ئامېرىكىلىقلار بالىلىرىغا نېمىلەرنى تاپىلايدۇ
جوڭ بۇ
ئېرشات دىلشات تەرجىمىسى

مەلۇم بىر غەربلىك فوتوگراف تەرىپىدىن تارتىلغان، جۇڭگولۇق ئاتا- ئانىلارنىڭ بالىلىرىنى ئالىي مەكتەپكە ئاپىرىپ قويغانلىقى تېما قىلىنغان فوتۇ سۆرەت دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى قىزىق نوقتىغا ئايلاندى. رەسىمدىكى ئاتا- ئانىلارنىڭ بالىلىرىغا ھەمراھ بولۇپ، ۋۇخەندىكى ئوتتۇرا جۇڭگو ئۇنىۋېرسىتىېتىغا تىزىمغا ئالدۇرغىلى بارغاندا، ئاخشاملىرى مەكتەپنىڭ تەنتەربىيە مەيدانىغا بورا سېلىپ ئۇخلاۋاتقان كۆرۈنۈشى ئىدى. جۇڭگودىكى ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇپ باققانلارغا نىسبەتەن بۇنىڭ ھېچبىر ھەيران قالغۇچىلىقى يوق، ئەلۋەتتە.
مېنىڭ ئامېرىكىدىكى ئالىي مەكتەپلەردە دەرس ئۆتۈۋاتقىنىمغا خېلى يىللار بولۇپ قالدى. ھەر يىلى كۈزدە ئوقۇش باشلانغاندا، مەن ئامېرىكىلىق ئاتا- ئانىلارنىڭ بالىلىرىنى مەكتەپكە ئەكىلىپ قويغانلىقىنى كۆرىمەن. بۇ يىلقى يېڭى ئوقۇغۇچىلار ئىچىدە چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلار ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، جۇڭگو، ھىندىستان ۋە كورىيەدىن كەلگەنلەر ئومۇمىي ساننىڭ %70 تىن كۆپرەكىنى ئىگىلىگەنىدى. ئوقۇش باشلاشنىڭ ئالدىدىكى بىر ھەپتىدە، مەكتىپىمىز جايلاشقان رايوندىكى ئەڭ چوڭ تاللا بازىرى ئاسىيالىقلار بىلەن تولغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ئالىي مەكتەپكە كىرىش ئالدىدا تۇرغان بالىلىرى ئۈچۈن بىر نەرسە ئېلىۋاتقان ئاتا- ئانىلار ئىدى. شۇنچە كۆپ كىشىلەرنىڭ بالىلىرىنى مەكتەپكە ئەكىلىپ قويغانلىقىنى كۆرۈپ، تۇيۇقسىز كاللامغا «نېمە ئۈچۈن بۇ ئاتا- ئانىلاردىن بالىلىرىغا نېمىلەرنى تاپىلىغانلىقىنى سوراپ باقمايمەن؟ئامېرىكىلىقلار بىلەن جۇڭگولۇقلارنىڭ بالىلىرىغا تاپىلىغانلىرى ئوخشامدىغاندۇ؟» دېگەن خىيال كېلىپ قالدى.
شۇنى ئەسكەرتىپ قويۇش كېرەككى، بۇ خىل سېلىشتۇرۇش ھېچقانداق ئىلمىيلىككە ياكى ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە ئەمەس، بۇنى ناھايىتى چەكلىك دائىرىدە چىقىرىلغان بىر تەرەپلىمە ھۈكۈم دېيىشكىلا بولىدۇ، خالاس.
مەن بىر نەچچىلا جۇڭگولۇق ئائىلە باشلىقلىرى بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ باقتىم. ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، ئۇلارنىڭ بالىلىرىغا تاپىلايدىغانلىرى ئاساسىي جەھەتتىن ئوخشاش بولۇپ، بىرىنچىدىن، ئوقۇتقۇچىسى ۋە ساۋاقداشلىرى بىلەن ئىناق ئۆتۈشنى؛ئىككىنچىدىن، تىرىشىپ ئۆگىنىپ مەۋسۇملۇق ئىمتىھاندا ياخشى نەتىجىگە ئېرىشىشنى؛ ئۈچىنچىدىن، يېمەك- ئىچمەككە دىققەت قىلىشنى، ئۈچ ۋاق تاماقنى ۋاقتى- ۋاقتىدا يېيىشنى تاپىلايدىكەن.
