دۆلەت مۇداپىئەسىگەئائىت100سىناق سۇئالى
دۆلەت مۇداپىئەسىگە ئائىت بىلملەردىن 100سىناق سۇئالى 1. دۆلەت مۇداپىئەسى دىگەن نىمە؟ ج: دۆلەت مۇداپىئەسى دىگەن دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، زىمىن پۈتۈنلىكنى قوغداپ، سىرتتىن كەلگەنلەرنىڭ تاجاۋۇزچىلىقى ۋە ئاغدۇرمىچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن قوللانغان ھەربى ئىشلار ۋە ھەربى ئىشلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان سىياسى، دىپلۇماتىيە، ئىقتساد، مەدەنىيەت قاتارلىق جەھەتتە ئېلىپ بارغان قۇرلۇش ۋە كۈرەشنى كۆرستىدۇ. 2. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتنىڭ دۆلەت مۇداپىئە قانۇنى قاچان ئېلان قىلنغان؟ ج: 1997-يىلى 3-ئاينىڭ 14-كۈنى 8-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرلتىيىنڭ 5-قېتىملىق يىغىندا ماقۇللانغان. 3.جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتنىڭ دۆلەت مۇداپىئە قانۇنى جەمئىي نەچچە باب، نەچچە ماددا؟ ج : 12باب 70 ماددا. 4. دۆلەت بىخەتەرلىكى دىگەن نىمە؟ ج: سىياسى ھوقۇق تەشكىلاتىدىن تەشكىللەنگەن دۆلەت ۋە بۇ دۆلەتلەر قۇرۇپ چىققان ئىجتىمائى تۈزۈمنىڭ مەۋجۈت بولۇشى ۋە تەرققىياتىنىڭ كاپالىتىنى كۆرستىدۇ. ئۇ دۆلەتنڭ مۇستەقىللىقى، ئىگلىك ھوقوقى، زىمىن پۈتۈنلىكى ھەمدە دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك ھاكىمىيىتى، ئىجتىمائى تۈزۈمى ۋە دۆلەت ئورگانلىرنىڭ بىخەتەرلىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 5.دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ دۆلەت مۇداپىئەسى نەچچە خىلغا بۈلۈنىدۇ؟ ج: بۇ تۆۋەندىكى بىر قانچە تۈرلۈك دۆلەت مۇداپىئەسنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. كىڭىيىش تىپىدىكى: چوڭ دۆلەتلەر ئۆزلىرىنىڭ دۇنيانىڭ ھەر قايسى ئورنلىرىدىكى مەنپەئەتىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن زوراۋانلىق سىياسىتنى يولغا قۇيۇپ باشقا دۆلەتلەرگە تاجاۋۇز قىلىش، ئاغدۇرۇش ۋە سىڭىپ كىرىش ئېلىپ بارىدۇ. مۇداپىئە تىپىدىكى: ئاساسلىقى ئۆز دۆلىتىنىڭ كۈچىگە تايىنىپ خەلقئارانىڭ قوللىشنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئۆز دۆلىتنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغدايدۇ، دۆلىتمىزنىڭ دۆلەت مۇداپىئە سىياسىتى ئالدىن ئېلش خاراكىتىردىكى سىياسەت بولۇپ، تېنچ، ئۆز-ئۆزىگە خوجا بولۇشتەك مۇداپىئە پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، مەڭگۈ كىڭەيتمەيدۇ، شۇنداقلا باشقا دۆلەتنىڭ ئالقانچىلىك يېرىمىزگىمۇ تاجاۋۇز قلىشىغا رۇخسەت قىلمايدۇ. ئىتتىپاقلىشىش تىپىدىكى: ئىتتىپاقلىشىش شەكىلى بىلەن باشقا دۆلەت بىلەن بىرلىشىپ، ئۆز-ئۆزدىكى ئاجىزلىقنى تۇلۇقلايدۇ. بۇ يەنە كىڭىيىش تىپى ۋە ئۆزىنى قوغداش تىپىدىكى ئىتتپاقلىشش دەپ ئايرىلىدۇ. شۇنداقلا بىر قۇيۇپ ۋە كۆپ قۇتۇپلۇق ئىتتپاقلىششى دەپمۇ ئايىرىلىدۇ، ئالىدىنقى شەرتتە بىر چوڭ دۆلەت باش بولۇپ چىقىدۇ. بىتەرەپ تىپدىكى دۆلەتلەر: ئوتتۇرا ۋە كىچىك تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەر تىنچلققا قاتتىق ئەمەل قىلىش دۆلەت مۇداپىئە سىياسىتنى يولغا قۇيۇپ، ئومۇميۈزلۈك ئالدىنى ئېلىش ئىستىراتىگىيسى ۋە پۈتۈن خەلق قۇراللىنىشتەك مۇداپىئە سېستىمىسنى تۈزۈپ چىقىدۇ. مەسلەن: شىۋىتسارىيە. 6. دۆلەت بىخەتەرلىكگە زىيان ئېلىپ كىلىش جىنايىتى دىگەن نىمە؟ ج: چىگرا سىرتىدىكى ئاپپارات، تەشكىلات ۋە شەخىسلەرنىڭ يۇلغا قۇيۇشى ياكى باشقىلارغا قوماندانلىق قىلىش شۇنداقلا چىگرا سىرتىدىكى تەشكلات ۋە شەخسىلەر بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتنىڭ دۆلەت خەۋىپسىزلىكگە زىيان يەتكۈزۈش جىنايتىنى كۆرسىتىدۇ. 7. ماركىسىزىملىق «بەش قاراش» دىگەن نىمە؟ ج: دۆلەت قارىشى، مىللەت قاراش، مەدەنىيەت قارىشى،دىنى قارىشى ۋە تارىخ قارىشى. 8. « تۆت تۇنۇش» دىگەن نىمە؟ ج: تۆت تۇنۇش ـــــ ۋەتەنگە بولغان تۇنۇشى، جۇڭخۇا مىللەتلىرىگە بولغان تۇنۇشى، جۇڭخۇا مەدەنىيتىگە بولغان تۇنۇشى، جوڭگوچە ئالاھىدىلككە ئىگە سوتسىيالىزىمغا بولغان تۇنۇشى. 9. شىنجاڭنىڭ «ئۈچ تارىخى»دىگەن نىمە؟ ج : شىنجاڭنىڭ يەرلىك تارىخى، مىللەتلەرنىڭ تەرققيات تارىخى، دىننىڭ ئۆزگىرىش تارىخى. 10. « ئىككى ئومۇميۈزلۈك» نىڭ مەزمۇنى نىمە؟ ج: پارتىيەنىڭ مائارىپ فاڭجىننى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش، مائارىپىنڭ تەلىم- تەربىيە سۈپىتنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش. 11.« ئۈچكە يۈزلەندۈرۈش» نىڭ مەزمۇنى نىمە؟ ج: زامانىۋىلاشتۇرۇشقا، دۇنياغا، كەلگۈسىگە يۈزلەندۈرۈش. 12. « پۈتۈن خەلق دۆلەت مۇداپىئە تەربىيسى پىروگىراممىسى» نەچچە باب، نەچچە ماددا؟ ج: جەمئىي 8باب 47 ماددا. 13. «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتنىڭ دۆلەت مۇداپىئە قانۇنى» قاچان ئېلان قىلىنغان؟ ج: 2002-يىلى 4-ئاينىڭ 28-كۈنى ئېلان قىلنغان. 14. پۈتۈن خەلق دۆلەت مۇداپىئە تەربىيىسى پىروگىراممىسى» دا دۆلەت مۇداپىئە تەربىيسى نەچچە تۈرلۈك ئاساسى مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ دە پ بەلگىلەنگەن؟ ج: پىروگىراممىدا دۆلەت مۇداپىئە تەربىيسى ــــ دۆلەت مۇداپىئە نەزريىسى، دۆلەت مۇداپئە بىلىمى، دۆلەت مۇداپىئە تارىخى، دۆلەت مۇداپىئە قانۇن مۇداپىئە بەلگىلىمىسى، دۆلەت مۇداپىئە ۋەزىيىتى، ۋەزىپسى ھەمدە دۆلەت مۇداپىئە ماھارىتى قاتارلىق ئالتە ئاساسى تۈرلۈك مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالدۇ. 15. دۆلىتمىزنىڭ خاراكىترى قانداق؟ ج: دۆلىتىمىزنىڭ خاراكىتىرى ـــــــ ئشچىلار سىنپنىڭ رەھبەرلىكىدە ئىشچىلار ۋە دېھقانلارنىڭ بىرلىشىشى ئاساس قلىنغان خەلق دىمۇكىراتىيە دىكتاتۇرسدىكى سوتسىيالىزىم دۆلىتى. 16. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتنىڭ ئەڭ ئاساسىلىق تۈزۈمى نىمە ؟ ج: جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتنىڭ ئەڭ ئاساسىلىق تۈزۈمى ــــ خەلق قۇرۇلىتيى ۋەكىلللەر يىغىنى تۈزۈمى. 17. « بىر مەركەز، ئىككى ئاساسى نوقتا» نىڭ مەزمۇنى نىمە؟ ج: بىر مەركەز دىگىنىمىز ـــ ئىقتىساد قۇرلۇش مەركەز . ئىككى ئاساسى نوقتا ــــ ئىسلاھات ئېچۋىتشتا چىڭ تۇرۇش، تۆت ئاساسى پىرىنسىپدا چىڭ تۇرۇش. 18. دۆلىتىمىزنىڭ قۇراللىق كۈچى قايسى بۆلەكلەردىن تەشكىللىنىدۇ؟ ج: دۆلىتىمىزنىڭ قۇرال كۈچى ـــ خەلق ئازادلىق ئارمىيسى، جۇڭخۇا خەلق قۇراللىق ساقچى قىسمى، زاپاس قۇشۇن ۋە خەلق ئەسكىردىن ئىبارەت ئۈچ بۆلەكتىن تەشكىللىنىدۇ. 19. دۆلەتنىڭ مەنپەئەتى دىگەن نىمە؟ ج: دۆلەتنىڭ مەنپەئەتى ــــ بىر دۆلەتنىڭ ھايات قېلىش ۋە تەرەققىيات ئېھتىياجىنىڭ يىغىندىسى، شۇنداقلا دۆلەتلەر ئارا باردى-كەلدى قىلىشنىڭ ئەڭ يۇقىرى ئۆلچىمى ۋە يادرولۇق قىممىتى. 20. خەلق ھاۋا مۇداپىئەسىنىڭ ئومۇمى ۋەزىپىسى نىمە ؟ ج: خەلقنى قوغداپ دۆلەت ئىقتىسادىنىڭ زىيانىغا ئۇچۇرشنى كىمەيتىپ، جەڭدىكى يۇشۇرۇن كۈچىنى ساقلاپ قېلىش. 21. خەلق ھاۋا مۇداپىئەسنى تەشكىللەش ۋە قوماندانلىق قىلىشنىڭ ئاساسى پىرىنسىپى نىمە؟ ج: مەركەزلەشتۈرۈپ بىرلىككە كەلتۈرۈش، تىز سۈرئەتتە ۋاقتىدا ئاتلىنىش، توغرا قۇماندانلىق قىلىش، مۇقم، ئىشەنچىلىك بولۇش. 22. خەلق ھاۋا مۇداپىئەسىدە ئوتتۇرىغا قۇيۇلغان « 3دىن مۇداپىئەلىنىش» دىگەن نىمە؟ ج: يادىرو قۇرالىدىن، بىئولوگىيلىك قۇرالىدىن ۋە خېمىيلىك قۇرالىدىن مۇداپىئەلىنىش « 3دىن مۇداپىئەلىنىش» دەپ ئاتىلدۇ. 23. خەلق ھاۋا مۇداپىئەسى تەربىيسنى ئومۇملاشتۇرۇشنىڭ ئەھمىيىتى نىمە؟ ج: 1)دۆلەت مۇداپىئە ئېڭىنى كۈچەيىتىش، خەلق ھاۋا مۇداپىئەسى تەربىيسى دۆلەت مۇداپىئە تەربىيسنىڭ مۇھىم مەزمۇنى. 2) ئالدىنى ئېلىش ۋە قوغداش ئىقتىدارنى يۇقىرى كۈتۈرۈش، خەلق ھاۋا مۇداپىئەسى تەربىيسى بىزگە خەلق ھاۋا مۇداپىئەسى ئاساسى بىلىمى ۋە ئادەتتىكى ئالدىنى ئېلىش قوغداش چارسنى ئۆگىتىپ، ئالدىنى ئېلىش ۋە قوغداش ماھارىتنى ئۆگىتىدۇ. 3) ئەخلاقى، ئەقلىي، جىسمانى ۋە گۈزەللىكنىڭ ئەتراپلىق تەرققىي قىلىشنى ئىلگرى سۈرىدۇ. خەلق ھاۋا مۇداپىئەسى تەربىيسى بىر ئونۋېرسال پەن بولۇپ، ئىديۋىلىكى، بىلىم، بىلىمچانلىق ۋە ئەمەلىيەتچانلىقتەك ئالاھىدىلككە ئىگە. 24. ھاۋا ھۇجۇمى سىگىنالى دىگەن نىمە؟ ج : ھاۋا ھۇجۇمى سىگىنالى دىگەن دۈشمەننىڭ ھاۋادىن ھۇجۇم قىلىش قۇراللىرىنىڭ شەھەرگە يېقىنلاشقانلىقى ھاۋا ھۇجۇمىنىڭ باشلىنىش ئالدىدا تۇرغانلىقى ياكى باشلانغانلىقىدىن دېرەك بىرىپ، خەلقنى تىزدىن ئۆزىنى دالدىغا ئېلىشقا ئاگاھلاندۇرىدۇ. 25. خەلق ھاۋا مۇداپئەسى قۇرلۇشنى جەمئىيەتكە ئېچۋىتىشتە قانداق تەلەپلەر بار؟ ج: خەلق ھاۋا مۇداپىئەسى قۇرلۇشنىڭ رولىنى ئەڭ زور دەرىجىدە جارى قىلىدۇرۇشنى ئىلىگىرى سۈرۈش ئۈچۈن دۆلەت ئېچۋىتىش ۋە يۈلەش سىياسىتنى قوللىنىپ، مۇھىم بولغان خەلق ھاۋا مۇداپىئەسى قۇماندانلىق ئۇچۇر تۈگۈنى قاتارلىق مۇھىم قۇرلۇشلاردىن سىرىت ئۇنىڭ ھاۋا مۇداپىئە ئۈنۈمىگە دەخلى يەتكۈزمەسلىك شەرتى ئاستىدا ئېچىپ پايدىلىنشقا رىغبەتلەندۈرۈلىدۇ. 26. شىنجاڭدا ئەۋلادمۇ- ئەۋلاد ياشاپ كىلۋاتقان مىللەت قايسى؟ ج: ئۇيغۇر، خەنزۇ، روس، خۇيزۇ، قىرغىز، مۇڭغۇل، شىبە، تاجىك، مانجۇ، ئۆزبىك، قازاق، داغۇر ۋە تاتار قاتارلىق 13 مىللەت بار. 27. ئومۇمى خەلق دۆلەت مۇداپىئە تەربىيسىنىڭ پىروگىراممىسى قانچە خىل ئوخشىمىغان تۈركۈمگە بۈلۈنۈپ يولغا قۇيۇلىدۇ؟ ج: دۆلەت ئورگىنىدىكى خىزمەتچىلەر، جوڭگو خەلق ئازاتلىق ئارمىيسى، جوڭگو خەلق قۇراللىق ساقچى قىسمىدىكى ئوفىتسىر ئەسكەرلەر، ئوقۇغۇچىلار، خەلق ئەسكەرلىرى، زاپاس قۇشۇن ھەمدە دېھقان، ئىشچى ۋە باشقا ئىجتىمائى خادىملار قاتارلىق ئوخشىمغان بەش خىل پۇقرالار كوللىكىتىۋىگە بۈلۈنۈپ يولغا قۇيۇلىدۇ. 28. دۆلىتىمىز سوتسىيالىزىم مەزگىلىدە مىللەتلەر مۇناسىۋەتنى بىر تەرەپ قىلشتىكى ئاساسى پىرىنسىپى نىمە؟ ج : مىللەتلەر باراۋەر بولۇش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ھەر مىللەتنى ئورتاق گۈللەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش ـــــ دۆلىتىمىز سوتسىيالىزىم مەزگىلىدە مىللەتلەر مۇناسىۋەتنى بىر تەرەپ قىلشتىكى ئاساسى پىرىنسىپى. 29. مىللەتلەر باراۋەر بولۇش دىگەن نىمىنى كۆرسىتىدۇ؟ ج: مىللەتلەر باراۋەر بولۇش بولسا ھەر مىللەت خەلقى سىياسى، ئىقتساد، مەدەنىيەت جەھەتتە باراۋەرلىك ھوقوقىغا ئىگە بولۇشنى كۆرسىتدۇ. 30. مىللەتلەر ئىتتپاقلىقى دىگەن نىمە؟ ج: ھەر مىللەت خەلقى باراۋەرلىك ئاساسىدا بىرلىشپ .ئورتاق دۈشمەنگە قارشى تۇرۇپ، ئورتاق كۈرەش نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشش. 31. ھەر مىللەت ئورتاق گۈللىنىش دىگەن نىمە؟ ج: ھەر مىللەت خەلقى سىياسى، ئىقتىساد، مائارىپ، ئلىم-پەن، مەدەنىيەت قاتارلىق تۈرلۈك جەھەتتىكى ئىشلىرى تەرەققىي قىلىپ، ھەر قايسى مىللەتلەر ئورتاق ئالغا بېسىپ، مىللەتنىڭ ساپاسىنى يۇقىرى كۈتۈرۈش. 32. شىنجاڭنىڭ مۇقۇملىقغا تەسىر يەتكۈزىدىغان ئاساسى سەۋەب نىمە؟ ج: مىللىي بۆلگىنچىلىك ۋە قانۇنسىز دىنى پائالىيەت. 33. شىنجاڭدىكى ھەر مىلللەت ئارىسدا تارقىلىپ يۈرگەن دىنلار قايسى؟ ج: ئىسلام دىنى، بۇددا دىنى، خىرستىئان دىنى، كاتولىك دىنى، دوڭجېڭ دىنى ۋە داۋجىياۋ دىنى. 34. پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ دىن توغرىسدىكى ئاساسى ىسياسىتى نىمە؟ ج: پارتىيە ۋە دۆلەت دىنى ئىتقاد ئەركىنلىكدە ئىزچىل چىڭ تۇرماقتا. 35. دۆلىتمىز دىنى ئىتىقاد ئەركىنلىكى سىياسىتنى يولغا قويغان تۇرۇپ، يەنە نىمە ئۈچۈن ئوقۇغۇچىلارنىڭ دىنى پائالىيەتكە قاتنىشىشىغا رۇخسەت قىلمايدۇ؟ ج: 1) بۇ ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ ساغلام ئۈسۈپ يىتلىشنى قانۇن بويىچە قوغداشنىڭ تەلىپى. 2) بۇ دۆلىتمىزنىڭ سوتسىيالىستىك تۈزۈمىنىڭ خاراكىتىرى ۋە مەقسىتى بىكىتكەن، شۇنداقلا ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ ساغلام ئۈسۈپ يىتلىشنىڭ مۇئەييەن تەلىپى. 3) ئوقۇغۇچىلارنى دىنى پائالىيەتكە قاتناشتۇرماسلىقمۇ ۋەتەننىڭ بىرلىكنى قوغداپ، مىللى بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرۈشنىڭ تەلپى. 36. ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيىتى نىمە؟ ج: مائارىپ قانۇننىڭ 3-ماددىسدا ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇ-ئوقۇتۇش مەسئۇلىيتنى ئادا قىلىدىغان كەسپى خادىم بولۇپ، بىلىم ئارقىلىق ئادەم تەربىيلەيدىغان سوتسىيالىزىم ئىشلىرنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىز باسارلىرىنى تەربىيلەپ، مىللەتنىڭ ساپاسىنى يۇقىرى كۈتۈرۈش مەسئۇلىيتنى ئۈستىگە ئالىدۇ. ئوقۇتقۇچىلار خەلقنىڭ مائارىپ ئىشلىرىغا ساىق بولۇش كېرەك. 37. نىمە ئۈچۈن شىنجاڭ جوڭگودىكى بىر پارچە گۆھەر زىمىن دىيلىدۇ؟ ج: 1) يەر بايلىقى مول. 2) ئىنىرگىيە بايلىقى زاپىسى غايەت زور. 3) بىئولوگىيە بايلىقى پەۋقۇللادە مول. 4) ھەر خىل مىتال ۋە غەيرى مىتال كان بايلىقى زاپىسى پەۋقۇللادە كۆپ. 5) ئۆزگىچە ساياھەت بايلىقىغا ئىگە. 38. مىللەت دىگەن نىمە؟ ج: ماركىسىزىمدا مىللەت ـــــ خەلق تارىخدا شەكىللەنگەن ئورتاق تىل يېزىقى، ئورتاق رايۇنى، ئورتاق ئىقتىسادى تۇرمۇشى ھەمدە ئورتاق مەدەنىيەت ئاساسىدىكى كوللىكىتىپنى كۆرسىتدۇ. 39. ئاز سانلىق مىللەتنىڭ مەدەنىيتى جوڭخۇا مەدەنىيەتنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى دىگەننى قانداق چۈشۈنىمىز؟ ج: جوڭگودىكى ھەر قايسى مىللەت جۇڭخۇا مەدەنىيىتنىڭ شەكىللنىشى ۋە تەرققىي قىلىشنى بىرلىكتە ئىلگىرى سۈرگەن. مەدەنىيەت مىللەتنىڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكى ھەمدە مىللەتنىڭ ئۇيۇشچانلىقى، ھاياتى كۈچى ۋە ئىجادچانلىقنىڭ مەنبەسى. دۆلىتمىز كۆپ مىللەت، كۆپ قۇتۇپلۇق مەدەنىيەتتىن تەشكىللەنگەن دۆلەت. جۇڭخۇا مەدەنىيتى چوڭقۇر، ئۆزگىچە بولۇپ، ھەر بىر مىللەت مەيلى چوڭ- كىچىك بولسۇن ھەممىسى جۇڭخۇا مەدەنىيتنىڭ شەكىللىنىشى ۋە تەرەققى قىلىشى ئۈچۈن ئۆزگىچە تۆھپە قوشقان ھەر بىر مىللەتنىڭ مەدەنىيتى جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ مەنىۋى بايلىقى. 40. دۆلىتىمىزدىكى ھەر قايسى مىللەتنڭ جايلىشىشىدا قانداق ئالاھىدىلىك بار؟ ج: دۆلىتمىزدىكى مىللەتلەرنىڭ جايلىشىش ئالاھىدىلىكى: خەنزۇ ئاساسى گەۋدە قىلىنغان ھەر قايسى مىللەت ئارلاش ئولتۇراقلاشقان، كىچىك مىللەتلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشىقان. 41.دۆلىتىمىزدىكى ھەر قايسى ئاز سانلىق مىللەتنىڭ قانداق ئالاھىدىلىكى بار؟ ج: دۆلىتمىزدىكى ھەر قايسى ئاز سانلىق مىللەت رايوننىڭ مۇنداق ئالاھىدىلىكى بار، بىرنچىدىن يېرى كەڭ ئادىمى شالاڭ؛ ئىككىنچىدىن كۆپىنچىسى چىگرا رايۇنغا جايلاشقان؛ ئۈچۈنچىدىن زىمىنى كەڭرى، بايلىقى مول؛ تۆتىنچىدىن ئاز سانلىق مىللەت رايونىدا نۇرغۇنلىغان مەشھۇر قەدىمي يادىكارلىقلار بار بولۇپ، جوڭگونىڭ ساياھەتچىلىك ئىشلىرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئىنتايىن ياخشى شارائىت ھازىرلىغان. 42. دۆلىتمىزدىكى ھەر قايسى مىللەت قانداق قىلىپ ئۇلۇغ ۋەتىمىزىنى بىرلىكتە قۇرۇپ چىققان؟ ج: بىرنچىدىن ۋەتىنىمىزنى بىرلىككە كەلتۈرۈش ئۇلۇغۋار پىلاننى ھەر مىللەت خەلقى بىرلىكتە تاماملىغان؛ ئككىنچىدىن ۋەتىنىمىزنىڭ كەڭ زىمىنى ۋە كۆپ خىل ئىقىتىسادىنى ھەر مىللەت خەلقى بىرلكتە بارلىققا كەلتۈرگەن؛ ئۈچۈنچىدىن ۋەتىنىمىزنىڭ پارلاق مەدەنىيتنى ھەر مىللەت خەلقى تەڭ بەرپا قىلغان؛ تۆتىچىدىن ۋەتىنىمىزنىڭ خوجىلىق ھوقوقى ۋە زىمىن پۈتۈنلىكنى ھەر مىللەت خەلقى بىرلىكتە قوغدىغان؛ بەشىنچىدىن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتنى ھەر مىللەت خەلقى بىرلىكتە بەرپا قىلغان؛ 43. مىللي تىرىتورىيلىك ئاپتۇنۇمىيە دىگەن نىمە؟ ج: مىللىي تىرىتورىيلىك ئاپتونومىيە ــــ دۆلەتنىڭ بىر تۇتاش رەھبەرلىكىدە ھەر قايسى ئاز سانلىق مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايوندا ئاپتۇنومىيە تۈزۈمنى يولغا قۇيۇپ، ئاپتونۇمىيە ئورگىنى تەسىس قىلىپ، ئاپتونۇمىيە ھوقوقىنى يۈرگۈزۈشنى كۆرسىتدۇ. 44. مىللي ئاپتونۇم رايوننىڭ ئاپتونۇمىيە ئورگانلىرى قايسىلار؟ ج: مىللي ئاپتونۇمىيە رايونلىرنىڭ ئاپتونۇمىيە ئورگانلىرى ئاپتۇنۇم رايون، ئاپتۇنۇم ئوبلاسىت، ئاپتۇنۇم ناھىيەنىڭ خەلق قۇرۇلىتىيى ۋە خەلق ھۆكۈمىتنى كۆرسىتىدۇ. 45. شەھەرگە يېڭىدىن خەلق ئۈچۈن ئىشلىتلىدىغان قۇرلۇش قىلغاندا ھاۋادىن مۇداپىئەلىنىدىغان يەر ئاستى ئۆيىنى قۇرمىسا ياكى ئاز قۇرۇپ قويسا قانداق بىر تەرەپ قلىندۇ؟ ج: شەھەرگە يېڭىدىن خەلق ئۈچۈن ئىشلىتلىدىغان قۇرلۇش قىلغاندا ھاۋادىن مۇداپىئەلىنىدىغان يەر ئاستى ئۆينى قۇرمىسا ياكى ئاز قۇرۇپ قويسا ناھىيە دەرىجدىن يۇقرى باشقۇرۇغۇچى ئورۇنلار ئاگاھلاندۇرۇش، مۇددەت ئىچدە قۇرۇش، تۇللۇقلاپ قۇرۇش ياكى بەلگىلىمە بويىچە خەلق ھاۋا مۇداپىئەسى قۇرلۇشى ھەققى تاپشۇرۇشقا بۇيرۇلىدۇ ھەمدە ھاۋادىن مۇداپىئەلىنىش يەر ئاستى ئۆيى قۇرۇشنىڭ ئەمەلى باھاسى بويىچە %5 ئۆلچەم ئىچىدە جەرىمانە قويسا بولىدۇ، بىراق ئەڭ يۇقرىسى 100 مىڭ يۇەندىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك. 46. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە قانۇنىنىڭ 42-ماددىسىدىكى مەزمۇن نىمە؟ ج: 42-ماددىسىدا گوۋۇيۇەن، مەركىزى ھەربىي ئىشلار كومىتىتى ۋە ئۆلكە، ئاپتۇنۇم رايون، بىۋاستە قاراشلىق شەھەردىكى خەلق ھۆكۈمىتى ھەمدە ئالاقىدار ھەربىي ئىشلار كومىتىتى تەدبىر قوللىنىپ، دۆلەت مۇداپىئە تەربىيسىنى كۈچەيىتش كېرەك، بارلىق دۆلەت ئورگانلىرى ۋە قۇراللىق كۈچلەر، ھەر قايسى پارتىيە ھۆكۈمەت ۋە ئىجتىمائى كوللىكىتىپ، كارخانا ۋە كەسپى ئورۇنلارنىڭ ھەممىسى ئۆز ئورنىدا دۆلەت مۇداپىئە تەربىيسنى قانات يايدۇرۇش كېرەك. مەكتەپنىڭ دۆلەت مۇداپىئە تەربىيسى ئومۇمى خەلق دۆلەت مۇداپىئە تەربىيسنىڭ ئۇلى ھەر دەرىجلىك ھەر خىل مەكتەپ مۇۋاپىق نىسپەتتە دۆلەت مۇداپىئە دەرسى تەسس قىلىش ياكى ئالاقىدار دەرسلىككە دۆلەت مۇداپىئە بىلىملىرنى قۇشۇش؛ ھەربىي ئىشلار ئورگىنى مەكتەپكە ياردەملىىشپ دۆلەت مۇداپىئە تەربىيسنى قانات يايدۇرۇش كېرەك. مائارىپ، مەدەنىيەت، ئاخبارات، نەشىرىيات، رادىئو، كىنو-تىلۋىزىيە تارماقلىرى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، كۆپ خىل شەكىلنى قوللىنىپ دۆلەت مۇداپىئە تەربيىسنى قانات يايدۇرۇش كېرەك. 47. نىمە ئۈچۈن «ئىتتىپاقلىق مۇقۇملۇق ـــ بەخىت، بۆلگۈنچىلىك، مالمانچىلىق ـــ ئاپەت» دەيمىز؟ ج: شىنجاڭنىڭ تارىخىغا نەزەر سالساق ئومۇمەن جەمئىيەت مۇقىم ۋاقىتتا ئىقتىسادى جەمئىيەتنىڭ تەرققىياتى تىز بولۇپ، ھەر مىللەت خەلقى ئىرىشكەن نەپ كۆپ بولدى، ئومۇمەن جەمئىيەتتە داۋالغۇش بولغاندا ئىقتسادى تەرەققىيات توختاپ قېلىپ، ھەر مىللەت خەلقى ئومۇميۈزلۈك تالاپەتكە ئۇچۇردى، «5-ئىيۇل» ۋەقەسى يەنە بىر قېتىم شۇنى ئىسپاتلىدىكى مۇقۇملۇق شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ جان تۇمۇرى. «مۇقۇملۇق ـــ بەخىت، مالمانچىلىق ـــ ئاپەت» بولۇپ مۇقۇملۇق بولمىسا ھېچنىمىدىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ. مۇقۇم بولغانىدىلا ئاندىن دۈشمەن كۈچلىرنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقىلىقى ۋە ۋەتەننىڭ بىرلىكىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش سۇيقەستىنى بىتچىت قىلىغلى بولىدۇ. مۇقۇملۇق بولغاندىلا ئاندىن مىللي بۆلگۈنچى ئونسۇلارغا كۈچلۈك زەربە بەرگىلى بولىدۇ. مۇقۇملۇق بولغاندىلا ئاندىن شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادى تەرەققىياتى، ئىناق ۋەزىيتى ھەمدە ھەر مىللەت خەلقنىڭ تەستە قولغا كەلگەن بەخىتلىك تۇرمۇشنى ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ. 