ قاراتمىلىقى كۈچەيتىلدى
6› مەكتەپ پارتىيە ياچىيكىسى ۋە مەمۇريىتىدىكى يولداشلار تۇلۇقلانغاندىن كېيىن مەكتىۋىمىزنىڭ ئىتتىپاق تەشكىلى ۋە پىئۇنېرلار باش ئەتىرتىنى قايتا تەرتىپكە سېلىپ،ئۇلارنىڭ تەشكىلى قۇرلۇشنى كۈچەيتىپ،مەسئۇليەتنى ئنىق بىكىتىپ،بۇ تەشكىلاتلارنىڭ مۇكەممەللىشىنى ئىشقا ئاشۇردۇق .
2.باشقۇرۇش ۋە ئادام تەربىيلەش جەھەتتە
1›مەكتەپ ئەخلاقى تەربىيە خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن كۈچلۈك تەشكىللەش قابىليىتىگە يۇقىرى سىياسى ۋە كەسپى ساپاغا ئىگە يولداشلارنى تاللاپ ئەخلاقى تەربىيە بۆلۈم مۇدىرى ۋە ئەخلاقى تەربىيە مەخسۇس كادىرى ئىتتىپاق كوممىتت شۇجىسى ،پىئۇنېرلا ئەترەت يىتەكچىسى قاتارلىق ۋەزىيپىلەرگە تەكلىپ قىلىپ ،بۇ خىزمەتلەرنىڭ تېخىمۇ ياخشى ئىشلىنىشى ئۈچۈن ئاساس ياراتتۇق
2›مەكتەپ پارتىيە ياچىيكىسى ۋە مەمۇريىتى مۇزەكىرى قىلىش ئارقىلىق بەلگىلىك تەشكىللەش قابىليىتىگە ئىگە،ئەخلاق كەسپى ساپاسى ياخشى بولغان يولداشلارنى يىللىقلار گۇرۇپپا باشلىقىغا ۋە سىنىپ مۇدىرلىقىغا تەكلىپ قىلىندى .
3›مەكتىۋىمىزدە سىياسى دەرس ئوقۇتۇشىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ سىياسى دەرس ئوقۇتقۇچىلىرنىڭ تۇللۇق بۇلۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ،سىياسى دەرس ئوقۇتۇشدا ماركىسزىملىق 5قاراش تەربىيەسى ۋە ئاتئىزىم تەربىيەسى ئېلىپ بېرىشقا ئەھمىيەت بېرىلدى .
4›مەكتىۋىمىزدە ئەخلاقى تەربىيە مەخسۇس خادىمىنىڭ ئۆگۈنۈش تەربىيلىنىشىگە ئەھمىيەت بېرىپ ئەخلاقى تەربىيە خادىملىرنىڭ خىزمەتتىكى ئاكتىپلىقى يۇقىرى كۆتۈرۈلدى ،
5›مەكتەپ مۇدىرى مەسئۇللىقىدىكى ئەخلاقى تەربىيە بۆلىمى كونكىرىتنى مەسئۇل بۇلۇپ ئۇزۇن يىلىلىق (5يىللىق)ئەخلاقى تەربىيە خىزمەت پىلانى تۈزۈلۈپ چىقىلدى .
6›مەكتىۋىمىزدە ئەخلاقى تەربىيە خىزمىتىدىكى ئۇزۇن يىللىق پىلانغا ئاساسەن ھەر مەۋسۈمدە ئەخلاقى تەربىيە خىزمىتىدە ئىشلىندىغان خىزمەتلەر بويىچە مەكتەپنىڭ يىللىق ،مەۋسۈملۈك ئەخلاقى تەربىيە خىزمەت پىلانى تۈزۈپ چىقىلىپ مەكتەپ ئەخلاقى تەربىيە خىزمىتى پىلان بويىچە ئېلىپ بېرىلدى .
7›مەكتىۋىمىزدە ئوقۇتقۇچىلار كەسپى ئەخلاقىنى تەكشۈرۈپ سىناش ،مۇكاپاتلاش ،جازالاش تۈزملىرى ئورنىتىلدى .
8›سىنىپ مۇدىرى خىزمەت قوللانمىسى تۇرغۇزۇپ سىنىپ مۇدىرنىڭ خىزمىتىى قېلىپلاشتۇرلۇپ ئەمىللەشتۈرۈلدى.
9›مەكتىۋىمىزدە پارتىيە قۇرلۇشنى ئىتتىپاق قۇرلۇشنى نىشانلىق باشقۇرۇش مەسئۇلىيەت تۈزۈۈمى تۇغۇزۇلدى .
10›مەكتىۋىمىزدە تۈرلۈك تەشۋىقات ۋاستىلىردىن ئۈنۈملۈك پايدىلنىپ تەشۋىق تەربىيەنى كۈچەيتىپ مەكتەپ ۋە سىنىپ ھەر بىر شەخىسكىچە «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئەھدىنامىسى» تۈزۈلۈپ شىنجاڭ ۋەتىنىمىزنىڭ ئايرىلماس بىر قىسىمى ئىكەنلىكىنى «3تىن ئايرىلماسلىق »،«3كە ۋەكىللىك قىلىش »مۇھىم ئىدىيسىنى كەڭ تۈردە يولغا قويدۇق ھەر يىلى 5-ئايدا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى ئاتئىزىم تەربىيسى مەزمۇن قىلىنغان لىكسىيە سۆزلەش مۇسابىقىسى ۋە زېھىن سىناش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈپ بارلىققا كەلگەن ئىلغار كوللىكتىپ ۋە شەخسلەر مۇكاپاتلاندى ،بۇنىڭ نەتىنجىسىدە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈللىرى ھەممە يەردە پۇراق چاچىدىغان ۋەزىيەت بارلىققا كەلدى .
