ۋاقىت : 2012-02-17 00:00 | مەنبەسى : | ئاپتۇر : ياشارجان | تەھرىر : admin | كۆرۇلىشى : قېتىم
ئەۋزەل تارىخى پۇرسەتنى قەدىرلەپ،دەرسخانا ئوقۇتۇشىنىڭ ئۈنۈمىنى ئۆستۇرۇپ، ئوقۇ- ئوقۇتۇش سۇپىتىمىزنىڭ ھالقىما تەرەققىياتىنى ئەمىلىلەشتۇرۇش ئۇچۇن ئورتاق تىرىشايلى
(بايراق ئاستىدا قىلىنغان سۆز )
ئوقۇتقۇچى يولداشلار، ئوقۇغۇچى دوستلار،بىز بۇگۇن 2011-2012-ئوقۇش يىلىدىكى قىشلىق تەتىلنى كۆڭۇللۇك ، نەتىجىلىك ئاخىرلاشتۇرۇپ،يېڭى ئارزۇ- ئۈمۈد، يۇقىرى روھي كەيپىيات بىلەن قەشقەر ئىقتىسادى رايونى قۇرۇش تەرەققىيات پۇرسىتى ۋە كۇچلۇك رىقابەتكە يۇزلەنگەن ئاساستا 2- ئوقۇش ماۋسۇمىغا قەدەم قويدۇق. مەن مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن بارلىق ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلارنى يىڭى ئوقۇش ماۋسۇمىغا قەدەم قويغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن، شۇنىڭ بىلەن بىرگە، قىشلىق تەتىل مەزگىلىدە ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ، ۋاقت بىلەن بەيگىگە چۇشۇپ،دەرس تولۇقلاشقا قاتناشقان ئوقۇغۇچىلاردىن، شۇنداقلا جاپالىق ئەجر قىلىپ ئوقۇتۇش سۇپىتىنى يۇقىرى كۆتىرىش ئۇچۇن خالىس ئىزدەنگەن ئوقۇتقۇچىلاردىن سەمىمىي ھال سورايمەن، شۇنداقلا ئەجرىڭلارنىڭ كۆڭۇلدىكىدەك مىۋە بىرىشىگە تىلەكداشمەن.
ھەممىمىزگە مەلۇم ،بىرىنجى ئوقۇش ماۋسۇمى ھەر بىرىمىز ئۇچۇن ئوخشاش بولمىغان ئەسلىمىلەرنى قالدۇردى، ئوخشاش بولمىغان نەتىجىلەرنى ئاتا قىلدى. مەيلى قانداقلا بولمىسۇن ئەمدى ئۇ ئۆتمۇشكە ئايلاندى. بۇگۇن ھەر بىرىمىز ئۇچۇن يېڭى بىر باشلىنىش، يېڭى بىر قوزغىلىش نوقتىسىدۇر. ھازىرنى ، بۇگۇننى ياخشى قەدىرلەش ۋە ئۇنىڭدىن ئۇنۇملۇك پايدىلىنىش ئىشلىرى- مىزدا غەلبە قازىنىشىمىز ۋە كىشىلىك قىممىتىمىزنى نامايەن قىلىش- قىلالماسلىقتىكى ھەل قىلغۇچ ئامىلدۇر. ھەر بىر ئىنسان ئۇچۇن ئوخشاش بولمىغان تارىخى باسقۇچتىكى غەلبە نىشانىنىڭ كونكىرىتنى مەزمۇنىدا روشەن پەرقلەر بولىدۇ. ئۇنداقتا بىز ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلارنىڭ نۆۋەتتىكى غەلبە نىشانى نىمە بولۇش كىرەك ؟
توغرا، ئىنىق بولغان نىشان كىشى قەلبىنى يورۇتقۇچى ماياك، ئاڭلىقلىق، تەشەببۇسكارلىقنى شەكىللەندۇرگۇچى ھەركەتلەندۇرگۇچ كۇچتۇر. بىز ئوقۇتقۇچىلارنىڭ غەلىبە نىشانى : كەسىپتە كۇچلۇك، سىياسىدا ئىشەنچلىك،تىرىشچان ۋە مەسئۇلىيەتچان،ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۇرۇدىغان، ئوقۇغۇچىلار چىن قەلبىدىن ياقتۇرىدىغان ياخشى ئوقۇتقۇچى بولۇشتۇر.
