ئــىـــســىــم: پــــــــــــارول: دەلىل كود: تىزىملىتىش پارول ئۇنتۇلغان؟
| كىرىش | تىزىملىتىش | باش بەتلەش | ساقلىۋىلىش | خەرىتە | خەتكۇچ |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە
دەرس تەيـيـارلـىـق باشلانغۇچ تەييارلىق تولۇقسىز تەييارلىق تولـــۇق تەييارلىق يەســـلى تەييارلىق شـادلـىــق كـۇلـــۇبى كـارتـون فـىـلــىم بـالـىلار ناخشىلىرى بـالـىلار ئويۇنلىرى ئاتا-ئانا، پەرزەنت يـۇمــشـاق دېـتـال قوللىنشچان قوراللار دەرسـلـىـك دىــتـال نـادىـر ئېلكىتابلار ئـۇيغـۇرچـە دىتاللار ماتـېرىيال باغچىسى بـالـىـلار پـەرۋىـشى بـالـىـلار پىسخىكىسى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش ئۇستاز ياردەمچىسى پـەنـلـەر ئـوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق پايدىلىنىش ماتىريالى قـــانـــۇن-تـــۇزۇم ئـىـمـتىھـان باغچىسى بـاشلانـغۇچ سۇئاللىرى تـولـۇقسىز سۇئاللىرى سەۋىيە سىناش سۇئالى كومـپىيۇتىر- باشقىلار تـارىـخ ۋە مەدەنىيەت تـارىـخـى بـىـلىملەر مـەشـھـۇر شـەخـىـسلەر تېخنىكا ۋە كـەشپىيات ئۇيغۇر تىلى باغچىسى رەســىــم كـارىـدورى تـارىـخى رەسـىـمـلەر ئـوقـۇتـۇش رەسـىملىرى تـۇرلـۇك خـەرىـتـىلەر ئـــــومــــاق قوزام ئاناتىل ئۇيغۇرتىلى ئۇيغۇر تىلى فونتېكا ئۇيغۇر تىلى لىكسىكا گىرامماتىكا بىلىمى ئـۇيغۇرتىلى تەتقىقاتى ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش ئانا تىل ئۇلىنىشلىرى ئۇيغۇرچە كىرگۇزگۇچ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > ئوقۇتۇش > خۇلاسە-دوكلات > پارتىيەقۇرلىشى،ئەخلاق تەربىيە > تولۇق مەزمۇنى

دىننىڭ مەكتەپلەرگە سىڭىپ كىرىشنى

ۋاقىت : 2010-12-02 06:02 | مەنبەسى : | ئاپتۇر : چايان | تەھرىر : نەفىسە | كۆرۇلىشى : قېتىم

مەكتەپنىڭ 2008-يىللىق دىننىڭ مەكتەپلەرگە سىڭىپ كىرىشنى چەكلەش، مۇقۇملۇق خىزمىتى بويىچە ئوقۇتقۇچىلار ۋە سىنىپ مۇدىرلىرى بىلەن تۈزۈلگەن