11›مەكتىۋىمىزدە پارتىينىڭ مائارىپ فاڭجىنى ئوقۇتقۇچىلار كەسپى ئەخلاقى غايىلىك ئەخلاقلىق مەدىنيەتلىك ئىنتىزامچان بۇلۇش مىللەت بۆلگۈنچىلىكى ۋە قانۇنسىز دىنى پائالىيەتكە قارى تۇرۇپ .ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى تۇللۇق قوغدايلى دىگەن شۇئارلار تۇللۇق تۇرغۇزلۇپ بۇ جەھەتتىكى تەشۋىق تەربىيە كۈچەيتىلدى .
12›مەكتىۋىمىزدە دۆلەت بايرىقى چىقىرىش مۇراسىمى قېلىپلاشتۇرلۇپ،دۆلەت شېرى ئۇقۇش ،دۆلەت بايرىقى چىقىرىش ،چۈشۈرۈش قانۇن بويىچە ئېلىپ بېرىلىپ،ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنىڭ دۆلەت بايرىقىغا بولغان ھۆرمىتى ئاشۇرۇلدى .
13›ھەر قايسى سىنىپلاردا ئوقۇغۇچلار قائىدىسى ،ئوقۇغۇچىلار ھەركەت ئۆلچىمى ئوقۇغۇچىلارنىڭ قەسەم سۆزى ،ئوقۇغۇچلار سۆز ھەركىتىدىكى 10نى قىلماسلىق ،دەرسخاننىڭ دائىملىق تەرتىۋى قاتارلىق رامكىلار تۇللۇق يېپىشتۇرلۇپ،ئوقۇغۇچىلار ھەركىتى ۋە نىشانى قېلىپلاشتۇرۇلدى .ئۇنىڭدىن باشقا داھىيلار ۋە ئىلىم پەن ساھەسىدىكى مەشھۇر شەخسلەرنىڭ رەسىملىرى يېپىشتۇرلۇپ،ئىلىم پەنگە قىزىقىش پەننى سۆيۈش ،تىرىشىپ ئۆگىنىپ ياخشى ئوقۇغۇچىلاردىن بۇلۇش ھەققىدە تەربىيە ئىشلەندى ،سىنىپلارغا دۆلەت خەرتىسى تۇللۇق يېپىشتۇرلۇپ ،ئوقۇغۇچىلارغا ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى ئېلىپ بېرلىدى .
3-ئەخلاقى تەربىيەنى يولغا قۇيۇش ئۇسۇلى جەھەتتە
1›ھەر قايسى پەنلەرنىڭ ئوقۇتۇش ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن ۋەتەنپەرۋەرلىك ،كوللىكتىۋىزىملىق ،ۋە سوتسىيالىزىم تەربىيەسىنى ھەر قايسى پەن ئوقۇتۇشىغا سىڭدۈرلۈپ مەكتىۋىمىزدە ۋەتەنپەرۋەرلىك كوللىكتىۋىزىملىق ۋە سوتسىيالىزىم تەربىيەسى كۈچەيتلىدى
2›ھەر يىلى 4-5-ۋە 9-10-ئايلاردا مەكتىۋىمىزدە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيسىنى ،ۋەتەننى جۇڭخۇا مىللەتلىرنى قىزغىن سۆيۈش مىللەت بۆلگۈنچىلىرى ۋە قانۇنسىز دىنى پائالىيەتكە قارشى تۇرۇپ،ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى مىللەتلەر ئىتتىپاقىقىنى قوغداش مەزمۇن قىلىنغان لىكسىيە سۆزلەش زېھىن سىناش مۇسابىقىلىرى ئېلىپ بېرىلىپ بارلىققا كەلگەن ئىلغار كوللىكتىپ ۋە ئىلغار شەخسلەر تەقدىرلەندى
3›مەكتىۋىمىزدە ھەر قايسى پەن ئوقۇتۇشىغا بىرلەشتۈرلۈپ،ئوقۇغۇچىلارغا ئاتئىزىمدا چىڭ تۇرۇپ،ئىلىم پەننى قەدىرلەپ تىرىشىپ ئۆگىنىش تەربىيەسى ئېلىپ بېرىشقا ئەھمىيەت بېرلىپ ،ئوقۇغۇچىلارارنىڭ ئىدىيە جەھەتتىكى ساپاسىىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرلۈشىگە ئەھمىيەت بېرىلىدى
4›ھە يىلىى 3ۋە 9-ئايلاردا مەكتەپ بويىچە چوڭ تىپتىكى ئاتا ئانىلار يىغىنى ۋە ئوقۇش باشلاش مۇراسىمى ئېچىش ۋە ھەپتىدە بىر قېتىملىق سىنىپ يىغىنلىرىدىن پايدىلنىپ ،مەكتىۋىمىزدىكى بارلىق ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارغا چوڭلارنى ۋە ئۇستازلارنى ھۆرمەتلەش كىچىكلەرنى ئىززەتلەش باشقىلارغا كۆڭۈل بۆلۈش ،ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىپ،كوللىكتىپنىڭ شان شەرىپىنى قەدىرلەش ئۆزىنىڭ ئىززەت ئابرۇيىنى ساقلاش قاتارلىق تەربىيلەر ئېلىپ بېرىلىپ،ئوقۇغۇچىلاردا كوللىكتىۋىزىملىق كۆز قاراش پەيدىنپەي يىتىلدۈرلدى،
5›ھەر يىلى 3-5-9-10-ئايلاردا ئوقۇغۇچىلارغا مەكتەپ قائىدە تۈزۈملىرىگە ، ئىنتىزامىغا رىئايە قىلىش قانۇن تۈزۈملەرگە بويسۇنۇش توغىرسىدا تەربىيە بېرىلىپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىنتىزامغا رىئايە قىلىش ،قانۇنلارغا بويسۇنۇش ئاڭلىقلىقى ئۆستۈرۈلدى .