ئوقۇغۇچىلارنىڭ غەلبە نىشانى بولسا : ھەر بىر سائەتلىك دەرستىن بەلگۇلۇك تەرەققىياتقا ئىرىشىپ، ياخشى ئەخلاقى پەزىلەت يىتىلدۇرۇپ، بىلىم – ماھارەت ئىگىلەپ،ئۈگۇنۇۈشنى،ئىشلەشنى،ياشاشنى بىلىدىغان ياخشى ئوقۇغۇچى بولۇشتۇر.
دەرسخانا ئوقۇتۇشى : ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچى ھەمكارلىقىدىكى مەكتەپ ئوقۇ- ئوقۇتۇش خىزمىتىنىڭ مەركىزى نۇختىسى بولۇش سۇپىتى بىلەن ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىنىڭ غەلىبە نىشانىغا يىتىشتىكى مەركىزى پائالىيەت ھىساپلىنىدۇ. شۇڭا دەرسخانا ئوقۇتۇشىنىڭ ئۇنۇمدارلىقى ئىزچىل تۆۋەن بولغاندا ياخشى ئوقۇتقۇچى ۋە ياخشى ئوقۇغۇچىلاردىن بولۇش نىشانى قۇرۇق گەپكە ئايلىنىپ قالىدۇ.
ئەقىللىق ئەجداتلىرىمىز بىزگە : “ بولىدىغان زىرائەت كۆكىدىن مەلۇم”،“ياشلىقىڭدا تىرىشمىساڭ، قىرىغاندا خارلىقتا قالىسەن” “،ياشلىقتا ئۇگەنگىنىڭ بىلىم تاشقا مور باسقىنىڭ، قىرىغاندا ئۇگەنگىنىڭ قۇمغا گۇل سىزغىنىڭ ” دىگەن قىممەتلىك ھىكمەتنى مىراس قالدۇرغان. بۇ ھىكمەتنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىمىزغا نىسبەتەن مەنىسى بولسا ئوقۇغۇچىلىق ، ياشلىق دەۋىرنىڭ تىرىشىپ ئۇگۇنىدىغان، بىلىم – ماھارەت ئىگىلەپ كەلگۇسىگە پۇختا ئاساس سالىدىغان مەزگىل ئىكەنلىگىنى، ياخشى ئوقۇغۇچى بولغانلىق كەلگۇسىدە ياراملىق، ئىقتىدارلىق ئادەم بولۇشنىڭ روشەن بەلگۇسى ئىكەنلىگىدىن ئىبارەت ھەقىقەتنى كۆرسۇتۇپ بىرىدۇ.
شۇنىڭ ئۇچۇن مەكتىۋىمىزدىكى بارلىق ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلار دەرسخانا ئوقۇتۇشى ئۇنۇمدارلىقىنى ئۆستۇرۇش-- ئۆزىمىزنىڭ غەلبە نىشانى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ ئاچقۇچى دىگەن ئىدىيەنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، زىچ ھەمكارلىشىپ، يىڭى باشلىنىش نۇختىسىدا يىڭىچە روھى كەيپىيات بىلەن تىرىشىشىمىز لازىم. بولۇپمۇ ئوقۇ- ئوقۇتۇش پائالىيىتىمىزنىڭ ئاساسى گەۋدىسى بولغان ئوقۇغۇچىلار تۆۋەندىكى تەرەپلەرگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرىشى لازىم.
