ئــىـــســىــم: پــــــــــــارول: دەلىل كود: تىزىملىتىش پارول ئۇنتۇلغان؟
| كىرىش | تىزىملىتىش | باش بەتلەش | ساقلىۋىلىش | خەرىتە | خەتكۇچ |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە
دەرس تەيـيـارلـىـق باشلانغۇچ تەييارلىق تولۇقسىز تەييارلىق تولـــۇق تەييارلىق يەســـلى تەييارلىق شـادلـىــق كـۇلـــۇبى كـارتـون فـىـلــىم بـالـىلار ناخشىلىرى بـالـىلار ئويۇنلىرى ئاتا-ئانا، پەرزەنت يـۇمــشـاق دېـتـال قوللىنشچان قوراللار دەرسـلـىـك دىــتـال نـادىـر ئېلكىتابلار ئـۇيغـۇرچـە دىتاللار ماتـېرىيال باغچىسى بـالـىـلار پـەرۋىـشى بـالـىـلار پىسخىكىسى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش ئۇستاز ياردەمچىسى پـەنـلـەر ئـوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق پايدىلىنىش ماتىريالى قـــانـــۇن-تـــۇزۇم ئـىـمـتىھـان باغچىسى بـاشلانـغۇچ سۇئاللىرى تـولـۇقسىز سۇئاللىرى سەۋىيە سىناش سۇئالى كومـپىيۇتىر- باشقىلار تـارىـخ ۋە مەدەنىيەت تـارىـخـى بـىـلىملەر مـەشـھـۇر شـەخـىـسلەر تېخنىكا ۋە كـەشپىيات ئۇيغۇر تىلى باغچىسى رەســىــم كـارىـدورى تـارىـخى رەسـىـمـلەر ئـوقـۇتـۇش رەسـىملىرى تـۇرلـۇك خـەرىـتـىلەر ئـــــومــــاق قوزام ئاناتىل ئۇيغۇرتىلى ئۇيغۇر تىلى فونتېكا ئۇيغۇر تىلى لىكسىكا گىرامماتىكا بىلىمى ئـۇيغۇرتىلى تەتقىقاتى ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش ئانا تىل ئۇلىنىشلىرى ئۇيغۇرچە كىرگۇزگۇچ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > ئوقۇتۇش > خۇلاسە-دوكلات > پارتىيەقۇرلىشى،ئەخلاق تەربىيە > تولۇق مەزمۇنى

ماۋسۇملۇق خىزمەت خۇلاسىسى

ۋاقىت : 2013-05-10 02:01 | مەنبەسى : | ئاپتۇر : بىگىم | تەھرىر : ئىزدەن | كۆرۇلىشى : قېتىم
ماۋسۇملۇق خىزمەت خۇلاسىسى
ماۋسۇملۇق خىزمەت خۇلاسىسى
 