6›مەكتىۋىمىزدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياش ئالاھىدىلىكى بويىچە ئوقۇغۇچىلارنى يىلللىقلار بويىچە پىسخىك تەلىم تەربىيە بېرىشنى ئاساس قىلىپ،1-يىللىقلارغا ساغلاملىق تەربىيەسى ،2-يىللىقلارغا گېگىنىا ساقلىقنى ساقلاش تەربىيەسى ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق ئۇلاردىكى ئۆزگىرىشچان پىسخىك ھالەتنىڭ تۇراقلىەششىنى ئىشقا ئاشۇردۇق .
7›مەكتىۋىمىزدە ھەر ھەپتىنىڭ 3-كۈندىكى ئىتتىپاق پىئۇنېرلا تۇرمۇش كۈننى پىلانى مەسئۇل خادىمى ئالدىن تەييارلىقى بولغان ئاساستا ئۇرۇنلاشتۇرۇپ ئالدىن ئېلىپ بېرىلدىغان پائالىيەتنىڭ شەكىلى ھەر خىل مەزمۇنى مول ،رەڭگارەڭ بۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىندى ،بۇ ئارقىلىق مەكتىۋىمىزدىكى بارلىق ئىتتىپاق ئەزالىرى ۋە پىئۇنېرلارنىڭ ئاكتىپلىقىنى قوزغاپ باشقا ماس ئوقۇغۇچلارنىڭ ئىتتىپاق تەشكىلىگە بولغان ئىنتىلىشى يۇقىرى كۆتۈرۈلدى .
8›مەكتەپ پارتىيە ياچىيكىسى ،ئىتتىپاق كوممىتتى مەسئۇللىقىدا ئىتتىپاق ئەزالىرى ۋە پىئونېرلا ئىچىدىكى ئەخلاقى ،ئەقلى جىسمانى جەھەتتىن ئالاھىدە ياخشى بولغان ئۈلگۈلۈك ئوقۇغۇچىلارنى يىغىپ ئۇلارغا ماركىسىزىم لېنننىزىم ماۋزىدۇڭ ئىدىيسى ،دىڭ شىياۋپىڭ نەزىريىسى ،«ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش »مۇھىم ئىدىيىسى ،كوممۇنىستىك غايە، ئىتقاد ،پارتىيە بىلىملىرى بايرىقىدن قەرەرلىك تەربىيلەش ئېلىپ بېرىلدى .بۇ ئارقىلىق ئۇلارنىڭ كوممۇنىستىك غايە ،ئىتقادى كۈچەيتىلدى.
9مەكتىۋىمىزدە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ پەن مەدىنيەت بىلىملىرنى تارقىتىش، ئوقۇتۇش ئارقىلىق ئادەم تەربىيلەشتەك مەسئۇليەتنى ھەر دائىم ئەسكەرتىپ تۇرۇش ئارقىلىق مائارىپ فاڭجىنىنى ئۇمۇمىيۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ،مائارىپ ئىشلىرىغا سادىق بۇلۇپ،ئوقۇغۇچىلارغا ۋەتەنپەرۋەرلىك ،مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئاتىئىزىم تەربىيەسى ئېلىپ بېرىشنى چىڭ تۇتتۇق ،بۇنىڭ بىلەن ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا دىنى پائالىيەتكە قاتناشماسلىق ،فىئودال خۇراپاتلىققا قارشى تۇرۇش ئاڭلىقلىقى يۇقىرى كۆتۈرلۈپ،مىللەت بۆلگۈنچىلىكى ۋە قانۇنسىز دىنى پائالىيەتكە قارشى تۇرۇش ئاڭلىقلىقى يۇقىرى كۆتۈرۈلدى .
10›مەكتىۋىمىز ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سىياسى نەزىريە ئۆگۈنۈش ۋە تەربىيلىنىشىگە ئەھمىيەت بېرىپ پىلانلىق ھالدا تايانىچ ئوقۇتقۇچىلارنى مائارىپ مەمۇرى تارماقلار ۋە ھەر دەرجىلىك پارتىكوم ئۇرۇنلاشتۇرغان قىسقا مۇددەتلىك سىياسى نەزىريە كۇرسىغا ئەۋەتىپ ،ئۇلارنىڭ سىياسى ئىدىيۋى ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە ئەھمىيەت بەردى .
11›مەكتىۋىمىز سىياسى ئۆگىنىشنى ھەر ھەپتىنىڭ 3-5-كۈنى ئەتگەنىدە ئوقۇتقۇچىلار سىياسى ئۆگىنىش 7-سائەتتە ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلار سىنىپلاردا سىياسى ئۆگىنىش قىلىش ،يازلىق ۋە قىشلىق تەتىل مەزگىلىدە بىر ھەپتە مەخسۇس سىياسى ئۆگىنىش قىلىش ئارقىلىق ،پارتىيەنىڭ مائارىپ فاڭجىن سىياسەتلىرى ئۆگىتىلدى .