1.ئوقۇغۇچىلار قائىدىسى ۋە ئوقۇتۇشنڭ باشقۇرۇشتىكى مۇناسىۋەتلىك تۇزۇملەر ئاساسىدا ئۆز ھەركىتىنى قىلىپلاشتۇرۇپ، ئەخلاقى جەھەتتە ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ، ياخشى ئەخلاقى پەزىلەتنى ئۇزلۇكسىز تۇردە يىتىلدۇرۇشكە ئەھمىيەت بىرىشى لازىم. بولۇپمۇ ئۆزىنى ۋە باشقىلارنى ھۆرمەتلەشنى بىلىشى، ئۆزىنىڭ مەكتەپ ۋە سىنىپ كوللىكتىۋىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى ئىكەنلىگىنى چوڭقۇر چۇشۇنۇپ، كوللىكتىپنى سۆيۇش، كوللىكتىپنىڭ مەنپەتىنى قوغداشتەك ياخشى پەزىلەتلەرنى يىتىلدۇرۇشى لازىم.
2.ئوقۇتقۇچىلارنى ھۆرمەتلەش-- ئوقۇغۇچىلار ئەمەل قىلىشقا تىگىشلىك ئەڭ ئاددى ساۋاتتۇر. ئوقۇتقۇچىنى ھۆرمەتلىمەيدىغان ئوقۇغۇچى ھەرگىزمۇ ياخشى ئوقۇغۇچى بولالمايدۇ،ئۇ كەلگۇسىدىكى پەزىلەتسىز ئادەمنىڭ بىخى ھىساپلىنىدۇ. شۇڭا ئوقۇغۇچىلار ھازىردىن باشلاپ، بۇگۇندىن باشلاپ ئۆزىمىزدە ئوقۇتقۇچىلارنى ھۆرمەتلەيدىغان ياخشى ئادەتنى تىرىشىپ يىتىلدۇرۇشىمىز لازىم. شۇنداق ياخشى كەيپىيات شەكىللەنگەندە ئوقۇتقۇچىلاردىمۇ چىن قەلبىدىن كۆيۇنۇپ دەرس ئۆتۇش، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەرەققىياتى ئۇچۇن ئۇن- تۇنسىز تۆھپە قوشۇش، ئوقۇتقۇچىلىق كەسپىدىن پەخىرلىنىپ بارلىقىنى كەسىپكە بىغىشلاش روھىنى كۇچايىتقىلى ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئوقۇتۇش ئۇنىمىنى ئۆستۇرشنىڭ زۆرۇر شەرتىنى ھازىرلىغىلى بولىدۇ.
3.ھەر بىر ئوقۇغۇچى ئۆزىگە ۋە باشقا ئوقۇغۇچىلارغا مەسئۇل بولۇش پوزىتسىيەسىنى شەكىللەندۇرۇپ، دەرسخانا ئوقۇتۇشى ئۈنۈمىنى ئۆستۇرۇشكە پائال تىرىشىشى لازىم. بۇنىڭ ئۇچۇن ئائىلىدە ۋە دەرستىن سىرىتقى ۋاقىتلاردىكى تەكرارلاشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرىشى، تاپشۇرۇقلارنى ئەستائىدىل ئىشلىشى، دەرسكە ئالدىن تەييارلىق قىلىشى، كىچىكمەسلىكى ، دەرس قالدۇرماسلىقى ۋە دەرس ئىنتىزامىنى ئاڭلىق ساقلىشى تولىمۇ زۆرۇر. مەكتىۋىمىزدە كۆپ ساندىكى ئوقۇغۇچىلار يۇقارقى تەلەپلەرنى ئۆز ئەمىلىيىتىدە ئەمىلىلەشتۇرۇپ تىرىشىپ ئۈگۈنىۋاتقان بولسىمۇ ، يەنە قىسمەن ئوقۇغۇچىلىرىمىز ۋاقىتنى بىھۇدە ئۆتكۇزۇۋىتىشتىن سىرىت باشقىلارنىڭ ئۈگۈنىشىگە سەلبى تەسىر يەتكۇزىدىغان قىلمىشلار مەلۇم سالماقنى ئىگەللەپ كەلمەكتە. بۇ ئەھۋال مەكتىۋىمىزنىڭ ئوقۇتۇش سۇپىتىنى يۇقۇرى كۆتۇرۇشتىكى زور توسالغۇ بولۇپ ھىساپلىنىدۇ. شۇڭا ھەممە ئورتاق تىرىشىپ، بىرلىكتە ھەركەتكە كىلىپ بۇ خىل ناچار قىلمىشلارنى ئاكتىپ توسۇپ ۋە تەربىيە بىرىپ ناچار ئادەتلەرنى تىرىشىپ تۇگۇتۇپ، مەكتىۋىمىزدە ھەممە تىرىشىپ ئۇگۇنىدىغان، رىقابەتلىشىپ ئۇگۇنىدىغان، بىرلىكتە ئالغا باسىدىغان ياخشى ئىجتىمائى كەيپىياتنى ئومۇملاشتۇرۇشىمىز لازىم.