 نىشانلىق باشقۇرۇش مەسئۇلىيەتنامىسى
 .1
مەكتەپ پارتىيە ياچېكىسى ۋە مەكتەپ مەمۇرىيىتىنىڭ مەسئۇلىيتى:
.2
پارتىيىنىڭ تۈرلۈك قانۇن، نىزاملىرى ۋە سىياسەتلىرىنى ئوقۇتقۇچىلار ۋە ئوقۇغۇچىلارغا تەشۋىق قىلىش ھەمدە ئەمەلىيلەشتۈرۈش. 17-قۇرۇلتاي روھىنى ئۈگۈنۈشكە تەشكىللەش.
.3
ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارغا ئىدىيە-سىياسى تەربىيسىنى ھەم ئاتئىزىم تەربىيسىنى كۈچەيتىش، دىننىڭ مەكتەپكە، ئوقۇتقۇچىلارغا، ئوقۇغۇچىلارغا كۆرسەتكەن بارلىق تەسىرىنى تازىلاش، ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ دىنغا ئىشەنمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش.
.4
مىللەت بۆلگۈنچىلىكى ۋە قانۇنسىز دىنى ھەركەتلەرگە قەتئى قارشى تۇرۇش ھەمدە ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارغا مىللەت بۆلگۈنچىلىكى ۋە قۇنۇنسىز دىنى ھەركەتلەرگە قارشى تۇرۇش تەربىيسىنى ئىشلەش.
.5
مۇقۇملۇق خىزمىتىنى ھەممە خىزمەتنىڭ ئالدىنقى قاتارىغا قويۇپ، مەكتەپنىڭ مۇقىم بولىشىغا كاپالەتلىك قىلىش، تۈرلۈك قوغداش تەدبىرلىرىنى تۈزۈپ ئەمەلىيلەشتۈرۈش، كۆرۈلگەن مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا ھەل قىلىش ھەم يۇقۇرىغا مەلۇم قىلىش.
.6
مەكتەپنىڭ خىزمەتلىرىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان زۆرۈر قائىدە-تۈزۈملەرنى تۈزۈپ يولغا قويۇش، ئوقۇتقۇچىلارنى دائىرلەرگە مەسئۇل قىلىپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىخەتەرلىگىنى ئىشقا ئاشۇرۇش

.7ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچىلەرگە مۇۋاپىق ئىش تەقسىملەپ بىرىش، خىزمەتلەرنى تەكشۈرۈپ، ئادىل، توغرا خولاسە قىلىش، ئىلغارلارنى مۇكاپاتلاش. ناچارلارنى جازالاش.
1)
مەكتەپنىڭ مۇقۇملۇق ۋە باشقا تۈرلۈك خىزمەتلىرىدە يۇقۇرى دەرىجىلىك پارتكوم، ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئالدىدا ۋە كەسپىي تارماقلار ئالدىدا جاۋابكار بولۇش.
 
ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ مەسئۇلىيتى
.1
پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تۈرلۈك قانۇن-نىزاملىرىنى ئۈگىنىش ۋە ئۇنىڭغا ئاڭلىق رىئايە قىلىش، مەكتەپنىڭ تۈرلۈك قائىدە تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلىش.
.2
ئاتئىزىم بىلىملىرىنى ياخشى ئۈگۈنۈپ، قانۇن تۈزۈمگە ئاڭلىق رىئايە قىلىپ ھەرقانداق ۋاقىتتا تۆۋەندىكىلەرنى قەتئى ئىشقا ئاشۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش. (1)مەسچىتلەردە، ئائىلىلەردە ناماز ئوقۇماسلىق، جۈمە نامىزىغا بارماسلىق (2)كېچىسى تۈنەپ دوئا تىلاۋەت قىلماسلىق، تەبلىغ ئاڭلىماسلىق. (3)دىنى شۇئار، رەسىم، ئەكسىيەتچىل تەشۋىقات ۋاراقلىرىنى چاپلىماسلىق، ساقلاپ بەرمەسلىك (4) باشقىلارغا دىنى تەلىم بەرمەسلىك ۋە دىنى تەلىم ئالماسلىق (5) پەرزەنتلىرىنىڭ ئەكسىيەتچىل پائالىيەتلەرگە قاتنىشىپ قېلىشنى توسۇش، (6)باشقىلارنىڭ دىنى پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشىغا ئۆي بەرمەسلىك، ئۈچ خىل ئۇنسۇرلارغا پاناھلىنىشقا سورۇن ھازىرلاپ بەرمەسلىك (7)بۆلگۈنچى كۈچلەرنىڭ ئەكسىيەتچىل ھەركىتىنى توسۇش، ئوقۇغۇچىلارنىڭ دىنى پائالىيەت بىلەن شۇغۇللىنىشىنى يەر ئاستى دىنى مەكتەپلەردە ئوقۇشنى ئۈنۈملۈك چەكلەش (8)ئەكسىيەتچىل تەشكىلاتلارغا قاتناشماسلىق، ئەكسىيەتچىل كىتاپ ئۈن-سىن بويۇملىرىنى كۆرمەسلىك ۋە ساقلىماسلىق.
.3
سىنىپ مۇدىرلىرى ئۆز سىنىپىدىكى ئوقۇغۇچىلارغا ئاتېئىزىم تەربىيسىنى كۈچەيتىپ، ئۇلارنىڭ دىنغا ئىشەنمەسلىگى، دىنى پائالىيەتلەرگە قاتناشماسىلىغى، دىنى مەكتەپتە ئوقۇماسلىغىغا كاپالەتلىك قىلىش. بۇ جەھەتتىكى تەربىيە ھەر ھەپتىدە بىر قېتىم ئىزچىل ئېلىپ بېرىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش.
.4
مۇقۇملۇقنى ھەممە خىزمەتنىڭ ئالدىغا قويۇپ تەشۋىق قىلىش ۋە ئىجرا قىلىش، نۆۋەتچىلىكتە 24سائەت تۇرۇش، چارلاش خىزمتىنى ياخشى ئىشلەش. مەكتەپ ئامانلىغىنى قوغداش خىزمتىنى كۈچەيتىپ، مەكتەپنى 4تىن خالى بولغان بىخەتەر مەكتەپ قىلىپ قۇرۇپ چىقىشقا كۈچ چىقىرىش، مەكتەپتە سۇ، ئوت، ئوغۇرلۇق ۋە باشقا ئاپەتلەر تۈپەيلىدىن مەكتەپ مۈلۈكىنىڭ زىيانغا ئۇچرىشىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىش.
.5
مىللەتلەر ئىتتىپاقلىق خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، ئوقۇغۇچىلارغا باشلامچى بولۇش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىغىدا ۋە ئۆز-ئارا ئىتتىپاقلىقتا مەسىلە كۆرۈلمەسلىككە كاپالەتلىك قلىش.
.6
كەسپىي جەھەتتە خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش، ئوقۇتۇش سۈپىتىنى يوقۇرى كۆتۈرۈش. ئوقۇغۇچىلارغا ئىللىق مۇئامىلە قىلىش، قالايمىقان سىلىق سالماسلىق. ئوقۇغۇچىلارغا تەن جازاسى بەرمەسلىك، ئاتا-ئانىلارغا ئىللىق مۇئامىلە قىلىش. ئاتا-ئانىلار ۋە ئوقۇغۇچىلار بىلەن زىددىيەتلىشىپ ئىتتىپاقسىزلىق تۇغدۇرماسلىق.
.7
ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇش، خىزمەتتە مەسئۇلىيەتچان بولۇش، پەرق ئېتىش ئىقتىدارىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈش.

مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش
.1
تەجرىبەخانا، ئامبار، قىرائەتخانا، تەنتەربىيە، گۈزەل سەنئەت ئەسلىھەلىرىنى باشقۇرۇش، ھەر ھەپتىدە بىر قېتىم مۈلۈكلەرنى تولۇق تەكشۈرۈپ، ھاۋا ئالماشتۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىپ ئوت، سۇ، ئوغرى چاشقانلارنىڭ زىيانكەشلىكىدىن ساقلىشى لازىم. مەسئۇلىيەتسىزلىك قلىپ مۈلۈكلەرنىڭ بۇزۇلۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارسا ئىقتىسادىي زىياننى ئۆزى تۆلەيدۇ.
.2
ئوقۇتۇش تەتقىقات گۇرۇپپا مەسئۇللىرى ئۆز گۇرۇپپىسىدىكى ئوقۇتقۇچىلارغا سىياسى ئىدىيۋى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ دەرس تەييارلىقىغا دىنى ۋە ئەكسىيەتچىل ئىدىيىلەرنىڭ سىڭىپ كىرىشىنىڭ ۋە گۇرۇپپىسىدىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دىنى پائالىيەت بىلەن شۇغۇللىنىش، قانۇنغا ۋە تەشكىلى تۈزۈمگە خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسى يۈز بىرىشنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىشقا كاپالەتلىك قىلىش.
.3
ھەرئىككى تەرەپ يۇقارقى تەلەپلەر بويىچە خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش، ئەگەر قايسى تەرەپ مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلالمىسا ئۆزى مەسئۇل بولغان خىزمەتتىن مەسىلە كۆرۈلسە، شۇ كىشى پۈتۈن مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدۇ.
.4
يۇقارقى تۈرنىڭ بىرەرسىدە مەسىلە كۆرۈلسە، يىنىكرەك بولسا شۇ ئوقۇتقۇچى تەشكىلى جەھەتتىن ئۆزىنى تەكشۈرىدۇ، تەنقىد-تەربىيە بىرلىدۇ. خىزمەت باھالاشقا تەسىر قىلدۇرۇلىدۇ. ئېغىرراقلىرىغا قارىتا خىزمتىنى توختۇتۇلۇپ يۇقۇرىغا مەلۇم قىلىنىدۇ. ئىقتىسادىي جەھەتتىن مەسىلىنىڭ ئېغىر-يىنىكلىكىگە قاراپ 500يۈۋەندىن 1000يۈۋەنگىچە مەسئۇلىيەت ھەققى ئېلىنىدۇ ھەمدە مەسىلىسى ئېغىرلار يۇقۇرى دەرىجىلىك ئورۇنلارنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا يوللىنىدۇ. يىللىق سىناپ تەكشۈرۈشتە لاياقەتسىز باھالىنىدۇ. ئۇنۋان بېرىش كېچىكتۈرىلىدۇ. ئۈچ يىلغىچە مۇنەۋۋەر باھالانمايدۇ.
.6
ئوقۇغۇچىلارغا قارىتا تەشۋىقى-تەربىيە، تەكشۈرۈش يىتەرلىك بولماسلىق ۋە تۈرلۈك شەكىلدىكى تەشۋىقى تەربىيە سىستىمىلىق ئېلىپ بېرىلماسلىق سەۋەبىدىن ئوقۇغۈچىلار ئىچىدە جۈمە نامىزىغا بېرىش ، يەر ئاستى دىنى مەكتەپلەردە ئوقۇش دىنى تەشۋىقات بويۇملىرىنى ساقلاش، كىتاپلاردىكى داھىيلارنىڭ سۈرىتىنى يىرتىۋىتىش، قۇنۇنغا خىلاپلىق قلىش، ئۆلۈش، يارىلىنىش، ئىستىلى بوزۇلۇش قاتارلىق مەسىلىلەر كۆرۈلسە شۇ يىللىققا مەسئۇل رەھبىرى خادىم ھەربىر ئوقۇغۇچى ئۈچۈن 100يۈەندىن ، شۇ سىنىپقا مەسئۇل بولغان سىنىپ مۇدىرى 100يۈەندىن 200يۈەنگىچە مەسئۇليەت ھەققى تۆلىگەندىن سىرىت (يۇقىرى دەرىجىلىك ئورۇنلارنىڭ قويغان مەسئۇلىيەتسىزلىك ھەققى بونىڭ سىرتىدا) شۇ يىللىق خىزمىتى ئىنكار قىلىنىدۇ.
.7
ئوقۇتقۇچىلار ئىچىدە دەرس تەييارلىغىغا دىنى ۋە ئەكسىيەتچىل ئىدىيىلەرنى سىڭدۈرۈش، دىنى پائالىيەت بىلەن شۇغۇللىنىش، قانۇنغا ۋە تەشكىلى تۈزۈمگە ئېغىر ھالدا خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسى كۆرۈلسە شۇ گۇرۇپپىنىڭ گۇرۇپپا مەسئۇلىنى گۇرۇپپا مەسئۇللىغىدىن ئېلىپ تاشلاش 3 يىلغىچە مۇنەۋۋەر باھالىماسلىق جازاسى بىرلىدۇ.
.8
دىننىڭ مەكتەپلەرگە سىڭىپ كىرشىنى چەكلەش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىدىكى خادىملار ئوقۇتقۇچى-ئىشچى خىزمەتچىلەر ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ دىننىڭ مەكتەپلەرگە سىڭىپ كىرىشنى مەنئى قىلىش تۈزۈمىنى ۋە بۇ مەسئۇلىيەتنامىنى جانلىق ئىجرا قىلماسلىق سەۋەبىدىن مەكتەپتە چوڭ مەسىلە يۈز بېرىپ يۇقۇرىدىن كوللىكتىپقا قويغان جەرىمانىنى گۇرۇپپىدىكى خادىملار تەڭ تۆلەيدۇ.
.9
مىللەتلەر ئىتتىپاقلىغىغا، ئۆزئارا ئىتتىپاقلىققا ئەھمىيەت بەرمەي ئىتتىپاقسىزلىق تۇغدۇرسا، جىدەل-ماجرا چىقارسا، ئەھۋالغا قاراپ 50يۈەندىن 300يۈەنگىچە جەرىمانە قويىلىدۇ. يىل ئاخىرىدا مۇكاپات مائاشى تۇتۇپ قېلىنىدۇ. ياكى لاياقەتسىز باھالىنىدۇ ئەھۋالغا قاراپ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا مەلۇم قىلىنىدۇ.
.10
ئوقۇغۇچىلارنى ھاقارەتلەش، تەن جازاسى بىرىش، قالايمىقان ھەق يىغىش، كەلسە-كەلمەس چاقچاق قىلىش، بىنورمال ئارلىشىشتەك ئوقۇتقۇچىلىق كەسپىي ئەخلاقىغا خىلاپ مەسىلىلەر كۆرۈلسە ئەھۋالغا قاراپ 10يۈەندىن 500يۈەنگىچە جەرىمانە قويىلىدۇ. يىللىق سىناپ تەكشۈرۈشتىكى نەتىجىسىگە تەسىر قىلىدۇ.
.11
ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئىچىدە مەسئۇلىيەتنامىگە خىلاپلىق قىلغانلارنى ۋە ئوقۇغۇچىلار ئىچىدە يەر ئاستى دىنى ئوقۇتۇش نوقتىسىدا ئوقۇۋاتقانلارنى دىنى پائالىيەت بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلارنى بىلىپ تۇرۇپ توسمىغانلار، قانات ئاستىغا ئالغانلارغا 200يۈەندىن 500يۈەنگىچە مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىش ھەققى قويۇلغاندىن باشقا يىل ئاخىرىدىكى خىزمەت باھالاشقا بىۋاستە تەسىر قىلدۇرىلىدۇ.
 