12›مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سىياسى قىياپىتىنى ۋاقتىداە ئىگەللەش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇلارغا بولغان تەربىيلەشنى چىڭ تۇتۇپ،سىياسى جەھەتتە خاتالىق ئۆتكۈزگەن ئوقۇتقۇچىلارغا تۆۋەندىكىدەك تۈزۈم بىكىتتى، دىنغا ئىشەنگەن دىنى پائالىيەتكە قاتناشقان ،مىللەت بۆلگۈنچىلىرى ۋە قانۇنسىز دىنى پائالىيەتكە قارشى تۇرۇش ئىرادىسى سۇس ،مەيدانى مۇستەھكەم بولمىغان ئىشچى خىزمەتچىلەرگە نىسبەتەن ئەھۋەلىنىڭ ئېغىر يىنىكلىكى بويىچە خىزمەت ئورننى تەڭشەش،ئىش ھەققىنى ،ئۈنۋاننى تۆۋەنلىتىش،ئىش ھەققىنى توختۇتۇش ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىش،مىللەت بۆلگۈنچىلىرى تەشكىلاتىغا قاتناشقان .قانۇنسىز دىنى پائالىيەتلەرگە قاتنىشىپ ،ج خ تارماقلىرى تەىپىدىن تايانىچ ئەزا دەپ بىكىتىگەن بولسا خىزمەتتىن بۇشۇتۇش بىلەن ئەدىليە تارماقلىرنىڭ قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشىغا يوللاپ بېرىش قاتارلىق تۈزۈملەر بىكىتىلگەنلىكتىن ئوقۇتقۇچى ئىشچى خىزمەتچىلەر ئىچىدە بۇ خىل قىلمىشلار كۆرۈلمىدى،
3.ئەخلاقى تەربىيە خىزمىتىنىڭ نەتىنجىسى جەھەتتە :
1›مەكتىۋىمىز مائارىپ مىنىستىرلىكى ۋە ئاپتۇنۇم تايۇنلۇق مائارىپ كوممىتتىنىڭ بەلگىلمىسى بويىچە پىروگىراممىغا ئاساسەن ،سىياسى نەزىريە دەرسىنى تۇللۇق تەسس قىلىپ،ئوقۇتۇش ئەسلىھەلىرنى تۇللۇق سەپلەپ،دەرس ۋاقتىغا تۇللۇق كاپالەتلىك قىلدى ،
2›مەكتىۋىمىز ئاپتۇنۇم رايۇنلىۇق مائرىپ كوممىتتىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە مىللەتلەر سىياسىتىدىن ساۋات ،شىنجاڭنىڭ يەرلىك تارىخى قاتارلىق يەرلىك دەرسلەرنى تۇللۇق تەسس قىلىپ،دەرس ۋاقتى ۋە ئوقۇتقۇچىلار قۇشۇنىغا تۇللۇق كاپالەتلىك قىلدى .
3›مەكتىۋىمىز يىللىقلارنى ئاساس قىلىپ،قەرەرلىك ھالدا سىنىپ مۇدىرلىرى يىغىنى چاقىرىپ،ھەر قايسى سىنىپلاردىكى ئوخشاش بولمىغان مەسىللەرنى مۇھاكىمە قىلىس ئارقىلىق مۇۋاپىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ،كۆرۈلگەن مەسىللەرنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلدى،
4›سىنىپ مۇدىرلىرنىڭ خىزمەت خاتىرسى ئۆلچەملەشتۈرلۈپ،خاتىدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاساسى ئەھۋالى ،ئوخشىمىغان خاراكتىر ئالاھىدىلىكىگە ئىگە ئوقۇغۇچلارغا قارتا يولغا قۇيۇش لايھەسى ،ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچلارغا قارتا ياردەم بېرىش لايھەسى ،ۋە ئائىلە باشلىقلىرى بىلەن ئالاقىلىشش ئەھۋالىنى خاتىرگە تۇللۇق چۈشۈرۈش ئەمىللەشتۈرۈلدى .
5›سىنىپ مۇدىرلىرى قەرەلىك ھالدا ئوقۇغۇچلارنىڭ ئەخلاقىنى ئايدا كىچىك خۇلاسە قىلش مەۋسۈمدە چوڭ خۇلاسە قىلىپ،باھالاش ئېلىپ بېرىپ،باھالاش نەتىنجىسىنى «3تە ياخشى ئوقۇغۇچى»ئىلغار سىنىپ كادىرى،ئىلغار ئىتتىپاق ئەزاسى ،ئىلغار پىئۇنېر قاتارلىقلارنى تۇرغۇزۇپ،چىقىشنىڭ ئاساسى قىلىپ،ئوقۇغۇچلار ئارخىۋى ئەستايىدىل تۇرغۇزۇلدى ،
6›سىنىپ مۇدىرلىرى ۋە دەرس ئوقۇتقۇچىلرى ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچلارنى تەرىيلەپ ئۆزگەرتىش پىلاننى تۈزۈپ چىقىپ ،ئۆزگەرتىش نىسبىتى %60 تىن تۆۋەن بولماسلىققا كاپالەتلىك قىلدى .
7›سىنىپلاردا قېلىپلاشقان سىنىپ باشقۇرۇش تۈزۈمى ئورنۇتۇلۇپ،پىئۇنىرلار ئەترتى ئىتتىپاق تەشكىلى ساغلام تەشكىللىنىپ،سىنىپ مۇدىرلىرنىڭ كۈندىلىك خىزمىتىگە ياردەملىشىپ،مەزمۇنى ساغلام بولغان مەدەنىي تەنتەربىيە پائالىيەتلىرنى تەشكىللەپ ۋە قاتنىشىپ،سىنىپ مۇدىرلىرغا يېقىندىن ماسلاشتى،
8›مەكتىۋىمىزدە سىنىپ يىغىنى تۈزۈمى مۇكەممەللەشتۈرلۈپ،ھەپتىدە بىر ئېچىلدىغان سىنىپ يىغىنى ئالدىن تەييارلىقى ،تىزىس ،تەستىقى بولغان ئاساستا مەخسۇس تىمىدا ئېچىلىپ ئوقۇغۇچلارغا ۋەتەنچەرۋەرلىك سوتسىيالىزىم كوللىكتىۋىزىملىق تەربىيەسى ئېلىپ بېرىلدى .
9›سىنىپ مۇدىرلىرى ئائىلە سۆھبىتى قىلىشنى ئۆزىنىڭ دائىملىق ئادىتىگە ئايلاندۇرۇپ،ھەر مەۋسۈمدە ئېلىپ بېرىلدىغان ئائىلە سۆھبىتى شۇ سىنىپ ئوقۇغۇچلىرنىڭ %90تىن ئارتۇق بۇلۇشنى ئىشقا ئاشۇردۇق .