4. بارلىق ئوقۇغۇچىلار ياخشى تارىخى پۇرسەتنى قەدىرلەپ، داۋاملىق ئوقۇش ئىرادىسىنى تۇرغۇزۇشى، ئاساسنى پۇختا سىلىشقا كۆپ كۇچ چىقىرىشى لازىم. كونىلاردا “پۇرسەت كەتتى، بەختىڭ كەتتى” دىگەن ھىكمەت بار، پۇرسەت كۇتۇپ تۇرغانلارغا ئەمەس، بەلكى توختاۋسىز تىرىشقانلارغا مەنسۇپ، بەختمۇ مەڭڭۇ تىرىشقانلارغا مەنسۇپ بولىدۇ.
دۆلىتىمىز ئىنۋېرسال دۆلەت كۇچىنىڭ ئۇزلۇكسىز كۇچىيىشىگە ئەگىشىپ خەلققە نەپ يەتكۇزۇش سىياسەتلىرى يىلسىرى ياخشىلىنىپ ئەل قەلبىنى شاتلاندۇرماقتا. جۇملىدىن مائارىپ ئىشلىرىمىزدىمۇ زور ئەۋزەل سىياسەتلەر يولغا قويۇلۇپ، خەلقنىڭ مائارپتىن بەھىرلىنىش ھوقۇقى تىرىشىپ كاپالەتكە ئىگە قىلىنماقتا. مەجبۇرى مائارىپ ھەقسىز قىلىنىپ،مەجبۇرى مائارىپ باسقۇچىدىكى ئوقۇغۇچىلىرىمىز “قوش كەچۇرۇم، بىر تولۇقلىما” سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولۇش بىلەن بىرگە، ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا ئوقۇغۇچىلىرى ھەر ئوقۇش يىلىدا 1500يۇەن ئوقۇش ياردەم پۇلىدىن بەھرىمەن بولۇپ،ئىقتىسادى قىيىنچىلىق سەۋەبىدىن ئوقۇيالماسلىق ئەھۋالى تەل- توكۇس تۇگۇتۇلۇپ،جەنۇبى شىنجاڭدىكى ئۇچ ۋېلايەت، بىر ئوبلاستتىكى ھەر دەرىجىلىك كەسپى مائارىپتا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار “ئۇچ كەچۇرۇم، بىر تولۇقلىما”دىن تولۇق بەھىرلىنىپ ئەۋزەل ئوقۇش شارائىتىغا ئىرىشتى.بۇ ئوقۇش ماۋسۇمىدىن باشلاپ يىزا مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى ھەر بىر ئوقۇغۇچىغا ئوزۇقلۇقنى ياخشىلاش پىلانى بويىچە ئۇچ يۇەندىن تولۇقلىما پۇل بىرىش سىياسىتى ئەمىلىلىشىپ،ئوقۇغۇچىلىرىمىزنىڭ دەرس ئارىلىقىدا ئوزۇقلۇق تولۇقلاش شارائىتى ھازىرلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، يۇقۇرى دەرىجىلىك پارتىيە ھۆكىمەتنىڭ كۇچلۇك قوللىشى نەتىجىسىدە مەكتىۋىمىزنىڭ ئوقۇ- ئوقۇتۇش شارائىتى كۆرىنەرلىك ياخشىلىنىپ، ئاساسى ئەسلىھەلەر يۇرۇشلەشتۇرۇلدى، قوش تىل ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى يىلسىرى تولۇقلاندى.