سىياسى-ئىددىيىۋى خىزمەت ۋە ئەخلاق جەھەتتە:
مەن بۇ بىر يىلدىن بۇيان پارتىيىنىڭ سىياسەتلىرى ،قانۇن- نىزاملىرىغا ئاڭلىق رىئايە قىلىپ،چاقىرىقىغا ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇپ ،تۆت ئاساسى پىرىنسىپتا چىڭ تۇرۇپ ،ماركىسىزىم ،لېنىنىزىم،ماۋزېدوڭ ئىددىيىسى،دېڭ شاۋپىڭ نەزىرىيىسى ،‹‹ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش مۇھىم ئىددىيىسىى››،ئىلمى تەرەقيات قارشىنى خىزمەتلىرىمگە قىبلنامە قىلىپ ، بايرىقىم رۇشەن،مەيدانىم مۇستەككەم ھالدا بۆلگۈنچىلىك ۋە دىننىي پائالىيەتكە قەتئى قارشى تۇرۇپ ،‹‹مىلىلى بۆلگۈنچىلىك ۋە قانۇنسىز دىنىي پائالىيەت ››نىڭ زىيىنىنى ئېنىق تونۇپ،ئىغارلىقنى بەرپا قىلىپ،نەمۇنىلىكنى تالىشىش،ئۇلۇغ ۋەتەندىن مىننەتدار بولۇپ،گۈزەل يۇرت-ماكان قۇرۇش پائالىيىتىگە  ئاكتىپ قاتنىشىپ ، شىنجاڭ خىزمىتى  سۆھبەت يىغنى،جۇڭگۇ كومىنىستىك پارتىيىسى  17 -  نۆۋەتلىك مەركىزى كومتىتى5-ئومۇمى يىغىنىنىڭ رۇھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ،ئوقۇغۇچىلارغا تەشۋىق قىلىش،پارتىيىنىڭ ئىتىبار سىياسەتلىرىنى ياخشى چۈشەندۈرۈش ئارقىلىق ئۇقۇغۇچىلارنىڭ تونۇشىنى يوقۇرى كۆتىرىپ ،پارتىيىگە بولغان ئىشەنچىسىنى چىڭىتىشقا كۈچ چىقاردىم. 1) ئوقۇغۇچىلارغا بولغان ۋەتەنپەرۋەرلىك،كوللىكتىۋىزىملىق تەربىيەسى ياخشى ئېلىپ بېرىلىپ،ئۇلاردا ۋەتەننى،خەلقنى،پارتىيىنى سۆيۈش،كولللىكتىپقا كۆڭۈل بۈلۈش،كوللىكتىپ مۈلكىنى ئاسراش ئىددىيەسى تۇرغۇزۇلدى.                       
2) ئوقۇغۇچىلارغا بولغان مىللەتلەر ئىتتىپاقلىغى تەربىيەسى،ئاتېزىم تەربىيەسى،ماركسزىملىق بەش قاراش تەربىيەسى ياخشى ئىشلىنىپ،ئۇلاردا بايرىغى رۇشەن،مەيدانى مۇستەھكەم ھالدا، مىللى بۆلگۈنچىلىك ۋە قانۇنسىز دېنىي پائالىيەتلەرگە قارشى تۇرۇپ،ۋەتەننىڭ بىرلىكى،مىللەتلەر ئىتتىپاقلىغى ۋە مۇقىملىقنى قوغدايدىغان ياخشى ئادەت يىتىلدۈرۈلدى .                                                      
  3)ئوقۇغۇچىلار قائىدىسى،كۈندىلىك ھەركەت ئۆلچىمى،ئوقۇغۇچىلار سۆز ھەركىتىدىكى 7نى قىلماسلىق قاتارلىق مەزمۇنلار پىششىق ئىگەللىتىلىپ،مەكتەپ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ۋە ئاممىۋى ئەخلاققا ئاڭلىق رىئايە قىلىدىغان ،مەدىنيەتلىك،ئەدەپلىك،ئىنتىزامچان ئىزباسارلاردىن قىلىپ تەربىيەلەشكە كۈچ سىڭدۈرۈلدى.                             
4)ئوقۇتقۇچى-ئۇستازلارنى،چوڭلارنى،ئاتا-ئانىلارنى ھۆرمەتلەش، كىچىكلەرنى ئىززەتلەش، باشقىلارغا ئەدەپلىك مۇئامىلە قىلىش،سەمىمى،راستچىل بولۇش تەربىيەسى ياخشى ئېلىپ بېرىلىدى.
5)لېي فىڭ،لەي نىڭدىن ئۆگىنىپ،باشقىلارغا يارىدەم بىرىشنى خۇشاللىق دەپ بىلىدىغان،تۈرلۈك پائالىيەتلەردە باشقىلارغا ئۆلگە بۇلىدىغان ئىسىل خىسلەت يىتىلدۈرۈلدى. 