10›مەكتىۋىمىزدە ئاتا –ئانىلار مەكتىۋى قۇرۇلۇپ،ئوقۇش تەۋەيىمىزدىكى بىلىملىك ،مەرىپەتپەرۋەر ئىززەت ئابرۇيلۇق مۇتەخەسسلەرنى تەكلىپ قىلىپ،ئاتا –ئانىلارغا ياش ئۆسمۈرلەرنى تەربىيلەشكە دائىر بىلىملەرنى ياش ئۆسمۈرلەرنىڭ تەربىيەلىنىستىكى قانۇنلۇق ھۇقۇقىنى قوغداشقا دائىر سىياسەت قانۇنلاردىن لىكسىيە سۆزلەشكە ئۇيۇشتۇردى.
11›مەكتىۋىمىزدە ھەر مەۋسۈمدە مەكتەپ بويىچە چوڭ تىپتىكى ئاتا –ئانىلار سۆھبەت يىغىنى ۋە سىنىپلار ئارا ئاتا –ئانىلار سۆھبەت يىغىنى ئېچىلىپ ئائىلە باشلىقلىرىغا ئوقۇغۇچلارنىڭ ئۆگىنىش نەتىنجىسى ۋە ئەخلاقى پەزىلەت ئەھۋالىنى ئۇقتۇرۇش بىلەن بىرگە مۇكتەپنىڭ ئوقۇغۇچلارنى باشقۇرۇشقا دائىر بەلگىلمىلىرنى تەشۋىق قىلىپ ،ئوقۇغۇچلارنىڭ مەكتەپ ئىچى ۋە ۋەسىرتىدا ھەر قانداق دىنى پائالىيەتلەرگە قاتناشسا بولمايدىغانلىقى مەكتەپ ئىچىدىكى ھەر قانداق ئادەم ھەر قانداق شەكىلدىكى دىنى پائالىيەتكە قاتناشسا قانۇنغا خىلاپ بولدىغانلىقى تۇنۇتۇلدى ،
12›مەكتىۋىمىز ئوقۇش تەۋەسىدىكى ئوقۇغۇچلارنىڭ مەكتەپتىن قىېلىش نىسبىتى %0.1ئەتراپىدا كونتۇرۇل قىلىندى .
13›مەكتىۋىمىزدە ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلار ئارىسدا مىللەت بۆلگۈنچۈلۈك تەشكىلاتىغا قاتناشقان ،قانۇنسىز ئۈن سىن بۇيۇملىرنى ئاڭلايدىغان كۆرىدىغان تارقىتىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلمىدى .
14›مەكتىۋىمىز ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلار ئارىسدا روزا تۇتۇش،ناماز ئوقۇش،دۇئا تىلاۋەت قىلىش قاتارلىق دىنى پائالىيەتلەرگە قاتنىشىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلمىدى ،ئوقۇغۇچىلار ئارىسدا يەر ئاستى دىنى مەكتەپكە كىرىپ ئوقۇيدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلمىدى .ئوقۇتقۇچى ئىشچى خىزمەتچىلەر ئارىسدا فالۇن گومپىسى بىلەن شۇغۇللىندىغان فىئودال خۇراپاتلىق پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللىندىغانلار كۆرۈلمىدى .
15›مەكتىۋىمىزدە ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلار ئارىسدا ئىنتىزامغا ۋە قانۇنغا خىلاپ قىلدىغان قىلمىشلار كۆرۈلمىدى .
16›مەكتىۋىمىز ھەر ھەپتىدە دۆلەت بايرىقى چىقىرىش ،چۈشۈرۈش مۇراسىمى ،ھەپتىدە بىر دۆلەت بايرىقىغا مەدىھيە سۆزى ئوقۇش پائالىيىتنى ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ۋەتەننى ،قىزغىن سۆيۈش دۆلەت بايرىقىغا ھۆرمەت قىلىش تۇنۇشنى ئۆستۈرۈپ ھەق ناھەقىنى ئىنىق ئايرىش توغرا بولغان «5قاراش »ئىدىيسىنى تۇرغۇزۇپ،دۆلەت مەنپەتىگە تەسىر يىتىدىغان گەپ سۆز ئىش ھەركەتلەرنىڭ بولماسلىقىغا كېپىللىك قىلىندى ،
17›مەكتىۋىمىزدە ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلار مىللەتلەر ئىتىپاقلىقى ۋە ئۆز ئارا ئىتتىپاقلىق تەربىيسى ئېلىپ بېرىلىپ مەكتەپ ئىچىدە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئۆز ئارا ئىتتىپاقلىقنى ياخشلاش كەيپىياتى بارلىققا كېلىپ،مىللەتلەر ئىتتىپاقلىققا تەسىر يەتكۈزدىغان گەپ سۆز ۋە ئىش ھەركەتلەرنىڭ بولماسلىقىغا كېپىللىك قىلىندى .
18›مەكتىۋىمىزدە ياخشى بولغان مەكتەپ ئىستىلى ۋە قاتتىق بولغان مەكتەپ باشقۇرۇش تۈزۈمى ئورنۇتۇلۇپ،مەكتىۋىمىزدە بارلىققا كەلگەن ياخشى ئىش ۋە ياخشى پائالىيەتلەر ،ئىلغار كوللىكتىپ ،ئىلغار شەخىسلەر مەۋسۈمدە بىر قېتىم تەقدىرلەندى .