ئالى مەكتەپلەردىمۇ ئوقۇش ياردەم پۇلى، ئوقۇش مۇكاپات پۇلى ۋە ئوقۇش قەرز پۇلى بىرىش سىياسەتلىرى يىلسىرى مۇكەممەللىشىپ، ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىقتىسادى قىيىنچىلىق سەۋەپلىك ئوقۇيالماسلىق مەسىلىسى ئومۇمىيۇزلۇك ھەل بولماقتا. مانا مۇشۇنداق ياخشى پۇرسەتلەرنى چىڭ تۇتۇپ ياخشى ئوقۇماسلىق، ئۆز بەختى ئۇچۇن تىرىشماسلىق تولىمۇ نادانلىق، ئەخماقلىق بولۇپ ھىساپلىنىدۇ. داۋاملىق يۇقۇرىلاپ ئوقۇش ئىرادىسى تىكلەنگەندىلا ھازىردىن، تۆۋەن يىللىقتىن باشلاپلا تىرىشىپ ئۇگۇنۇپ، يىلسىرى ئاساسنى پۇختىلىغىلى، يۇقۇرلاپ ئوقۇش جەريانىدا قىينىلىپ قىلىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. شۇڭا تولۇقسىز مائارىپ باسقۇچىدىكى ئوقۇغۇچىلار چوقۇم ياخشى پۇرسەتنى قەدىرلەپ، ۋاقىتنى قولدىن بەرمەي، تىرىشىپ ئۇگۇنۇپ يىقىن كەلگۇسىدىكى يۇقۇرلاپ ئوقۇشى ئۇچۇن ئاساسى بىلىملەرنى ياخشى ئىگىلىشى زورۇر.
ئوقۇتقۇچى يولداشلار، ئوقۇغۇچى دوستلار،بەختلىك ياشاش ھەممىمىزنىڭ ئارزۇسى ھەم ھوقۇقى. تىرىشىش، كۆڭۇل قويۇش ۋە جاپادىن قورۇقماي ئىزدىنىش غالىپلارنىڭ خىسلىتى . كەلگۇسى بەختىمىزنى يارىتىشنىڭ ئاساسى بولغان دەرسخانا ئوقۇتۇشى ھەممىمىزنىڭ ئورتاق تىرىشىپ، بىر نىيەت بىر مەخسەتتە ھەركەتكە كىلىپ، ئۈنۈمنى ئۆستۇرۇشىمىزگە مۇھتاج. شۇڭا بىز بىر نىيەت- بىر مەخسەتتە ئۈگۇنۇشچان مەكتەپ مۇھىتىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىپ ، ئۈگۈنۈشچان ئوقۇتقۇچى قوشۇنى ۋە ئۈگۈنۈشچان ئوقۇغۇچىلار كوللىكتىۋىنى بەرپا قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىلىم-پەن ساپاسى، ئەخلاق ساپاسى،تەن ساپاسى ۋە ئىجتىمائى ئالاقە ساپاسىنى ئۇزلۇكسىز ئوستۇرۇپ، ساپا مائارىپى قەدىمىمىزنى يەنىمۇ تىزلىتىپ،ئوقۇ- ئوقۇتۇش سۇپىتىمىزنىڭ ھالقىما تەرققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ،،ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنىڭ، يۇرتىمىزنىڭ ۋە مىللىتىمىزنىڭ يارامىلىق ئىزباسارلىرىنى تەربىيەلەشتەك تارىخى ۋەزىپىنى نەتىجىلىك تاماملاش ئۇچۇن ئورتاق تىرىشايلى.
ئاخىرىدا بارلىق ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلارنىڭ يىڭى ئوقۇش ماۋسۇمىدا ھەر قايسى جەھەتلەردە يىڭىچە تەرەققىياتلارغا ئىرىشىشىنى،ئوۇش پۇتتۇرىدىغان ئوقۇغۇچىلىرىمىزنىڭ ئۆزلىرى ئارزۇ قىلغان نەتىجىلەرگە ئىرىشىشىنى چىن دىلىمدىن ئۈمۈد قىلىمەن.
كۆپچىلىككە رەخمەت
2012-يىلى 2- ئاينىڭ 13- كۇنى
(تەھرىر : admin)