مۇكاپاتلاش چارىسى:
ئوقۇتقۇچى-ئىشچى خىزمەتچىلەر ئىچىدە بۇ مەسئۇلىيەتنامىگە ئىزچىل بويسۇنۇپ ھىچقانداق مەسىلە سادىر قىلمىغانلار خىزمەت باھالاشتا مۇنەۋۋەرلىككە ئالدىن كۆرسىتىلىدۇ
بۇ مەسئۇلىيەتنامىگە خىلاپلىق قىلغانلارنى پاش قىلغانلارغا 200يۈەندىن 1000يۈەنگىچە مۇكاپات بىرىلىدۇ. خىزمەت باھالاشتا مۇنەۋۋەرلىككە ئالدىن كۆرسىتىلىدۇ.
بۇ مەسئۇلىيەتنامە 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ 12-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە كۈچكە ئىگە بولىدۇ.
پارتىيە ياچېكىسىدىن: 
مەكتەپ مەمۇرىيتىدىن:
ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچى، سىنىپ ئىمزاسى

 

(تەھرىر : نەفىسە)

ئېسىلكەن
(0)
0%
ناچاركەن
(0)
0%
تەۋسىيە مەزمۇنلار
ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
دۆلەتنىڭ قائىدە قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىڭ، قانۇنسىز، شەھۋانى مەزمۇنلارنى يوللاشتىن ساقلىنىڭ! شۇنداقلا قالايمىقغان ئىنكاس يوللىسىڭىز ئەزالىق نامىڭىز چەكلىنىدۇ، ئەگەر قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇرلارنى ئىنكاس قىلىپ يوللىسىڭىز ماتېرىيالىڭىز مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يوللاپ بېرىلىدۇ.
باھا بېرىڭ:
ئىسىم: تەستىق كود:باسسىڭىز باشقىغا ئالمىشىدۇ