6) ئوقۇغۇچىلارغا  بولغان    قانۇن-تۈزۈم  تەربىيەسى،  مۇقىملىق،  بىخەتەرلىك      تەربىيەسى   ياخشى ئىشلىنىپ،قانۇن-تۈزۈمگە رىئايە قىلىش،يول يۈرگەندە  ئوڭ  قولنى بېسىپ مېڭىش،قاتناش ۋاستىلىرىغا ئېسىلماسلىق،   يولدا   ئوينىماسلىق،    سۇ،    توك    ئاپىتىدىن ساقلىنىش،خەتەرلىك  ئويۇنلارنى  ئوينىماسلىق  قاتارلىق  تەربىيەلەر كۈچەيتىلىپ، ئوقۇغۇچىلار  بىخەتەرلىكىگە   كاپالەتلىك   قىلىنىپ، تەلىم-تەربىيە مۇھىتىنىڭ مۇقىملىقىغا ئەھمىيەت بىرىلدى.
سوتسىيالىستىك ئەخلاق،ئوقۇتقۇچىلار كەسپى ئەخلاقىغا ئاڭلىق رىئايە قىلىپ ،قانۇن بۇيىچە ئوقۇتۇش ئېلىپ بېرىپ،جەمىيەتتىكى يامان تەسىر ۋە پىتنە ئىغۋالارنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا تەسىر كۆرسىتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ،‹‹ ئۈچنى قوغداپ ،ئىككىگە قارشى تۇرۇش ›› تەربىيىسىنى ئۈچكە بىرلەشتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلپ دەرىس مۇنبىرىنىڭ پاكلىقىنى قوغداپ،سىياسىدا لاياقەتلىك ئىزباسارلارنى تەربىيىلەشكە ئەھمىيەت بەردىم. .
ئىقتىدار جەھەتتە
پارتىيەنىڭ مائارىپ فاڭجىنى،مائارىپ سىياسەتلىرى،‹‹مائارىپ قانۇنى››،‹‹ئوقۇتقۇچىلار قانۇنى››نى ئۆگىنىش ، كەسپى ئۆگىنىش ،مەدەنىيەت ئۆگىنىش ،قوش تىل ئۆگىنىش ،يىڭى دەرىسلىك ئىسلاھاتىنىڭ تەلىۋىنى ئۆگىنىش،كومپىيوتىر مەشغۇلاتىنى ئۆگىنىش ئەملىيىگە ئاكتىپ قاتنىشىپ بەلگىلىك ئىقتىدار ھازىرلاپ،مەكتەپ ئورۇنلاشتۇرغان تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىشقا تەييار تۇردۇم.
تىرىشچانلىق ۋە نەتىجە جەھەتتە
ئوقۇتۇش –تەلىم تەربىيە خىزمەتلىرىنىڭ تۈرلۈك پىلانلىرىنى ياخشى تۈزۈۈپ ،ۋاقتىدا تەستىقلىتىپ،يىڭى دەرىسلىك ئىسلاھاتىنىڭ تەلىۋى بويىنچە دەرىس تەييارلاپ ، ئىلمى تەرەققىيات قارىشىنى ئەمىليەتتىن ئۆتكۈزۈپ، ،ئوقۇغۇچىلارنى ئاساس قىلىپ،ئىلمى تەرەققىيات قارىشى بۇيىچە ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيەلەپ،‹‹ ،ئۈچنى قوغداپ، ئىككىگە قارشى تۇرۇش ›› تەربىيەسىنى دەرسخانىغا سىڭدۈرۈپ،سىياسى-ئىددىيەۋى تەربىيەنى يىتەكچى،ئوقۇتۇشنى ئاساس،قوش تىل ئوقۇتۇشنى بۆسۈش ئېغىزى قىلىپ،دەرىسخانا ئوقۇتۇشىدا ئوقۇغۇچىلارنى قىزغىن سۆيۈپ ،ئەستايىدىللق بىلەن بىلىم بىرىشكە ،ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىقتىدارىنى چېنىقتۇرۇشقا ،رۇلىنى جارى قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بىىرىپ ، دەرىستىن كېيىن يىتەكلەش ،تاپشۇرۇق بىرىپ تەكشۈرۈش ،2-دەرىسخانا پائالىيىتىگەيىتەكلەش   ،ئوقۇغۇچىلارنىڭ نەتىجىسىنى تەكشۈرۈپ باھالاشتا ئەستايىدىل بولۇپ ،ئوقۇتۇش سۈپىتىنى يوقۇرى كۆتۈرۈپ%84گە يەتكۈزدۈم  ،مەكتەپ ئورۇنلاشتۇرغان ‹‹ئىككى ئاساسەن›› خىزمەتلىرىنى ياخشى ئورۇنلاپ ،تۈرلۈك ئىجتىمائى پائالىيەتلەرگە ئاكتىپ قاتنىشىپ مەكتەپنىڭ بىر پۈتۈن خىزمەتلىرىنىڭ ياخشى بولۇشى ئۈچۈن كۈچ چىقاردىم .
پاكلىق جەھەتتە