19›مەكتىۋىمىزدە مۇكەممەل بولغان ئۆگۈنۈش مەخسىدى تۇرغۇزۇلغانلىقتىن مەكتىۋىمىزنىڭ ئوقۇ –ئوقۇتۇش سۈپىتى كۆندىن –كۈنگە ئۆسۈپ،ئوقۇغۇچىلار ئۆگۈنۈشكە ئاكتپ قاتنىشىپ دەرسكە كېپىكمەيدىغان ۋە بالدۇر قايتمايدىغان مەكتەپكە كەلمەيدىغان ،ئىمتىھاندا كۆچۈردىغان ئەھۋاللار تۈگىتىلدى .
20›ئوقۇتقۇچىلاردا ياخشى بولغان ئۆگۈنۈش ئوقۇتۇش ئىستىلى تۇرغۇزلۇپ،ئوقۇتقۇچىلاردا كەسپى ئەخلاق ئۆلچىمىنىڭ تەلىۋىگە قاتتىق بويسۇنۇپ ،پارتىيەنىڭ مائارىپ فاڭجىننى ئۈمۈمىيۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ،مائارىپ ئىشلىرغا سادىق بولدىغان باشقىلارغا ئۈلگە بولۇپ،ئوقۇتۇش ئارقىلىق ئادەم تەربىيلەشتەك بۇرۇچىنى جان دىل بىلەن ئادا قىلدىغان ياخشى كەيپىيات بارلىققا كەلدى بۇنىڭ نەتىنجىسىدە شىنجاڭ تۇللۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپىغا 2ئوقۇغۇچى ماڭدۇرۇپ %100بولدى
21›مەكتىۋىمىزنىڭ ئىدىيە سىياسى دەرسىدە لاياقەتلىك بۇلۇش نىسبىتى %80ئەلا ياخشى ئوقۇغۇچىلار نىسبىتى %60كە يەتتى
22›مەكتىۋىمىزدە بىر تۇتاش مەكتەپ فورمىسى كىيىش ئادەتكە ئايلاندۇرلۇلدى ھەمدە پىونېر ئوقۇغۇچىلار گالىستۇك چىگىش ئىتتىپاق ئەزالىرى ئىتتىپاق ئىزنىكى تاقاش ئادىتى ئوقۇغۇچلارنىڭ دائىملىق ھەركىتىگە ئايلاندۇرلۇپ ،ئوقۇغۇچلارنىڭ غەيرى كىيىنىش ،ۋە ياسىنىشنىڭ ئالدى ئېلىندى،بۇنىڭ بىلەن ئوقۇغۇچىلار ئارىسدا ياخشى بولغان تۇرمۇش ئادىتى يىتلىپ،كىيىمى رەتلىك پاكىزە ئاددى ساددا بۇلۇش ئىشقا ئاشۇرۇلدى .
23›مەكتىۋىمىز ھەر يىلى 3-ۋە 9-ئايلاردا «ئوقۇغۇچىلار قائىدىسى »«ئوقۇغۇچلارنىڭ ھەركەت ئۆلچىمى »،«دەرسخاننىڭ دائىملىق تەرتىۋى »،«مەكتەپ ئىنتىزامى »،قاتاررلىق قائىدە تۈزۈملەر بويىچە مەخسۇس ئۆگىنىش ئېلىپ بېرىلىپ ،ئوقۇغۇچلارنىڭ ئاڭلىقلىقى ئۆستۈرلۈپ ئوقۇغۇچلار ئارىسدا قىمار ئويناش ،تاماكا چىكىش ،ئۇرۇشۇش ھاراق ئىچىش،ئادەم تىللاش قاتارلىق ئوقۇغۇچىلار ئەخلاقىغا زىت بولغان قىلمىشلارنىڭ ئالدى ئېلىندى ،ھەمدە ئوقۇغۇچلار ئۇيۇشمىسنىڭ ئىشلەنگەن خىزمەتلىرى ئاساسىدا ئايدا بىر خۇلاسە قىلىش ئارقىلىق باشلانغۇچ ۋە تۇللۇقسىز سىنىپلارغا بىردىنكۆچمە قىزىل بايراق تەسس قىلىنىپ،سىنىپ مەسئۇللىرى ۋە ئوقۇغۇچلارنىڭ ئاكتىپچانلىقى يۇقىرى كۆتۈرۈلدى .
24›مەكتىۋىمىزدە كوللىكتىۋىزىملىق تەربىيە ،ئەمگەكنى ،ئەمگەكچىلەرنى قىزغىن سۆيۈش ،ئەمگەك مىۋىسنى قەدىرلەش كوللىكتىپنىڭ مال مۈلكىنى ئاسىراش تەربىيەسى ياخشى ئىشلەندى ،ئۇمۇمنىڭ مال مۈلكىگە قەستەن زىيان يەتكۈزدىغان قىلمىشلار كۆرۈلمىدى .
25›مەكىتىۋىمىزدە بىخەتەرلىك تەربىيەسى كۈچەيتىلىپ ئوقۇغۇچىلاردا قاتناش قائىدىسىگە بويسۇندىغان ئىجىتمائى ئۇمۇمى ئەخلاققا رىئايە قىلدىغان ۋە قوغدايدىغان ياخشى كەيپىيات بارلىققا كەلدى .
26›مەكتىۋىمىزدە مەنىۋى مەدىنيەت ئەھدىنامىسى ،مەدىنيەتلىك بۇلۇش قائىدىلىرى ،مەدىنيەتلىك ئورۇنلارنى باھالاش ئۆلچىمى ،مەنىۋى مەدىنيەت مەسئۇليەتنامىسى تۇرغۇزلۇپ بۇ جەھەتتكى تەربىيە كۈچەيتىلگەنلىكتىن ئوقۇغۇچلار ئارىسدا چوڭلارنى ئۇستازلارنى ھۆرمەتلەيدىغان ،كىچىكلەرنى ئىززەتلەيدىغان ،سۆز ھەركەتتە مەدىنيەتلىك بۇلۇش ئىشقا ئاشۇرۇلدى .