48. نىمە ئۈچۈن«5-ئىيۇل» ۋەقەسى مىللي مەسلە ئەمەس،دىنى مەسلىمۇ ئەمەس، بەلىكى بىر مەيدان كەسىكىن سىياسى كۈرەش دىيلدۇ؟ ج: «5-ئىيۇل» ۋەقەسى ـــــ چىگرا سىرتىدىكى دۇنيا ئۇيغۇرلار ئۇيۇشمىسى قاتارلىق ئۈچ خىل كۈچىلەرنىڭ قۇتۇرتىقان ۋە پىلانلىغان چىگرا ئىچىدىكى تەشكىلات يولغا قۇيغان تەشكىللىك، پىلانلىق ھالىدىكى خاراكىتىرى ئېغىر، تەسىرى ناچار سىياسى ۋەقە. ئۇ مىللي مەسلسى ئەمەس، چۈنكى بىر ئوچۇم مىللي بۆلگۈنچى ئۇنسۇرلار بىر مىللەتكە ۋەكىللىك قىلالمايدۇ؛ ئۇلارنىڭ ئۇرۇش، چېقىش، كۆيدۈرۈش تىغ ئۈچى خەنزۇ ئاممغا قارتىلىپلا قالماسىتىن نۇرغۇنلىغان ئاز سانلىق مىللەت ئاممىسنىمۇ ۋەقەدە ئېغىر زەخمىلەندۈردى، بۇلۇپمۇ ئۈرۈمچى شەھەرنىڭ نورمال تۇرمۇش تەرتىپى ۋە ئىجتىمائى مۇقۇملۇقى ئېغىر بۇزغۇنچىلققا ئۇچۇراپ، ئۈرۈمچىدە ياشاۋاتقان ھەر مىللەت ئامما بۇ ۋەقەدىكى بىۋاستە زىيانلانغۇچى بولۇپ قالدى. ئۇ دىنى مەسلىسمۇ ئەمەس، چۈنكى ئىسلام دىنى تەرغىپ قلىدىغنى تىنچلىق، خاتىرجەملىك ۋە ئادىميلىك؛ زوراۋان ئونسۇرلارنىڭ قىلىمىشى ئىسلام دىننىڭ ئەسلى ماھىيىتگە ئېغىر خىلاپىلىق قىلىغان بولۇپ، بۇ خىلىدىكلەر ھەر مىللەت ئاممىسنىڭ كۈچلۈك ئەيىبلىشگە ئۇچۇرشى كېرەك. ئەمەلىيەتتە بۇ ۋەقەنى پىلانلاپ يولغا قويغان ئۈچ خىل كۈچلەر، غەربىتكى دۈشمەن كۈچلەرنىڭ قولىدىكى قۇرال بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئاخىرقى مەقسىتى ۋەتەننىڭ بىرلىكگە ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقغا بۇزغۇنچلىق قىلىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق ئاممىسنڭ خاتىرجەم ئۆتكۈزۋاتقان بەختلىك تۇرمۇشىغا توسقۇنلۇق قلىشتىن ئىبارەت. بىزنىڭ ئۇلار بىلەن بولغان كۈرۈشىمىز ماھىيەت جەھەتتە ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلقىنى شۇنداقلا خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئەتىنى قوغداش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلۋاتقان ھايات-ماماتلىق ئازراقمۇ كىڭەشكىلى بولمايدىغان كەسكىن سىياسى كۆرەش. 49. نىمە ئۈچۈن ۋەتەنپەرۋەرلىك ئۇلۇغۋار بايرىقىنى ئىگىز كۆتۈرشىمىز كېرەك؟ ج: ۋەتەنپەرۋەرلىك ـــــ خەلق ئۆز-ئۆزنىڭ ۋەتىنگە بولغان چوڭقۇر مۇھەببىتى ھەمدە ۋەتەن ئۈچۈن ئۆزنى تەقىدىم قىلىش روھىنىڭ يىغىندىسى؛ ھەمدە كوللىكىتىۋېزىملىق پىرنسىپى شەخسلەر ۋە ۋەتەننىڭ مۇناسىۋتنى بىر تەرەپ قىلىشتىكى كونكىرىت نامايەندىسى ۋە مۇئەييەن تەلىپى؛ شۇنداقلا ئۇزۇن تارىخ جەريانىدا شەكىللەنگەن ئۆز ۋەتىنىگە بولغان بىر خىل ئەڭ چوڭقۇر رىشتە، بۇ خىلىدىكى چوڭقۇر مۇھەببەت ئۆز ۋەتىنىدىكى خەلقنى سۈيۈش، ئۆز ۋەتىننىڭ تىل، مەدەنىيەت، مىللي ئەنئەنە ۋە ئۆرپ-ئادەتنى قىزغىن سۈيۈشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، ۋەتەننىڭ تەقىدىرى ۋە كەلگۈسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان بىر خىل مۇناسىۋەت. ۋەتەننى سۈيۈش ھەر بىر پۇقرانىڭ ئەڭ ئاساسلىق مەجبۇرىيتى ۋە مۇقەددەس بۇرىچى، ھەر بىر پۇقرا ئۆزى ئادا قىلىشقا تىگىشلىك مەسئۇلىيەت ۋە مەجبۇرىيەتنى ئاڭلىق ئۈستىگە ئېلىپ، ۋەتەننىڭ ئىتتىپاقلىقى ۋە بىرلىكنى قوغداپ ئۆزنى ۋەتەننى قۇدىرەت تاپقۇرۇش ۋە گۈللەندۈرۈشكە ئاتاپ ۋەتىنىمىز دۈشمەن كۈچلىرنىڭ تاجاۋۇزچىلقىغا ئۇچۇرغاندا كۆكرەك كىرىپ مەيدانىغا چىقىپ، ئىگلىك ھوقۇقى ۋە بىخەتەرلىكىنى قوغدىشىمىز كېرەك. ۋەتەننىڭ بىرلىكى مىللەتنىڭ گۈللىنىپ ئالغا بېسىشىدىكى تۈپ كاپالەت، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى جەمىئىيەتنىڭ مۇقىم بولۇش، دۆلەتنىڭ قۇدىرەت تېپىشىدىكى مۇئەييەن تەلەپ؛ ھەر مىللەت خەلقى چۇقۇم ئىتتىپاقلىققا بۇزغۇنچىلىق قلىپ ۋەتەننى پارچىلايدىغان ھەر قانداق پائالىيەتلەرگە قەتئىي قارشى تۇرۇپ، دۆلەتنىڭ مەنپەئەتى، ئىززەت ھۆرمىتى ۋە شان-شەرپىنى قوغداش كېرەك. 50.نۆۋەتتە ھەر دەرىجلىك پارتىيلىك كادىرلار قانداق رولىنى جارى قلىدۇرۇش كېرەك؟ج: ھەر دەرىجلىك پارتىيلىك كادرىلار باشلامچىلىق بىلەن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقغا پايدىلىق گەپلەرنى قىلىش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغدايدىغان ئاڭ ۋە قەتئىيلىكنى باش بولۇپ كۈچەيتىپ، ۋىلايەت مىقياسىدىكى 80مىڭدىن ئارتۇق پارتىيە ئەزاسى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىق بايرىقىنى قوغداپ ھەر مىللەت ئاممىسنى يىتەكلەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ھەسسلەپ قەدىرلەپ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقنى ئاڭلىق قوغداپ، باراۋەر، ئىتتىپاق، دوستانە، ئىناق بولغان مىللەتلەر مۇناسىۋىتنى مۇستەھكەملەپ ۋە تەرەققىي قىلىدۇرۇپ ھەر مىللەت خەلق ئاممىسى ھەمنەپەس، تەقدىرداش، قەلىبىداش بولۇشنى باشتىن-ئاخىر ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. 51.نىمە ئۈچۈن«ئۈچ خىل» كۈچلەر شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق دۈشمىنى دىيلىدۇ؟ ج: «ئۈچ خىل»كۈچلەر ــــ مىللي بۆلگۈنچى كۈچلەر، دىنى ئەسەبى كۈچلەر ۋە زوراۋان تىرورچى كۈچلەرنى كۆرسىتىدۇ. ئۇلار ئەسەبي بولغان مىللەتچلىكىنى تەرغىپ قىلىپ، مىللىي زىدىيەت سادىر قىلىپ مىللەتلەر ئوتتۇرىسدىكى ئۆچمەنلىك ۋە قارىمۇ-قارىشلىققا قۇتۇرتىدۇ، ئۇلار دىنى ئەسەبىيلىك بىلەن بارلىققا كىلىپ «غازات» ئىديسىنى تەرغىپ قىلىپ بىر تەرەپتىن ئىغۋاگەرچىلىك قلىسا، يەنە بىر تەرەپىتن زوراۋان تىرورلۇق پائالىيتى ئېلىپ بېرىپ، جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقغا بۇزغۇنچلىق قلىماقچى؛ ئۇلارنىڭ مەقىستى شىنجاڭنىڭ قالايمىقان قىلىپ شىنجاڭنى ۋەتەن چوڭ ئائىلىسىدىن ئايرىپ ئاتالىمىش« شەرقى تۈركىستان ئىسلام دۆلىتى» قۇرۇپ، شىنجاڭنى مۇستەقىل قلىشتىن ئىبارەت. ئۈرۈمچى «5-ئىيۇل» ۋەقەسى چىگرا سىرتىدىكى «ئۈچ خىل كۈچ» لەر پىلانلاپ ئېلىپ بارغان مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقغا ۋە ۋەتەننىڭ بىرلىكگە بۇزغۇنچلىق قلىش مەقسىتدىكى ئۇرۇش، چېقىش، بۇلاش، كۆيدۈرۈشتىن ئىبارەت ئېغىر زوراۋان جىنايەت ۋەقەسى. قانغا بۇيالغان ئەمەلىيەت يەنە شۇنى ئىسپاتلىدىكى « ئۈچ خىل كۈچ» لەر دۆلەت خەۋىپسىزلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە خەلقىنىڭ ھاياتى، مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە ئېغىر زىيان ئېلىپ كەلگەن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق دۈشمىنى. 