       پارتىيە مەركىزى كومتېت بىلەن بىردەكلىكنى ساقلاپ،بىر نىيەت بىر مەقسەتتە بولۇپ ،ھەر قانداق ئىش قىلغاندا پارتىيىنى،خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى ۋە مەنپەئەتىنى ئويلاپ ،كۆللىكتىپنىڭ شان –شەرىپى ،مەنپەئەتىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ ، كۈندىلىك ئىش ئورنىنىڭ مۇقۇملۇق،بىخەتەرلىكىنى قوغداش تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ ،ئىىش ئورنۇم  ۋە ئائىلىنىڭ  مۇقۇملۇق  ، بىخەتەرلىكىگە  كاپالەتلىك قىلىنىدى.                                                                                  كۆللىكتىپنىڭ مال- مۈلۈكىنى زىيانغا ئۇچراتماي ،شەخسىيەتچىلىككە قارشى تۇرۇپ،كۆللىكتىپ بىلەن ھەمكارلىشىپ بىرلىكتە ئالغا ئىلگىرلەپ ،پاك دىيانەتلىك بولدۇم .  
تەشكىلى تۈزۈم جەھەتتە:
   پۇلاتتەك ئىنتىزام ئاستىدا ئالتۇندەك غەلبە ياتىدۇ.تەشكىلى تۈزۈمچانلىق پارتىيىمىزنىڭ ئېسىل ئىستىلى.بۇئېسىل ئىستىلنى ئۈزىمگە ئۈلگە قىلىپ ،تەشكىلى تۈزۈمچانلىق كۆزقارشىمنى تېخىمۇ يۇقۇرى كۆتۈرۈپ،خىزمەت ئەملىيىتىم بىلەن بىرلەشتۈرۈش سىنىپ ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەشكىلى تۈزۈمىنى كۇچايتىپ ،ئىنتىزامچان سىنىپ كۆللىكتىۋى قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىلىپ سەۋەپسىز كىچىكىدىغان ،دەرىس قالدۇرىدىغان، بالدۇر قايتىدىغان ،ئورونلاشتۇرۇشقا بوي سۇنمايدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلمىدى .
             ساقلانغان مەسلىلەرۋە تۈزۈتىش تەدبىرى
يۇقارقى خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش بىلەن بىرگە يەنە ئۆزەمگە تېخىمۇ قاتتىق تەلەپ قۇيۇشىم يىتەرلىك بولمىغانلىقتىن ئوقۇتۇش سۈپىتىى تېخىمۇ يۇقۇرى كۆتىرلمىدى .
ئوقۇتۇش سۈپىتىنى يۇقۇرى كۆتىرىش ئۈچۈن :
1)كەسپى سەۋىيەمنى تېخىمۇ يۇقۇرى كۆتىرىشكە تىرىشىمەن .
2) ئوقۇتۇش ئۇسۇلۇمنى يىڭىلاپ،ئۈنۈمىنى كۆرۈشنى كاپالەتكە ئىگە قىلىمەن .
3)ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرىسكە بولغان قىزىقىشىنى قوزغاشقا كۈچ چىقىرىمەن .
4)ئىمتىھان بىرىش ئۇسۇلىنى ئىگەللىتىشكە ئەھمىيەت بىرىمەن .
 بۇنىڭدىن كېيىن خىزمەت ئورنۇمدا چىڭ تۇرۇشقا تىرىشچانلىق كۆرسىتىمەن .

(تەھرىر : ئىزدەن)

ئېسىلكەن
(8)
100%
ناچاركەن
(0)
0%

«ماۋسۇملۇق خىزمەت خۇلاسىسى»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر

ئاپتورنىڭ ئارخىپى
بىگىم تەپسىلىي ئارخىپ ئۇچۇر ئەۋەتىش دوستلىشىش ئەزا دەرىجىسى:ئادەتتىكى ئەزا تىزىملاتقان ۋاقىت:2013-02-26 01:02 ئاخىرقى كەلگىنى:2013-05-12 11:05
تەۋسىيە مەزمۇنلار
ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
دۆلەتنىڭ قائىدە قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىڭ، قانۇنسىز، شەھۋانى مەزمۇنلارنى يوللاشتىن ساقلىنىڭ! شۇنداقلا قالايمىقغان ئىنكاس يوللىسىڭىز ئەزالىق نامىڭىز چەكلىنىدۇ، ئەگەر قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇرلارنى ئىنكاس قىلىپ يوللىسىڭىز ماتېرىيالىڭىز مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يوللاپ بېرىلىدۇ.
باھا بېرىڭ:
ئىسىم: تەستىق كود:باسسىڭىز باشقىغا ئالمىشىدۇ