ھالبۇكى، ئامېرىكىلىقلارنىڭ بالىلىرىغا تاپىلايدىغانلىرى خىلمۇخىل ئىكەن. مەن بىلەن سۆزلەشكەن ئامېرىكىلىق ئانا ماڭا ئۆزىنىڭ قىزىغا ھەر كۈنى سەككىز سائەت ئۇخلاشنى تاپىلىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ:«ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمدا، يېڭى ئوقۇغۇچىلار ئالىي مەكتەپكە كىرگەندىن كىيىن، <يېڭى كەلداخۇن-15>كە ئۆزگىرىدۇ» دەيدىغان گەپ بار ئىدى. ئۇنىڭ مەنىسى يېڭى ئوقۇغۇچىلار بىرىنچى يىللىقتىكى ئوقۇشىنى پۈتكۈزگىچە 15 قاداق (تەخمىنەن يەتتە كىلوگىرام) سەمىرىپ كېتىدۇ دېگەنلىك ئىدى. مەن بۇ يىلقى ئوقۇغۇچىلارنىڭ <يېڭى كەلدىئاخۇن-8>گە ئۆزگىرىشىنى، يەنى ھەر كۈنى سەككىز سائەت ئۇخلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. مەن بلوگ ئارقىلىق ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ئۇيقۇغا ئەھمىيەت بېرىشنى تەۋسىيە قىلىمەن. ئەگەر ئۇلار يەتتە سائەتتىن ئاز ئۇخلاپ ماشىنا ھەيدىسە، بۇنىڭدىن كېلىپ چىقىدىغان خەتەر نەچچە بوتۇلكا پىۋا ئىچىپ ماشىنا ھەيدىگەندىكىدىن قېلىشمايدۇ.»
يەنە بىر ئامېرىكىلىقمۇ بالىسىغا ئۇيقۇنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىگەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ:«ئۇيقۇ يىتەرلىك بولمىسا، مېڭىمىز ياخشى خىزمەت قىلالماي، خاتا نەرسىلەرنى بىلىم دەپ قوبۇل قىلىۋېلىشى، باشقىلارنىڭ نوقتىئىينەزىرىگە ئويلاشمايلا ئەگىشىپ كېتىشى مۇمكىن. ياخشى ئارام ئالغان سەگەك مېڭىلا بىلىملەرنى ئاسان ئۆگىنىۋالالايدۇ. ئەمەلىيەتتە يالغۇز بىلىم ئۆگىنىشلا ئەمەس، يەنە شەيئىلەرگە قارىتا گۇمانىي پوزىتسىيەنى ئوتتۇرىغا قويۇش، تەكشۈرۈش، ئىزدىنىش، تەتقىق قىلىش ۋە تەھلىل قىلىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىدە كاللىڭىز سەگەك بولمىسا بولمايدۇ.»
ئۈچىنچى جۈپ ئامېرىكىلىق ئائىلە باشلىقلىرى بالىسىغا«ھەر كۈنى چۇقۇم ناشتا قىلىش»نى تاپىلىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇلارمۇ ئوخشاشلا ماشىنىنى مىسال قىلغانىدى:«ئەگەر ماشىنىڭىزدا ماي بولمىسا ئۇنى ھەيدىيەلمەيسىز. شۇنىڭدەك، ناشتا قىلمىسىڭىز قانداقمۇ ياخشى ئۆگىنىش قىلغىلى بولسۇن؟»
بىر نەپەر ئامېرىكىلىق دادا ئوغلىغا ئاسىيا دۆلەتلىرى، بولۇپمۇ جۇڭگو ۋە ھىندىستان توغرىسىدىكى بىلىملەرنى ياخشى ئۆگىنىشنى تاپىلىغانلىقىنى ئېيتتى.
سان فىرانسىسكودىن كەلگەن يەنە بىر ئايال مۇنداق دەيدۇ:«مەن بالامغا پەقەت قىيالمايۋاتىمەن، نېمىلا دېگەنبىلەن بۇ، بالام ئىككىمىزنىڭ 18 يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم ئايرىلىشى. مېنىڭچە، مېنىڭ بالامنىڭ ئۆينى سېغىنىش ھىسسىياتىدىن كۈچلۈك بولىدۇ. چۈنكى، بالام مەكتىپىدە نۇرغۇن يېڭى دوست تۇتۇشى ھەمدە شۇ سەۋەپلىك ئۆيگە كۆپ قايتماسلىقى مۇمكىن. لېكىن، بالامنى سېغىنىش تۈپەيلى مېنىڭ تۇرمۇشۇمدا نۇرغۇن ئۆزگىرىشلەر يۈز بېرىشى مۇمكىن. شۇڭا، مەن باشقا نەرسىلەر بىلەن مەشغۇل بولۇشنى ئويلىشىۋاتىمەن، مەسىلەن، رەسىم سىزىش، پىئانىنو چېلىش دېگەندەك. مەن بالامغا پەقەت <ئۆزۈڭنى كۆپ ئاسرا>دېگەننىلا تاپىلىدىم. ئۆزۈمگە بولسا <سەن تاشلىۋېتىلمىدىڭ، بەلكى ئازاتلىققا چىقتىڭ. شۇڭا، سەن ئۆيگە قايتقاندىن كىيىن چۇقۇم دوستلىرىڭنى يىغىپ ياخشى تەبرىكلىشىڭ كېرەك> دېگەنلەرنى تاپىلىدىم.
«تەرمىلەر» ژۇرنىلىدىن ئېلىندى