52. مەجبۇرىيەت مائارىپىنى يولغا قۇيۇشنىڭ پىرىنسىپى نىمە؟ ج: بىرنچىدىن قانۇن بويىچە ئوقۇتۇش ئېلىپ بېرىش پىرنسىپى، مەجبۇرىيەت مائارىپنى يولغا قۇيۇشتا مەجبۇرىيەت مائارىپ قانۇنىنى يولغا قۇيۇش تەپسلى ماددىسى ۋە ئالاقىدار قانۇن بەلگىلىمە بويىچە ئىجرا قىلىپ، مەجبۇرىيەت مائارىپنىڭ يولغا قۇيۇلۇشنى قانۇن تۈزۈملىشىش ئىزىغا چۈشۈرۈش كېرەك. ئىككىنچىدىن بىرلىككە كەلتۈرۈش بىلەن جانلىق بولۇشنى ئۆز ئارا بىرلەشتۈش پىرىنسىپى دۆلىتىمىز زىمىنى كەڭرى، مىللەتلەر كۆپ، جايلارنىڭ ئىقتسادى تەرققىيات سەۋىيسى تەڭپۇڭ شۇنىڭ ئۈچۈن مەجبۇرىيەت مائارىپنى يولغا قۇيۇش جەريانىدا دۆلەتنىڭ بىر تۇتاش ئۆلچىمى ۋە تەلپىگە ئەمەل قىلغاندىن سىرىت ئۆز رايوننىڭ ئەمەلىيتىگە بىرلەشتۈرۈپ، رايۇن ئەمەلىيتىگە ماس كىلىدىغان قەدەم باسقۇچ، شەكىل ۋە تەدبىرنى قوللىنىپ، مەجبۇرىيەت مائارىپنى پائال ئىلگرى سۈرۈش كېرەك. ئۈچۈنچىدىن ئومۇلاشتۇرۇش بىلەن يۇقىرى كۈتۈرۈشنى ئۆز ئارا بىرلەشتۈرۈش پىرىنسىپى، مەجبۇرىيەت مائارىپىدا ئومۇملاشتۇرۇش خاراكتىرى بار، شۇنىڭ ئۈچۈن بارلىق ئوقۇش يېشدىكى ئۆسمۈرلەرنىڭ بەلگىلەنگەن يىل چەكلىمىسدىكى مەجبۇرىيەت مائارپىنى قۇبۇل قىلىش تەلەپ قىلىندۇ. ئەمما ئومۇملاشتۇرۇش جەريانىدا ئۆز ئورننىڭ ئىقتىسادى تەرەققىيات سەۋىيسىگە ئاساسەن مەجبۇرىيەت مائارىپ باسقۇچىدىكى مەكتەپ باشقۇرۇش سەۋىيسى ۋە ئوقۇتۇش سۈپىتنى تەدىرىجى يۇقىرى كۈتۈرۈپ، مەجبۇرىيەت مائارىپنىڭ يىل چەكلىمىسنى ئۇزارتىشقا دىققەت قىلىش كېرەك. 53. ئىلمى تەرەققىيات قارشىنىڭ ئاساسلىقى تەلىپى ـــ سىجىل تەرەققىي قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ماسلاشتۇرۇش (بايان قىلىش) ؟ ج: جوڭگوچە ئالاھىدىلككە ئىگە سوتسىيالىزىم قۇرلۇشى ئىقىتىسادى قۇرلۇشنى مەركەز، ماددى مەدەنىيەت، سىياسى مەدەنىيەت ۋە مەنىۋى مەدەنىيەت قاتارلىقلارنى ئومۇميۈزلۈك تەرققىي قىلىدۇرۇپ ئالغا باستۇردىغان كەسىپ؛ ماددى مەدەنىيەت، مەنىۋى مەدەنىيەت ۋە ىسياسى مەدەنىيەتنىڭ ھەممىسى سوتسيالىزمىنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى. بۇنىڭدا ھەر قانداق بىرسى كەملىسە جەمئىيەت ساغلام ئالغا تەرققىي قىلمايدۇ. 54. نىمە ئۈچۈن «قوش تىل» ئوقۇتۇشنى يولغا قۇيۇش شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتنىڭ تەرققىياتىغا پايدىلىق دىيلدۇ؟ ج: بىرنچىدىن شىنجاڭ ئويغۇر ئاپتۇنۇم رايونى يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بويان ئاپتۇنۇم رايون مىقياسىدا «قوش تىل»ئوقۇتۇشنى يولغا قۇيۇشى ــــ ئاز سانلىق مىللەتنىڭ مائارىپ سۈپىتىنى يۇقىرى كۈتۈرۈپ، ھەر مىللەتنىڭ ئورتاق گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىشنى ئىلگرى سۈرىدىغان، خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان زور سىياسەت بولۇپ، كەڭ ئاز سانلىق مىللەت كادىر ئاممىسنىڭ چىن كۆڭلىدىن ھىمايە قىلىشغا ئىرشمەكتە. ئىككىنچىدىن «قوش تىل»ئوقۇتۇشنى قانات يايدۇرۇش ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىغا ئۆزنىڭ ئانا تىلىنى تېخىمۇ ياخشى ئۆگىنىش ئاساسىدا خەنزۇ تىلنى ئىگىللەپ، مىللىيچە ۋە خەنزۇچىغا پۇختا ئىقتساسلىقلاردىن قىلىپ چىقىش؛ ئۈچۈنچىدىن ھازىرقى زاماندا خەنزۇ تىلى دۆلىتىمىزدىكى ئونۋېرسال تىل بولۇپلا قالماسىتن خەلقئارادا پىكىر ئالماشتۇرۇشتىكى مۇھىم قۇرال بولۇپ قالدى؛ تۆتىنچىدىن ئاپتۇنۇم رايۇندىكى كەڭ ئاز سانلىق مىللەت ئاممىسى «قوش تىل» ئۆگىنىشنى ئىنتايىن ھىمايە قىلدۇ ۋە قارشى ئالدۇ. 55. فالۇن گۇمىپىسنىڭ قانداق خەۋىپ خەتىرى بار؟ ( بايان قىلىش) ج: فالۇن گۇمپىسى كىشلىك ھوقۇققا دەخلى تەرۇز يەتكۈزۈپ، ھاياتلىققا زىيان سېلىش، جەمئىيەت تەرتىپىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، باشقىلارنىڭ نورمال ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز يەتكۈزۈش، ئۇلار بىلەن پىكىرى بىردەك بولمىغان زاتلار ۋە كوللىكىتىپلارغا يامان غەرەزدە ھۇجۇم قىلىپ، پۇقرالارنىڭ پىكىر قىلىش ئەركىنلىكگە دەخلى يەتكۈرۈش، بىدئەت دىندىن پايدىلىنىپ سىياسى پائالىيەت ئېلىپ بېرىش قاتارلىق جەھەتتىن جاۋاپ بىرىش. 56. تارقاقلاشتۇرۇش دىگەن نىمە؟ ج: تارقاقلاشتۇرۇش ــــ جانلىق كۈچ ۋە سانائەتنى پارچىلاپ يۆتكەش پائالىيتنى كۆرسىتىدۇ. ۋاقىتقا بۈلۈپ دەسلەپكى مەزگىللىك ۋاقىتلىق تارقاقلاشتۇرۇش ۋە جىددى تارقاقلاشتۇرۇش دەپ بۈلۈنىدۇ. مەزمۇن بويىچە نۇپۇسنى تارقاقلاشتۇرۇش ۋە سانائەتنى تارقاقلاشتۇرۇش دەپ بۈلۈنىدۇ. ۋەزىپە بويىچە شەھەر نۇپۇس ۋە ماددى ئەشيالارنى تارقاقلاشتۇرۇش پىلانى، تاقاقلاشتۇرۇش رايۇننى ئورۇنلاشتۇرۇش تەييارلىقى دەپ بۈلۈنىدۇ. پەقەت ئادەتتە تۈرلۈك تەييارلىقنى ياخشى قىلغاندىلا جەڭ ۋاقتىدا كۆزلىگەن مەقسەتكە يەتكىلى بولىدۇ. 57. نىمە ئۈچۈن تارقاقلاشتۇرۇش ئېلىپ بېرىلدۇ؟ ج: تارقاقلاشتۇرۇش ـــ كۈچنى ساقلاپ قېلىپ جەڭدىكى يۈشۈرۈن كۈچنى يۇقىرى كۈتۈرۈپ، ئادەملەرنىڭ ئۈلۈش، يارلىنىشى ھەمدە ماددى ئەشيانىڭ زىيانغا ئۇچۇرشىنى تۆۋەنلىتىدىغان مۇھىم تەدبىر. 58. دۆلىتمىىزدە بەلگىلەنگەن ھاۋا ھۇجۇمدىن مۇداپىئەلىنىش سىگنالى نەچچە خىلغا بۈلۈنىدۇ؟ ج: دۈشمەننىڭ ھاۋادىن ھۇجۇم قىلىشنى يەتكۈزۈش سىگنالى دەسلەپكى سىگىنال، ھاۋا ھۇجۇمى سىگىنالى ۋە بىكار قىلىش سىگىنالنى دەپ ئۈچ خىلغا بۈلۈنىدۇ. 59. ئالدىن بېرىلگەن سىگىنالنى ئاڭلىغاندىن كېيىن قانداق قىلىش كېرەك؟ ج: ئالدىن بېرىلگەن سىگىنالنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، دەرھال توك مەنبەسىنى ئۆچۈرۈپ، گازنى ئىتىپ، ئۈزىنىڭ زۈرۈر بولغان تۇرمۇش بۇيۇمىنى ئېلىپ، ئادەمنى، ئورۇننى، يولنى بېكىتىش تەلىپى بويىچە، تەرتىپلىك ھالدا ئالدىنى ئېلىش قۇرۇلۇشى ياكى يۇشۇرنۇش رايۇنىغا كىرىۋېلىش كېرەك. ئاممىۋى سورۇندىكى ئادەم ۋە ماشىنىلار ئالاقىدار خادىمنىڭ قۇماندانلىقىغا بويسۇنۇپ، تېزدىن بېكىتىلگەن ئورۇنغا بېرىپ يۇشۇرنىۋېلىش، كىچىلىرى چىراقنى باشقۇرۇش تۈزۈمىگە قاتتىق ئەمەل قىلىش كېرەك. 60. ھاۋا ھۇجۇمى سىگىنالىنى ئاڭلىغاندا قانداق قىلىش كېرەك؟ ج: ھاۋا ھۇجۇمى سىگىنالىنى ئاڭلىغاندا دەرھال مۇداپىئەلىنىش قۇرۇلۇشىغا كىرىپ يۇشۇرنىۋېلىش كېرەك. ئەگەر ئەھۋال جىددى بولۇپ مۇداپىئە قۇرۇلۇشىغا كىرىشكە ئامالسىز قالسا، يەر شەكلىدىن پايدلىنىپ ئۆزىنى دالدىغا ئېلىش، ئۆي ئىچىدە ئاستىنقى قەۋەتتىكى پەلەمپەينىڭ ئاستىغا، ئوبىرنىغا ۋە ئاشخانا قاتارلىق ئورۇنغا يۇشۇرنىسا بولىدۇ. يۇقارقى شارائىتلار ھازىرلانمىسا تامنىڭ بۇرجىكىگە ۋە كارۋاتنىڭ ئاستىغا يۇشۇرنۇپ، ئىشىك دېرىزە ۋە ئاسان پارتىلايدىغان بۇيۇملاردىن يىراق تۇرۇش كېرەك. ئاممىۋى سورۇن، دۇكان، تىياتىرخانا، بىكەت، پورت قاتارلىق جايلاردا يەر شەكلىدىن پايدىلىنىپ ئايرىم يۇشۇرنۇش، جىددىلەشمەسلىك، قالايمىقان يۈگۈرمەي، يېقىن ئەتراپتىكى يەر ئاستى ئۆيى، مىترو بېكىتى ياكى بىتون قۇرۇلۇشنىڭ تۆۋەنكى قەۋىتىدىكى يۇشۇرۇن ئورۇنغا مۈكۈش، يۇقىرى بېسىملىق توك، ماي ئىسكىلاتى قاتارلىق ئورۇندا تۇرۇپ قالماسلىق،ئۇچۇقچىلىق بولسا كارىز، ئازگال ۋە دەرەخنىڭ ئاستى دىگەندەك جايلارغا يۇشۇرنىۋېلىش كېرەك. 61. ئاگاھلاندۇرۇشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش سىگىنالنى ئاڭلىغاندىن كېيىن قانداق قىلىش كېرەك؟ ج: ئاگاھلاندۇرۇشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش سىگىنالى خەتەردىن قۇتۇلغانلىقتىن دېرەك بەرمەيدۇ، بەلكى يەنە ئۆي گۈمۈرلۈپ چۈشۈپ ئوت كېتىشى، رادىئاكتىپ ماددا، زەھەرلىك باكتىرىيە يۇقۇپ قېلىشى مۇمكىن. شۇنىڭ ئۈچۈن ھۇش كاللىنى سەگەك تۇتۇپ، ئۆزىنىڭ نەرسە كېرەكلىرىنى چىڭ ساقلاپ، تەشكىللىك ھالدا خەتەرلىك رايۇندىن چېكىنىپ، بىخەتەر رايۇنغا يۆتكىلىش كېرەك. ھاۋا ھۇجۇمى جەمئىيەت ۋە ئائىلىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش تۇرمۇش تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرۋەتكەنلىكى ئۈچۈن، بارلىق خادىملار جەڭ ۋاقتىدىكىە ئالاقىدار بەلگىلىمىگە قاتتىق ئەمەل قىلىپ، ئالاقىدار ئورۇنغا ھەمكارلىشپ، ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇش تەرتىپىنى تېزدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، ئاپەتنىڭ زىيىنىنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈش كېرەك. 62. ئالدىن بېرىلگەن سىگىنال، ھاۋا ھۇجۇمى سىگىنالى ۋە ھۇجۇمنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش سىگىنالىنى قانداق پەرقلەندۈرۈش كېرەك؟ ج: ئالدىن بېرىلگەن سىگىنال 36سېكۇنت سايراپ، 24سېكۇنت توختايدۇ، ئۇدا 3قېتىم سىگىنال بېرىلىدۇ، سايراش ۋاقتى 3مىنۇت بولىدۇ. ھاۋا ھۇجۇم سىگىنالى 6سېكۇنت سايراپ، 6سېكۇنت توختايدۇ، ئۇدا 15قېتىم سىگىنال بېرىلىدۇ، سايراش ۋاقتى 3مىنۇت بولىدۇ. سىگىنالنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش سىگىنالى ئۇدا 3قېتىم سايرايدۇ. 63. مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلارغا قارىتىلغان خەلق ھاۋا مۇداپىئە تەربىيىسى قايسى ئورۇنلار تەشكىللەپ يولغا قويىدۇ؟ ج: مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلارغا قارىتىلغان خەلق ھاۋا مۇداپىئە تەربىيىسىنى ھەردەرىجىلىك مائارىپ مەمۇرى تارماقلىرى ۋە خەلق ھاۋا مۇداپىئەسىنى باشقۇرغۇچى ئورۇن تەشكىللەپ يولغا قويىدۇ. 64. ھاۋا مۇداپىئە يەر ئاستى ئۆيى بىلەن ئادەتتىكى يەر ئاستى ئۆيىنىڭ پەرقى نەدە؟ ج: ئاساسلىقى : ئۆز-ئۆزىنىڭ مۇداپىئە ئالاھىدىلىكىدە كۆرۈلىدۇ. ھاۋا مۇداپىئە يەر ئاستى ئۆيى قوغداش ئىقتىدارىغا ئىگە يەر ئاستى ئۆي، ئادەتتىكى يەر ئاستى ئۆيىدە قوغداش ئىقتىدارى ھازىرلانمىغان. 65. دۆلىتىمىزدىكى ئاز سانلىق مىللەتنىڭ داڭلىق 3چوڭ تارىخى داستانى قايسىلار؟ ج: مۇڭغۇلارنىڭ «جاڭغىر»، زاڭزۇلارنىڭ «گاسارۋاڭ ھەققىدە قىسسە»، قىرغىزلارنىڭ «ماناس» دۆلىتىمىزدىكى ئاز سانلىق مىللەتنىڭ داڭلىق 3چوڭ قەھرىمانلىق تارىخى داستانى. 66. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ «خەلق ھاۋا مۇداپىئەسى قانۇنى» دا پۇقرالار خەلق ھاۋا مۇداپىئەسىدە قانداق ھوقۇق ۋە مەجبۇرىيەتتىن بەھرىمان بولىدۇ دەپ بەلگىلەنگەن؟ ج: ھەرقانداق تەشكىلات ۋە شەخسىلەرنىڭ خەلق ھاۋا مۇداپىئەسىدىن قوغدىنىشقا ئىرىشىش ھوقۇقى بولىدۇ. خەلق ھاۋا مۇداپىئەسىنى چۇقۇم قانۇن بويىچە ئادا قىلىش كېرەك. 67. نىمە ئۈچۈن خەلق ھاۋا مۇداپىئەسى قانۇنى تۈزۈلىدۇ؟ ج: خەلق ھاۋا مۇداپىئەسىنى ئۈنۈملۈك تەشكىللەپ، خەلقنىڭ ھاياتى ۋە مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى قوغداپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىشتىن ئىبارەت. 68. خەلق ھاۋا مۇداپىئەسى قۇرۇلۇشىنىڭ جەڭ ۋاقتىدىكى ئىقتىدارى ۋە رولى نىمە؟ ج: خەلق ھاۋا مۇداپىئە قۇرۇلۇشى ۋە ئۇنىڭ قوغداش ئىقتىدارى بولسا- دۈشمەننىڭ تەسادىبى ھاۋا ھۇجۇمىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىپ، ئادەم ۋە ماددى ئەشيالارنى ئۈنۈملۈك يۇشۇرۇپ، جەڭدىكى يۇشۇرۇن كۈچنى ساقلاپ، خەلقنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداپ، ھايات ۋە مال-مۈلۈكنىڭ زىيانغا ئۇچرىشىدىن ساقلىنىش ۋە ئالدىنى ئېلىش. 69. خەلق ھاۋا مۇداپىئەسى قۇرۇلۇشىنى ئىشلىتىشتە نىمىلەر تەلەپ قىلىنىدۇ؟ ج: ھەقلىق ئىشلىتىش يولغا قۇيۇلىدۇ. ئىشلەتكەندە (1) جەڭ تەييارلىقى بولۇپ قالسا تېز سۈرئەتتە جەڭ ۋاقتىدىكى ھاۋا مۇداپىئەسى ۋە شەھەرنى قوغداش جېڭى قىلىشتا ئىشلىتىشكە كاپالەتلىك قىلىنىدۇ. (2) قۇرۇلۇشى ئاسىراش ۋە باشقۇرۇشنى ياخشى ئېلىپ بېرىپ، قۇرۇلۇشنىڭ قوغداش ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ كېتىشكە بولمايدۇ، (3) زۈرۈر تېپىلغان بىخەتەرلىك كاپالەت تەدبىرى ئورنىتىپ، بىر قەدەر ياخشى بولغان ئىقتىدارى ئۈنۈمى ۋە ئىشلىتىش ئۈنۈمىنى ھازىرلاپ، ئۇزۇن مەزگىل ئىشلىتىش ئېلىپ بېرىلىدۇ. 70. خەلق ھاۋا مۇداپىئەسى قۇرۇلۇشىنى ئىگىلىۋالسا قانداق بىر تەرەپ قىلىنىدۇ؟ ج: خەلق ھاۋا مۇداپىئەسى قۇرۇلۇشىنى ئىگىلىۋالسا ناھىيە دەرىجىدىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى خەلق ھاۋا مۇداپىئەسى قۇرۇلۇشىنى ئاساسلىق باشقۇرغۇچى ئورۇن جاۋاپكارغا ئاگاھلاندۇرۇش ئېلىپ بېرىپ، سۈرۈك ئىچىدە قانۇنغا خىلاپ قىلمىشىنى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ. شەخسىلەرگە 5000يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ؛ ئىدارىگە 10مىڭدىن 50مىڭ يۈەن ئىچىدە جەرىمانە قويسا بولىدۇ. زىيان ئېلىپ كەلسە قانۇن بويىچە تۈلەپ بېرىدۇ. 71. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربيىسى پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشتا قانداق پرىنسىپقا ئەمەل قىلىش كېرەك؟ ج: ئادەمگە قاراپ تەربىيىلەش ئېلىپ بېرىش، ئىجابى تەربىيىلەش، ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئەھمىيەت بېرىش، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرلەش پرىنسىپى. 72. «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيىسىنىڭ مەزمۇنى نىمە؟ ج: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى باشتىن ئاخىر جۇڭگودىكى ئىلغار ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ تەرەققىيات تەلىپىگە، جۇڭگودىكى ئىلغار مەدەنىيەتنىڭ ئالغا بېسىش يۈنىلىشىگە، جۇڭگودىكى ئەڭ كەڭ خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئەتىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. 73. «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيىسى نىزامى» قاچان ماقۇللانغان؟ ج: 2009-يىلى 12-ئاينىڭ 29-كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇننىڭ 11-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتېيى دائىمىي كومىتېتنىڭ 16-قېتىملىق يىغىنىدا ماقۇللاندى. 74. قانۇنسىز دىنى پائالىيەت دىگەن نىمە؟ ج: ئومۇمەن دۆلەتنىڭ ئاساسى قانۇنى ۋە قانۇن، بەلگىلىمە، سىياسەت ھەمدە ئاپتۇنۇم رايۇننىڭ دىنى ئىشلارنى باشقۇرۇشقا ئالاقىدار نىزام ۋە بەلگىلىمىلىرىگە خىلاپلىق قىلغان دىنى پائالىيەتنىڭ ھەممىسى قانۇنسىز دىنى پائالىيەت دائىرىسىگە كىرىدۇ. 75. ئومۇمى خەلق دۆلەت مۇداپىئە تەربىيسىنىڭ پىروگىراممىسى قانچە خىل ئوخشىمىغان تۈركۈمگە بۈلۈنۈپ يولغا قۇيۇلىدۇ؟ ج: دۆلەت ئورگىنىدىكى خىزمەتچىلەر، جوڭگو خەلق ئازاتلىق ئارمىيسى، جوڭگو خەلق قۇراللىق ساقچى قىسمىدىكى ئوفىتسىر ئەسكەرلەر، ئوقۇغۇچىلار، خەلق ئەسكەرلىرى، زاپاس قۇشۇن ھەمدە دېھقان، ئىشچى ۋە باشقا ئىجتىمائى خادىملار قاتارلىق ئوخشىمغان بەش خىل پۇقرالار كوللىكىتىۋىگە بۈلۈنۈپ يولغا قۇيۇلىدۇ. 76. ۋەتەنپەرۋەرلىك تازلىق ھەرىكىتىنىڭ ئاساسلىق قانۇنىيىتى نىمە؟ ج: ۋەتەنپەرۋەرلىك تازلىق ھەرىكىتى – دۆلەت، كوللىكتىپ ۋە شەخسىلەرنىڭ ماسلىشىش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئاممىىۋى لۇشىيەندىن پايدىلىنىپ ئىجتىمائى كۈچنى تەشكىللەپ، زىيانداش ۋە كېسەللىكنى تۈگىتىپ، ناچار ئادەتتىن خوشلۇشۇپ، جەمئىيەتنىڭ تازلىق ئېڭىنى كۈچەيتىپ، مۇھىتنى ئۆزگەرتىپ تەبىئەتنى ياخشىلاپ، ساغلاملىققا زىيان يەتكۈزىدىغان ئامىللارنى پائال تۈگىتىپ، ئومۇمى خەلقنىڭ تۇرمۇش سۈپىتى، تازلىق ساپاسى ۋە ساغلاملىق سەۋىيىسىنى يۇقىرى كۆتۈرىدىغان تازلىق ھەرىكىتىنى كۆرسىتىدۇ. 77. ئاقسۇ شەھەر ئاھالىسنىڭ 10نى قىلماسلىق ھەرىكەت ئۆلچىمى نىمىنى كۆرسىتىدۇ؟ ج: قالايمىقان تۈكۈرمەسلىك، قالايمىقان نەرسە-كېرەك تاشلىماسلىق؛ يولدىن توغرىسىغا كىسىپ ئۆتمەسلىك؛ قالايمىقان بويىماسلىق؛ قالايمىقان توختاتماسلىق؛ قالايمىقان يايما تىزماسلىق؛ قالايمىقان ئاتماسلىق؛ سەت گەپ قىلماسلىق؛ يېشىللىققا بۇزغۇنچىلىق قىلماسلىق؛ ئومۇمنىڭ مۈلۈكىگە زىيان سالماسلىق؛ دەريا ئېقىنلارنى بۇلغىماسلىق. 78. پىيادە يول يۈرگەنلەر يول يۈرۈش تەرتىپىگە قانداق رىئايە قىلىش كېرەك؟ ج: يول يۈرۈش تەرتىپىگە رىئايە قىلىش قىلماسلىق بىر ئادەمنىڭ ئىجتىمائى ئاممىۋى ئەخلاق سەۋىيىسىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ. يول يۈرگۈچىلەر پىيادىلەر يولىدا مېڭىشى، ئەگەر قاتناش ۋەقەسى ياكى باشقا زىددىيەت ماجرالار سادىر بولسا ئالاقىسىسىز خادىملار ئەتراپىنى قورشىۋالماسلىقى، بۇلۇپمۇ غۇلغۇلا قىلماسلىقى لازىم. 79. ئەيدىز كېسىلىنىڭ تارقىلىش يۇلى قايسىلار؟ ج: جىنسى مۇناسىۋەت، قاندىن ، ئانىدىن بالىغا تارقىلىدۇ. 80. يىمەكلىكتىن زەھەرلىنىشنىڭ ئالدىنى قانداق ئېلىش كېرەك؟ ج: كېسەل بولۇپ ئۆلگەن ئۆي قۇشلىرىنى يىمەسلىك، چىرىپ سۈپىتى ئۆزگىرىپ كەتكەن يىمەكلىكنى يىمەسلىك، يېزا ئىگىلىك دورلىرى بىلەن بۇلغانغان يىمەكلىكنى يىمەسلىك، بىخلاپ قالغان ياڭيۇ يىمەسلىك؛ پىششىق يىمەكلىكنى پارچىلاشتىن بۇرۇن پىچاق ۋە ئۈستەلنى پاكىزە يۇيۇش، خام يىمەكلىك بىلەن پىششىق يىمەكلىكنى پارچىلايدىغان پىچاق ۋە ئۈستەلنى ئايرىم ساقلاش كېرەك. 81. شەھەر مۇھىت تازلىقىنى قانداق قوغداش كېرەك؟ ج: بىرىنچىدىن، قالايمىقان تۈكۈرمەسلىك؛ ئىككىنچىدىن. مىۋە پوستى، قەغەز پارچىسى ۋە تاماكا قالدۇقىنى قالايمىقان تاشلىماسلىق؛ ئۈچىنچىدىن، شەھەر مۇھىتىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان قىلمىشلارنى قىلماسلىق؛ تۆتىنچىدىن، مۇھىت ئاسىراشقا دىققەت قىلىش كېرەك. 82. «3خىل كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش» قايسى 3خىل كېسەلنى كۆرسىتىدۇ؟ ج: 1) يۇد كەملىك كېسىلى، سىل كېسىلى، ئەيدىز كېسىلىنى كۆرسىتىدۇ. 83. 12-ئاينىڭ 1-كۈنى قانداق كۈن؟ ج: ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەشۋىقات كۈنى 84. ۋېلسىپىت مىنگەندە نىمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟ ج: 1) 12ياشقا توشمىغان بالىلار يولدا ۋېلسىپىت مىنىشكە رۇخسەت قىلىنمايدۇ. 2) ۋېلسىپىت مىنىپ كۈنلۈك تۇتۇشقا بولمايدۇ. 3) ۋېلسىپىت مىنگەندە قولنى قۇيىۋېتىشكە بولمايدۇ. 4) ۋېلسىپىت مىنىپ ئادەم سۆرەشكە بولمايدۇ. 5) چاتىقى بار ۋېلسىپىت مىنىشكە بولمايدۇ. 6) ۋېلسىپىتنى تېز مىنىشكە بولمايدۇ. 7) ماتۇرلۇق قاتناش بىلەن يول تالىشىشقا بولمايدۇ. 8) بىر قانچە ۋېلسىپىت بىر تەكشىلىكتە مېڭىشقا بولمايدۇ. 85. سۇ ئۈزۈشتىن بۇرۇن قانداق تەييارلىق ئىشلەش كېرەك؟ ج: ئالدى بىلەن 4-5مىنۇت يۈگىرەپ بەدەننى سەل قىززىتىش، ئارقىدىن تەييارلىق گىمناستىكىسى ئويناپ بەدەن مۇسكۇللىرىنى تۇلۇق ھەرىكەتلەندۈرۈپ، زەخمىلىنىشتىن ساقلىنىش كېرەك. سۇغا چۈشۈشتىن بۇرۇن سۇ بىلەن باش ۋە كۆكرەك قىسىمىنى ھۆل قىلىپ، سۇ تىمپىراتۇرسىغا ماسلىشىش كېرەك. سۇغا چۈشۈپلا تېز سۈرئەتتە ئۈزۈشكە بولمايدۇ. چوڭقۇر رايۇنغا بېرىۋېلىشقا تېخىمۇ بولمايدۇ. كۆلچەكنىڭ بويىدا ئازراق ئۈزۈپ ماسلىشىۋالغاندىن كېيىن ئاندىن سۈرئەتنى تېزلەشتۈرسە بولىدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ جەريان سۇ ئىچىدىكى بەدەن قىززىتىش دىيىلىدۇ. 86. سۇ ئۈزۈشتە ھادىسە كۆرۈلسە قانداق قىلىش كېرەك؟ ج: ۋەقە كۆرۈلسە دەرھال قۇتقۇزۇشقا چاقىرىپ ھەرىكەت قوللىنىش كېرەك. بالىلار ۋە ئۆسمۈرلەر قارغۇلارچە سۇغا چۈشۈپ قۇتقۇزۇشقا بولمايدۇ. 87. قاتناش بەلگە چىرىقى (قىزىل، يېشىل چىراق) نىمە مەنىنى كۆرسىتىدۇ؟ ج: يېشىل چىراق يانغاندا ماڭسا بولىدۇ، يېشىل چىراق لاپىلدىغاندا پىيادىلەر ئۈتۈشمە يۇلىغا كىرمەسلىك كېرەك. قىزىل چىراق يانغاندا يولدىن ئۈتۈش مەنئى قىلىنىدۇ. قىزىل چىراق يېنىپ ماشىنىنىڭ ئۈتۈشى مەنئى قىلىنغاندا يولدىن توغرىسىغا كېسىپ ئۈتۈشكە بولىدۇ، ئەمما يولدىن ئۈتۈشىۋاتقان ماشىنىغا دىققەت قىلىش كېرەك. 88. ئەگەر سىز ئاممىۋى سورۇندا يەر تەۋرەش ھادىسىسىگە ئۇچرىسىڭىز قانداق قىلىسىز؟ ج: ئالاقىزادە بولماي، ئەتراپتىكى بىخەتەر ئورۇننى تېپىپ دالدىلانسا بولىدۇ، مەسىلەن: قول يۇيۇش ئۆيى، سەھنە ئاستى ۋە ئۈستەل ئاستى قاتارلىقلار. 89. ئەگەر سىز كۇچىدا يەر تەۋرەش ئاپىتىگە ئۇچرىسىڭىز قانداق قىلىسىز؟ ج: بىنانىڭ ئىچىگە كىرىپ دالدىلىنىشقا قەتئى بولمايدۇ. شۇنداقلا خالتا كۇچا، ئىگىز بىنا، تىك قىيا، كۆۋرۈك ئۈستىدە تۇرۇپ قالماسلىق كېرەك. 90. ئوت ئاپىتىگە ئۇچرىغاندا قانداق قىلىش كېرەك؟ ج: دەرھال 119قا مەلۇم قىلىمەن. 91. سىز جىنايەتچىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىسىڭىز ياكى باشقىلارنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغىنىنى بايقىسىڭىز قانداق قىلىسىز؟ ج: جىنايەتچى ئونسۇرلار باشقىلارغا زىيان زەخمەت ئېلىپ كەلگەندە 110غا تېلىفۇن قىلىپ ئەھۋال مەلۇم قىلىش، ھەمدە دىلو ۋە دىلو سادىر بولغان ۋاقىت، ئورۇن قاتارلىقلارنى ئەينەن ئېيتىش، قەتئى يالغاندىن دىلو مەلۇم قىلماسلىق، ئۇنداق بولمىغاندا قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىدۇ. 92. مىللى ئۆچمەنلىككە قۇترىتىپ، مىللەتنى كەمسىتىشكە قۇترىتىش قىلمىشى قانداق جازالىنىدۇ؟ ج: 10كۈندىن يۇقىرى 15كۈندىن تۆۋەن جەرىمانە قۇيۇلىدۇ، ھەمدە 1000يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە ئېلىنىدۇ. 93. يادرو قۇرال دىگەن نىمە؟ ج: يادرو قۇرال – ئاتۇم يادرو رىئاكسىيىسى كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە غايەت زور ئىنىرگىيە ھاسىل قىلىدىغان، زەخمىلەندۈرۈش ۋە يارلاندۇرۇش رولىغا ئىگە قۇرال. 94. خىمىيىلىك قۇرال دىگەن نىمە؟ جەڭدە زەھەرلىك رولى ئارقىلىق ئادەم، چارۋىلارنى ئۆلتۈرۈپ، ئۈسۈملۈككە بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان خىمىيىلىك زەھەر دورا. بۇ زەھەرلىك دورا قاچىلانغان زەمبىرەك ئۇقى، پارتىلاتقۇچ بومبا، راكىتا، باشقۇرۇلىدىغان بومبا، مىنا ۋە ھاۋادىن چېچىش قۇرالى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 95. بىئولوگىيىلىك قۇرال دىگەن نىمە؟ ج: ئۇ يەنە باكتىرىيىلىك قۇرال دىيىلىدۇ. ئۇ بىئولوگىيىلىك دورا ۋە قۇيۇپ بېرىش ئۈسكۈنىسىدىن ئىبارەت 2گە بۈلۈنىدۇ. بىئولوگىيىلىك ئۇسۇلدا ھاۋادا ئىرىيدىغان يىلىم ۋە باكتىرىيە ئېلىپ يۈرىدىغان ھاشارەت قۇيۇپ بېرىش ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ. ھازىرقى زاماندا بىئولوگىيىلىك قۇيۇپ بېرىش قۇرالى ھاۋادا ئىرىيدىغان يىلىم، زەمبىرەك، راكىتا، باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە ھەر خىل بىئولوگىيىلىك دورىلرانى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 96. دۆلىتىمىزدە قانچە مىللەت بار؟ شىنجاڭدا قانچە مىللەت بار؟ ج: دۆلىتىمىزدە 56مىللەت بار، شىنجاڭدا 55مىللەت بار. 97. تۆتنى قوغداشنىڭ مەزمۇنى نىمە؟ ج: قانۇننىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىنى، خەلقنىڭ مەنپەئەتىنى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش. 98. باش شۇجى خۇ جىنتاۋ مىللەتلەر خىزمىتىدە ئوتتۇرىغا قويغان «ئىككى ئورتاق» دىگەن نىمە؟ ج: ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، ئورتاق گۈللىنىپ تەرەققى قىلىش. 99. «5ئۆز ئارا» نىڭ كونكىرت مەزمۇنى نىمە؟ ج: ئۆز ئارا ئىشىنىش، ئۆز ئارا ھۆرمەتلەش، ئۆز ئارا ئۆگىنىش، ئۆز ئارا قوللاش، ئۆز ئارا ئەپۇ قىلىش. 100. دىن دىگەن نىمە؟ ج: دىن بولسا ئىلاھقا ئېتىقاد قىلىش ، دۇئا قىلىش ۋە چۇقۇنۇشنى يادرو قىلغان مەدەنىيەت تەشكىلى شەكلى بولۇپ، ئۇ ئادەملەرنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىدىن سىرتقى كۈچلەرنى ئادەمنىڭ ئىدىيىسىدە پانىي ئالەمدىن ھالقىغان شەكىلدە ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرەلەيدىغان، شۇنداقلا ئۇنى ئادىمىيلەشتۈرگەن بىر خىل ھەرىكەت. ئىپادىسى بولسا دىنىي مۇرتلارنىڭ بۇ خىل كۈچكە بولغان چۇقۇنۇش، ئەيمىنىش ۋە روھى جەھەتتىكى يۈنىلىشنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. |
(تەھرىر : يانتاق)
«دۆلەت مۇداپىئەسىگەئائىت100سىناق سۇئالى»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر |
||||||||
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
- ماۋسۇملۇق پىلان خۇلاسىلەر
- تۆتلەشتۈرۈش خىزمەت خۇلاسىىسى
- ماۋسۇملۇق خىزمەت خۇلاسىسى
- رەھبەرلىك بەنزىسنىڭ 2012-يىللىق خىزمەت دو
- ئەخلاق تەربىيە ئۆز-ئۆزىنى باھالاش دوكلا
- ئەخلاق تەربىيە خىزمەت دوكلاتى
- ئەخلاق تەربىيە ماتىرىيالى
- x مەكتەپنئڭ پارتئيە ظەزالئرئنئڭ دئمكذرا
- بئزنئڭ ؤەدئمئز
- ئوقۇتقۇچىلاردىن ئېلىنىدىغان سىياسى- نە
- بايراق ئاستىدا قىلىنغان سۆز
- ئائىلا باشلىقلىقرى تەربىسى ماتىرىيالى
- يېڭى ماۋسۇملۇق بايراق چىقىرىش نۇتۇقى
- ئەترەت نىزامنامىسى
- 德育目录 ئەخلاق تەربىيە مۇندەرىجىسى
- مەكتەپلەردىكى تۈرلىك تەشكىلى سىخمىلار
- ئاپتورنىڭ ئارخىپى
-
تۇدىمەمەت تەپسىلىي ئارخىپ ئۇچۇر ئەۋەتىش دوستلىشىش ئەزا دەرىجىسى:ئادەتتىكى ئەزا تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-09-02 10:09 ئاخىرقى كەلگىنى:2011-09-15 10:09
- ماۋسۇملۇق پىلان خۇلاسىلەر
- تۆتلەشتۈرۈش خىزمەت خۇلاسىىسى
- ماۋسۇملۇق خىزمەت خۇلاسىسى
- رەھبەرلىك بەنزىسنىڭ 2012-يىللىق خىزمەت دوكلاتى
- ئەخلاق تەربىيە ئۆز-ئۆزىنى باھالاش دوكلاتى
- ئەخلاق تەربىيە خىزمەت دوكلاتى
- ئەخلاق تەربىيە ماتىرىيالى
- x مەكتەپنئڭ پارتئيە ظەزالئرئنئڭ دئمكذراتئك ب
- بئزنئڭ ؤەدئمئز
- ئوقۇتقۇچىلاردىن ئېلىنىدىغان سىياسى- نەزەرىي
- ئەخلاقى تەربىيە خۇلاسسى
- ئەخلاق تەربىيە ئۆز-ئۆزىنى باھالاش دوكلاتى
- ماۋسۇملۇق پىلان خۇلاسىلەر
- 德育目录 ئەخلاق تەربىيە مۇندەرىجىسى
- دۆلەت مۇداپىئەسىگەئائىت100سىناق سۇئالى
- ماۋسۇملۇق خىزمەت خۇلاسىسى
- تۆتلەشتۈرۈش خىزمەت خۇلاسىىسى
- ئەخلاق تەربىيە ماتىرىيالى
- دىننىڭ مەكتەپلەرگە سىڭىپ كىرىشنى
- رەھبەرلىك بەنزىسنىڭ 2012-يىللىق خىزمەت دوكلاتى