27›مەكلتىۋىمىز تازلىق تۈزۈمى ،تازلىقتا ئىلغار ئۇرۇنلارنى باھالاش ئۆلچىمى تۇرغۇزلۇپ مۇكاپات جازا ئەمىللەشتۈرۈلگەنلىكتىن (ئوقۇتقۇچلارغا )پۈتۈن مەكتەپتىكى بارلىق ئوقۇتقۇچى ئىشچى خىزمەتچىلەر ۋە ئوقۇغۇچلار ئارىسدا ياخشى بولغان مۇھىت ئاسىراش ئېڭى يىتىلدۈرلۈپ ئادەتكە ئايلاندۇرۇلدى .
28›مەكتىۋىمىزدە ئاتئىزىملىق تەربىيە ياخشى ئىشلەنگەنلىكتىن بارلىق ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچلار ئارىسدا ئىلىم پەننى قەدىرلەپ تىرىشىپ ئۆگىندىغان خۇراپاتلىققا قارشى تۇردىغان ئاتئىزىمچىلارغا خاس كەيپىيات بارلىققا كەلدى .
29›مەكتىۋىمىز ئەخلاقى تەربىيەنى ياخشى ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن ،ئەخلاقى تەربىيەگە ئىشلىتىدىغان خىراجەتنى مەكتەپ مالىيەسىدىن خامچوتقا كىرگۈزۈپ،مەكتەپ ئۇمۇمى ئىشلىرى خىراجىتىنىڭ %1دىن كۆپرەكىنى ،تىرىشچانلىق بىلەن ئىشلەپ ،ئىقتىسادچانلىق بىلەن مەكتەپ باشقۇرۇش خىراجىتىنىڭ %10دىن كۆپرەكىنى ئەخلاقى تەربىيەگە مەخسۇس ئاجىرتىپ ئەخلاقى تەربىيە خىراجىتىگە كېپىللىك قىلدى ھەم بۇ خىراجەتنى يىلمۇ يىل ئاشۇردى .
30›مەكتىۋىمىزدە ئەخلاقى تەربىيەنىڭ ياخشى ئېلىپ بېرىلىشى ئۈچۈن ئەخلاقى تەربىيە ئەسلىھەلىرى ھەمدە پائالىيەت سورۇنلىرنى قۇرۇش ۋە يېڭىلاشقا ئەھمىيەت بەردى .
31›مەكتىۋىمىز كۈندۈلۈك ئەخلاقى تەربىيە پائالىيىنى قانات يايدۇرۇش ئوقۇغۇچلارغا ئىدىيۋى سىياسى تەربىيە ئېلىپ بېرىشقا ئېھتىياجلىق مەبلەغلەر بىلەن تەمىنلەشكە كېپىللىك قىلىپ ،ئەخلاقى تەربىيە خىزمىتىنىڭ پائال ياخشى قانات يېيىشنى ئىلگىرى سۈردى.
32›مەكتىۋىمىز ئەخلاقى تەربىيە مەخسۇس خادىملىرنىڭ سىياسى ئاڭ ساپاسىنى ۋە باشقۇرۇش ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە ئەھمىيەت بەردى يەنى 2005 يىل 5-ئايدا بىر نەپەر خادىمنى ۋىلايەتلىك مائارىپ ئىنىستىتۇتىدا 3كۈن بىخەتەرلىك بىلىملىرى بويىچە تەربىيلەشكە ئەۋەتتى
2005 يىل پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 81يىللىقىنى تەبىرىكلەش ۋاسكىتبول ۋالبول مۇسابىقىسىدە مەكتەپ كوماندىسى «1دەرجىلىك »مۇكاپاتقا ئېرىشتى.
2006-يىلى مەكتىۋمىز ناھىيە دەرجىلىك مەدىنيەتلىك ئورۇن دىگەن نامغا ئېرىشتى.بىر نەپەر خادىم باشلانغۇچ مەكتەپ ئەخلاقى تەرېبىيە مۇدىرلىرنى تەربىيلەش كۇرسىدا تەربىيلىنىپ كەلدى.
2007-يىلى مەكتىۋمىز قوش تىل ئوقۇتۇشتىكى ئىلغار ئورۇن دىگەن شەرەپلىك نامغا ئېرىشتى.ئىككى نەپەر خادىم ئوتتۇرا مەكتەپ ئەخلاقى تەربىيە تايانچىلىرنى تەربىيلەش كۇرسىدا تەربىيلىنىپ كەلدى.
2008-يىلى مەكتىۋىمىز «5تە ياخشى »پارتىيە ياچىيكىسى دىگەن شەرەپلىك نامغا ئېرىشتى.
2009-يىلى مەكتىۋمىز ئوقۇغۇچىلار ئۈمىت لوڭقىسى ۋالبول مۇسابىقىسدە مەدىنيەتلىك كوماندا دىگەن شەرەپلىك نامغا ئېرىشتى.
2010-يىلى مەكتىۋمىز ناھىيە بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن ئوقۇغۇچىلار«ئۈمىت لوڭقىسى»ۋالبول مۇسابىقىسىدە چىمپىيۇن كوماندا بۇلۇپ،1دەرجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى.
4-ساقلانغان مەسىللەر
بىز يۇقارقىدەك بىر قاتار خىزمەتلەرنى ئىشلىگەن بولساقمۇ ئەمما تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە مەسىللەر ساقلاندى .
1›ئوقۇغۇچىلارغا ھەر ئوقۇش مەۋسۈمىنىڭ بېشىدا ئوقۇغۇچىلار ھەركەت ئۆلچىمى ۋە ئوقۇغۇچىلار قائىدىسىدىن ئىمتىھان ئېلىپ خۇلاسىلەش ئېلىپ بارغان بولساقمۇ ئەمما بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلاردا ئوقۇغۇچىلار ھەركەت ئۆلچىمى ۋە ئوقۇغۇچىلار قائىدىسىنى تۇللۇق بىلمەسلىك ئەھۋالى مەۋجۈت .
2›مەكىتىۋىمىز ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ رولىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ ،قەرەلسىز تازلىق تەكشۈرۈش ئارقىلىق مەكتىۋىمىزنىڭ تازلىق خىزمىتىنى ياخشىلاپ پاكىزە بولغان مەكتەپ مۇھىتى بەرپا قىلغان بولساقمۇ ئەمما بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلار ئارىسدا ئاڭلىق بولغان تازلىق ئادىتى يىتىلمىگەن .
3›مەكتىۋىمىز ھەر ئوقۇش مەۋسۈمى قەرەرلىك ھالدا ئاتا-ئانىلار سۆھبەت يىغىنى چاقىرىپ ئاتا-ئانىلارغا قانۇن تۈزۈم تەربىيسى ئېلىپ بارغان بولساقمۇ ئەمما رايۇنىمىزنىڭ چەت يىراقلىقى،مەدىنيەت ئۇچۇر ئىشلىرنىڭ ۋاقتىدا كېلىپ بولالماسلىقى ئاتا-ئانىلارنىڭ مەدىنيەت سەۋىيسىنىڭ تۆۋەن بۇلۇشى قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بىر قىسىم ئاتا-ئانىلارنىڭ مائارىپقا بولغان تۇنۇشى تۆۋەن
5-بۇنىڭدىن كېيىنكى تىرىشش نىشانىمىز.
بىز بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەتلىرىمىزدە يۇقىرى دەرجىلىك مائارىپ مەمۇرى تارماقلىرنىڭ تۈرۈلۈك ئۇرۇنلاشتۇرۇشلىرنى ئەستايىدىل ئىجرا قىلىپ،ئىلگىرىكى تەجىربە ساۋاقلارنى ئەستايىدىل يەكۈنلەپ،ئەخلاقى تەربىيە خىزمەتلىرىمىزدە ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارتىپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن ئەتراپىلىق ،سېستىمىلق تەربىيە ئېلىپ بېرىپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەقلى ئەخلاقى جىسمانى جەھەتتىن ئەتراپىلىق تەرەققى قىلىشى ئۈچۈن تىرىشىپ خىزمەت قىلىمىز
(تەھرىر : قۇياش ئوغلى)
«ئەخلاقى تەربىيە خۇلاسسى»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر |
||||||||
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
كېيىنكىسى: ئەخلاقى تەربىيە يىڭى مۇندەرىجە ما
- ماۋسۇملۇق پىلان خۇلاسىلەر
- تۆتلەشتۈرۈش خىزمەت خۇلاسىىسى
- ماۋسۇملۇق خىزمەت خۇلاسىسى
- رەھبەرلىك بەنزىسنىڭ 2012-يىللىق خىزمەت دو
- ئەخلاق تەربىيە ئۆز-ئۆزىنى باھالاش دوكلا
- ئەخلاق تەربىيە خىزمەت دوكلاتى
- ئەخلاق تەربىيە ماتىرىيالى
- x مەكتەپنئڭ پارتئيە ظەزالئرئنئڭ دئمكذرا
- بئزنئڭ ؤەدئمئز
- ئوقۇتقۇچىلاردىن ئېلىنىدىغان سىياسى- نە
- بايراق ئاستىدا قىلىنغان سۆز
- ئائىلا باشلىقلىقرى تەربىسى ماتىرىيالى
- يېڭى ماۋسۇملۇق بايراق چىقىرىش نۇتۇقى
- ئەترەت نىزامنامىسى
- 德育目录 ئەخلاق تەربىيە مۇندەرىجىسى
- مەكتەپلەردىكى تۈرلىك تەشكىلى سىخمىلار
- ئاپتورنىڭ ئارخىپى
-
alogli تەپسىلىي ئارخىپ ئۇچۇر ئەۋەتىش دوستلىشىش ئەزا دەرىجىسى:ئادەتتىكى ئەزا تىزىملاتقان ۋاقىت:2010-06-11 10:06 ئاخىرقى كەلگىنى:2013-09-28 11:09
- ماۋسۇملۇق پىلان خۇلاسىلەر
- تۆتلەشتۈرۈش خىزمەت خۇلاسىىسى
- ماۋسۇملۇق خىزمەت خۇلاسىسى
- رەھبەرلىك بەنزىسنىڭ 2012-يىللىق خىزمەت دوكلاتى
- ئەخلاق تەربىيە ئۆز-ئۆزىنى باھالاش دوكلاتى
- ئەخلاق تەربىيە خىزمەت دوكلاتى
- ئەخلاق تەربىيە ماتىرىيالى
- x مەكتەپنئڭ پارتئيە ظەزالئرئنئڭ دئمكذراتئك ب
- بئزنئڭ ؤەدئمئز
- ئوقۇتقۇچىلاردىن ئېلىنىدىغان سىياسى- نەزەرىي
- ئەخلاقى تەربىيە خۇلاسسى
- ئەخلاق تەربىيە ئۆز-ئۆزىنى باھالاش دوكلاتى
- ماۋسۇملۇق پىلان خۇلاسىلەر
- 德育目录 ئەخلاق تەربىيە مۇندەرىجىسى
- دۆلەت مۇداپىئەسىگەئائىت100سىناق سۇئالى
- ماۋسۇملۇق خىزمەت خۇلاسىسى
- تۆتلەشتۈرۈش خىزمەت خۇلاسىىسى
- ئەخلاق تەربىيە ماتىرىيالى
- دىننىڭ مەكتەپلەرگە سىڭىپ كىرىشنى
- رەھبەرلىك بەنزىسنىڭ 2012-يىللىق خىزمەت دوكلاتى